روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2817|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بايرامدىكى غېرىپلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بايرامدىكى غېرىپلىق  

ئابدۇرېيھم ئابدۇۋەلى  ( ئاسۇق )

ئاشىقلاربايرىمى . .........................
بويتاقىلىقنى يۇردۇم قۇچاقلاپ ،
سوغاق ياتاقتا .
دەرىزەىنى كىرمەيدۇ شامال،
ئىرىمەيدۇ ئازاپ ھاراقتا .  

ئاشىقلاربايرىمى . .........................
كىتىپ قالدى قىزلار كەينىدىن ،
گۇل قۇچاقىلاپ  بىر توپ مەسىت بوۋاي .
يامغۇر كەبى تۇكۇپ يېشنى ،
قاراپ قالدى قەدىردان موماي.  

ئاشىقلاربايرىمى . .........................
زەيتۇن شېخى چىشلىگەن كەپتەر ،
كەتتى بەلكىم نوھنىڭ قېشىغا .
مۇشۇك ئىزلەپ ماڭدى چاچقاننى ،
جۇۋىسنى ئۆرۇپ تېشىغا .  

ئاشىقلاربايرىمى . .........................
بويتاقلىقنى يۇردۇم قۇچاقلاپ ،
موخوركامنى قىلىپ ئاپتۇبۇس .
تەنھا ياتاقتا ،
كەتكەنلەرگە دىيەلمىدىم خوش .  

2001- يىل  14ــ فېۋرال ئاقسۇ ساجىڭزا (قۇمقۇدۇق) تا يېزىلدى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-15 14:49:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا ، شىئرىڭز ياخشى چىقپتۇ ئەمما شئر دىمەك ئاپتۇرنىڭ روھى تەرجمھالى...
ۋاقتى: 2015-2-15 15:27:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان شېئىرىنى دوستلارچە مېھرىم بىلەن قۇتلۇقلايمەن.
ئەلتۈرگ ئەپەندىم شېئىرنى چوڭقۇر تەپەككۈر بىلەن ئوقىمىغان ئوخشايدۇ، بەرگەن باھاسىغا ئەپسۇسلىنىپ قالدىم، ئاپتور شېئىرىدا  مەدھىيلەش ئەمەس، بەلكى ھەيران قېلىش، ئۆكۈنىشىنى ئاساس قىلغان.
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ تەپەككۈرلىرى ھەر ۋاقىت مۇشۇنداق ئويغاق، ئىشلەتكەن تىللىرى مەنىسى چوڭقۇر بولغاي.

باھا سۆز

ئەلتۈرگ ئەپەندىمنىڭمۇ دىگىنى خاتا ئەمەس  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-16 16:48
ۋاقتى: 2015-2-15 18:35:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ بۇ شىئىرى ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ، تەپەككۈرىڭىزگە تېخىمۇ كۆپ شىئىرىي ھېسلار يار بولغاي !
ۋاقتى: 2015-2-15 18:59:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەتكەنلەر كىتىۋەرسۇن، ئاتالمىش‹بايرام›دا. شىئىرىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم مەن
ۋاقتى: 2015-2-16 03:23:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
14 ياشقا كىرگەن شېئىركەن جۇمۇ ماۋۇ
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ۋاقتى: 2015-2-16 16:48:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 15:27
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان شېئىرىنى د ...

ئەلتۈرگ ئەپەندىمنىڭمۇ دىگىنى خاتا ئەمەس
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-17 12:37:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 15:27
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان شېئىرىنى د ...

نۇرلان ئەپەندىنىڭ شىئېرىمنىڭ قاراتملىقىنى چۈشۈنۈپ ئىچىگە كىرىپ ئوقۇپ قالدۇرغان ئىنكاسىدىن سۈيۈندۇم . رەھمەت سىزگە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-17 12:38:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزھەر36 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 18:35
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ بۇ شىئىرى ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ،  ...

ئەزھەر ئەپەندىگە رەھمەت. شىئېرلىرىمغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ تۇرغايسىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-17 12:39:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالمىچى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 18:59
كەتكەنلەر كىتىۋەرسۇن، ئاتالمىش‹بايرام›دا. شىئىرىڭىزن ...

توغرا دەيسىز ئالمىچى قېرىندىشىم. مەنمۇ بۇنداق ‹‹بايرام››نى مەدىھلىمەكچى ئەمەس.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-13 20:48

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش