روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 8566|ئىنكاس: 22
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يەتتە قىزدىن يەتتە كەچۈرۈم

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يەتتە قىزدىن يەتتە كەچۈرۈم
( يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسىدە ئويلىغانلىرىم...)
ئۆزگىلەرنى كۈيلىگەن قەلەم،
كۈيلىمەپتۇ بىر رەت سىلەرنى.
ۋىجىدانىمنى سوتلايدۇ ئەلەم،
يوقلىمىغاچ باتۇر ھۆرلەرنى.
ئاسىي قەلەم سۇنسۇن يۈز مەرتەم،
بايقىمىغاچ زەر-گۆھەرلەرنى.

ئەللەيلەيدۇ يەتتە قىزىنى،
ئەزىم دەريا-قەدىمىي توشقان.
مۆلجەر تاغدا قالغان ئىزىنى،
توققۇز بۇلاق ھەل قىلىپ ئويغان.
ئەرك، ئىپپەت دىگەن تېمىنى،
دەل يەتتە قىز يازدۇرۇپ قويغان.

چىل بۆرىلەر تەڭلەپ كەلسە تىغ،
پەرزەنىت ئەمەس يۇرتىدىن تانغان.
ئەركەككە تەڭ يەتتە قىزى جىق،
سۆيۈملۈكتۇر شۇڭا ئۇچتۇرپان.
قۇزغۇنلارغا قەھرى ئوقيا-مىق،
يەتتە قىزدىن ۋاپا تۇغۇلغان.

ئەلنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش،
يەتتە قىزدىن ئۇدۇم روھ ئەسلى.
غورۇر ئۈچۈن يۇرتىدا ئۆلۈش،
تۆھمەتلەرنى چاقار،تەسەللى.
قەدىرلىمەي، قارىنى سۈرۈش،
نەسلى شەيتان ھايۋاننىڭ پەيلى.

يەتتە قىزنى تەرپلەپ تۇرسام،
بىر «دانىشمەن»كەتتى ئەزۋەيلەپ:
«ئىسيانچىدۇر ئەسلىدە ئۇقساڭ،
قالدى شۇڭا قەبرە چۆلدەرەپ.
قارىسى بار قازانغا يۇقساڭ،
مۇشۇنىمۇ بىلمەمسەن ئەجەپ؟!»

چۆچۈپ كەتتىم قىلغان سۆزىدىن،
ھەيران قالدىم پىچقان تونىغا.
شۇملۇق ياغار نۇرسىز كۆزىدىن،
بىر يالغاننى ئارتقاچ ئونىغا.
ماڭقۇرت ئىكەن سېپى ئۆزىدىن،
تۆھمەت ئوراپ يۈرەر بورىغا.

يەتتە قىزنىڭ مەقبەرىسى بار،
ئۇچتۇرپاننىڭ كۈنگەي غەربىدە.
ئىغۋالارنى ئېپ كەتمىگەچ ھار،
كۆكىرىدۇ باھار پەسلىدە.
ماختىماستىن تىللاپ سېسىتار،
ئۆز قەۋمىدىن چىقار ئەسلىدە.

يالغانلارنى توسمىغاچقا بىز،
قەبرىسىدە غېرىپ يەتتە قىز.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +4 ئىناۋەت +2 بايلىق +10 يىغىش سەۋەبى
ئوكيان + 4 + 2 + 10 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

تەۋسىيىلەش
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-15 14:04:11 | ئايرىم كۆرۈش
روھلان مۇنبىرىدىكى پىكىرداش دوستۇم، مۇنبىرىمىزنىڭ غوللۇق باشقۇرغۇچىسى  نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ ئەرزىمەس شېئىرىمغا بەرگەن باھاسىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم ھەم خىجىل بولدۇم.
سۆيۈنۈشۈمنىڭ سەۋەبى: يۇرتىمىزنىڭ پەخىرلىك قىزلىرى-يەتتە قىزلىرىم ھەققىدە دەسلەپكى قەدەمدە بولسىمۇ بىر پارچە ئەسەر يازالىدىم ھەم بۇنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم.
خىجىل بولىشىمنىڭ سەۋەبى: ھازىرقىدەك ئۆزىنىڭ سايىسىدىن ئۆزى ھۈركۈشكە كۆنۈپ كەتكەن  ۋاقىتتا، يۇرتىمىزدا ئۆزىنى " قەلەمكەش" دەپ ئاتىۋالغان نۇرغۇن قەلەمكەشلەرنىڭ " يەتتە قىزلىرىم" ھەققىدە قورقماي بىرەر ئەسەر يازمىغانلىقى، يازالمىغانلىقى بولدى. (مەنمۇ ئەلۋەتتە قاتارىدا بار)
مەن مۇنداق بىر ئېغىز سۆزنى بەك ئاڭلىغان:  " ئاقنى قارا دىگەنگە قارا بولۇپ كەتمىسىمۇ، قارامتۇل بولۇپ كۆرىنىدۇ."
يالغان گەپلەرنى تارقىتىپ ۋە ئىشىنىپ يۈرىدىغان شۇنداق تۇزكورلارغا ھەم ئاتالمىش " قەلەمكەشلەر" گە لەنەت.
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ سەمىمىيىتىگە يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر! ئامان بولۇڭ دوستۇم.

باھا سۆز

قوللايمەن: 5.0
قوللايمەن: 5
قالتىس تېما-قالتىس ئىنكاس!  ۋاقتى: 2015-2-16 17:35
ياشاپ كېتىڭ نۇرلان ئەپەندى. شۇ تاپتا قەلەم تۇتقان قولىڭىزغا يېنىشلاپ سۆيگۈم كىلۋاتىدۇ. ئاجايىپ ئىستىدات بىلەن يېزىلغان ئۇشبۇ شىئېرىڭىزنى قايتا ــ  قايتا ئوقۇپ ئۆزۈمدىن خىجىل بوپمۇ قالدىم.....
سىزدىكى قەلەم روھى ، سىزدىكى ئەدەبى ئىستىل مەن ئوقۇغان ھەم ماڭا تەسىر قىلغان قەلەمكەشلەر ئىچىدە كەم تېپىلدۇ. سىزدىكى تىل ئىشلىتىش ماھارىتىنى ئادەمنى راستىنلا قايىل قىلىدۇ. ئۆتكۈر كۈزىڭىز، سەگەك كاللىڭىز ، ئۇيغۇرچە سۈزۈك تەپەككۇرىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن. مومكىن بولسا ئۈندىدار ياكى تېلفۇن ئارقىلىق ئالاقىلىشپ سىز بىلەن يۈز تۇرانە كۈرۈشۈپ مەسلەكداش بولغۇم بار. تېلفۇن نومرۇم ئادىلجاندا بار. (ئېھتىيات ئۈچۈن بۇ يەردە قالدۇرمىدىم ) . چ چ نومرۇم ئارقىلىق ئۈندىدارغا قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ 1577130048.
سالامەت بولۇڭ نۇرلان ئەپەندى . قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەركەتلىك بولسۇن،
سۈيۈملۈك شائىرىمىز نۇرلان ئەپەندىنىڭ بۇ شىئېرى قانچە ئوقۇسا قانمىغۇدەك بىر شىئېر بوپتۇ. تېلفۇندا تورغا چىققان بولغاچقا نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى راۋان دىيەلمەي قالدىم . شۇ تاپتىكى ھاياجىنىمنى ئىپادىلەشكە تىلىم ئاجىز كەپ قېلۋاتىدۇ.
5-قەۋەت
ۋاقتى: 2015-2-15 14:45:54 | ئايرىم كۆرۈش
نۇرلان ئەپەندىنىڭ قەلەم قۇۋۋىتگە قايىلمەن ، .....
6-قەۋەت
ۋاقتى: 2015-2-15 17:40:26 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Maarip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 14:04  

ئۈچتۇرپان ناھىيىلىك 3- باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ شېئىرلىرىنى ھەقىقەتەن ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن جۇمۇ!
7-قەۋەت
ۋاقتى: 2015-2-15 18:33:18 | ئايرىم كۆرۈش
نۇرلان ئەپەندىنىڭ پاساھەتلىك سۆزلىرىگە تولغان بۇ شىئىرى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ، مەيلى سۆز ئىشلىتىش بولسۇن ، مەيلى شىئىرنىڭ لېرىكىلىق ھېسياتى بولسۇن ماڭا بەك يارىدى . بۇندىن كېيىنكى قەلەمىڭىزگە تېخىمۇ كۆپ بەرىكەتلەر يار بولغاي !
8-قەۋەت
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-15 19:17:53 | ئايرىم كۆرۈش
Maarip يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 17:40
ئۈچتۇرپان ناھىيىلىك 3- باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئەنۋەر مۇئ ...

مائارپ ئەپەندىم، ئالدى بىلەن ئىنكاس ئارقىلىق مېنى رىغبەتلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت.
سىز مېنىڭ خىزمەت ئورنۇم، ئىسمىمدىن تارتىپ بىلىدىكەنسىز، ئەجابا مەن سىزنى تونۇمايدىكەنمەن دىسە.
9-قەۋەت
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-15 19:19:15 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتاماننىڭ مېنى  ئىزچىل رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرغىنىغا، شۇنداقلا روھلاندىكى مۇنبەرداشلارنىڭ شېئىرلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت.

باھا سۆز

ئالدى بىلەن شېئىرىڭىزگە تەشەككۈر ئاندىن ھەقىقىي ئىسمىڭىزنى بىلىۋالدىم.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-15 21:08
10-قەۋەت
ۋاقتى: 2015-2-15 21:08:13 | ئايرىم كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 19:19
ئاتاماننىڭ مېنى  ئىزچىل رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرغىنىغا، شۇن ...

ئالدى بىلەن شېئىرىڭىزگە تەشەككۈر
ئاندىن ھەقىقىي ئىسمىڭىزنى بىلىۋالدىم.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

روھلان ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىڭ
كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-7-23 18:32

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش