روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3192|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۆلۈپ كېتىمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۈلۈپ كېتىمەن

ئابدۇرېيىم ئابدۇۋەلى(ئاسۇق)

ھەممىسى تۈگەيدۇ ھامان بىر كۈنى،
مەن ئەبەدلىك كۆز يۇمغان كۈنى....

ياساپ قويدۇم قەلبىمگە گۆرلۈك،
چار يىلاندەك ياتاي شۇ يەردە.
كىملەرگە يىغلىدىم كىمنى يىغلاتتىم؟
ئالدانمىدىم لېكىن سەپەردە.

جەسەتكە ھەمراھ يوق بۇنى بىلىمەن،
ئۆلۈمگە يۈزلەندىم ماڭا نەچارە؟
مەن ئۆلۈمنى بەكمۇ سۆيىمەن،
نە پايدا ھاياتتىن بولۇپ ئاۋارە.

بەك سىرلىق بىر ناخشا ئېيتىمەن غەمكىن،
بۇ دۇنيا يىغلايدۇ ماڭا ئېچىنىپ.
ئاھ ! ئۆلۇپ كېتىمەن....
                      ئۆلۈپ كېتىمەن......
خېتىمدەك قولۇڭدا يەنە تىتىلىپ............ .

2015-يلى 17-فېۋرال ئاقسۇ شەھەر ساجىڭزا(قۇمقۇدۇق)
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-17 14:13:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات دىگەن ئېھساندۇر، ئۆلۈپ كەتمىگىن،
ئىنسان بۇندا مېھماندۇر، ئۆلۈپ كەتمىگىن.
ئۈلۈم دىگەن چىرايلىق سەپەر بولسىمۇ،
تىلىمەكلىك ياماندۇر، ئۆلۈپ كەتمىگىن.

نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ  چوڭقۇر مەنا بىلەن يېزىلغان شېئىرىغا دوستلۇق مېھرى سىڭگەن بىر كۇبلىت شېئىرىي چاخچىقىم ئارقىلىق جۆر بولغۇم كەلدى.
ۋاقتى: 2015-2-17 15:02:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ياخشى يېزىلغان شئېر، بارىكاللا ، قەلىمىڭىزنىڭ تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2015-2-17 16:26:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز نەۋرۇز ئەپەندىم،،،،،بۇ شىئىرىڭىزمۇ بۇرۇنقى شىئىرىڭىزغا ئوخشاشلا ياخشى چىقىپتۇ،،،،ھارماڭ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-17 18:26:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-17 18:31  
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-17 14:13
ھايات دىگەن ئېھساندۇر، ئۆلۈپ كەتمىگىن،
ئىنسان بۇندا م ...


ھايات دىگەن ئېھساندۇر ئاسان كەچمەيمەن،
يىتىپ بولۇپ ئارمانغا ئاندىن كەتكەيمەن.
مەناسى كۆپ ‹‹ئۈلۈم››نىڭ ھەر بىر مىسرادا،
لىكىن ھەر ۋاق ‹‹ئۈلۈم››نى سۈيۈپ ياشايمەن.

نۇرلان ئەپەندىنىڭ ھەر بىر يازمامغا شۇنچە سەگەكلىك ۋە مەسئۇليەتچانلىق بىلەن دىققەت قىلۋاتقانلىقى مىنى ئاجايىپ سۈيۈندۈردۇ. رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم. سالامەت بولۇڭ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-17 18:27:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2015-2-17 15:02
يەنە بىر ياخشى يېزىلغان شئېر، بارىكاللا ، قەلىمىڭىزنى ...

مەن تور ئەدەبىياتىغا كىرىشكەندىن بېرى يازمىللىرىمغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ ۋە مىنى قوللاپ ، سادىق ئوقۇرمىنىم بولۇپ كىلۋاتىسىز مەرىپەت خانىم. بۇنىڭدىن مەن چەكسىز ئىپتىخارلىق ھېس قىلىمەن. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن  سىزگە سەممىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-17 18:33:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىھىر يوللىغان ۋاقتى  2015-2-17 16:26
ھارمىغايسىز نەۋرۇز ئەپەندىم،،،،،بۇ شىئىرىڭىزمۇ بۇرۇن ...

يازمىللىرىمغا دىققەت قىلىپ كىلۋاتقىنىڭىز مىنىڭ خوشاللىقىم . رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2015-2-17 20:21:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز ئەپەندىنىڭ قەلىمگە بەرىكەت تىلەيمەن، ئۆزدىن ھىساپ ئېلىپ تۇرغان كشى، ھەقىقەتەن ئېسلىدۇر قىلغان ئشى .
رەھمەت ياخشى يېزپسز…
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-24 06:06

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش