روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 6990|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

چوڭلار مائارىپ خىزمىتىدىن خۇلاسە دوكلات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
xxxxxx بازىرىنىڭ چوڭلار مائارىپ خىزمىتىدىن خۇلاسە دوكلات
xxxxxx镇成人教育工作汇报


xxxxxx بازىرىنىڭ ئاساسى ئەسۋالى :
xxxxxx بازىرىنىڭ ئۇمۇمى كۈلىمى 198.9 كۇۋادرات كىلومىتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ كۈلىمى 100 مىڭ مو، 15 مەمۇرى كەنىت، 82 مەھەللىدىن تەركىپ تاپقان. 15 پونكىت ئورۇن، 1 ئوتتۇرا مەكتەپ، 1 مەركىزى  باشلانغۇچ مەكتەپ، 1 بازار دەرىجىلىك دېھقان-چارۋىچىلار مەدىنىيەت-تېخنىكا مەكتىۋى، 15 كەنىت دەرىجىلىك مەدىنىيەت-تېخنىكا مەكتىۋى بار. بازىرىمىزدا  4933  ئائىلە بار بۇلۇپ، ئۇمۇمى نۇپۇس 20494  نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە، غەيرى يېزا نۇپۇس 737  نەپەر، يېزا نۇپۇس 19757  نەپەر، ئۇمۇمى ئەمگەك كۈچى 10612 نەپەر، 15-50 ياشقىچە بولغان ياش، ئوتتۇرا ياش دېھقان-چارۋىچى ئوبيىكتىلار سانى 12385  نەپەر بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇش ئىقتىدارى يوقلار108نەپەر، قالدۇق ساۋاتسىزلار39نەپەر، ساۋات مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتلىق بولغانلار26نەپەر، ساۋاتلىق بولغانلار ئۇمۇمى سانى12338نەپەر بۇلۇپ ساۋاتلىق بۇلۇش نىسبىتى%99.7گە يىتىدۇ.
xxxxxx بازىرىمىزدا ئۇيغۇر، خەنزۇ، قىرغىز، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان. ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن پاختا، بۇغداي، قۇناق، شال، زىغىر قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى بار. ئوتتۇرىچە كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۈلىمى 4.9 مو.
1.تەشكىلى رەھبەرلىك كۈچەيتىلدى.
  ئونسۇ ناھىيىلىك پارتىكوم ئىشخانىسى ۋە ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ [2011]240-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھى بۇيىچە بازار باشلىقى گۇرۇپپا باشلىقلىغىنى ئۈستىگە ئالغان ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە پەن-تېخنىكا بۇيىچە تەربىيلەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى ھەقىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، رەھبەرلىك گۇرۇپپىنىڭ يىتەكچىلىگىدە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە پەن-تېخنىكا بىلەن تەربىيلەش خىزمىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.
2. ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە پەن-تېخنىكا بىلەن تەربىيلەش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەندى.
       رەھبەرلىك گۇرۇپپا يىتەكچىلىگىدە ھەر قايسى تارماقلار زىچ ماسلىشىپ ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ،بازىرمىز تەۋەسدىكى39نەپەر قالدۇق ساۋاتسىزلار، 26نەپەر ساۋات مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتلىق بولغان ساۋات چىقىرىش ئوبىكتىلىرى2011-يىلى 12-ئاينىڭ20-كۇندىن باشلاپ ساۋاتسىزلىقنى تۇگۇتۈش ئوگۇنۇشگە يىغىپ تەشكللەندى. بۇ ئارقىلق ساۋات مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ ساۋاتلىق بولغان ئوبيىكتىلارنىڭ خېمىغا يېنىش نىسبىتى %0 ئىچىدە قاتتىق كونتىرول قىلىندى.
     ئونسۇ ناھىيىلىك پارتىكوم ئىشخانىسى ۋە ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ [2011]240-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن ،  ياش، ئوتتۇرا ياش دېھقان-چارۋىچىلار دېھقانچىلىق، باغ-ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، سۇچىلىق، دېھقانچىلىق ماشنىلىرىنى ئىشلىتىش، پىلانلىق تۇغۇت، ئۆسۈملۈك ئاسراش، تېمىتىپ سۇغۇرۇش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىگى، ھاشارەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرلۇشى قاتارلىق ئەمىلى قوللىندىغان پەن-تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن تەربىيلىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پەن-تېخنىكا ساپاسى يۇقىرى كۈتۈرلۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قەدىمى تىزلىتىلدى. 2011-يىل قىش ۋە 2012 –يىل ئەتىياز پەسلىدە بازار دەرىجىلىك      قارار كۇرس ئېچىلىپ         ئادەم تەربىيلەندى. كەنت دەرىجىلىك 64 قارار كۇرس ئېچىلىپ 9020ئادەم تەربىيلەندى ، تەربىيلىنىش نىسبىتى %85 گە يەتتى.
       3. تەربىيلەش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، تەربىيلەش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىندى. ھۆكۈمەت ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش، پەن-تېخنىكا بۇيىچە تەربىيلەش خىزمىتىگە سېلىندىغان سېلىنما خىراجىتىنى كۈپەيتىش، كەنىت كومتىتى مائارىپ تارماقلىرى ئۈزىنىڭ ئەمىلى ئەسۋالىغا ئاساسەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، شەخىسلەرنى خىراجەت توپلاشقا ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بۇ يىللىق ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە ئەمىلى قوللىندىغان پەن-تېخنىكا بىلەن تەربىيلەش خىزمىتىنىڭ خىراجىتىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىندى. يىللىق سېلىنغان ئومومى خىراجەت 40 مىڭيۈەن(قىرىق مىڭ يۈەن) بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىن يۇقىرىدىن بۇيرۇپ بېرىلگەن مەبلەغ 3500يۈەن ، بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە كەنتلەرنىڭ مالىيىسىدىن چىقىم قىلىنغىنى 31900 يۈەن ، مائارىپ كەسپى راسخودىدىن چىقىم قىلىنغىنى4600يۈەن .
       4. تەشۋىقات خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، مەدەنىيەت-تېخنىكا مەكتىۋىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلدى. دېھقان-چارۋىچىلار ئارىسىدا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە پەن-تېخنىكا بىلەن تەربىيلەش خىزمىتىنىڭ تەشۋىقات خىىزمىتىنى كۈچەيتىپ، شۇئار، لوزۇنكا، رادىئو تەشۋىقاتى قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ، قۇيۇق بولغان تەشۋىقات كەيپىياتى، بارلىققا كەلتۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە پەن-تېخنىكا بىلەن تەربىيلەش خىزمىتىنىڭ تەخىرسىزلىگى، زۆرۆرلىگى ۋە موھىملىقىغا بولغان تۇنۇش يۇقىرى كۈتۈرۈلدى ھەمدە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە پەن-تېخنىكا بىلەن تەربىيلەش خىزمىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، مەدىنىيەت-تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ رولى تۇللۇق جارى قىلدۇرۇلدى.
       بىز بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پەن-مەدىنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ،ئەمەلىي ئەسقاتىدىغان تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن تەربىيلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، بازىرىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.



xxxxxx بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى
2012-يىل 2-ئاينىڭ 27-كۈنى



ھۆججەتنى چۈشۈرۈش  :

تېما سېتىۋېلىش بۇ تېمىنى كۆرۈش ئۈچۈن يوللىغۇچىغا 1 دانەتەڭگە تۆلىشىڭىز كېرەك
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 06:27

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش