روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 645|ئىنكاس: 15
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئىنكاس تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرامدۇق قالدۇرمامدۇق؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇنبىرىمىز تور تىزگىنلەش ئەمەلدىن قېلىپ ئېچىلغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا يېىڭىدىن ئەزا بولغان ئەزىز مېھمان دەرىجىسىدىكى ئەزالارنىڭ ئىنكاسىنى تەستىق ئارقىلىق چىقىرىشنى ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتىمىز، بۇ باشقۇرغۇچىلارغا بىر قىسىم ئاۋارىچلىق ۋە خىزمەت بېسىمى ئېىلىپ كەلدى، ھازىرقى تور ئەھۋالىدىن قارىغاندا قالايمىقان تېما ئىنكاسلارمۇ كۆرۈنمىدى (ئىنتايىن ئاز ساندىكىلەردە قانۇنسىز بولمىسىمۇ ئازراق كۆرۈنىۋاتىدۇ) ، شۇڭا باشقۇرغۇچىلارنىڭ يۈكىنى كېمەيتىش ۋە ئەزالارنىڭ بىكەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن يېڭىدىن ئەزا بولغان ئەزالارنىڭ ئىنكاسىنى تەستىقلاش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قالدۇرماسلىق ۋە ئۈمىدلىك ئەزا دەرىجىسىدىن يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەزالارنىڭ تېمىسىنى تەستىقسىز چىقىدىغان قىلىش قىلماسلىق ھەققىدە (ئالاھىدە ئەزا، تەكلىپلىك ئەزا دەرىجىسىدىكىلەرنىڭ تېمىسى تەستىقسىز چىقىدۇ) باشقۇرغۇچىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىشنى ئويلىغان ئىدىم، سىلەر قانداق قارايسىلەر؟

ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى ADiLنىڭ مىكرو بلوگى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-1-8 22:59:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بولغاندا يەنە بۇرۇنقىدەك بولىۋەرسە ياخشى بولاتتى،ئەلۋەتتە روھلاننىڭ باشقۇرغۇچىلىرىمۇ خېلى كۆپ نىسپەتنى ئىگەللەيدۇ.دىمەك روھلان مۇشۇ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەستايىدىللىقى ۋە سانىنىڭ نىسپەتەن كۆپ بۇلۇشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن ۋە ئىنكاسلارنى چۇقۇم باشقۇرغۇچىلار تەستىقلاش تۈزۈمى ئورنىتىلىشى بىلەن  ھازىرغىچە مۇنبەرئەخلاقىغا زىت بىرەر تىما ياكى ئىنكاسلار مۇنبەر يۈزىگە چىقىپ قالمىدى.ماڭىمۇتىمىلارغاقالايمىقان ئىنكاسلارنى قالدۇرىدىغان،تىما ئىگىسىنى سەت ھاقارەتلەيدىغان ئەھۋاللار ئۇچرىغان ،شۇ ۋاقىتلاردا ئىنكاس تەستىقلاش تۈزۈنى بولغانلىقتىن ماڭا ئۇچراپ ئۇنى تەستىقلىماي ئۈچۈرىۋەتكەن ئىدىم،شۇڭا مىنىڭچە بولغاندا ئادەتتىكى ئەزالارغا قارىتا يەنىلا ئىنكاسنى تەستىقلاش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلغىنى بۇ ھەرگىزمۇ باشقۇرغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەنلىك ئەمەس دەپ قارايمەن.چۈنكى بۇنداق بولمىغاندامۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى مۇنبەرگەكىرگەندە تەستىقلايدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار بارمۇ-يوق بۇنىڭغا ئىتىبارسىز قاراش مەسىللىرى يۈزبىرىپ ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى ساقلاپ كەلگەن مۇنبەرسالاھىيتىگە تەسىر يىتىپ قېلىشى مۇمكىن.شۇڭا بۇ ھەرگىزمۇ جاپا بولىدىغان ئىش ئەمەس دەپ قارايمەن.قېنى باشقا باشقۇرغۇچىلار قانداق قارايدىكىن تەكلىۋىنى ئاڭلاپ باقساق..........
ۋاقتى: 2012-1-8 23:00:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا ئاتامانغا پىكىر بىرشنى ئويلاۋاتتىم، مانا ئەمدى ئىنكاس تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرامدۇق قالدۇرمامدۇق؟دېگەن تېمىدا بىر تېما ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپتۇ.
ھازىر يولغا قۇيۇلىۋاتقان ئىنكاس تەستىقلاش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ روھلان مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ئىنكاسىنى تەستىقسىز چىقىدىغان قىلايلى.
بۇنىڭ ئەزالارنىڭ بىكەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشتا رولى ئىنتايىن زور بولىدۇ.
بۇ يەردە شۇنى قايتا ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ، يەنى ھازىر يولغا قۇيۇلىۋاتقان ئىنكاس تەستىقلاش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ بارلىق ئەزالارنىڭ ئىنكاسىنى تەستىقسىز چىقىدىغان قىلغاندا بىر قىسىم ئەخلەت ئىنكاسلارنىمۇ كۆرۈلمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە.
شۇڭا روھلاندىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ۋە ئەزالار ھۇشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرسەك،ئەستايىدل بولساقلا بۇ قىسمەن مەسىلىمۇ ھەل بولۇپ كەتكۈسى!
ۋاقتى: 2012-1-8 23:17:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە ئىنكاسنى تەستىقلاش داۋاملاشقىنى ياخشى ، ئەمما ئىنكاسنىڭ تەستىقسىز چىقىش دەرىجىسىنى بىر دەرىجە تۆۋەنلەتسەك دەيمەن. ئەزالارنىڭ روھلاندىكى ماتىرياللارغا قىزغىنلىقى بولسىلا دەرىجىسىنى تېز ئۆزتۈرۈپ، تەستىقسىز چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىشىدا گەپ يوق. گېپىم خاتا بولسا تۈزىتىشىڭلارنى ئۈممۈد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2012-1-8 23:21:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋا ئەپەندىم بىلەن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكرىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار پايدىلىنىشقا بولىدىغان تەكلىپ - دەپ قارايمەن . روھلان مۇنبىرىمىز ئاساسلىقى مائارىپ ۋە كومپىيوتىر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان مۇنبەر بولغانلىقتىن باشقا ئۇنۋېرسال مۇنبەرلەردىن خارەكتىر جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ . ھازىر ھەممە ساھەدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ . بىزمۇ مۇنبىرىمىزنى ئازراق ئىسلاھات قىلىپ بارلىق تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى تەستىقسىز چىقىدىغان قىلىپ بىر مەزگىل كۈزىتىپ سىناپ باقايلى . ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلمىسە مۇشۇ بويىچە داۋاملاشتۇرايلى . مۇنبەرگە يېڭى ئەزا بولغان تورداشلارنىڭ ئىنكاسىدا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ ئىنكاسلار ۋە پۈچەك ، ئەخلەت ئىنكاسلار كۆپىيىپ قالسا يەنە ئەسلىدىكى تۈزۈم بويىچە ئىش كۆرسەك بولىدۇ .
ۋاقتى: 2012-1-8 23:33:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىنى تەستىقلىمايلى دىسەك مانىڭغا مەن قوشۇلىمەن ..........چۈنكى ھەر بىر يىڭى تىما باشقۇرغۇچىلارنىڭ كۆزىدىن قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ ......... سەللا سەزگۈر بولسا ئۆچۈرۋىتىمىز .............  
لىكىن ھەر بىر ئىنكاسقا قاراپ بولالايمىز ..............دەپ قايسىڭلار ئېيتالايسىلەر ..................  
شۇڭلاشقا ئىنكاس تەستىقلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەن قارشى ..............
ئىنكاسى تەستىقسىز چىقىشقا دەلىللەنگەن ئەزالار بولسا بولىدۇ .......... ئاندىن قالسا   پىشقەدەم ئەزامۇ سەل ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلەن سۈر بۆرە دىگەن پىشقەدەم ئەزارىمىزنىڭ ھەپتە بولدى ......كۈندە قۇرۇق گەپ بىلەن يازغان ئىنكاسلىرىنى ئىز قوغلاپ ئۆچۈرۈپ ئولتۇرىمەن .....
ئالى ئەزا، بىلەن ئەتىۋالىق ئەزا ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئەزالارنىڭ نىڭ ئىنكاسىنى بىۋاستە چىقىدىغان قىلىۋەتسەك بولىدۇ ..........
مىنىڭ پىكىرىم شۇ قالغىنىنى ھەر قايسى باشقۇرغۇچىلار باشقۇرغۇچىلىق قىلىش جەريانىدىكى تەجرىبە ۋە ئۇچرىغان ئەھۋاللارغا قاراپ ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسا ئورتاقلىشارمىز ..........
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-1-9 00:02:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممەيلەننىڭ ئوتتۇغا قويغانلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاساسىي بار گەپلەر، مەنمۇ مۇشۇ بىر نەچچە تەرەپلەرنى ئويلاپ كېلىۋاتقىلى خېلى بولدى، كاللامدىكى بۇ زىت ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالماي سىلەرگە مەسلىھەت سالغان ئىدىم، قارىغاندا بىر مەزگىل سىناق قىلپ باقىدىغان ئىشمىكىن .
يېڭىدىن ئەزا بولغانلارغا 10 مىنۇت مۇنبەرنى ئايلىنىش ۋەزىپىسى قۇيۇپ، ئون مىنۇتتىن كېيىن ئاندىن ئىنكاس يازسا تەستىقسىز چىقىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويساق قانداق بولار ھە؟
ۋاقتى: 2012-1-9 00:59:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يېڭىياچە بولغاندىكىن پكىر بېرىش سالايىتىم توشامدۇ قانداق بىلمىدىم شۇنداق بولسىمۇ كۆز قارىشىمنى  دەپ باقاي مەنچە ئىنكاسنى تەستىقلاش يەنىلا داۋاملاشقىنى ياخشى، مۇنبەرنىڭ ساغلاملىقىنى، ئۇزاق مۇددەت پۇت تىرەپ ئەمىن بۇلىشىنى كۆزلەيدىكەنمىز كىچىككىنە ئاۋارىچىلىقتىن قېچىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەھۋال كۆرۈلگەندە تۈزىتىپ ئۆزگەرتكەندىن كۆرە، باشتىنلا بۇنداق يوچۇقلارنى ئېتىپ مۇنبەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ھۇشيارلىقنى ئاشۇرغىنىمىز توغرا. دىمەكچى بولغىنىم بىر قېتىم ياغ ئالغان قاپاق ئىككىنجى قېتىم ياغ ئالمىسىمۇ پاكىز قۇرۇق تۇرسىمۇ بەرىبىر ياغلىق قاپاق دەپ نام ئالىدۇ. مۇنبەرنىڭ ھازىرقى نوپوزىنى ئېلىپ ئېيىتقاندا يەنىلا بۇرۇنقىدەك تەستىقلاش تۈزىمى ئاستىدا ھۇشيارلىقنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تېمىلارنىڭ ساغلاملىقى، يېڭىلىقى، مەزمۇننىڭ كىشىلەرنى جەلىپ قىلارلىقى قاتارلىق ئونۋېرساللىق كەيپىياتنى تىرىشىپ ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن باشقۇرغۇچىلار تېمىلارنى تەستىقلىغاندا مەزمۇنلارنى تەپسىلى كۆرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن باشقىچە ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ، مۇنبەرنىڭ ساغلاملىقى كاپالەتكە ئىگە بۇلىدۇ دەپ قارايمەن.

باھا سۆز

ئوخشاش ئويدا: 0.0
ئوخشاش ئويدا: 0
مەنمۇ ئوخشاش پىكىردە  ۋاقتى: 2012-1-9 03:57
ۋاقتى: 2012-1-9 01:17:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ پىكىرىم تىما يوللاشنى ئىچىۋەتسەك مەيلىكى، ئىنكاس يوللاشنى ئۇنداق ئىچىۋىتىشكە بولمايدۇ؟
ۋاقتى: 2012-1-9 03:47:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلانغا كىرگەن ھەر بىر تورداشنىڭ تېما، ئىنكاس يوللىشىغا ئىلھام بىرەيلى،ئامال قىلىپ روھلانغا كىرگەن  ھەر بىر تورداش ئىنكاسنى جىقراق يازايلى ، تېما ئىگىسىنىڭ كۆڭلى خۇش بولسۇن ، ئۆز تېمىسىنىڭ مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىدىن دىلى سۆيۈنسۇن ! چۈنكى ھەممىمىزنىڭ مەقسىتى مۇنبەرنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-7 05:15

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش