روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2370|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئائىلە تەربىيسى،پەرزەنت،يەسلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-11-26 11:33:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
        پەرزەنت بىزنىڭ بارلىقىمىز،ھەر بىر ئاتا - ئانا بولغۇچىنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىمىز جۈملىدىن خىزمەت ۋە تۈرلۈك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىمىز بىر تەرەپتىن تۇرمۇشىمىزنى قامداش،جەمئىيەتتىكى بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىش بولسا ،يەنە بىر تەرەپتىن پەرزەنتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ماددى ۋە مەنۋى جەھەتلەردىن ئاساس ھازىرلاشتىن ئېبارەت.ئۇنداقتا مەن بىر ئاتا بولغۇچى سۈپىتىم بىلەن پەرزەنتىمنىڭ يەسلىگە كىرىشتىن بۇرۇنقى ئائىلە تەربىيسى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىم توغرىسىدا قۇرداشلار ،ئۇستازلار ۋە تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
6 w) O  \! ~: B/ r3 Y     ھازىر ھەر بىرىمىز پەرزەنتىمىز 4~5ياشقا كىرگەندە مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ ئالدىنقى تەييارلىق باسقۇچى بولغان يەسلى تەربىيىسىگە بىرىۋاتىمىز.ئەلۋەتتە خىزمەت ۋە تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن بۇنىڭدىن بۇرۇن بېرىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس.مېنىڭ ئوي خىيالىم بويىچە بولغاندا ،بالىلىقىغا قانمىغان بالىنىڭ كاللىسىنى كىچىكىدىنلا بىر خىل تۈزۈمدىن ئىبارەت قورشاۋ  قورشاپ ئېلىشى مومكىن.مەنمۇ بالامنى تۆت يېرىم ياشقا كىرگەندە يەسلىگە بەرگەن.ئۇنداقتا بۇ ھەقتىكى ھېكايەمنى ئاڭلاڭ.* h: r- U6 ~. f% yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
     بالامنى كىچىكىدىن باشلاپ كىتاپخانىلارغا ئېلىپ بارىدىغان ئادىم بولۇپ،كىچىكىدىن كىتاپ ئوقۇپ بېرەتتىم.بارا-بارا كىتاپلارنى ئوقۇپ يېرىمىغا كەلگەندە ،«بالام ئۆزىڭىز ئوقۇڭ مەن چارچاپ قالدىم»دەپ كىتاپنى بالامغا تۇتقۇزدۇم،بالام دەرھاللا ئىنكاس قايتۇردى«مەن يا كىتاپ ئوقۇيالمىسام،يەنىلا سىز ئوقۇپ بېرىڭ».-«ئەمدى بالام سىزمۇ چوڭ بولۇپ قالدىڭىز،مەكتەپتە ئوقۇسىڭىز سىزمۇ كىتاپ ئوقۇشنى ،خەت يېزىشنى ئۆگىنىسىز،شۇ چاغدا بىز سىزگە ئوقۇپ بەرمىسەكمۇ ،ئۆزىڭىز ئوقۇيالايدىغان بولىسىز»دېيىشىمگىلا،« ئەمىسە مەن مەكتەپتە قاچان ئوقۇيمەن،مېنى قاچانلىققا مەكتەپكە بېرىسىز ؟»دەپ كۈندە نەچچە ۋاخ سورايدىغان بولدى،دېمەك مەكتەپ توغرىسىدا تۇنجى قىزىقىش مەيدانغا كەلدى.ئۇنىڭدىن كېيىن بالامنى بەرمەكچى بولغان يەسلىگە بىر قانچە قېتىم ئاپىرىپ،سىرتىتا تۇرۇپ ،يەسلىدىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرسەتتىم.بالام قۇرداشلىرىنىڭ يەسلىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى كۆرۈپ«دادا،مەنمۇ قاچان ئاشۇلاردەك مەكتەپكە كىرىمەن،مېنىمۇ مەكتەپكە ئەكىرىپ بېرىڭچۇ؟مەن مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ دوختۇر بولىمەن،چوڭ بولغاندا چوڭ ئاناملارنى ۋە نۇرغۇن ئاپاش ،داداشلارنى داۋالايمەن.»دېگىنىدە ئىچىمدە چوڭلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە سالامەتلىك تىلىدىم.شۇنداق قىلىپ ئوغلۇمنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشقا نىسپەتەن قىزىقىشى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ باردى،ھەم ئارزۇ قىلغان كۈنلىرى يىتىپ كىلىپ يەسلىگە كىردى.مانا ھازىر ئەتتىگىنى چوڭلار بىلەن تەڭ ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىسىنى قىلىپ ،كىچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن يەسلىگە چاپماقتا.ساۋادىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئوغلۇم ئېلىپبە،تۈرلۈك بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى ۋە «ئېرپان ئاۋازلىق قەلىمى»نى «ئاداش»تۇتۇپ،خۇشاللىق ئىچىدە دەسلەپكى قەدەملىرىنى ياخشى باسماقتا!7 u' ?5 A9 G3 c7 I0 q- Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

  I9 d* }# F" l% `, L$ O2 \: r. q: }/ [  Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2012-11-26 19:22:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن باسقان ھەر بىر قەدىمىڭىز بەركەتلىك بولغاي. پەرزەنتىلىرىمىزنى بىز ياشىغان زاماندىن باشقا بىر زامانغا تەلىم ئىتىش مەجبۇريىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى.
ۋاقتى: 2012-11-27 01:40:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنتلەرنىڭ قانداق ئادەم بولۇشى ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ تەربىيىسىگە باغلىق. سىزنىڭ بۇ تەجرىبىلىرىڭىزنى ھەممە ئاتا- ئانىلار ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىگۈدەك. ياخشى تېمىڭىزغا ھەشقاللا!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-11 08:45

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش