|
مېيىپ ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدىن باشلاپ سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى (مۇخبىر جىياڭ فور ) مۇخبىر يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن مائارىپ ، مالىيە ، سەھىيە ، مېيىپلار بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت تۆت ئورۇن بىرلىشىپ تارقاتقان « مېيىپلارنىڭ سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»دە مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىرىنسىپ جەھەتتە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدىن باشلاپ سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشىغا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەنلىكىنى ئۇقتى. ئۇقۇشىمىزچە ، ئاپتونوم رايون مېيىپلارنىڭ سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە كاپالەت سىستېمىسىنى قوللاپ ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىدىكەن ، ئادەتتىكى بالىلار مائارىپ ئاپپاراتلىرى ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان مېيىپلارنى قوبۇل قىلىشىغا ئىلھام بېرىدىكەن .
' |( D# S3 q! `! x% i8 E7 X/ q& e( w
7 {) z( y9 ?4 ]& [) z ھازىر، شىنجاڭدا ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق مېيىپ بالا سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇش ئارقىلىق تەربىيە ئالىدۇ . سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇش ئوبيېكتىلىرى ئادەتتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇشقا ماسلىشالايدىغان كۆرۈش قۇۋىتى ، ئاڭلاش قۇۋىتى ، تىل جەھەتتە مېيىپ ، پۇت-قولى مېيىپ (جۈملىدىن مېڭە پالەچ )، ئەقلىي كەمتۈك ، روھىي جەھەتتىن مېيىپ (جۈملىدىن تەنھالىقنى خالاش كېسىلى)، كۆپ خىل مېيىپ قاتارلىق بارلىق مېيىپلارنى كۆرسىتىدۇ .
" G1 }0 l+ [9 c# Q1 r, E
9 B' m) f% Y1 H سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر پىرىنسىپ جەھەتتە ئادەتتىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە ئوخشاش يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشى لازىم . ئادەتتىكى مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسى ئىچىدىكى مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇشقا قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك ، رەت قىلىشقا بولمايدۇ . سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش يېشى ئادەتتىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ .
$ W/ G, ] I' b% Y8 \
( [& T( \3 k) V4 y5 b. b ئاپتونوم رايون مۇنداق بەلگىلىدى : مېيىپ بالىلارنىڭ ئادەتتە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدىن باشلاپ ، سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىشىنى بەلگىلىدى . سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى مېيىپلار بىرلەشمىسى بېكىتكەن مېيىپلىقنى باھالاش ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ باھالاپ بېكىتىشىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم . ھەر بىر سىنىپقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . مېيىپ ئوقۇغۇچىلار نىسپىي ھالدا كۆپرەك مەكتەپلەر ياكى مېيىپلىق دەرىجىسى ئېغىر بولغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىغان مەكتەپلەر ئېھتىياجقا ئاساسەن ئالاھىدە مائارىپ سىنىپى تەسسىس قىلسا بولىدۇ ، ئالاھىدە مائارىپ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچى سانى 8 دىن 12 گىچە بولىدۇ .
3 y5 r9 P, W/ `; B/ V+ }. _% f' W. h4 Dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا كېتىدىغان خىراجەتنى شۇ يەرنىڭ مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ ، مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشى لازىم . سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغان ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرىدىغان مەكتەپلەرگە مۇۋاپىق قوشۇمچە ياردەم بېرىش كېرەك .
$ Y4 j- n. H1 G, o% w
6 Q) d1 n& T) s+ A3 w" _ ئاپتونوم رايون مۇنداق بەلگىلىدى : سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى سانى 10 دىن ئارتۇق بولغان ئادەتتىكى ئوتتۇر، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بايلىق دەرىسخانىسى تەسسىس قىلىشى ، مەخسۇس ياكى قوشۇمچە بايلىق ئوقۇتقۇچىسى ئورۇنلاشتۇرۇشى ، مۇۋاپىق ئوقۇتۇش سايمانلىرى ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى سەپلىشى لازىم؛ ئادەتتىكى بالىلار باغچىلىرى مۇۋاپىق ئويۇنچۇق ، ئۆگىنىش سايمانلىرى ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىق ئۈسكۈنلىرى ۋە كىتاب-ماتېرىيال قاتارلىقلارنى سەپلىشى لازىم ؛ مېيىپ ئوقۇغۇچىلار بىر قەدەر كۆپ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەر ۋە مېيىپلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان بايلىق مەركىزى قۇرۇشى ، ئەمالار يېزىقىدىكى نۇسخا ئالغۇ ، ئاۋازلىق ئوقۇشلۇق ، ئاڭلاشقا ياردەم بېرىدىغان ئۈسكۈنىلارنى قاتارلىقلارنى سەپلىشى كېرەك .
! M! Z6 Z7 S, Q/ m. p, O5 _/ j p. @, u$ X: b1 j. N* ?: p# bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىنپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغان مەكتەپلەر سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن قېلىش نىسبىتىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك . ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختىشى قاتارلىق ئىشلارنى ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا مەلۇم قىلىپ تەستىقلىتىشى لازىم . ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مېيىپ بالىلارنىڭ 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قلىش كېرەك . باشلانغۇچ مائارىپىنى تاماملىغان ھەمدە داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇش ئېقتىدارى بار مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى ، شۇ جايدىكى مەجبۇرىي مائارىپ تارمىقى ئۇلارنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ، ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى ياكى كەسپىي مەكتەپلەرگە داۋاملىق ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.' N$ i, E+ Z" E$ Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
0 W& Q' V) H4 i3 Z. d0 D4 l مۇسا ئەخمەت تەرجىمىسى) C) y1 [5 d% o4 Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
& a) C5 o' i) j: Fمەنبە: تەڭرىتاغ تورى |
| |
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار |
بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان
ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ئاپتورنىڭ بارلىق تېمىلىرى
|
| |
|