روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1275|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

شېئىرى پارچىلار-ئوۋچى 2

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوۋچى2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-6 20:46  

   شېئىرى پارچىلار  
  
       (1)
تۇتۇپ قويسام قۇلۇڭنى« نامەھرەم»دىدىڭ،
ئالما سۇنسام قۇلۇمدا نە ئۈچۈن يىدىڭ؟
تۇنجى ئاخشام تانسىدا ھەمرا بوپ ماڭا،
قول تۇتۇشۇپ ئوينىغان يەنە سەن ئىدىڭ!

             (2)
يانچۇقتا كويچەن بارىدا جانان يېنىمدىن كەتمىدى،
«مەڭگۈ سىنىڭ بۇلىمەن »دەپ ۋەدىسىن بايان ئەيلىدى.
يانچۇق قۇرۇپ،ئامەت كىتىپ،قاخشال بۇلۇپ قېلىۋىدىم،
نە جانانكى ئەل-ئاغىنەم بىر رەت يوقلاپ كەلمىدى.

           (3)
ئەجەپ خوشال ئويناپ-كۈلۈپ ئۆتتى كۈنۈم،
ئويقۇسىزلىق،سەۋدالىقتىن خالى تۈنۈم.
تىرىشقانلار،تىرماشقانلار كەتتى ئۇزاپ،
ئاھ !قاپتىمەن نادامەتتە غېرىپ ئۆزۈم.

           (4)
دوستۇم ماڭا: «-بۇ كۆڭلۈم»دەپ تۇتتى شاراپ،
ئىچكەن ئىدىم ،ئەقىل ھۇشۇم كەتتى تاراپ.
«كۆڭۈل» ئۈچۈن سورون تۈزۈپ ئۆتتى ئايلار،
ئاقىۋەتتە ھالسىزلىنىپ بولدۇم خاراپ.

           (5)
ھاراق ئىچىپ قانمىدىم، يەنە ئىچىپ باققۇم بار،
قەدەھ تۇتۇپ دوستلارغا قوشاق قېتىپ باققۇم بار.
دەرت-ئەلەمنىڭ دورىسى ھاراق ئىكەن ئاڭلىسام،
دەرت-ھەسرەتسىز مىنىڭمۇ قېنىپ كۈلۈپ باققۇم بار!

          (6)
بېلىق كۈزى رومكىلار قىلغاندا سەپەر،
ئۆتتى گېلىمدىن مەي-شاراپ،گاھى زەھەر.
نەچچە نۆۋەت ئۈستۈم ھەتتاكى «مىخ»لارغا،
شۇندىن بۇيان ئەيلىدىم ھاراقتىن ھەزەر.

مەنبە: ئۆز قەلىمىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +17 ئىناۋەت +27 تەڭگە +19 بايلىق +8 يىغىش سەۋەبى
bagrax + 13 + 8 ياقتۇردۇم
ADiL + 17 + 14 + 11 + 8 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2013-3-7 16:33:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن شىئىرلىرىڭىزغا قايىلمەن ،نىمەدىگەن مەنىلىك ،
ۋاقتى: 2013-3-8 21:04:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرلىرىڭىز مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ ، تىرىشسىڭىز قولىڭىزدىن تېخىمۇ ئسىل شېئىرلارچىقىدىغىنىغا ئىشىنىمەن .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-10 22:35:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھامىڭلارغا كۆپ رەھمەت!دىگىنىڭلار كەلسۇن!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-24 19:34

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش