روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 8970|ئىنكاس: 18
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تۆكمە قىلىنىپ سېتىلىۋاتقان ئىچىملىكلەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
      ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم.$ P* X; X5 K. e- P9 sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
      بىر قانچە كۈندىن بىرى قەشقەر شەھرىدىكى ئولتۇراق رايۇنلارنىڭ ئەتىراپىدا تۆكمە قىلىنىپ سېتىلىۋاتقان تۈرلۈك ئىچىملىكلەر ۋە سېتىۋېلىۋاتقانلارنىڭ قىزغىنلىقى دىققىتىمنى تارتىپ،سودا بولىۋاتقان يەرگە بېرىپ كۆرۈپ باقتىم.ئادەتتە بازاردا سېتىلىش باھاسى 6يۈەندىن بولىۋاتقان ئىچىملىكلەر 3يۈەن ئەتىراپىدا،3يۈەنلىك ئىچىملىكلەر 1.5يۈەندىن سېتىلىۋاتاتتى.بۇنىڭدا قانداقتۇر مالايسىيەنىڭ،ئىچكىرنىڭ يەنە رايۇنىمىزدىكى ئۇيغۇر كارخانىلىرىمىزنىڭ ئىچىملىكلىرىمۇ بار ئىدى.مەن ئۈنۈملۈك ۋاقتى توشاي دەپ قالغان ئىچىملىكلەر بولسا كېرەك دەپ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتىغا قاراپ باقتىم،ئۇنىڭدا يېڭىلا ئىشلەپچىقىرىلغان.ئۇلاردىن سوراپ كۆردىم"باھاسى نورمال بازار باھاسىدىن خېلىلا ئەرزانكەنغۇ؟"،"بۇ نەرسىلەرنى موشۇ شەھەردە ئىشلەپ چىقارغاچقا ئارلىقتىكى توشۇش ھەققى،ۋاكالەتچىلىك دېگەنلەر بولمىغاچقا تەننەرخى ئەرزان"."دېمەك مالايسىيەنىڭ دەپ سېتىلىۋاتقان ئىچىملىكلىرىنىمۇ موشۇ شەھەردە ئىشلەپچىقارغانمۇ؟"،"بۇنى مەن بىلىپ كەتمەيمەن".ئۇ يەنىلا سودىسى بىلەن ئالدىراش ئىدى.بۇنى تەھقىقلەش ئۈچۈن سىناپ باقىدىغانغا بىر ئىچىملىكنى ئالدىم دە ،كەچلىك ئىپتاردا تەمىنى تېتىپ باقتىم،ھەي،بىز يەنىلا ئالدىنىۋېتىپتىمىز،دېمەك بۇ شەھەردە ،قايسى بىر قاراڭغۇ ئۆيلەردە ،ئاللىكىملەر تەرىپىدىن ياسىلىپ سېتىلىۋاتقان ئىچىملىكلەر ئىكەنلىكىگە كۆڭلۈم گۇۋاھلىق بەردى.+ R% K* T+ E) W& j5 v1 b5 Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    بىز ئىچىدىغان ھەسەللىرىمىز تۇرۇپ،گۈلە-قاقلاردىن ئۆزىمىز قىلىپ ئىچىدىغان ئۇسسۇلۇقلىرىمىز تۇرۇپ يەنىلا قانداقتۇر تامچە مېۋە سۈيى بولمىغان،رەڭلەندۈرگۈچ ۋە تەم تەڭشىگۈچلەردىن ياسالغان سۇلارغا دۈم چۈشمەكتىمىز.
3 ?; s4 Q( {" S2 x8 _
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

نىمە بولىۋاتىدۇ ما ئۇيغۇرلىرىمىز تاڭ ھەممىسى پۇلغىلا دۈم چۈشتىغۇ. ئۈرۈمچى بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ ئالدىدا مالايسىيانىڭ قۇۋۋەت ئىچىملىكلىرى دەپ شۇنداق توۋلاپ سىتىۋاتماسما  .5   كويغا ئىككىدىن.   ئىلىپ ئىچىپ ساپتىمەن يا ئاللا ئىچىملىك بولا مۇشۇنداق لاۋزا بولا .. ئىي سەھرايىمنىڭ ئىرىقلىرىدا ئىقىۋاتقان لاي سۇنى ئىچسەمچۇ بىرىپ
توغرا دەيسىز   شۇلارنى سىتۋاتقان   يەنەشۇ  بىزلەر
ھەي قانداقمۇ كىشلەردۇ شۇ خەق
بۈگۈنمۇ شىنجاڭ خەۋىرىدە مۇشۇ ھەقتىكى خەۋەردىن بىرنى كۆرسىتىۋاتمامدۇ
بۈگۈنمۇ شىنجاڭ خەۋىرىدە مۇشۇ ھەقتىكى خەۋەردىن بىرنى كۆرسىتىۋاتمامدۇ
ۋاقتى: 2013-7-24 09:39:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلەر روزا تۇتسىمۇ ئۇ نېمىلەرگە پۇرسەت بوپ بېرىپتۇدە ، شۇ جايىدا تېتىپ باقمىغاندىن كىيىن
نىم بوپ كەتتى بۇجاھان؟ توۋا
ۋاقتى: 2013-7-24 14:21:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالامەت بۇلۇڭلار
ۋاقتى: 2013-7-25 16:05:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇنداق ئىچىملىكلەرنى بازاردا ئاندا- ساندا ئۇچرىتىپ قالىمەن (بىر ۋاقىتلاردا مەنمۇ نادانلارچە ئەرزانكەن دەپ ئىچىپمۇ سالغان ئۇ پاخال ئىچىملىكلەرنى). بۇنىڭدىن تەخمىنەن 4-5 يىل ئىلگىرى مەخسۇس ئىچىملىك ساتىدىغان (قوشۇمچە ئىشلەيدىغان) مەلۇم بىر تونۇشۇم بىلەن تەساددىپىي پۇرسەتتە مانا مۇشۇنداق يېمەك- ئىچمەك خۇرۇچى ساتىدىغان بىر جايغا بېرىپ قالدىم. پايدا دېگەننى ئالامەت ئالىدىكەن ھە مۇشۇنداق خۇرۇچلار ئارقىلىق يېمەك- ئىچمەك سودىسى بىلەن شوغۇللىنىدىغانلار.
9 y5 X' ~9 S0 d& K/ v# Yبۇ يەردە مەن مۇنداق بىر مەخپىيەتلىكنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم: يەنى بىز بازارلاردا سېتىلىۋاتقان ئەشۇ رەڭگارەڭ بىر قۇتا ئىچىملىك تەييارلاش ئۈچۈن ناھايىتى ئاز مىقداردا شېكەر، سۇ تەييارلىغاندىن باشقا يەنە قايسى مېۋە تەمىنى چىقارماقچى بولسا شۇ خىلدىكى مېۋە جەۋھىرىدىن پەقەت بىرقانچە تامچىلا بولسا سىز بىلەن مەن لەززەتلىنىپ ئىچىۋاتقان شۇ تەمدىكى ئىچىملىك پۈتۈپ چىقىدىكەن!......
- f' |5 S* V- yھازىر دۇنيادا نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەر مانا مۇشۇنداق كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان، بۇلغانغان، زىيانلىق خىمىيىۋىي تەركىبلىك يېمەك- ئىچمەكنى ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىكەن. ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە %40 راك كېسەللىكى دەل مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەردىن يۈز بېرىدىكەن. دېمەك، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۆز سالامەتلىكىمىزنى ئويلايدىكەنمىز مانا مۇشۇنداق بۇلغانغان يېمەك- ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىشىمىز، شۇنداقلارنى بايقىغاندا يېمەك- ئىچمەك سودا سىستېمىسىنى باشقۇرىدىغان دۆلەت ئاپپاراتلىرىغا دادىللىق بىلەن پاش قىلىشىمىز، ئەشۇ خىلدىكى قانۇنسىز قىلمىشلارغا قىلچە يۈز خاتىرە قىلماسلىقىمىز كېرەك. شۇندىلا بىرقىسىم ئىشلاردىن خەۋەرسىز قالغان قېرىنداشلىرىمىز ئەشۇنداق رەزىل، ئۆز مەنپەئەتىنىلا كۆزلەيدىغان قىزىلكۆزلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوتۇلۇپ قالىدۇ.
/ O' |4 s2 c3 Qمىنىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆپچىلىككە قىلىدىغان تەۋىسىيەم: مۇمكىن بولسا بىز بۇنداق بۇلغانغان ئىچىملىكلەرنى ئىچمەي، قايناق سۇ ئىچەيلى ياكى بولمىسا ئۆزىمىز مېۋە شىرنىسى چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئائىلىدە ئەرزان، قولايلىق، بىخەتەر بولغان ئىچىملىك ياسىۋالساقمۇ بولىدۇ. مەنمۇ يېقىندا توردىن بىر يۈز نەچچە يۈەنگە بىر دانە شىرنە چىقىرىش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، ئائىلەمدە ئىشلىتىۋاتىمەن. (بۇنداق مېۋە شىرنىسى چىقىرىغان ئۈسكۈنىلەر ئىش پرىنسىپى، ئۆلچىمىگە ئاساسەن ھەرخىل بولۇپ، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغانلىرى نەچچە ئون يۈەندىن تارتىپ نەچچە يۈز يۈەنگىچە، شۇڭا ھەركىم ئۆز شارائىتى، ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ سېتىۋالالايدۇ).

باھا سۆز

ئاشۇ سېتىۋالغاننىڭ ئادرىسىنى يوللاپ بېرىڭە ماڭا  ۋاقتى: 2013-7-26 00:53

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-10 10:24

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش