ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 2566 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!!
ئۈمىدسىزلىك ئىرادىنى سۇسلاشتۇرىدۇ !!!
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UIDنومۇر: 860
نادىر تېما: 7
يازما: 1356
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1356دانە
شۆھرىتى: 2542 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 32600 يۈەن
تۆھپە: 2457 قېتم
ياخشى باھا: 1749 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1008(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:13دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:1008 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:32 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:424 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:6 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-08-13
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-05
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-01 03:48

0
تېما:مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!!
يوللىغۇچى:nigar | يوللىغان ۋاقىت :2011-02-01 03:48 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:2566

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما sansiz0903 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-02-01)
مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!

CVp`G"W:
9b8ZOk'9_
ئاپتورى: نىگار
1d4?+[)gUv
_ قاراڭ رەناغا ، بۈگۈن ئۇ يېڭى كىيىم كېيىپتۇ ، ئۇ تۆنۈگۈن " ئەتە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ، دادام   تۇغۇلغان كۈنۈمگە ئاتاپ ئېلىپ بەرگەن كىيىمنى كېيىمەن " دېگەن ئىدى .  پارتىدىشىم گۇلنۇر مېنى تارتىپ رەنانى ئىما قىلدى ، مەن ئىشىكتىن مەغرۇر قەدەم تاشلاپ كېلىۋاتقان، ئۇچىسىغاچىرايلىق ، يارىشىملىق بىر قۇر يېڭى كىيىم كىيگەن رەناغا قارىدىم .   _<`j?$P
دەرۋەقە ئۇ بۈگۈن يېڭى كىيىم كىيگەنىدى . بۇ يېڭى كىيىم ئۇنىڭغا تۇلىمۇ ياراشقا بۇلۇپ ، ئۇنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىرەر قېتىم جاپا-مۇشەققەت تارتىپ باقمىغان، ھەمىشە  نۇرلۇق ،پارقىراپ تۇرىدىغان ئاپئاق يۈزىگە تۇلىمۇ ياراشقانىدى . يۈرۈكۈم ئىپادىلەپ  بەرگىسىز ئېچىشىپ كەتتى . مەن رەناغا تۇلىمۇ ھەۋەس قىلاتتىم.  ئۇنىڭ دادىسى چوڭ باشلىق ، ئاپىسىمۇ خېلى مەلۇماتلىق ئايال بولۇپ ئۇلارنىڭ  ئائىلە شارائىتى باشقا  ساۋاقداشلىرىمنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى .  كۆزۈم نۇرغۇن نوقتىلاردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ پۇتۇمدىكى ئاياغقا چۈشتى . بۇ ئاياغنى ئاپامغا بىر  خىزمەتدىشى " ئامىنەم ، بۇ ئاياغنى قىزىمغا بۇلتۇر ھېيتلىق ئېلىپ بەرگەن ئىدىم . بۇ يىل پەقەت   كىيگىلى ئۇنىمىدى . ياراتسىڭىز سىزگە بېرەي قىزىڭىز كېيىۋەتسۇن " دەپ بەرگەن ئاياغ ئىدى . مانا مەنمۇ بۇ ئاياغنى بىر يىل كىيدىم . يانلىرى يىرتىلىپ ، پۇتۇمدىن چۈشۈپ قالاي دېگەن ئىدى .  پۇتۇمدىكى يىرتىق ئاياغنى "بىرەرسى كۆرۈپ قالمىسۇن" دەپ پۇتۇمنى تېزلىكتە كەينىمگە تارتىۋالدىم  ۋە ئەتراپىمغا گۇمانلىق نەزىرىمدە قاراپ قويدۇم . ئۇھ ، بىرەرسىمۇ ماڭا ۋە پۇتۇمدىكى يىرتىق ئاياغقا سەپسالمىغان ئىدى . مانا دەرىسكە كىرگىلى يېرىم سائەت بولۇپ قالدى . بىراق كاللام پەقەت دەرىستە ئەمەس .كاللامدا رەنا كىيگەن چىرايلىق كېيىملەر ۋە ئۆزۈمنىڭ يىرتىق ئايىغى نامايەن بولماقتا . ئۆز-ئۆزۈمگە :" بۈگۈن ئۆيگە قايتىپ بېرىپ ، ئاپامغا چۇقۇم يېڭى ئاياغ ئېلىپ بېرىڭ دەيمەن " دەپ پىچىرلاپ قۇياتتىم . مەن تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن ۋاقىت يېتىپ كەلدى ، دەرىستىن چۈشۈپلا ئۇددۇل ئۆيگە قايتتىم . ئىشىكتىن كىرىشىمگە ئاپام :   38 Q>x
_ كېلىڭ بالام ، سۇيقاشنى تەييار قىلىپ تۇرغان ئىدىم . قۇلىڭىزنى يۇيۇپ، ئىسسىقىدا ئىچىۋېلىڭ .   VfK8')IXk
_ نېمە؟ يەنە سۇيقاش؟   Z Sj[GI
"سۇيقاش" دېگەننى ئاڭلاپلا ئاچچىقىم كېلىپ قالدى .   o&g0 1t
_ ئاپا، بىز كۈندە سۇيقاش ئىچىۋېرەمدۇق ؟ ھەپتىدە بىرەر قېتىم بولسىمۇ باشقىلارنىڭ ئۆيىدىكىلىرىدەك پولو ، لەغمەن ، كاۋا مانتىسى دېگەندەك تاماقلارنى ئېتىپ يەپ باقساق بولمامدۇ ؟   Z= P]UD
_ بالام، بۇ ئايدا ئالغان ئازغىنە مۇئاشىمنى دورا ئېلىپ خىراجەت قىلىپ بولغان . پۇلنى سەل تېجەپ  ئىشلەتمىسەك ، كېلەر ئايغىچە يەتمەيدۇ . كېلەر ئايلىق مۇئاشىمنى ئالغاندا… 8CR b6
_ بولدى، بولدى . سىز ھەر قىتىم شۇنداق دەيسىز ، بىراق ھەر ئايدا ئوخشاش… u|v2J/_5Y
مەن شۇنداق دېگىنىمچە سومكامنى كۆتۈرۈپ ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم . ئاپام كەينىمدىن ماڭا  ئۇسۇپ قويغان بىر چېنە سۇيقاشنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى ۋە يېنىمغا قۇيۇپ سۆز باشلاپ   \uT2)X( N
_ قىزىم ، بۇ ئايدا راستىنلا قولىمىز قىسقا بولۇپ قالدى . كېلەر ئايدا مەن سىزگە ياخشى تاماقلارنى قىلىپ  بېرەي . دادىڭىز رەھمەتلىك بولغان بولسا بۇ كۈنلەردىمۇ قالماس ئىدۇق ، سىزمۇ باشقا ساۋاقداشلىرىڭىز  ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالمايتىڭىز .   |yqL0x0\l
ئاپام كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى . ئۆزۈمنىڭ قىلغان گېپىمدىن خىجىل بولۇپ قالدىم . چېنىگە سېلىپ  قويغان قوشۇقنى قۇلۇمغا ئالدىم ۋە ئاپامغا قاراپ:   oCw>b]S
_ مەن... مەن خاتا گەپ قىلدىم ئاپا ، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ . مەن ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق  دېمەيمەن ak :Y<}
_ خاپا بولمىدىم قىزىم ، تامىقىڭىزنى تېزراق يەپ، ئۆگىنىشىڭىزنى قىلىپ ،بالدۇر ئارام ئېلىڭ . Hs}3c R}
_ ماقۇل ئاپا   |@6t"P]@
ئاپام چىقىپ كەتتى . ئاشنى غەمكىنلىك بىلەن ئىچمەكتىمەن . كۆڭلۈمدە يەنە " ئەمدى ئاياغ  ئېلىپ بېرىڭ دېيەلمەيدىغان بولدۇم . بۇ كونا ئاياغنى يەنە قانچە ئۇزۇن كېيەرمەن " دەيدىغان ئىدىيە ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى . ئاشنى ئېچىپ بولۇپ ،چېنىنى ئاپامغا ئەكىرىپ بېرىپ " ئۆگىنىش قىلىمەن" دەپ قۇيۇپ يېنىپ چىقتىم . ئالدىمغا بۈگۈن ئوقۇتقۇچىمىز بەرگەن تاپشۇرۇقنى ئېلىپ قويدۇم.  ئەمما پەقەت تاپشۇرۇق ئىشلىگۈم يوق ئىدى . يەنە خىيالغا كەتتىم . خىيال كەپتىرىم يەنە شۇ  يېڭى كىيىم ۋە كونا ئايىغىم ئۈستىگە قونغان ئىدى . قانچىلىك ئۇزۇن خىيال قىلغانلىقىمنى بىلمەيمەن .   ئاپامنىڭ " بالام ، بەك كەچ بولۇپ كەتتى .ئەمدى ئارام ئېلىڭ " دېگەن سۆزلىرىدىن ئەسلىمگە كەلدىم .كىتاپ، دەپتەرلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئورۇن سېلىپ ياتتىم . كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك  ئەمەس . ئۇيان ئۆرۈلۈپ بۇيان ئۆرۈلۈپ قايسى چاغلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن .   yK1@`3@?
ھەرخىل پۇسۇندىكى ئاياغلار ، كۆزلىرىم ئىمىر-چىمىر بولۇپ كەتتى. ئاپام :   `\}Ck1o
_ ئۆزىڭىز ياقتۇرغىنىڭىزنى تاللاڭ ، قىممەت بولۇپ كەتسىمۇ ئېلىپ بېرىمەن .   F$tshe(
قىممەت بولسىمۇ مەيلىما ، ئۇنداقتا بىزنىڭ سىنىپتىكى رەنا ئېلىپ كىيگەندەك ئاياغ ئېلىپ بېرىڭ . ئۇ ئاياغنىىڭ پاسۇنى بەك چىرايلىق ئىكەن .   !MTmG/^
-بوپتۇ بالام ، ئاشۇ پاسۇندىكى ئاياغنى ئېلىپ بېرەي .   zl a^j,
يېڭى ئاياغنى چىرايلىق سۇلياۋغا ئوراپ ، ئۆيگە قايتىپ ماڭدۇق .مۇشۇ تاپتا قەلبىم چەكسىز ھاياجانغا تولغان ئىدى . ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ، ئاياغنى پۇتۇمغا كېيىپ باقتىم . بۇ ئاياغ ماڭا شۇنچىلىك ياققان ئىدى . خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كېتىپتىمەن .ئاپام:   h83W;s
_بولدى سەكرىمەڭ بالام ، بۇ ئاياغنى ئەتە مەكتىپىڭىزگە كېيىپ بېرىڭ . بۇ ئاياغ سىزگە شۇنداق يارىشىپتۇ . ئاپامنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن تېخىمۇ خۇشال بولدۇم . ئاپام چىقىپ كېتىشى بىلەنلا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كىيمەي ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر قۇر كىيمىمنى ئالدىم . شۇنچىلىك ھاياجانلانماقتا ئىدىم . ئاياغنى قاپقا سېلىپ ، كىيمىمنى چىرايلىق قاتلاپ باش تەرىپىمگە ئېلىپ قۇيۇپ، ئورۇن سېلىپ ياتتىم . خۇشاللىقتىن قايسى چاغلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمىدىم .   wFe?0u
ئاپامنىڭ " تۇرۇڭ بالام ،ۋاخ بولۇپ كەتتى . مەكتەپكە كېچىكىپ قالماڭ يەنە " دېگەن سۆزلىرى شېرىن ئۇيقۇمنى بۇزدى . ئۇرنۇمدىن تۇرۇپلا ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتتۈم . ئاپام:   xtWwz}^8]
_ بالام ، بۇ سەھەردە نېمە ئىزدەۋاتىسىز ؟ بىرەر نەرسىڭىز يۈتۈپ كەتتىما ؟   "!g}Q*
_ ئايىقىمنى ئىزدەۋاتىمەن .   jTeHI|b
_ مانا ماۋۇ يەردە تۇرمامدۇ ؟   PLb[U(~
ئاپام يەردىكى بىر يىلدىن بۇيان كىيىپ كېلىۋاتقان ، كونا ئايىغىمنى ئىما قىلدى . مەن شۇندىلا ئاخشامقىنىڭ چۈشۈم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم . كۆڭلۈم يېرىم بولدى . ئاپام:   *eF'<._[U
_ بىرەر ئىش بولدىما بالام ؟ چىرايىڭىز باشقىچىلا بولۇپ قاپتۇ . مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟   Ha)Vf+W
_ ياق ، مەن ھېچنىمە بولمۇدۇم .   dvW2X
مەن ئاپامغا سۇسقىنە كۈلۈمسىرەپ قۇيۇپ ، ئورۇنۇمنى چاققانلىق بىلەن يىغدىم . يۈزۈمنى يۇيۇپ كىرىپ، ئاپام ئەتىگەنلىك خىزمەتكە چىقىشتىن بۇرۇن تەييارلاپ قويغان تاماقنى يەپ مەكتىپىمگە يول ئالدىم . كۆڭلۈم شۇنداق پەرىشان . " ئاخشام كۆرگۈنۈم ئوڭۇم بولۇپ قالسىچۇ ؟!" دەپ پىچىرلاپ قۇياتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە.   ^b;3Jj
سىنىپقا كىرىپلا رەنانى ئۇچراتتىم ، ئۇ ماڭا قاراپ سۇسقىنە كۈلۈمسىرەپ قويدى . بۇ سۇسقىنە كۈلۈمسىرەش خۇددىماڭا " قانداق ؟ سېنىڭ يېڭى كىيىملىرىڭ بارمۇ ؟ سەنمۇ مەندەك ئېسىل كىيىنىپ يۈرەلەمسەن ؟" دېگەندە تۇيغۇ بېرىپ تۇراتتى . كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى . بۇ بىر كۈننىمۇ شۇنداق پەرىشانلىق ئىلكىدە تەستە تاماملىدىم . دەرىستىن چۈشۈپلا ئۆيگە قاراپ ئۇچتۇم . تەلىيىمگە يارىشا ئاپام ئۆيدە ئىدى . ئاپام مېنى كۆرۈپ:   wni^qs.i@3
_ قورسىقىڭىز ئېچىپ كەتكەندۇ ؟ مەن ھازىرلا تاماق قىلاي . سىز تاماق پىشقىچە ئۆگىنىش قىلىپ تۇرۇڭ بالام .   kgv29j?k;
_ بۈگۈن تاپشۇرۇق كۆپ ئەمەس ، مەن سىزگە ياردەملىشەي .   !q8"Q t
ئاپام مەمنۇنلۇق ئارىلاش كۈلۈپ قويدى . ئىككىمىز پاراڭلىشىپ تاماقنى بىردەمدە تەييار قىلدۇق . كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ تاماقنى يەپمۇ بولدۇق . ئاپام مېنىڭ ئۆزىگە ياردەملەشكىنىمدىن بەكمۇ رازى بولدىمۇ ئەيتاۋۇر باشقىچە خۇشال كۆرۈنەتتى . پۇرسەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم دە ، ئاپامنىڭ يېنىغا كېلىپ :   yt4sg/] :
_ ئاپا بىزنىڭ سىنىپتىكى رەنا يېڭى كىيىم كىيىپتۇ ، ئۇ كىيىملەر ئۇنىڭغا شۇنداق يارىشىپتۇ . بالىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق داڭلىشىپ كەتتى .   ~p!=w#/
_ ئۇ قىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرى باي . شۇڭا دائىم يېڭى كىيىم كىيىپ تۇرىدۇ .   :#zVF[Y(2
ئاپامنىڭ گېپى تۇلۇق تۈگىمەستىنلا ، سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم .   \hO}3;*&
_ ئاپا سىزمۇ ماڭا يېڭى ئاياغ ئېلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ، پۇتۇمدىكى ئاياغ بەك يىرتىلىپ كەتتى. ھېلىمۇ بۇ ئاياغنى سالماي كېيىۋاتىمەن .   ZWb\^N
_ بالام ، ئايىغىڭىزنى مەن مەھەللە دوقمۇشىدىكى موزدۇزغا ئاپىرىپ يامىتىپ بېرەي . يەنە ئازراق ۋاقىت كېيىپ تۇرۇڭ   -\[&<o@/D
ئاپامنىڭ سۆزىنى يەنە بۆلىۋەتتىم .   XE`u
_ ئاپا،بۇ ئاياغنى ھېلىمۇ بەك كۆپ يامىتىپ كەتتۇق . ھازىر ياماق چۈشكىدەك جايلىرىمۇ قالمىدى. بۇ ئاياغنى باشقىلار كېيىپ ماڭا بەرگەن . مەنمۇ ئۇزۇن مەزگىل كىيدىم . بۇ ئاياغنى كىيىپ سىنىپقا كىرىشكىمۇ خىجىل بولۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم .   !F08F>@D
ئاپام ئۈن-تىنسىز يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى . مەن كۆڭلۈمدە " ئاپام چۇقۇم ماڭا ئاياغ ئېلىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ " دەپ ئويلىدىم . مەنمۇ ئۈن-تىنسىز يەرگە قاراپ ئولتۇردۇم . ئاپام ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ:   w gkY \Q
_ بالام ، يېنىمدا دورا ئېلىش ئۈچۈن ساقلاپ قويغان ئازغىنە پۇل بار . بۇ پۇلغا سىزگە ئاياغ ئېلىپ بەرسەم ، دورىغا پۇل قالمايدىكەن .   Ewa/6=]LA
مەن ئەمدە ئاۋازىمنى قۇيۇپ بېرىپ يىغلاشقا باشلىدىم .   D}/nE>*
_ باشقا بالىلار چىرايلىق كىيىنىپ يۇرۇيدىكەن.ئۇلارنىڭ ئاياغلىرى مېنىڭ ئايىغىمدەك يىرتىلىپ، كونىراپ كەتمەيدىكەن . كۈندە ئېسىل تاماقلارنى يەيدىكەن . مەنمۇ نېمىشقا ئاشۇنداق ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالمىغاندىمەن . بۇ ئائىلىدىن جاق تويدۇم! مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئىشىكنى قاتتىق يېپىۋىتىپ چىقىپ كەتتىم.كاللامدا "مەنمۇ باي ئائىلىنىڭ  بالىسى بولۇپ قالسام بوپتىكەن " دېگەن خىيال ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى .خىياللا ئىلكىدە يېتىپ  ئۇخلاپ قاپتىمەن .   m~`f0
ئاپامنىڭ بېشىمنى سىلىشىدىن ئۇيغۇنۇپ كەتتىم .ئاپام ماڭا: o(@^V!}V
_ تۇرۇڭ بالام ، بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنىڭىزكەن . سىزنى بازارغا ئاپىرىپ ئاياغ ئېلىپ بىرەي .   |HQFqa <
_ راستما ؟ راستىنلا ماڭا ئاياغ ئېلىپ بېرەمسىز ؟   9D@}(t !
ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قايتا-قايتا سورىدىم . ئاپام:   !U~S7h}
_ يېنىمدىكى پۇلغا سىزگە ئاياغ ئېلىپ بىرەي . دورىنى كېلەر ئايدا ئالارمەن .  ئاپام شۇنداق دېگىنىچە چىقىپ كەتتى . ئاخىرى يېڭى ئاياغقا ئىرىشىدىغان غەلبەمدىن تۇلىمۇ خۇشال بولدۇم ۋە تېزلىكتە ئىشلىرىمنى پۈتتۈرۈپ ئاپامنىڭ يېنىغا چىقتىم .  بىز مەھەللە دوقمۇشىغا چىقىپ، ئۈچ چاقلىق موتودىن بىرىگە كىرا قىلىپ ئاۋات بازارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق . پاھ ! دۇكاندىكى ئاياغلار بىر-بىرىدىن چىرايلىق ، پوسۇنلۇق ئىدى . مەن ئاخىر ئۆزۈمگە يارىغان پوسۇندىكى قارا رەڭلىك ئاياغدىن بىرنى سېتىۋالدىم . خۇشاللىقىم ئىچ-ئىچىمگە پاتمايلا قالغانىدى . يول بۇيى كەلگەچ خۇددى بىرسى بۇ ئاياغنى مەندىن تارتىۋالىدىغاندەك مەھكەم قۇچاقلاپ كەلدىم . ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا خۇشاللىقىمنى بىلدۈرۈپ ئاپامنىڭ مەڭزىگە بىرنى سۆيۈپ قويدۇم . ئەمما ئاپامنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، قۇلى بىلەن يۈرۈكىنى چىڭ بېسىۋالغان ئىدى. نېمە بولسا بولسۇن ، ئاخىر بىر يېڭى ئاياغلىق بولدۇم .  خۇشاللىقىمدىن ئاياققا بىر ھازا قارىۋېتىپ ئاندىن ئۇخلاش ئۈچۈن ئورنۇمغا كىرىپ ياتتىم .   }3 S6TJ+
بىر كەمدە ئويغۇنۇپ كەتتىم . تاڭ خېلى بەكلا يۇرۇپ بولغان ئىدى. كۆڭلۈمدە" بۈگۈنمۇ دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا ئاپام مېنى ئارام ئېلىۋالسۇن دەپ ئويغاتمىغان ئوخشايدۇ " دېگەنلەرنى  ئويلىغاچ ھويلىغا چىقتىم . ئاپام يول سۈپۈرۈش ئۈچۈن بىللە ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان سۈپۈرگىسى ئورنىدا تۇراتتى . بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىپ ئاپام ياتىدىغان ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردىم . ئاپام تېخى ئورنىدىن تۇرمىغان بولۇپ ، ياتقاندا تۈگۈلۈپ ياتاتتى . " تونۈگۈن چىرايى بىر قىسىملا بولۇپ قاپتىكەن . مېجەزى يوقمۇ نېمە ؟ " دېگەنلەرنى ئويلاپ قۇلۇمنى ئاپامنىڭ پىشانىسىگە تەككۈزدۈم . ئاپامنىڭ پىشانىسى شۇنداق مۇزلاپ كەتكەن ئىدى . قۇلۇمدا ياتقاننى قايرىپ يۈرۈكىنى چىڭ قاماللاپ تۇتىۋالغان ئاپامنىڭ قوللىرىنى تۇتتۇم . بۇ قوللارمۇ شۇنچىلىك مۇزلاپ كەتكەن ئىدى . ئاپامنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ ئويغاتماقچى بولدۇم . ئەمما ئاپامنىڭ قوللىرى قوللىرىمدىن چۈشۈپ كەتتى . ئاپامنىڭ كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان بولۇپ ، لىۋىنى چىڭ چىشلىۋالغانىدى.   N3&n"w _d
ئاپامنى ئاستا ئويغاتتىم . ئاپام يەنىلا مىدىرلىماي ياتاتتى . يۈرۈكۈم ئەنسىز سېلىپ كەتتى. ئاپامنى يەنە ئويغاتتىم . ئەمما ئاپام ئاللىبۇرۇن مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. ئۆزۈمنى ئاپامنىڭ ئۈستىگە تاشلىدىم . مەڭزىمنى ئاللىبۇرۇن سېزىمنى يۇقاتقان يۈزلىرىگە ياقتىم . مېنى كەچۈرۈڭ ئاپا !مەن قىزىڭىز گۇناھكار . مەن سىزنىڭ دورىڭىزنىڭ ئاللىقاچان تۈگەپ قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سىزگە "ئاياغ ئېلىپ بېرىڭ " دەپ خاپا سالدىم . ماڭا ئاياغ كىرەك ئەمەس . ماڭا سىز بولسىڭىزلا كۇپايە . مەن ئەسلىدىنمۇ دادىسى يوق يىتىم ئىدىم . ئەمدى سىزمۇ مېنى تاشلاپ كەتسىڭىز ، مەن قانداق ياشايمەن ئاپا . مەن بىر ئۆمۈر سىز ئەتكەن سۇيقاشنى ئىچىشكە رازى . ئەمدى سىزگە ھەرگىز جاپا سالمايمەن . ماڭا سىز كېرەك . مەن سىزسىز قانداقمۇ ياشاي . ئاپا مېنى تاشلاپ كەتمەڭ . سىزمۇ مېنى تاشلاپ كەتسىڭىز مەن باشقا بالىلار "ئاپا-دادا" دەپ چاقىرسا ئۇلارنىڭ ئاغزىغا قاراپ قالىمەن . دادىسى يوق يىتىمدىن ئاتا-ئانىس يوق قارا يىتىمگە ئايلىنىپ قالىمەن . ئاپا ، مېنى تاشلاپ كەتمەڭ !!!!   nT%<!/}!
مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!! ئاپا !!!!!
SAUG+{Uq
;f~z_3g
بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ خىل ژانىردىكى ئەسەر يېزىپ بېقىشىم .   3NlG,e'T2
نۇرغۇن كەمچىلىك ، نوقسانلار بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى تۇنجى قىتىمدىلا ھەر قانداق  ئىشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ كېتىشى ناتايىن . دوسىتلارنىڭ تەكلىپ -پىكىر بېرىپ  كەمچىلىكلىرىمنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەڭ يىڭى باھالاش ئەھۋالى:
• مۇنبەر پۇلى:+200(sansiz0903) نادىر تېما م ..
• كېچە ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ، بەرىبىر تاڭ ئاتىدۇ !!
كەلگەن جايى: چوققا
muhabbat
خەير،ھەممىدىن ۋاز كەچتىم!
دەرىجە: مۇنبەر مەسئۇلى

UIDنومۇر: 238
نادىر تېما: 14
يازما: 3651
ئۇنۋان:جان كۆيەر ھازىرغىچە3651دانە
شۆھرىتى: 3786 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 28543 يۈەن
تۆھپە: 3656 قېتم
ياخشى باھا: 2026 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 8320(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:40دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:8320 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:280 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:475 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:6 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-24
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-05
تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-01 12:07

ئۇچۇر قىلغان ئىكەنسىز. تېمىڭىزنى رەتلەپ قويدۇم. كومپيۇتىرىمغا كۆچۈرۈپ ۋورت ھۆججەت شەكلىدە رەتلىسەم مۇشۇنچىلىك بولدى. H:&|q+K=#
ئەمدى ئىككى ئېغىز باھايىمنى سۆزلەپ ئۆتەي... )4/227b/(
_'47yq^O
تۇنجى قېتىمدىلا مۇشۇنچىلىك ئەسەر يازغانلىقنىڭ ئۆزى سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىڭىز، تېمىدىكى "مەن"نىڭ ئوبرازى يارقىن چىقىپتۇ. سۆز-ئىبارىلەرمۇ ئاساسن ئۆز ئورنىنى تېپىپ ياخشى ئىشلىتىلىپتۇ. ئىملاسىدىمۇ ئاساسى جەھەتتىن خاتالىق يوق. تەھرىرلەش جەريانىدا تولۇق ئىككى قېتىم ئوقۇپ چىقىپتىمەن. كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىگىنىنى سەزمەيلا قاپتىمەن. |UZhMF4/-L
نادىر تېما بولسا مۇشۇنداق بولسا دەپ ئويلاپ قالدىم. نادىر تېمىلىرىڭىزنى ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ تۇرارسىز.

كەلگەن جايى: چوققا
dilxat
ئۈمىدسىزلىك ئىرادىنى سۇسلاشتۇرىدۇ !!!
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UIDنومۇر: 860
نادىر تېما: 7
يازما: 1356
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1356دانە
شۆھرىتى: 2542 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 32600 يۈەن
تۆھپە: 2457 قېتم
ياخشى باھا: 1749 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1008(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:13دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:1008 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:32 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:424 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:6 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-08-13
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-05
2 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-01 12:15

تېما:مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!!
يوللىغۇچى:nigar | يوللىغان ۋاقىت :2011-02-01 12:15 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:2566

سىزگە كۆپ رەھمەت سەنسىز ، سىزنى ئاۋارە قىلدىم . *l-(tp5
شۇنداق ياخشى رەتلىنىپتۇ . za^s%^:yK
بۇ ئەسەرنى كېچىدىن ئۇخلىماي دېگۈدەك يازغان ئىدىم . "T_OLegdK
مەنمۇ يېزىش جەريانىدا يىغلاپ كەتتىم . نېمە سەۋەپلىكىنى ~!w()v n
بىلمەيمەن . LBlaDw
بۇ قانداقتۇر مېنىڭ ياكى مەن تۇنۇيدىغان بىرەر دوستۇمنىڭ *qLOr6
سەزگۈرەشتىلىرى ئەمەس . پەقەت ئاخشام تاماق يەپ ئولتۇرۇپ qOKC2WD
تۇيۇقسىزلا كېلىپ قالغان ئىلھام . شۇڭا كېچىدىن قىينالساممۇ يېزىپ H...!c1M@
تاماملىدىم .

baxtax
كېچە ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ، بەرىبىر تاڭ ئاتىدۇ !!
كەلگەن جايى: چوققا
Ramizan
sぴYaoMaK丿NuR703
دەرىجە: مەستانە ئەزا
UIDنومۇر: 899
نادىر تېما: 0
يازما: 86
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە86دانە
شۆھرىتى: 141 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 3024 يۈەن
تۆھپە: 108 قېتم
ياخشى باھا: 89 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1197(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:15دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:1197 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:153 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:422 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:54 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-08-15
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-18
3 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-01 12:34

بەك ياخشى يىزىلىپتۇ..... قەلىمىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن.

نۇرئلى
كەلگەن جايى: چوققا
tv
دەرىجە: يېڭى ئەزا
UIDنومۇر: 4212
نادىر تېما: 0
يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ئەزا ھازىرغىچە7دانە
شۆھرىتى: 19 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 190 يۈەن
تۆھپە: 19 قېتم
ياخشى باھا: 10 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 455(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:9دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:455 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:85 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:256 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:228 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-01-28
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-02-25
4 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-01 13:11

تۇنجى قېتىملىق ئەسىرىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ، مۇبارەك بولسۇن !بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىشىڭىزنى ،كۆرۈشۈپ تۇرىشىمىزنى ئۈمىت قىلىمەن !!

ھاياتلىقنى قەدىرلەيلى !
كەلگەن جايى: چوققا
سەنلا بارسەن ئەي مەڭگۈلۈك زات!
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 2506
نادىر تېما: 7
يازما: 920
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە920دانە
شۆھرىتى: 1448 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 3104 يۈەن
تۆھپە: 1255 قېتم
ياخشى باھا: 477 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 7518(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:38دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:7518 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:272 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:325 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-11-20
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-11
5 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-01 15:00

بۇ ھىكايىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققانلىقىدىن سىزنى تەبرىكلەيمەن.كىشىنى تەسىرلەندۈرۈپ يىغلاتقىدەك ۋە مەڭگۈ ئىسىدە قالغىدەك ئەسەر بوپتۇ. SsIy;l
قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

قويىۋەتسەك يۇشۇرۇن ئاڭنى .
توپان بىزنى قىلىدۇ بەربات .
ياۋۇز
كەلگەن جايى: چوققا
قەسىەم ئىچمەيمەن، بىراق سۆزىمدىن يانمايمەن ...
دەرىجە: مەستانە ئەزا
UIDنومۇر: 4335
نادىر تېما: 0
يازما: 286
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە286دانە
شۆھرىتى: 309 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 3180 يۈەن
تۆھپە: 302 قېتم
ياخشى باھا: 17 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 2532(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:22دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:2532 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:218 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:252 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:142 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-02-01
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-05-27
6 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-01 16:17

ئەسىرىڭىز بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، سىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يارىتىشىڭىزنى تىلەيمەن.تىرىشىڭ دوستۇم.

سالامەت بۇلۇڭ!
كەلگەن جايى: چوققا
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
UIDنومۇر: 4127
نادىر تېما: 0
يازما: 12
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە12دانە
شۆھرىتى: 23 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 270 يۈەن
تۆھپە: 22 قېتم
ياخشى باھا: 11 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 183(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:5دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:183 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:17 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:259 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:251 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-01-25
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-02-02
7 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-01 19:14

تىپىكلىككە ۋە سەكرەتمىلىككە ئەھمىيەت بىرىش-ھېكايىچىلىقتىكى مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئۇل تېشى.تەكرارلىقتىن ۋە قۇرۇق ھەجىمدىن ساقلىنىڭ.

ھەقىقىي سۇئال-كىملىك ئىلىكى.
كەلگەن جايى: چوققا
ئۈمىدسىزلىك ئىرادىنى سۇسلاشتۇرىدۇ !!!
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UIDنومۇر: 860
نادىر تېما: 7
يازما: 1356
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1356دانە
شۆھرىتى: 2542 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 32600 يۈەن
تۆھپە: 2457 قېتم
ياخشى باھا: 1749 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1008(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:13دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:1008 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:32 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:424 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:6 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-08-13
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-05
8 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-01 21:28

نەقىل
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى juritiدە2011-02-01 19:14يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : 2"__jp:(
تىپىكلىككە ۋە سەكرەتمىلىككە ئەھمىيەت بىرىش-ھېكايىچىلىقتىكى مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئۇل تېشى.تەكرارلىقتىن ۋە قۇرۇق ھەجىمدىن ساقلىنىڭ. cK-!Evv
Rdnd|
(n`\b47
رەھمەت سىزگە !!!

كېچە ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ، بەرىبىر تاڭ ئاتىدۇ !!
كەلگەن جايى: چوققا
دۇنيا بىر كۈندۇر ئۇ بولسىمۇ بۈگۈن.
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 3881
نادىر تېما: 3
يازما: 896
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە896دانە
شۆھرىتى: 1548 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 14147 يۈەن
تۆھپە: 1396 قېتم
ياخشى باھا: 713 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 4824(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:30دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:4824 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:126 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:268 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:46 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-01-16
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-26
9 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-01 22:19

...نىگار،نىمانچە تەسىرلىك گەپلەرنى قىلدىڭىز؟؟؟ vc!S{4bN
ئۈزەممۇ تۇيمايلا يۈرىگىم يىغلىغاندەك بۇپ قاپتۇيا... O.4"h4{'
b\+|g9Tm
KW;xlJz(j
Mb9q<4
ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

ئۇۋا بۇزغاننىڭ ئۇۋىسى بولارمۇ ؟
كەلگەن جايى: چوققا
MUSLIM
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
UIDنومۇر: 4347
نادىر تېما: 0
يازما: 15
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە15دانە
شۆھرىتى: 27 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 260 يۈەن
تۆھپە: 26 قېتم
ياخشى باھا: 11 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 420(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:8دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:420 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:20 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:252 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:234 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-02-01
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-02-19
10 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-02 00:38

ياخشى يىزىپسز  تېخىمۇ  تىرىشىڭ؟

كەلگەن جايى: چوققا