روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 930|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[rabbiy] ئوغلۇمغا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوغلۇمغا  

نا ئەھلىگە، مۇناپىققا ۋاي دىمە بالام،
ھارام بىلەن سەمىرگەننى باي دىمە بالام.
ئىپلاس قولى يۇندە سۇنسا چاي دىمە بالام،
ئۈلپەت بولۇپ مەنمۇ قوشاي پاي دىمە بالام.

كۆرۈپ قالماي كۆزلىرىڭدە تامچە شەبنەمنى،
پاتقاق كەچسەڭ ۋاي ساپ كىيىم دىمە بالام.
غورورسىز تەن ھېچ ئەرزىمەس سۆيۈشلىرىڭگە،
ئىتىقاتسىز ئىمانسىزنى ئاي دىمە بالام.

ھەرىمىڭدۇر كىندىك قېنىڭ تۆكۈلگەن يۇرتۇڭ،
تەكلىماكان ھەرمىڭنى ساي دىمە بالام.
ئەردەك ياشا ئەر كۈلدۈرەي ئەزىز ئىلىنى،
ئەلدىن كېچىپ ئۆزگىلەرگە چاي دىمە بالام.

مەنبە : ئۈلۈشكۈن ئاخشام بىر تاماقخانىغا تاماق يىگىلى كىرگەن ،
شۇ تاماقخانىنىڭ تېمىغا ئېسىپ قويۇپتىكەن ،
يازغۇچى ئىسمى يوقكەن ،
ياقتۇرغان ئىدىم يوللاپ قويدۇم،

مەنمۇ كونا ئەزا بوپ قالغاندىكىن مۇشۇ تىمىدىن باشلاپ ھەرقانداق تىمامنىڭ ئىسمى بېشىغا 《rabbiy》نى قويىدىغان بولدۇم، مېنى ھەممە ئادەم تۇنۇغاندىكىن،
مۇشۇنى كۆرۈپلا مىنىڭ تىمام ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆپ ئادەم كۆرىدۇغۇ چۇقۇم،
بولمىسا نەچچە ھەپتە جاپا تارتىپ يوللىغان تىمىلىرىم كۆمۈلۈپلا قالىدىكەن،
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

مەن يوللىغان دوستۇم دىگەن شىئىر شۇغۇ بۇ rabbiy  
نەپرەت007 يوللىغان ۋاقتى  2014-01-13 20:00:32
مەن يوللىغان دوستۇم دىگەن شىئىر شۇغۇ بۇ rabbiy  

ئەسلى ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ يوللىغانغا تويىڭە ھە،
نەپرەت007 يوللىغان ۋاقتى  2014-01-13 20:00:32
مەن يوللىغان دوستۇم دىگەن شىئىر شۇغۇ بۇ rabbiy  

مەن نىم بىلەي سەن ئالدىپەشنىڭ يوللاپ بولغىننى
بەك ياخشى ئىكەن. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
ۋاقتى: 2014-1-13 21:56:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ مول مەزمۇنلۇق شېئىركەن.  تەربىيىۋى ئەھمىيىتىمۇ ئىنتايىن يۇقۇرى ياخشى چىقىپتۇ. نېمىشقا يازغۇچىنىڭ ئىسمىنى قالدۇرمىغاندۇ؟

باھا سۆز

چۈنكى ھەقىقىي شائىرلارنام ئاتاق قوغلاشمايدۇ،خەلققە ياقسىلا مۇشۇ كاتتامۇكاپاتتۇر،مەن بىلەن كىچىكىدە ئۈرۈمچ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-1-14 18:08
rabbiy يوللىغان ۋاقتى  2014-01-13 20:09:23

ئەسلى ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ يوللىغانغا تويىڭە ھە،

سالام ئەلەيكۇم قېرىندىشىم:ئەسەر ئالدىغا تىرناق ئېچىپ نامىنى يازىدغانلار ھازىر پەقەت نام ئاتاق،ئەمەلخۇمار،مەنسەپ تاماسى بار بەش ئىرالىق مەدەنىيەتىمىز بار دېگەن يولداشلارنىڭ خۇلىقى،ئۇيغۇردا ئەزەلدىن قەلەم ئاتى ياكى تەخەللۇس
نى ئۆز
ئاتى ئالدىغا يازمايدۇ،سىزدەمۇ ئەمەل خۇمارى باركەندە؟ئەڭ ياخشىسى تېما ئارقىغا قويۇڭ.سىزمۇ بالاڭزا زەھەرلىنىبىپسىز ھە!ت
ۆچبە ،ياپ ياش رۇرۇپلا …ھەي!!!!!!!!!:$
zeheri يوللىغان ۋاقتى  2014-01-13 21:58:54

سالام ئەلەيكۇم قېرىندىشىم:ئەسەر ئالدىغا تىرناق ئېچىپ

[rabbiy] ئغلۇمغا يازغۇچىسى راببىي
zehri  ئەپەندىم سىز تۇرمۇشتىمۇ شۇنداق ئۇيغۇر تىلدا سۆزلەمسىز.  باشقىلار ئاڭلىسا چۈشەنمەس

باھا سۆز

سالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئادەتتە تۇرمۇشتا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەركەزىي دېيالىكتىكاسى ئۈرۈمچىتەلەپپۇزىدا سۆزل  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-1-14 17:53
ۋاقتى: 2014-1-14 17:53:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
DIYARIM0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-14 02:25
zehri  ئەپەندىم سىز تۇرمۇشتىمۇ شۇنداق ئۇيغۇر تىلدا سۆزلە ...

سالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئادەتتە تۇرمۇشتا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەركەزىي دېيالىكتىكاسى ئۈرۈمچىتەلەپپۇزىدا سۆزلەيمەن.ماۋۇسۆزنىيازغاندا تېلېفونۇم كودىقالايمىقان چىقىۋېلىپشۇنداق بولۇپتۇ.تېلېفونۇم زاۋۇتنىڭ زاكاس تېلېفونى ئۇيغۇرچەفونت خېتى قاچىلىساممۇ بەزىدە نورمال چىقسامۇ،بەزىدە مۇشۇنداق نورمالسىز چىقىۋالىدىكەن،مۇنۇ روھلاندا ئىنكاسنى تەھرىرلىگەلى بولمايدۇكەن،بولمىسا تەھرىرلەيتىم! ئادەتتە ئۇيغۇرھەر خىل يەرلىك دېيالىكتىكاسىنىمۇ شاما قىلىۋاتاتتىم،چۈنكى ئانامنىڭ ئاناسى(چوڭ ئانام،مومام دەيمىزكەنغۇ) ئاۋۇ سىزلەرنىڭ يۇرتىڭىزلار  ئاقسۇ ۋىلايەتىنىڭ كۇچا ناھىيەسنىڭ كونا شەھەردىكى ساقساق دېگەن يېرىدىنكەن،17ياش ۋاقتىدا ئاتام ئاتاسى يەنى دادام[ئادەتتەئاغىز ھەم يازۇقتا  خاتا ھالدا دادا دەيمىزكەن،بولۇپمۇ قەشقەر،ئاقسۇ  (بىرقىسمى)،قىزىلسۇ،ئۈرۈمچى.ئىلى........تەرەپتە شۇنداق ئىكەن]غا ياتلىق بولغانكەن. مەنمۇ 3-4 قېتىم بارغانتىم،مۇھىمى گەپنى چۈشەنسىلا بولدى.مەن يۇرتۋازلىققا ھەممەدىن ئۆچ،شۇڭا قانداق يەردە بولسا ئىتتىفاقلىقنى تەكىتلەيمەن،ئىناق جەمىيەت قۇرۇشقا ھەممەمىز كۈچ چىقىرىش كېرەك دەپ قارايمەن.

باھا سۆز

بولسا گەپنىڭ بېشىنى‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم››دەپ باشلاڭ، سالامۇ ئەلەيكۇم دەپ گەپ يوققۇ دەيمەن دىنىمىزدا.  ۋاقتى: 2014-1-15 13:29

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 03:02

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش