روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3234|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كىچىك بالىلار ئاڭلاشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان 40 جۈملە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                 كىچىك بالىلار ئاڭلاشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان 40 جۈملە7 R6 n( T5 N8 O9 P7 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

: Q4 N6 m4 ~2 q, |
) I' K- A: c1 @) N0 w) I/ n    كىچىك بالىلار ئاڭلاشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان 40 جۈملە كىچىك بالىلارغا دائىم دېيىلىدىغان سۆزلەرنىمۇ تاللاپ دېيىش كېرەك، چۈنكى ئۆيدە كۆپ تەكرارلىنىدىغان سۆزمۇ تەبىئىي ھالدا ئەمدىلا تىلى چىقىۋاتقان بالىڭىزنىڭ تىلى چىققاندا تولا دەيدىغان گېپىگە ئايلىنىدۇ. بەزى مەدەنىيەتسىز گەپلەرنى ئاتا-ئانىلار ئىشلەتسە كىچىك بالىمۇ تېزلا شۇ گەپنى ئۆزىنىڭ "شۇئارى" غا ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. شۇڭا بالىغا دەيدىغان گەپلەرمۇ تاللانغان بولسا بالىنىڭ ئەخلاق، ئەقىل، تەپەككۇرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرى ئوتتۇرىغا قويغان بالىلار ئاڭلاشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان 40 جۈملىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.1. بىز ئەمدى ئويۇن ئوينايلى. 2. ئاپاڭ ئويلىيالمىغاننى سەن ئويلاپسەن ھە! 3. يۈرەكلىك بىلەن قىلغىن، خاتا قىلساڭ ھېچ گەپ يوق، ئەڭ مۇھىمى خاتالىقىڭنى تونىساڭ بولدى. 4. بىئارام بولغاندا دەۋەتسەڭ ياخشىراق، مەن سېنىڭ ھازىرقى ھېسسىياتىڭنى ناھايىتىمۇ چۈشۈنۈپ تۇرۇپتىمەن، مەن ساڭا ياردەملىشىپ ھەل قىلىشىپ بېرىمەن. 5. ئامال ھامان قىيىنچىلىقتىن كۆپ بولىدۇ. 6. مەن سېنىڭ كۈلگەن ۋاقتىڭنى بەك ياخشى كۆرىمەن. 7. ئۆزۈڭگە ئىشەنگىن.
4 P1 ^1 G9 q+ @+ C+ c2 X$ Eتەھرىر تەۋسىيەسى:
  G& A- k0 m, ^6 C: }0 t4 ~9 T1 h     ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش ئارقىلىق ئالاھىدە ئۆتكۈر بالىلارنى يېتىشتۈرگىلى بولامدۇ؟
$ K: P  P) ~) {  x$ j4 S ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى 17 ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى(1)0 j# h: }1 P+ }- fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قانداق قىلغاندا بالىلىرىمىزدا مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟
* f+ \# d, j1 R' z8. سەن ناھايىتى ئەقىللىق، ئاسان ئۇسۇل بىلەن بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغىن. 9. سېنىڭ گېپىڭنىڭ ئاساسى بار، داۋاملىق سۆزلىگىن. 10. سەن ھېلىمۇ كۆپ تىرىشتىڭ، يەنە ئازراق تىرىشساڭلا بۇ مەسىلە ھەل بولۇپ كېتىدۇ.11. سېنىڭ نېمە يېگۈڭ بار؟ بىز بىللە ئېتەيلى بولامدۇ؟ 12. بالام، غەيرەت قىلغىن، سەن چوقۇم قىلالايسەن! 13. قېنى ئىككىمىزدىن كىم بۇرۇن ئۆيگە يۈگۈرۈپ بارالايدۇ. 14. سەن يەنە ئۆسۈپسەن! 15. بالام، سەن بەك ئىش ئۇقىسەن جۇمۇ، ئاپاڭغا ياردەملىشىپ جىق ئۆي ئىشلىرى قىلىپ بەردىڭ. 16. سەن شۇنداق نوچى تۇرساڭ يەنە ئاپاڭنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىقمۇ؟ 17. ئويلاپ باقە، بۈگۈن سېنى ئەڭ خۇشال قىلغان ئىش قايسى؟ 18. كەچۈرگىن ھە، مەن سېنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپتىمەن. 19. بۈگۈن دوستۇڭ بىلەن بىللە ئويناپ خۇش بولدۇڭمۇ؟ نېمىشقا؟ 20. بۇ ئىشقا سەن قانداق قارايسەن؟ قانداق ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىڭ بار؟ 21. بۇ مەسىلىنى بىز ھەممىمىز ئۇقمايدىكەنمىز، لېكىن بىز بىرلىكتە ماتېرىيال ئىزدەپ باقساق بولىدۇ. 22. يىغلىغۇڭ كەلگەن بولسا يىغلىۋالغىن، يىغلاپ بولغاندىن كېيىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ چىدامچان بولۇپ كېتىسەن. 23. بەدىنىڭنىڭ قەيەرى بىئارام بولىۋاتىدۇ؟ 24. بۇ ئايدا چىقىمىڭ ئېشىپ كەتتى، قېنى ئىككىمىز بەسلىشىپ باقايلى، كىم ئەڭ تېجەشلىككىن؟ 25. بۈگۈن داداڭ-ئاپاڭنىڭ خاتا قىلغان يەرى بارمۇ؟ قانداق قىلساق توغرا بولاتتى؟ 26. بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر بەك كۆپ، ئالدىرىمىغىن، بىر-بىرلەپ كېلەيلى. 27. بىزگە دېگۈڭ يوق گەپلەرنى ئۆزۈڭگە دېسەڭمۇ بولىدۇ، ئۆزۈڭگە توغرا مۇئامىلە قىلغىن. 28. سەن ئاۋۋال ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىشىپ باققىن، مېنىڭ سوئالىمغا جاۋاب بېرىشكە ئالدىرىمىغىن. 29. ئاپاڭ بىردەم ئارام ئېلىشقا مۇھتاج، سەن ئۆزۈڭنى ياخشى كۈتكىن ھە. 30. سېنىڭ قايسى مىسالغا تازا ئىشەنچىڭ يوق؟ 31. بۆجەنچاق سېنىڭ ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىشىڭغا مۇھتاج. 32. يالغانچى بالىلارنى باشقىلار ياخشى كۆرمەيدۇ، راستچىل بولغىن ھە! 33. سەن ئەسكەرتىپ قويغاچقا ئاپاڭ ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قالمىدى. 34. سەن چوقۇم باشقىلارغا تايىنىشنىڭ ئۆزىگە تايىنىشقا يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىشىڭ كېرەك. 35. يەنە بىر قېتىم قىلىپ قاراپ باققىن، نەتىجىسىدە قانداق ئوخشىماسلىق بولىدىكىن، 36. كۆپچلىكنىڭ ھەممىسى سەن ئېيتقان ھېكايىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. 37. ھېچقىسى يوق، سەن كۆپرەك ماتېرىيال كۆرۈپ ئىزدەنگىن! 38. بۈگۈن يىقىلىپ چۈشۈپمۇ يىغلىمىدىڭ، يارايسەن، بۇندىن كېيىن كۆپرەك دىققەت قىلغىن! 39. ئاپاڭ بۇنچە كۆپ نەرسىنى كۆتۈرۈپ بولالمايدۇ، كىم ئاپاڭغا ياردەم قىلار؟ 40. سەن ھەقىقەتەنمۇ ئەدەپلىك جۇمۇ، بىز ھەممىمىز سەندىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. پىسخىكىنىڭ كۈچىگە ھەرگىز سەل قارىماڭ، بەزىدە ئاددى بىر جۈملە سۆزمۇ ئادەمنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +15 تەڭگە +10 بايلىق +18 تۆھپە +9 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 20 + 15 + 10 + 18 + 9 ياخشى تېما

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
meneg siglim apooo diyixka bak amrak
ۋاقتى: 2013-9-19 10:11:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر بالىنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئاتا - ئانا تەربىيەسى ناھايىتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ . تېمىڭىزنى ساقلىۋالدىم ، اللاھ ئۆمرۈمنى قويسا دائىم ئوقۇپ ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشىمەن . رەھمەت.
ۋاقتى: 2013-9-19 18:29:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2013-9-21 21:46:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنى كۈرۈپ بەك خوش بولدۇم  ، ياخشى تېما يوللاپسىز
ۋاقتى: 2013-12-1 08:32:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت  {:5_158:}
ۋاقتى: 2013-12-4 00:27:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا_ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار،ئاتا_ئانىلار بىلىشكە تېگىشلىك ئىكەن...ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
ۋاقتى: 2013-12-8 01:01:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالا تەربىيلەشكە پايدىلىق بىلىملەرنى يوللاپسىز .رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2013-12-9 20:49:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالا تەربىيىلەشكە ئائىت ياخشى بىلىملەر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت !

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-11 14:56

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش