روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 6490|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

شائېر روزى سايىت تەرجىمھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلىردا ئوقۇغان .شۇنىڭدىن كىيىن ئوننەچچە يىل دېھقانچىلىق ئەمگىگى بىلەن شۇغۇللانغان ، 1973-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا نىستىتوتىنىڭ تىل -ئەدەبىيات فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان.ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن ۋە لاڭرو يىزلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچسى بولۇپ ئىشلىگەن .1980-يىلدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە يېڭى قاشتېشى جورنىلدا مۇھەررىر بولغان . ) K' K' k9 j& a9 a2 K+ n4 Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

0 M4 j( I9 T# I% ?  F+ ]3 Wروزى سايىت 1973-يىلدىكى قەشقەر گېزتى دە ئېلان قىلىنغان دېھقانمۇ داشۆسىڭ بولدى ناملىق شىئېرى بىلەن ئىجادىيەت سېپگە كىرگەن . ھازىرغىچە ھەرقايسى گىزىت -جورناللاردا چۈشنامەقاتارلىق 12 پارچە داستان ۋە باللادىسى،1000پارچىدىن ئارتۇق شىئېرىۋە روبائىسى بارات يازغان ھىكايەقاتارلىق بىرقانچە بارچە ھىكايىسى ئەتەبەتۇل ھەقايىقنىڭ شىئېرى يەشمىسى ئۇيغۇر كىلاسسىك شىئېريىتدىكى شەكىللەر توغرىسدا قاتارلىق ئىلمى ماقالىللىرى ئېلان قىلنىپ، جامائەت .ئارسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى .قاشتېشنىڭ رىۋايىتىبۇقىز كىمنى تاللىسۇنمەرھابا ئاھ ،ئۇزاققا سوزۇلغان چۈش كۆڭۈلدىكى گەپلەر مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار روبائىيلار تۇيۇقلار خىيادىن تۆرەلگەن خىياللاردېھقان كۈلكىسى پاھ،دېھقاننىڭ ھەيكىلى قاتارلىق داستانۋە شىئېرلار توپلاملىرى ئېلان قىلىندى .روزى سايىتنىڭ يەنە ئاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە بۇخوتەن مەن خوتەن قىزىقاتارلىق يۈزلىگەن ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سېلنىپ ۋەتەننىڭ يىزا-سەھرالىرىدا ياڭرىماقتا .بىر قىسىم شىئېر،ھېكايىللىرى خەنزۇ تىلغا تەرجىمە قىلنىدى ۋە دەرىسلىكلەرگە كىرگۈزۈلدى .شائېرنىڭ دېھقان يىغلايدۇ چۈشنامە باللار پۇلغا زار چىرىكلەر بەدخەچبارات يازغان ھېكايە يىپەك يۇرتىدا نورۇز قاتارلىق داستان ،شىئېر ،ھېكايە ۋە تېلۋېزيە بەدئىي سەنئەت دىراممىللىرى ،بۇجاھان جاھان كەڭرى يول كەڭرىناملىق ناخشا تېكىستلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى مەملىكەت ،ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى .ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر شىئېرلىردىن تۈزۈلگەن دېھقان بولماق تەسناملىققاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشىر قىلنىپ نەچچە ئون مىڭ نۇسخا تارقىتىلدى .  . c1 Y! Z  z, Y3 M2 X5 L6 N3 ]! Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

. S0 q# |' z' o! N& k8 u, Iخەلق شائىرى روزى سايىت 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن خوتەن شەھرىدە ۋاپات بولدى .مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىللىرى ئىلمىي جەميتىنىڭ جوڭگو ئۇيغۇر مەدىنىيەت تارىخ ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ مۇدىريەت ئەزاسى ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق تىل يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ،ئاپتونۇم رايۇنلۇق 12 مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ئىدى . خەلىق شائىرى روزى سايىتنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتى ئۈچۈن زور يوقتۇش . شائېر مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ .......
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-2 14:11:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز رەھمەت
رۇزى سايىتنىڭ دىھقان ناملىق شېئىرنى تاپالماي ۋاتىمەن

باھا سۆز

توردىنلا ئېلىڭ http://item.taobao.com/item.htm?spm=a1z10.5-c.w4002-1128899254.21.1gKDo5&id=42271697511  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-7-14 18:48
ۋاقتى: 2015-7-14 18:48:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇبات0903 يوللىغان ۋاقتى  2015-7-14 00:47
. X1 N5 n# \& ~; b9 x5 \% Hرۇزى سايىتنىڭ دىھقان ناملىق شېئىرنى تاپالماي ۋاتىمەن

: k% V* n3 |7 g4 D5 {توردىنلا ئېلىڭ 8 w/ L$ l( x4 s& y. a: rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
http://item.taobao.com/item.htm? ... &id=42271697511

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 07:02

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش