روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1872|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئائىلە مىللەتنى قۇيۇپ چىقىدىغان قېلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    ئائىلە مىللەتنى قۇيۇپ چىقىدىغان قېلىپ9 v: J6 o( |) {3 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

$ |5 Q# Q/ f7 e* \0 N- V* O
- Q  Y8 V0 P6 M; a5 N8 \& W' T* f" T) [7 J& i+ f8 L  P9 i2 l+ sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ئائىلە –كەڭ مەنىدىن، بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي توپنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسىي بىرلىك. تار مەنىدىن، ئىككى جىنىسنىڭ قوشۇلۇشىدىن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بىرلىشىدىن تۈزۈلگەن ئاددىي بىرلىك.
! I* h/ h- u( S' i6 [5 j7 @( `8 i1 W- k+ iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ياشاش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتى، ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتى ئوخشاش بولغان، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگە ئىجتىمائىي توپ مىللەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. دېمەك، بۇ مىللەت ئۇقۇمىنىڭ نۇرغۇن ئائىلىلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۈ.
$ V% `5 U8 Z/ ?7 `" D7 N
& l, Z2 u1 V% L) t  ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخىي تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم، تالانتلىق ئەدىب، توھپىكار مائارىپچى مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «ئائىلە» دېگەن تېمىدا توختىلىپ:« ئائىلە بىلەن كىشىلىك، ئائىلە بىلەن مىللەت ئىنتايىن يېقىن بىر جۈپ مەدەنىي ئۇقۇم، ئائىلە-ئىنسان ماددىي تۇرمۇشى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ ھەربىر ئىندىۋىدۇئالى ئۈچۈن ئاساسلىق ئىجتىمائىي بىرلىك قاتلىمى، ئائىلە-نوقۇل مەنىدىكى ئىككى جىنىس قۇشۇلمىسىنىڭ قانۇنىي شەكلى بولۇپ قالماي، ئۇ يەنە ئىنسان تەۋەللۇتگاھى، مېھىر-شەپقەت، ئەقىل-ئىدارك، ئەخلاق-ئادەت، بىلىم-مەدەنىيەتنى يېتىشتۈرىدىغان تۇنجى مەكتىپى، قوشنىلارغا، ئىلىم ئوچاقلىرىغا، جەمئىيەتكە، كىشىلىك دۇنياسىغا يۈزلىنىدىغان بىرىنچى بوسۇغىسى، ئۆمۈر ئەجىرلىرىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك شىپاخانىسى، كىشىنى مەڭگۈلۈك دۇنياغا ئۇزىتىدىغان مۇسىبەت ئۆيى، ئەۋلادلار شەجەرىسىنىڭ يىلتىزى ۋە شېخى، مىللەتنى قۇيۇپ چىقىدىغان قېلىپ»دېگەن ئىدى...
3 U# H0 c+ q0 G* A' @* L
0 V* d, a* I" d: Q  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ياشاۋاتقان ھەربىر ئىنسان، ئېيتىلىشى ئىنتايىن ئاددىي، ئەمما مانا جەھەتتىن يۈكسەكلىككە ئىگە بولغان ئاشۇ ئائىلىدە بۇ دۇنياغا تەۋەللۇت بولىدۇ ھەمدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ھامىيلىقى ۋە تەربىيەسى ئاستىدا ئۆرپە-ئادەت، ئەدەپ-ئەخلاق، مېھىر-مۇھەببەت قاتارلىقلارنى ئۆگىنىدۇ ۋە يېتىلدۈرىدۇ. ئاقىۋەت ئۇ ئۆزىدە يېتىلدۈرگەن ئاشۇ خاراكتېر بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قەدەم قويۇپ مەلۇم بىر مەزگىلگە كەلگەندە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئائىلە قۇرىدۇ.
7 f; r' O3 Y. R* g  p% }: s2 {- S8 Q' R, K" v0 b! a7 V, N9 ^. yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  دېمەك، بىر ئادەم دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قانداق ئادەم بولۇشى ، كەلگۈسىنىڭ قانداق بولۇشى، مەلۇم مەنىدىن، ئاشۇ توققۇز ئاي قورساق كۆتۈرۈپ، ئاچچىق تولغاق يەپ تۇغقان ئانىغا ۋە ئاشۇ پەرزەنتنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقان قاننىڭ ئىگىسى بولمىش ئاتىغا باغلىق بولىدۇ. ئائىلە تەربىيەسىگە سەل قارالغان ياكى تەربىيە ئۇسۇلى ياخشى بولمىغان پەرزەنتلەرنىڭ كېلەچەكتە ئۆز يولىنى تېپىپ ماڭالىشى، دۆلەتكە ۋە مىللەتكە ياراملىق، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشالايدىغان، مۇستەقىل كۆز قاراشقا ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە، تىرىشچان، ئىختىساسلىق ئەۋلادلاردىن بولۇپ چىقالىشى ناتايىن، شۇڭا پەرزەنت تەربىيەسى دۆلەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەتلەرنىڭ بىرى.
" g" w: i: E- t9 u' j- B
& V7 l" f# Z6 d$ |, X$ d+ D  تۇرمۇش قاتلىمى  ئوخشاش بولمىغىنىدەك، ھەر بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ شەكلىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىدە ئۆزىگە يات بولغان، ناچار خاراكتېر ھەم قىلمىشلارنى بايقىغاندا ئۆزىنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى قىلچە ئويلىماستىن، بەلكى ھەرخىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن پەرزەنت تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى مائارىپقا ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئارتىپ قويۇپ، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئۆزى بولسا پەرزەنت تەربىيەلەيدىغان ئالتۇندەك ۋاقتىنى ماددىي بايلىق ۋە ئابرۇي-ئىناۋەت قوغلىشىپ ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ. مۇشۇنداق ئائىلە تەربىيەسىدىن مەھرۇم بولغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى ۋە مال-دۇنياسىغا تايىنىپ، ئۆزى خان، ئۆزى بەگ چوڭ بولغان، كۆزى مال-دۇنيا، پايدا-مەنپەئەت، ئەيش-ئىشرەتتىن باشقىنى كۆرمەيدىغان، راھەت-پاراغەتتە ياشاپ چوڭ بولغان نازۇك قىز-يىگىتلىرىمىز ھېچقانداق تەربىيە كۆرمەي توي قىلىدۇ، پەرزەنتلىك بولىدۇ، ئۇلار تۇرمۇش سەپىرىدە تېزلا ھەرخىل زىدىيەتلەرگە يولۇقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوڭۇشسىزلىقلار ئۇلار ئارقىلىق پەرزەنتلىرىگە، ئۇلارنىڭ دوستلىرىغا، پۈتۈن جەمئىيەتكە مەنىۋى تەسىر، ھەتتا روھىي بۇلغىنىش ئېلىپ كېلىدۇ، مۇنداق ئائىلە پاجىئەلىرى يىلسېرى داۋاملىشىش جەريانىدا بۇ ئىللەت ۋە بۇلغىنىشلار مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
0 T$ g9 k* E6 |  I3 F* T2 B- a, N4 a0 I- M0 p) l6 q. {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ئوبزورچى يالقۇن روزى « بىزگە قانداق ئاتىلار كېرەك؟» دېگەن ماقالىسىدە بۇ ھەقتە مۇنداق توختالغان ئىدى: «بىزنىڭ ھازىرقى ئاتىلىرىمىز ئۆتكەن ئەسىرىنىڭ 50 -،60 ، 70 –يىللىرىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئۇ چاغلاردا كىشىلەرنىڭ ‹ ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەردىكى ئىنقىلابىي قىزغىنلىقى› بەكرەك تەكىتلىنىپ، ‹ھەق-ناھەق تۇيغۇسى روشەن، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ھالال بىلەن ھارامغا بولغان مۇئامىلىسى سەزگۈر ئادەملەردىن بولۇشىنى تەكىتلەش› كە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن، بۇ ئاتىلار ئارقا-ئارقىدىن تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە ئەخلاق جەھەتتە زۆرۈر بولغان تەلەپلەرنى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئالىيجاناپ پەزىلەت گۈللىرىنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىشقا، ئۇلارنىڭ قەلبىدە نوپۇزلۇق ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىگەن، پەقەت قانداق قىلىپ تىرىشىپ ئىشلەپ ياخشى كۈن كەچۈرۈش توغرىسىدىلا گەپ-سۆز قىلالىغان، نەتىجىدە ماددىي مەنپەئەتكە سەزگۈر قىلىپ ئادەتلەندۈرۈلگەن بۇ پەرزەنتلەردىن مال-دۇنيانى، ھوقۇق-ئىمتىيازنى ھەممىدىن ئەلە بىلىدىغان ھەم بۇلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايدىغان بىر تۈركۈم مەخلۇقلارمۇ يېتىشىپ چىقتى، ئۇلار بۇ جەھەتتە ماختاندى، ھۇزۇرلاندى، ۋاھالەنكى قۇربان قىلىۋەتكەن ئادىمىيلىكلىرىدىن قىلچىمۇ ئەپسۇسلانمىدى، ھەتتا مەھرۇم بولغان ئادىمىيلىكىنى بىلىشكىمۇ قادىر بولالمىدى، ئادىمىيلىكىدىن بارغانسېرى ياتلىشىپ كەتكەن بۇ ئەۋلادتىن ئىلگىرىكىچە تېخىمۇ ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ئەۋلاد بارلىققا كەلدى. (بۇ يەردە بىز ھەممىنى قارا-قۇيۇق بىر تاياققا ھەيدىمەيمىز، ھەممىلا ئادەم ئەخلاققا يارىماس دېگەننىمۇ قىلچە تەرغىب قىلمايمىز».. b) G& I: A5 x6 @4 d: e( Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

/ V9 N3 h2 C8 @9 P+ s4 |# V' Z' Y  دەرۋەقە يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۆز-ئىبارىلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسى جەھەتتە پەرزەنتلەرگە ئۈلگە خاراكتېرلىك رولى بارلىقىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى ۋە ئائىلىدىكى ھەر قانداق گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرۇش، تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئاجايىپ زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنداقلا يەنە «تېرەكنىڭ تۈۋىدىن جىگدە ئەمەس، تېرەك كۆكلەيدۇ» دېگەن ئىنتايىن ئاددىي خۇلاسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. پەرزەنتلەر تۇغۇلۇشىدىن بىر پارچە ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ، ئاتا-ئانىلار ئاشۇ قەغەزگە رەسىم سىزىدىغان رەسسامغا ئوخشايدۇ، رەسسام قەغەزگە قانداق رەسىم سىزغان بولسا، ئۇنىڭ كۆرىدىغىنىمۇ دەل شۇ بولىدۇ. پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئاشۇ بىز ياقتۇرمايدىغان خاراكتېرىنى بايقىغان ۋاقتىمىزدا بۇنى ھەرگىز باشقىلاردىن كۆرمەي، ئۆزىمىز پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى مەسئۇلىيەتنى قانچىلىك ئادا قىلالىدۇق؟ ئويلىنىپ باقايلى.
4 t: J8 [) c6 H  j7 N8 n! Y3 ^2 w0 b& e0 `( Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  پەرزەنتلەرگە نىسبەتەن ئائىلە شارائىتى ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما سىزنىڭ ئۇلارغا تەييار قىلىپ بەرگەن روھىي جەھەتتىكى شارائىتىڭىز مۇكەممەل بولمىسا، ئۇ ماددىي جەھەتتىكى ئېسىل شارائىتلىرىڭىزنى بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.# v* ?# z( l8 j" Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

" G( n+ u! w$ ^. I% c7 A# T  15 -16 يىل بۇرۇن مەن ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم كەلگەندە ئاتام مېنى «ئىتتىپاق» تىياتىرىدىكى كەچلىك بازارغا كاۋاپ يېيىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەنىدى، مەن ئۇ يەردە بىر ئادەمنىڭ ئۈستەلمۇ ئۈستەل يۈرۈپ ھاراق سېتىۋالغان خېرىدارلار بىلەن كەملەپ قالغان بىرەر كوي ئۈچۈنمۇ قىلچە يۈ خاتىرە قىلماستىن سوقۇشۇپ، ئەپسانە گەپلەر بىلەن تىللاپ، پۈتۈن بازارنى بېشىغا كىيىپ پۇلىنى تولۇق ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. بۇ ئىش ماڭا ياخشى تەسىر بەرمىگەنىدى. بۇنىڭدىن بەش يىل ئاۋۋال بىر جۈمە كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ خىزمەتدىشىم بىلەن تونۇر كاۋىپى يېيىش ئۈچۈن بۇ كەچلىك بازارغا كېلىپ قالدۇق. كىم بىلسۇن، بىز يەنە ئاشۇ ماڭا تۇنجى قېتىم ياخشى تەسىر تەسىر بەرمىگەن ئادەمنىڭ ئۈستىلىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ قالغانىدۇق. بۇ ئادەم مەن 15 يىل ئاۋۋال كۆرگەن ئاشۇ تېتىك، قىرانلىق مەزگىلىدىكى ئادەم ئەمەس، بەلكى قېرىغان، ماغدۇرىدىن كەتكەن بىر بوۋاي ھالىتىدە ئولتۇراتتى. ئۇ قايناق بازارغا تىكىلىپ: «ئېسىت، ھەي ئېسىت!» دېگەن سۆزنى تەكرارلايتتى. مەن: « نېمە بۇنچە ھەسىرەت چېكىلا؟» دەپ سورىدىم. سۆزۈم تۈگىشىگىلا ئۇ: « نېمە بولاتتى ئۇكام، ئاۋۇ بالا مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ» دېگىنىچە بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇنىڭدىن 15 يىل ئاۋۋالقى ئۆزىگە ئوخشاش ھالەتتە ھاراق سېتىۋاتقان 50 نەچچە ياشلاردىكى بىر بالىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆزلەپ كەتتى. دەرۋەقە ئۇ يىگىت ئەينى ۋاقىتتىكى ئاتىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن ئىدى، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئۈستەلمۇ ئۈستەل يۈرۈپ ھاراق سېتىۋاتاتتى، خېرىدارلارنىڭ ئۆزىگە تەڭلەۋاتقان خۇشامەت رومكىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن « گۈپ» قىلىپ كۆتۈرۈۋېتەتتى. « مەن بۇ يەردە دۇكان ئاچقىلى 30 نەچچە يىل بوپتۇ، مۇشۇ يەردە ھاراق سېتىپ كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئۈرۈمچىنىڭ ‹مانا مەن› دېگەن نوچى يىگىتلىرىمۇ مۇشۇ ھاراق دەستىدىن كۆز ئالدىمدا جان بەردى، يا باي بولۇپ تىقىلىپ كەتمىدىم، ‹مەيپۇرۇچ› دەپ ئاتىلىپ قوشنا-قولۇم، ئەل جامائەتكە ئارىلىشىالمىدىم، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىنمۇ چۈشۈپ كەتتىم، ھازىر ئەمدى قېرىپ بىر پۇتۇم گورگە ساڭگىلغاندا قىلغان ئاشۇ ئىشلىرىمغا توۋا قىلىپ دۇكاننى تاقىۋېتەي دېسەم، ئوغلۇم ‹ ۋاي ئاتا، دۇكاننى تاقىۋەتسەك نېمە ئىش قىلىمىز، سەن قېرىغاندىن كېيىن دۇكانغا چىقمىغىن، دۇكاننى مەن ئاچاي، دەپ ئۇنىماي قويدى. قارىڭە ئۇنىڭ تۇرقىغا! خەق ھاراق ئىچىپ ئۆزىنىڭ جېنىغا ئېكەك سالسا ئىچە دەپ قويۇپ خىيالىمدا يوق يۈرۈپتىكەن، ئەمدى ئۆزۈمنىڭ بالىسى ئاشۇنداق قىلسا چىدىمايۋاتىمەن ئۇكام› دېگىنىچە كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتتى. «مۇنداق بۇلۇشىنى بىلگەن بولسام پايپاق ساتقان بولساممۇ بالام ھاراق دېگەن بۇ نىجىستىن نېرى تۇراتتى». دەرۋەقە ئاشۇ ئادەم 60 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئەقلىنى ئاران تاپقان؛ بىر ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن ھەقىقىي بەختنىڭ، شەرەپلىك ئىشنىڭ پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيەلەپ چىقىشتىنمۇ ئارتۇق بولمايدىغانلىقىنى 60 يېشىغا يەتكەن ۋاقتىدا چۈشەنگەن. ئەگەر بۇ ئادەم بۇ ھەقىقەتنى پەرزەنتى تۇغۇلغان ۋاقتىدا چۈشەنگەن بولسا، ئېھتىمال بالىسىنىڭ كەلگۈسى باشقىچە بولغان بولاتتى. جەمئىيەتكە، ئائىلىگە شەرەپ كەلتۈرگىدەك، دۆلەتكە ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشالىغۇدەك ساخاۋەتچى سودىگەر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئاتىمۇ پەرزەنتىدىن پەخىرلىنىپ خاتىرجەم كۆزىنى يۇمار ئىدى. مانا بۇ ئاتا-ئانىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان ھەقىقىي تىراگېدىيە. دەرۋەقە ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە مۇنداق تىراگېدىيەلەر يۈز بەگەن ئائىلىلەر ئاز ئەمەس.! D! O6 j" w. ?) T$ m' Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

" \) |6 e, f; V2 U  a5 f, l7 P  جەمئىيىتىمىز ھازىر قېرىلىشىش باسقۇچىدا كېتىۋاتىدۇ، 1980 –يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان پەزەنتلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن ئائىلە قۇرۇپ، ئاتا-ئانا بولدى، دەرۋەقە « كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس» دېگەندەك، پەرزەنت تەربىيەلەشتە يۈكسەك بۇرچ ئۇلارنىڭمۇ ئۈستىگە يۈكلەندى.
0 f( ]6 t$ I1 c0 R" I
0 X/ j+ I0 r; ?4 [  دەۋرىمىز بىز ياش ئاتا-ئانىلاردىن كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ ئەۋلادلار ئالدىدىكى بۇرچىمىزنى توغرا تونۇشىمىزنى، شۇنداقلا ئائىلىنىڭ «مىللەتنى قۇيۇپ چىقىدىغان قېلىپ» ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىزنى، پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك تەربىيە ئىكەنلىكىنى، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دەۋرگە ماس، ياراملىق، مەدەنىيەتلىك، ئەدەپ-ئەخلاقلىق پەرزەنتلەردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشىمىزنى كۈتۈۋاتىدۇ.
! d* i# ?$ K* @1 h) u4 x  a/ T3 i: e$ {  `) ~: n( t( y  ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى! }  [) P1 u. Q. }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئۇيلىنىايلى   ئاتا ئانىلار    7 ]. O5 N- t  {6 y( F1 Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پەرزەنلىرمىز بىزدىن نەپرەتلەنمىسۇن
ۋاقتى: 2013-7-26 11:38:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالە ئىلىپ كەپسىز قىرنىدىشىم

باھا سۆز

ئائىلە پەرزەنىتلەرنمۇ ياراملىق قىلىپ تەربىلەيدىغان قېلىپ.ئەجىرڭىزگەتەشەككۈر.بەخىتلىك بولۇڭ.  ۋاقتى: 2013-8-7 12:29

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-11 15:23

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش