روھلان تور بېكىتى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 492|ئىنكاس: 27
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئويغۇر بىز

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                                ئويغۇر بىز
                                                                   ئابدۇللا توختى شاھدىيارى
گومىنداڭغا    ئالدىنىپ      قولدا   قاپقان   ئويغۇر   بىز،
شىڭ  دوبەنگە  ئويغۇرنى    ئويغۇر  ساتقان  ئويغۇر  بىز.
مەسچىتلەردىن زېرىكىپ     مەسچىت چاققان ئويغۇر بىز،
قۇرئان كەرىم – كىتاپقا    ئوتمۇ  ياققان   ئويغۇر   بىز .

ئۆي -  ماكاندىن  ئايرىلىپ   يولدا  ياتقان  ئويغۇر  بىز،
ماكان  ئىزدەپ  بىر   زامان    بېشى  قاتقان  ئويغۇر  بىز.
ياخشى  يولنى  تاپالماي      غەمگە پاتقان   ئويغۇر   بىز،
زاغىر  ئۈچۈن  تىرمىشىپ       جاپا  تارتقان  ئويغۇر  بىز.

ئوقىيالماي   بىر   چاغدا     نادان  قالغان   ئويغۇر   بىز،
ئويغۇرتۇرۇپ   ئويغۇرغا     جاپا   سالغان   ئويغۇر   بىز.
بەد   نىيەتلىك  بىزلەرگە    ئودۇم  بولغان  ئويغۇر  بىز،
پۇشايماندا   قەلبىمىز     دەرتكە   تولغان  ئويغۇر   بىز.

كومپارتىيە    بىزلەرنى     ئازات   قىلغان   ئويغۇر   بىز،
كومپارتىيە    ئازاپتىن      قۇتۇلدۇرغان    ئويغۇر    بىز،
پارتىيىمىز   بولغاچقا     قوساق   تويغان   ئويغۇر   بىز.
بارچە  مىللەت  باراۋەر     ئەركىن  بولغان  ئويغۇر  بىز،

كومپارتىيە  بىزلەرگە    شەپقەت  قىلغان  ئويغۇر  بىز ،
پارتىيىنىڭ  شەپقىتى     بەركەت  قىلغان  ئويغۇر  بىز.
تورمۇشىمىز  باياشات    ئويناپ  يۈرگەن  ئويغۇر  بىز ،
ياخشىلىقنى  بىلەلمەي    يامان كۆرگەن ئويغۇر  بىز.

قوساق  تويسا  كۆرەڭلەپ  شىلتىڭ  ئاتقان  ئويغۇر بىز،
ئۆي  سېپ  بەرسە   ئازادە    دۆڭدە  ياتقان  ئويغۇر  بىز.
رازى بولماي  بۇ  كۈندىن   چىشلەپ تارتقان ئويغۇر بىز،
ئاش – نان  بەرگەن قازانغا   توپا  چاچقان  ئويغۇر  بىز.



ئالدىنقى تېما: خەنزۇچە خەتنىڭ توغرا بولغان تون بەلگىسى لازىممۇ؟
كېيىنكى تېما: 6 يۈەنگە 300mb تېلگىراف ئېقىم مىقدارى قاچىلىۋېلىڭلار

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +20 ئىناۋەت +25 تەڭگە +22 قىزغىنلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
نەپرەت007 + 5 + 2 يارايسىز
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى


ئاپتۇرنىڭ ئەڭ يېڭى تېمىلىرى
heatlevel[شېئىر] ساراڭ
heatlevelقايسى ماكانغا
heatlevelكۆزۈڭنىڭ
heatlevelسىرداش
heatlevelئوقۇتقۇچىلىق پەس كەسىپمۇ؟
heatlevelئاچچىق ئەلەم يۇتمايلى
heatlevelقاچمايلى
heatlevelمەن يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى قەيسەر قېيۇم بولىمەن
heatlevelگۈلۈڭگە
heatlevelئويغۇر بىز
heatlevel[شېئىر] قويۇپ قويۇڭلا
heatlevel1-مەۋسۇملۇق قوشتىل ئوقۇتۇش خىزمەت پىلانى

روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
ۋاقتى: 2013-9-20 13:24:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىزنىڭ تارىخى، پىسخىكىسىدىكى ئۆتمۈش بىلەن ھازىر تولىمۇ ئوبرازلىق يورۇتۇلغان، تولىمۇ ياخشى شېئىر ئىكەن، ھارمىغايسىز «شاھدىيار 46» ئەپەندىم!
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-20 13:35:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت....دېمىسىمۇ شۇنداق تۇرسا ، كۇمپارتىيە بىزگە نىمە يامانلىق قىپتۇ   ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز قىلىپ يۈرىمىزغۇ مانا. سىياسەت شۇنداق ياخشى تۇرسا
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-20 13:39:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahdiyar46 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-20 20:05  

ھە راس جام ئەپەندى  سىز جامدىن بولسىڭىز  مىنىڭ جامدا ساۋاقدىشىم بار  تاشنىياز ئىمامنىياز (ئوقۇتقۇچى)  سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قۇيارسىز. مالال كۆرمەي تېلفۇن نۇمىرىمنى يەتكۈزۈپ بىرەرسىز .13394977897. ئىسىمىم ئېكراندىكى ئىسىم شۇ
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
ۋاقتى: 2013-9-20 19:39:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xahdiyar46 يوللىغان ۋاقتى  2013-09-20 13:39:22
ھە راس جام ئەپەندى  سىز جامدىن بولسىڭىز  مىنىڭ جامدا سا

ئابدۇللا شوجاڭ، ئاۋۇ 10 خانىلىق  نۇمۇرنى قايسى شىركەتتىن بىجىرگەن، مەنمۇ بىرنى بىجىرىۋالاي دىگەن خانە سانى ئاز نۇمۇردىن.
来自: Android客户端
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-20 20:05:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرسى كەم بوپ قاپتۇ دە 13394977897
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
ۋاقتى: 2013-9-20 21:54:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىپ ئاللاغا چەكسىز شۇكرى ،،بۇ شېىىرىڭىزنى مەتبۇئاتتا ئىلان قىلسىڭىز  چۇقۇم نەچچە ئايدىلا نامىڭىز چىقىدۇ ،،،ئەمىلىڭىزمۇ بىر بالداق ئۆسۆپ قېلىشى مومكىن .....................................................
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-21 01:26:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahdiyar46 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-21 01:31  

رەھمەت ...ئۆركىشى ئەپەندى ...مىنىڭ نام چىقارغىم يوق ... ئۆسكىممۇ يوق... سىزگە نىمە دىسەم بۇلاكىن بىلمىدىم... ھىچنىمە دىگىم يوق... بەلكىم ئۆسۈپ قالارمەن... قارىغاندا سىز جىگەرلىك يىگىت ئوخشايسىز (ئۆركىشى)بولغاچ... قايسى زاماندا سىزگە كىم يامانلىق قىلدى بىلەمسىز ؟؟؟؟؟ ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز قىلدىڭىز ھەم ئۆزىڭىز قىلىۋاتىسىز...كىم مەسچىت چاققان؟؟؟ سىز بىلەن بىز. كىم قۇرئان كۆيدۈرگەن؟؟؟  سىز بىلەن بىز.كىم چېقىمچىلىق قىلغان؟؟؟ سىز بىلەن بىز.كىم ئادەم ساتقان ؟؟؟ سىز بىلەن بىز . ئۇنى قايسى پارتىيە شۇنداق قىلدى ؟؟؟ سىز بىلەن بىزقىلدۇق. بەلكىم سىزنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىڭىز شۇنداق قىلغان بولىشى مۇمكىن.  شۇنداق ،،،مىنىڭ ئۆسكۈم بار  ئۆسۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىمەن ...بارلىق يامان ئىشلارنى مەن ئويغۇر قىلىۋاتىمەن ... سىز مۇسۇلمان ئۇنداق قىلمىدىڭىز... شۇڭا مىنى كەچۈرۈڭ .... مەن ئۆسىۋالاي...
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
ۋاقتى: 2013-9-21 07:13:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ماۋۇ شېئىرنى شۇنداق‹‹ياخشى›› يېزىپسىز!باركاللاھ يازغان قوللىرىڭىزغا، سۆزلىگەن ئېغىزلىرىڭىزغا، ئويلىغان كاللىڭىزغا دەت كەلمىسۇن! مۇشۇنداق‹‹ياخشى›› ئەسەرلەرنى جىقىراق يېزىپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن!
来自: Android客户端
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
ۋاقتى: 2013-9-21 15:54:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپارتىيە  بىر مىللەتنىڭ نامىمۇ يا ؟ ، ئۇيغۇر دىگەنچۇ ؟ ، يەھۇدىيلارنىڭ ئىسلامغا ئىتقاد قىلدىغىنى ، ئەرەبنىڭ بۇتقا چوقۇندىغىنى . . . . . . يوق دىيەلەمسىز ؟
بۇ دۇنيادىگەن بەك ئاجايىپ . . . . . .
مىللەتنى يامان دەيدىغان ھەققىمىز يوق ، گەپ ئۆزىمىزدە
ئۆزىمىزنى كۈچەيتەيلى ، مىللەتنى تىللىمايلى ، ئۇيغۇر ھېچكىمگە يامانلىق قىلمىدى .
روھلان تور بېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

قاماقخانا|يانفۇن نۇسخا|archiver|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان تور بېكىتى ( 新ICP备10200892号 )  

GMT+8, 2014-4-1 01:40

Powered by Discuz! X3.1(NurQut)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش