روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1882|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ھامىلىدار ئاياللاردا تۆمۈر ماددىسى كەم بولسا بالىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە تە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئامېرىكا لوس ئانژېلىس بالىلار دوختۇرخانىسى ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يېتىلىشىنى تەتقىق قىلىش مەركىزى ۋەكولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كلىنىكا مەركىزى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە ئوتتۇز بەش پىرسەنتتىن ئەللىك سەككىز پىرسەنتكىچە بولغان ساغلام ئاياللاردا تۆمۈر ماددىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە كەم بولىدىكەن.   ئەللىك پىرسەنتكە يېقىن ھامىلىدار ئاياللار قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. ھامىلىدار ئاياللاردا تۆمۈر ماددىسى كەم بولسا بالىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە تەسىر يېتىدىكەن .   تەتقىقاتچىلار يادرو ماگنىت رېزونانىسلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ مېڭە قۇرۇلمىسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى كۈزىتىپ ئانىنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆمۈر ماددىسىنى قوبۇل قىلىش مىقدارى بىلەن چوڭ مېڭە سۇر ماددىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئانالىز قىلغان ،نەتىجىدە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆمۈر ماددىسىنى كۆپرەك قوبۇل قىلغاندا ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭە سۇر ماددىسى پوستلاق قەۋىتىنىڭ يېتىلىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى،ئەكسىچە تۆمۈر ماددىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئاز بولغاندا چوڭ مېڭىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تۆۋەنلىتىپ،بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن چوڭ مېڭە سۇر ماددىسىنىڭ يېتىلىشى تولۇق بولماي،سەقەنقۇربۈدۈرسى يەنى چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە ساقلاش ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىڭ مەسۇل قىسمىنىڭ ئىقتىدارى زەخمىگە ئۇچرايدىغانلىقى،ئېغىر بولغاندا كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە تەسىر قىلىپ،چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى كېچىكىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.                       رەئىسە ئابدۇساتتار تەرجىمىسى                                            ماتېرىيالنىڭ كېلىش مەنبەسى شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى         
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 09:24

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش