ھىجران
(ئۆز ئجادىيەتلىرىمدىن .)
يارالغان ئىلگىرى بۇ جىسمىم كەمسىز ،
ئۆسكەنتىم غۇبارسىز ، ئارمانسىز ، غەمسىز .
يۈرىگىم شۇق - ئەركە سۇقاتتى كەپسىز ،
ۋۇجۇدۇم باغلىرى گىياھسىز ، نەمسىز ،
« ئون »غا ھەم سەككىزنى قوشقانتىم سەنسىز .
قەلبىمگە دەسلەپتە بەردىڭ سەن باھار ،
ۋۇجۇدۇم بېغىنى ئەيلىدىڭ گۈلزار .
مېھرىڭدىن « باغ » ئارا ئاقتى ئابى-زەر ،
مۇھەببەت تەپتىدىن ياماشتى ئوت - نار ،
سەزگۈسىز بۇ جىسمىم ، ئەقىلسىز ، پەمسىز .
مۇھەببەت مۇشۇ دەپ سەن ماڭا سۇنغان ،
گۈلۈڭگە قۇلۇمنى ئۇزارتسام ئاران
كەتتىغۇ
ئۇچۇرۇپ تۇساتتىن بوران ،
چۈمكىدى شۇدەمدە سېنى نە پىنھان ،
چۆللەردە سەرسانە يۈرىيمەن سەنسىز .
ھىجراندا بىر كۈنۈم تەڭ بولدى يىلغا ،
سىزىلغان سۆرىتىڭ ھامانە دىلغا .
تەشنالىق باغرىمنى قىلسىمۇ تىلغا ،
ئاھلىرىم ھەم ساڭا بولمىدى ئىلغا ،
بۇ نازۇك تەنلىرىم ماغدۇرسىز - جانسىز .
ئاھلىرىم ئەگىيدۇ سادالارسىمان ،
لەرزىگە كىلىدۇ ھەتتاكى ئاسمان .
تىنىقىم چاچىرتار ھەر نەپەس ۋۇلقان ،
رەھىم قىل مەن ئاجىز قۇلۇڭغا سۇلتان !
بۇ جانىم ۋىسالچۈن تەسەددۇق شەرتسىز .
قەلبىمنى ناز بىلەن ئوۋلىغان يالغۇز ،
رەھىمسىز ئوۋچىسەن ، پەرىشتە ياۋۇز .
ئۆرتەيدۇ قەلبىمنى ھارارەت - تۇمۇز ،
ئەركىمچە ھەركىتىم قاتتى گۇيا مۇز ،
ھاياتلىق چىرىقىم كۆيمەكتە ئەنسىز .
بەرداشلىق بىرەلمەي ئازاپقا زىنھار ،
بۇ دەرتكە تاپالماي داۋا - شىپا ، ئار .
ئاھلىرىم قەلبىڭگە قىلالمىغاچ كار ،
مەن قاھار تىنىنى چۇقۇلغۇسى سار ،
دۇنيادىن كىتەي مەن دىرەكسىز - ئىزسىز ! . . .
تامام.