روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 711|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

باشقۇرغۇچىلارغا مۇسابىقە توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك جاپاكەش باشقۇرغۇچىلار، سىلەرنىڭ روھلاننىڭ كەلگۈسى ۋە تەرەققياتى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تىرىشىپ كۈچ چىقىرىۋاتقىنىڭلارغا تەشەككۈر.
نۆۋەتتە بىز دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغىلى 6 كۈن بولۇپ قالدى، بۇ 6 كۈن جەريانىدا مەن ئۆزۈم بىلىدىغان بىر قانچە مۇنبەرلەرگە بۇ مۇسابىقە ھەققىدە تېما يوللىدىم ۋە ئۆزۈم تونۇشىدىغان بىر قانچە بىكەت باشلىقلىرىغا ئۇچۇر يوللاپ مۇشۇ مۇسابىقە ھەققىدە ئېلان تەشۋىقات ئىشلىرىغا ياردەملىلشىشكە چاقىردىم، ئەمما تەشۋىقات تېخى يىتەرلىك ئەمەس.
ھازىرغىچە مەن مۇسابىقە نامىدا ئېلخگتكە ئەۋەتىلگەن دەرسلىكتىن 6 نەپەر ئادەمنىڭ دەرسلىكىنى تاپشۇرىۋالدىم، بۇلاردىن بىر نەچچىسى ئېلخەتكە يوللاپ تېما شەكلىدە يوللىمىدى، تېما شەكلىدە بىۋاستە چۈشۈرۈشكە تەمىنلىگەن دەرسلىك دېتالىنى تېخى چۈشۈرمىدىم، بۈگۈن يەنە مۇنبەرگە بىۋاستە چۈشۈرۈش تەمىنلىگەن ئەزا يەنە شۇنداق تېما يوللاپتىكەن، تەستىقلىمىدىم، ئۆزىنىڭ تېمىسىغا قالدۇرۇلغان ئىنكاسنىمۇ كۆرمىگەنگە قارىغاندا بەكلا مەسئۇلىيەتسىزدەك قىلىدۇ .
شۇڭلاشقا باشقۇرغۇچىلارغا دەيدىغىنىم:
1. سىلەرمۇ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە ياخشى تەييارلىق قىلىپ دەرسلىك قاتناشتۇرساڭلار (ئەلۋەتتە شارائىتىڭلار يار بەرگەن ئاساستا )
2. تەشۋىقات خىزمىتىگە سىلەرمۇ ئازراق كۈچ چىقارساڭلار .
http://www.rohlan.biz/thread-12055-1-1.html  بۇ تېمىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى تەشۋىقات قىلىنغان تور بىكەتلەردىن باشقىلارغا يوللىساڭلارمۇ (ئۇچۇر تورلىرى بولسىمو بولىدۇ) ، خىزمەتداشلىرىڭلارغا ئۇقتۇرساڭلارمۇ بولىدۇ، ئىشقىلىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئىمكانىيتى بارلارنى كۆپرەك خەۋەردار قىلايلى .
3. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە تور بېكىتىمىز ئېلان كىرىمىدىن 500 يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ چىقاردۇق ( 4GB لىق بارماق دېسكا، نەق پۇل مۇكاپاتى ۋە بارماق دېسكا بىلەن بىلقۇت دەرسلىكىنى ئەۋەتىش كىراسى) ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرسەك تور بېكىتىمىزنىڭ ئىناۋىتى ۋە زىيارەت مىقدارىغىمۇ خېلى كۆپ پايدىسى بار دەپ قارايمەن، زىيارەت ئىقىمىمىز كۆپىيىپ، ئېلان كىرىم  ئېشىپ قالسا جاپا تارتىۋاتقان باشقۇرغۇچىلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايمىز .

شۇڭلاشقا بۇ قېتىملىق تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، تور بىكەت، بلوگ، مىكروبلوگ، چ چ توپى، ئېلخەت، .... قاتارلىق ۋاستىلەرنىڭ ئۈنۈمىدىن تولۇق پايدىلىنىشىىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-1-17 02:58:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشۋىقات خىزمىتىگە كۈچ چىقىرىۋاتقان yarkanboy ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمىز .
ۋاقتى: 2012-1-17 03:07:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىش بىلەن بىرگە، مەنمۇ دەرھال مۇسابىقىگە قاتنىشىش تەييارلىقىنى باشلايمەن.
ۋاقتى: 2012-1-17 09:31:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىپلاندىم، بۇيرۇققا بوي سۇنىمەن.{:7_225:}
ۋاقتى: 2012-1-17 11:49:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ خالىسا ئالدىراشچىلقىتىن چۇقۇم ۋاقىت چىقىرىپ تەشۋىقات ھەم دەرسلىك تۇزەش ئىشلىرغا قاتىنىشىمەن.


رۇھلان مەڭگۇ رۇناق تاپقۇسى
ۋاقتى: 2012-1-17 13:00:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلاندىكى كۆپ قىسمىمىز ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق ناھىيلىك، شەھەرلىك مائارىپ خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك چ چ  توپلىرىغا ئەزا ......
مەن ئويلايمەن ......  كۆپ قىىسم ناھىيلەردە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار جۈمە كۈنى مەكتەپكە يىغىلىدۇ ......... دەل مۇشۇ ۋاقىت ئىنتايىن مۇھىم .........  بۇ كۈنى ھەر قايسى مەكتەپتىكى ئۇچۇرغا مەسئۇل خادىم چوقۇم تورغا چىقىدۇ...  چ چ توپلىرىدىن كەلگەن خەۋەرلەرنى كۆرۈش ئىمكانىيتى بار ............
ھەر قايسى مائارىپقا ئائىت چ چ  توپلىرىغا بۇ مۇسابىقىگە ئائىت خەۋەرنى جۈمە كۈنلىرى يوللاپ قويساق ......... ئۇچۇرنى كۆرۈش نىسبىتى سەل كۆپرەك بولىدۇ .........

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا بارلىق باشقۇرغۇچىلار بىر ھەرىكەتكە كىلەيلى! مۇسابىقىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كىڭەيتەيلى! تەشۋىقاتنى كۈچەيتەيلى!

يەنە بىر مەسىلە كۆپ قىسىم تورداشلىرىمىز ........  ئۆزىنىڭ لايىھەلىگەن دەرسلىكلىرىنى ئۆزى تۆۋەن كۆرۈپ  قولىدىكى دەرسلىكنى يوللىمايۋاتامدىكىن دەيمەن......كۈلكىگە قىلىشتىن ئەنسىرەپ ..... خۇددى باشقىلار ئالامەت دەرسلىك لايىھەلىۋىتىدىغاندەك ...تۇيۇلۇپ ..........................؟؟؟؟
شۇڭلاشقا بىر ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى تىپىپ چىقىپ ھەر قايسى ئەزالارنى بىر قوزغاتساق بولاتتى .......  
كۆپچىلىك بىر ئويلىنىپ ياخشى ئۇسۇلدىن بىرنى تاپايلى .........  مىنىڭ كاللامغا ھىچ بىرەر ياخشى چارە كەلمەيۋاتىدۇ ............ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yarkanboy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-17 13:26  

ۋاقتى: 2012-1-17 13:33:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مائارىپ ساھەسىدە بولمىغاچقا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىغا قاتنىشالمىدىم . ئەمما مۇشۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ كۆلىمى ۋە تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەشۋىقات ئىشلىرىغا كۇچ چىقىرىشنى باشلىدىم .
ۋاقتى: 2012-1-18 01:54:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجان خاتىرجەم بۇلۇڭ،مەن مەكتەپتىكى ئۇقۇتقۇچىلارغا تەشۋىق قىلىپ بولغان،ئۇلارنىڭ سەۋىيسى تېخى دەسلەپكى سەۋىيدە،مەن ئۆزەم كىيىنكى ھەپتە ئىچىدە تېرىشىپ چۇقۇم ياخشى بىر دەرسلىك دېتالى يوللايمەن.
ئۆزەمنىڭ بىلوگىدا تەشۋىق قىلغان ئىدىم،لېكىن نىمە سەۋەب بولدى بىلمىدىم،بلوگىم بىر ھەپتە بولدى ئېچىلمايۋاتىدۇ.
ۋاقتى: 2012-1-18 13:50:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يا مائارىپ ساھەسىدە ئەمەس، يا مائارىپقا ئائىت توپتا يوق، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە مائارىپچىلارغىلا ئويۇشتۇرۇلغاندىكىن بىزدەكلەر چەتتە قاراپ تۇرماي نىمە ئامال، راستىنى دىسەم روھلان تورى مائارىپچىلاردىن باشقىلارنى چەتكە قاققاندەك بىر ئىش بولىۋاتقاندەكلا بىلىندى ماڭا.

باھا سۆز

ھاي ھاي، ئۇداق دېمەيلى، بېكىتىمىزدە پىروگرامىرلار ئاز، تور بەتچىلەرمۇ ئاز، يەنە كېلىپ پىروگرامما ۋە تور بەت  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2012-1-18 14:24
ۋاقتى: 2012-1-18 14:14:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ چوقۇم تەشۋىقات خىزمىتىگە ياخشى كۈچ چىقرىمەن .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-4 01:37

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش