روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2994|ئىنكاس: 13
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئەركەك ئۆلمەيدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-26 19:29  

ئەركەك ئۆلمەيدۇ

ئابدۇرېھىم ئابدۇۋەلى(ئاسۇق)


ئەركەك ئۆلمەيدۇ.....
كەتسىمۇ ئۆزى،
يۈرۈكى يانداشلار ئىز بېسىپ سۆزلەيدۇ.....

ئۇيغۇرنىڭ ئىپپىتىدىن ئويغانغان ياز بار.
ئۇيغۇرنىڭ قېنىدىن ياتلاشقان قان بار.
قېنى يوقلار قان  ئالسۇن قان ساتقانلاردىن.....

ئابدۇراھمان ئۇيغۇر ئىدى.
ئۇيغۇرچە ياشاپ
سۆزلەپ بەردى ئۇيغۇرچە ياشاشنىڭ نىمىلىكىنى....
ئابدۇراھمان كەتتى
ئۇ ئۈگەتتى ئەردەك ياشاشنى......

نۇزۈگۈم قان يىغلاپ غەليان قىلىدۇ
ئەر كەتتى!!!
ئەر كەتتى!!!
ئەر كەتتى!!!
بۇ پىغاننىڭ ساداسى قەيەرگە يەتتى؟؟؟
مەختۇمسۇلا چاچ يۇيالماس بولدى دەريادا،
سىيىت نوچى كۆتىرىپ يۈرمە ئەمدى ئۈلۈم خېتىڭنى.....

ئەركەكلىكنىڭ مەناسى نېمە؟
خوتۇن ئېلىشمۇ؟
بالا تېپىشمۇ؟
پاھىشلەرگە <<سالام>>بېرىشمۇ؟
ئابدۇراھمان ئەر ئىدى!!!
ياتلاشمىغان قېنى تېنىدىن،
ئەڭ سۈيۈملۈك ئەر ئىدى.....
ئون مىليۇن ئۇيغۇر
ئابدۇراھمان دەپ
ئېگىز كۆتىرىپ
ئاخرى يەنە يەرگە تاشلىدى....
بەلكىم
ئابدۇراھمان
نۆۋەت بەردى بىزگە .
سەنمۇ ئەردەك ياشاپ باق دېدى.
ئەمما بەكمۇ تېزلا ئۈتۈپ كەتتى ئۇنىڭ نۆۋىتى....
ئابدۇراھمان!!!
ئابدۇراھمان!!!
ئابدۇراھمان!!!
ئون مىليۇن ئەمەس
يۈز مىليۇن بولۇپ توۋلىساقمۇ كەلمەيدۇ ئەمدى......

ھەر بىر ئۇيغۇر ياش تۆككەن چاغدا،
بەلكىم ئابدۇراھمان-
مىيىقىدا كۈلۈپ قويىدۇ.
ئاجىز ئايالى
خوددى ئىگىسىز قالغان مەختۇمسۇلادەك،
ئىككى بالسى بىلەن
ئابدۇراھماننىڭ ئىڭىكىگە تېرەك قويىدۇ.
ئالغۇر بۈركۈتنى ئىزدەيدۇ
كاپ-كاپ كۈچۈكنى چاقىردۇ
ئارغىماققا قارايدۇ.......
ئەنە شۇ چاغدا يالماۋۇزمۇ يىتىپ كىلىدۇ.....
دەل شۇ پەيىتتە مىسران قېلىچ تۇتقان بىر ئەركەك
نەرە تارتىپ بويسۇندۇرسا ئاچكۆز يالماۋۇزنى
ئابدۇراھمان
رازىمەنلىك بىلەن
كۈزىنى يۇمىدۇ....
خاتېرجەم ئۇخلايدۇ......
خاتېرجەم ئۇخلايدۇ.....
مانا بۇ ھەقىقىقى ئۇيغۇرچە ئۇيقۇ.....
ئۇيغۇرچە ئۇيقۇ......


2015-يىلى 26-يانىۋار ئاقسۇ شەھەر ساجىڭزا(قۇمقۇدۇق)تا يېزىلدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +5 تەڭگە +5 يىغىش سەۋەبى
alxir + 5 + 5 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-26 14:25:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ئابدىراخمان بىزگە ھەقىقىي ئەرنىڭ قانداق ياشايدىغانلىقىنى تونۇتۇپ قويدى. نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ شېئىرى بىزگە ئابدۇراخماندەك ياشاش لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ قويدى.  قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن!
قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن! ھارمىغايسىز!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-26 23:28:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 23:26
قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن! ھارمىغايسىز!

رەھمەت ئايشەمگۈل . يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ مونبەردىن؟

باھا سۆز

ئەمدى بار مەن ئىنشائاللاھ. تەتىلگە چىقتۇق ئەمەسمۇ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-1-26 23:37
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 23:28
رەھمەت ئايشەمگۈل . يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ مونبەردىن؟

ئەمدى بار مەن ئىنشائاللاھ. تەتىلگە چىقتۇق ئەمەسمۇ.
ۋاقتى: 2015-1-27 00:52:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇراخمان ئابلىكىمدەك ئەزمەتلىرىمىز مىللىتىمىزنىڭ پەخىرى ئىدى، ئەپسۇس، بىز بۇ پەخىرلىك ئوغلانىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. شۇنداقتىمۇ مەيۈسلىنىشكە بالدۇرلۇق قىلىدۇ. چۈنكى، بىزگە ئابدۇراخمان ئۆز جاسارىتى، پىداكارلىقى ئارقىلىق قانداق ياشاشنى، نېمە قىلىشنى ئۆگىتىپ قويدى. بىز چوقۇم بۇ پالۋىنىمىزنىڭ روھىنى يۈلەنچۈك قىلىپ، ئۆزىمىزگە خاس جاسارەت بىلەن مەرھۇمنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلالايمىز.
ۋاقتى: 2015-1-27 00:52:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇراخمان ئابلىكىمدەك ئەزمەتلىرىمىز مىللىتىمىزنىڭ پەخىرى ئىدى، ئەپسۇس، بىز بۇ پەخىرلىك ئوغلانىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. شۇنداقتىمۇ مەيۈسلىنىشكە بالدۇرلۇق قىلىدۇ. چۈنكى، بىزگە ئابدۇراخمان ئۆز جاسارىتى، پىداكارلىقى ئارقىلىق قانداق ياشاشنى، نېمە قىلىشنى ئۆگىتىپ قويدى. بىز چوقۇم بۇ پالۋىنىمىزنىڭ روھىنى يۈلەنچۈك قىلىپ، ئۆزىمىزگە خاس جاسارەت بىلەن مەرھۇمنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلالايمىز.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-28 10:38:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 23:37
ئەمدى بار مەن ئىنشائاللاھ. تەتىلگە چىقتۇق ئەمەسمۇ.

ئايشەمگۈل بىلەن كەسىپداش ئىكەنمىز دە ئەسلى.
ۋاقتى: 2015-1-28 10:45:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 10:38
ئايشەمگۈل بىلەن كەسىپداش ئىكەنمىز دە ئەسلى.

ھې ھې... شۇنداق. كۆپرەك يول كۆرسىتەرسىلەر.
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
جام يوللىغان ۋاقتى  2015-1-27 00:52
ئابدۇراخمان ئابلىكىمدەك ئەزمەتلىرىمىز مىللىتىمىزنىڭ  ...

جام ئەپەندىنىڭ ھەر بىر ئىنكاسى ئادەمگە راھەت بېرىدۇ. رەھمەت سىزگە

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-11 11:26

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش