روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1726|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتالىدىڭىزمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!قانداق ئەھۋالىڭلار!" r. p, Z" h: K' o! Y1 ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مانا ئەتە مەمۇرلۇق ئىمتىھانغا توردا تىزىملىتىش ئاخىرلىشىدۇ.پۇل تۆلەش 28-چىسىلا ئاخىرلىشىدۇ.ئەتتىگەندىن بۇيان ئىككى يېقىن دوستۇم بىزگە ئۆزلىرىگە تىزىملىتىپ بېرىشنى ئېيتىپ مېىنى بەك تەڭ قىسلىقتا قويدى.مەن دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا تىزىملىتىشنىڭ ئىنتايىن تەسلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم،ھەم شۇڭلاشقا بېكەتتىمۇ مەخسۇس مۇشۇ ئىش ئۈستىدە تېمىمۇ يېزىپ تورداشلارنى ئەسكەرتكەن.چۈنكى بۇ ئۆتكەن يىل مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىش،تىزىملىتىشنىغۇ بالدۇر تىزىملاتقان،لىكىن پۇلنى ئاخرىقى كۈنى تۆلەيمەن دەپ تاس قالغان تۆلىيەلمىگىلى.دەل ئەتە پۇل تۆلەش ئاخىرلىشىدۇ دىگەن كۈنى كېچىسى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 3 تىن ئاشقاندا ئاران تۆلىيەلىگەندىم.كۈندىزى مۇمكىن بولمىغان.مانا شۇ ئۆتكەن يىلقى ئىش يەنە تەكرارلاندى،ئۇ دوستلىرىمغىمۇ مىڭ جاپادا تىزىملىتىپ بەردىم،لىكىن تىزىملىتىش جەريانىدا تور سۈرئەتنىڭ ئاستىلىقىدىن ئېكراننى چېقىۋەتكىدەك بوپ كەتتىم.بەلكىم بۈگۈن تىزىملاتقان ياكى تىزىملىتپ بولۇپ قانچە ئادەم بولغانلىقىنى كۈرۈپ باققىلى كىرگەن بولساڭلار ۋە ياكى رەسىم چىقارغىلى كىرگەن بولساڭلار ھىس قىلدىڭلار سۈرئەتنىڭ قانچىلىك ئاستا بوپ كەتكەنلىكىنى.قارىسام تېخىچە تىزىملاتمىغان ياكى پۇل تۆلىمىگەن دوستلار ئاز ئەمەسكەن.كەچتە ئۆيگە قايتقاچ يولدىن كىتىۋېتىپ كۆمپىيۇتېر دۇكانلىرىدا تىزىملىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىگە قاراپلا ھىس قىلدىم.ھەم ئۇلار تىزىملىتالىغانمىدۇ دەپ كىرىپ قاراپ باقسام،سۈرئەتنىڭ ئاستىلىقىدىن يىغلاپ كېتەي دەپ قاپتۇ.
2 {1 Z0 |( C# V! Jخەۋەرلەردىمۇ ئېلان قىلىۋاتىدۇ،بۇ يىل شىنجاڭ مەمۇرلۇققا تىزىملاتقان ئادەم سانى يەنە تارىخى رىكورت ياراتتى.شۇڭا مەن ئاخىرقى ئەسكەرتىش سۈپىتىدە ۋە شۇ تىزىملىتالمىغانلارغا يەنە بىر يول كۆرسىتىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يازدىم.ئەگەر سىز تىزىملاتمىغان ياكى تېخى ئارخىپلىرىڭىزنى تۇلۇق تاپشۇرمىغان بولسىڭىز بۈگۈن كەچتىن قالماڭ!چۈنكى ئەتە تىزىملىتىش ئاخىرلىشىدۇ.ھازىر سىزنىڭ تور سۈرئىتىڭىز قانداق بىلمەيمەن لىكىن مەن ئاچسام خەلىق ئىشلار توربېكىتى بەكلا ئاستا.ناۋادا سىزنىڭمۇ ئاستا بولسا ھەم سىز چۇقۇم تىزىملاتمىسڭىز بولمايدىغان بولسا چۇقۇم بۈگۈن كېچە ئۇخلىمىسىڭىزمۇ ئامال قىلىپ پۈتتۈرۋېتىڭ!پۇل تۆلىمىگەنلەرمۇ بۈگۈن كەچتە تۆلىۋېتىڭلار.گەپنىڭ ئۇچىغىنى قىلغاندا بەلكىم ئەتە تور سۈرئەت بۇنىڭدىنمۇ ئاستىلاپ كېتىدۇ.شۇڭا ئامال قىلىپ تىزىملىتىدىغانلار بۈگۈن كېچە،پۇل تۆلەيدىغانلار بۈگۈن كېچە ۋە ئەتە كېچە ئىچىدە قىلىۋېتىڭلار.كۈندىزى بەلكىم قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن.ھەراست،يەنە بىر ئەسكەرتىش.مەن كېچىسى چۇقۇم قىلىۋېتىڭلار دىگەن سەۋەبلىك بېرەر ئاقىۋەت چىقىپ  قالمىسۇن.چۇقۇم ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرۇڭ!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +31 ئىناۋەت +31 تەڭگە +24 بايلىق +24 تۆھپە +9 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 14 + 14 + 10 + 10 + 4 يارايسىز
ADiL + 17 + 17 + 14 + 14 + 5 ئورۇنلۇق

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2013-5-27 21:01:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ سىڭلىم تىزىملاتقان ئىدى، رەسىمنى تۈنۈگۈن ئاخشام يوللىغان، ئەتتىگەندىن بىرى پۇل تۆلىيەلمەيۋاتىمەن. ياخشىراق مۇلازىمىتىر سەپلىسە بولمامدىغاندۇ دەيمەن.
ۋاقتى: 2013-5-27 21:01:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئەتىگەندىن بېرى پۇل تۆلىيەلمىدىم، بۈگۈن كېچىدە تۆلەيدىغان ئوخشايمەن.
ۋاقتى: 2013-5-27 21:11:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر سىناپ باقتىم، ناھايتى تىز ئېچىلدى، پۇل تۆلىۋالدىم،  بايام يەنە بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپتۇ، ئۇنىڭدا تىزىملاش ۋاقتىنى 28-چىسلا سائەت 18:30غىچە، پۇل تۆلەش ۋاقتىنى 29-چىسلا سائەت 18:30گىچە ئۇزارىتقانلىقىنى دەپتۇ. (ھەممىسى بېيجىڭ ۋاقتى) ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭلار.
ۋاقتى: 2013-5-27 21:18:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ خەۋەرنى بايا كۆرۈپ سڭلىمغا تېلېفون قىلىپ بۈگۈن كىچە قانداقلا قىلىپ بولمىسا پۇل تۆلەپ بولىشنى ئوقتۇردۇم، راستىنى دىگەندە تور سۈرئىتى بەكمۇ ئاستىلاپ كىتىپتۇ.
ۋاقتى: 2013-5-27 22:15:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ نەچچە مىنۇتنىڭ ئالدىدا سىڭلىمنىڭ ئىمتىھان ھەققىنى تۆلەپ تۈگەتتىم. ھازىر تور سۈرئىتى يامان ئەمەسكەن.
ۋاقتى: 2013-5-27 22:59:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەن يىل مەنمۇ ئاكامنى كەنت ساقچىسىنىڭكىگە تىزىملىتىدىغان چاغدىمۇ يېرىم كۈندە ئاران تىزىملاتقان . ھۆكۈمەت تورى بولغان بىلەن يا مۇلازىمېتىر ناچارمۇ يا كىرىۋالغان ئادەم بەك كۆپمۇ ئىشقىلىپ يامان ئاستا بوپ كىتىدىكەن ئاشۇندا بىر ئىمتاھانغا تىزىملىتىدىغان ۋاقىتتا ئۇ تور
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-19 08:45

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش