ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
بۇ تېما 2621 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!!
ئۈمىدسىزلىك ئىرادىنى سۇسلاشتۇرىدۇ !!!
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UIDنومۇر: 860
نادىر تېما: 7
يازما: 1359
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1359دانە
شۆھرىتى: 2557 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 32750 يۈەن
تۆھپە: 2472 قېتم
ياخشى باھا: 1764 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1008(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:13دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:1008 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:32 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:453 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:17 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-08-13
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-24
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-01 03:48
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

0
تېما:مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!!
يوللىغۇچى:nigar | يوللىغان ۋاقىت :2011-02-01 03:48 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:2621

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما sansiz0903 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-02-01)
مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!
  
65>1f  
C=sEgtEI  
ئاپتورى: نىگار
G 5T{*  
_ قاراڭ رەناغا ، بۈگۈن ئۇ يېڭى كىيىم كېيىپتۇ ، ئۇ تۆنۈگۈن " ئەتە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ، دادام   تۇغۇلغان كۈنۈمگە ئاتاپ ئېلىپ بەرگەن كىيىمنى كېيىمەن " دېگەن ئىدى .  پارتىدىشىم گۇلنۇر مېنى تارتىپ رەنانى ئىما قىلدى ، مەن ئىشىكتىن مەغرۇر قەدەم تاشلاپ كېلىۋاتقان، ئۇچىسىغاچىرايلىق ، يارىشىملىق بىر قۇر يېڭى كىيىم كىيگەن رەناغا قارىدىم .   (9phRo)>  
دەرۋەقە ئۇ بۈگۈن يېڭى كىيىم كىيگەنىدى . بۇ يېڭى كىيىم ئۇنىڭغا تۇلىمۇ ياراشقا بۇلۇپ ، ئۇنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىرەر قېتىم جاپا-مۇشەققەت تارتىپ باقمىغان، ھەمىشە  نۇرلۇق ،پارقىراپ تۇرىدىغان ئاپئاق يۈزىگە تۇلىمۇ ياراشقانىدى . يۈرۈكۈم ئىپادىلەپ  بەرگىسىز ئېچىشىپ كەتتى . مەن رەناغا تۇلىمۇ ھەۋەس قىلاتتىم.  ئۇنىڭ دادىسى چوڭ باشلىق ، ئاپىسىمۇ خېلى مەلۇماتلىق ئايال بولۇپ ئۇلارنىڭ  ئائىلە شارائىتى باشقا  ساۋاقداشلىرىمنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى .  كۆزۈم نۇرغۇن نوقتىلاردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ پۇتۇمدىكى ئاياغقا چۈشتى . بۇ ئاياغنى ئاپامغا بىر  خىزمەتدىشى " ئامىنەم ، بۇ ئاياغنى قىزىمغا بۇلتۇر ھېيتلىق ئېلىپ بەرگەن ئىدىم . بۇ يىل پەقەت   كىيگىلى ئۇنىمىدى . ياراتسىڭىز سىزگە بېرەي قىزىڭىز كېيىۋەتسۇن " دەپ بەرگەن ئاياغ ئىدى . مانا مەنمۇ بۇ ئاياغنى بىر يىل كىيدىم . يانلىرى يىرتىلىپ ، پۇتۇمدىن چۈشۈپ قالاي دېگەن ئىدى .  پۇتۇمدىكى يىرتىق ئاياغنى "بىرەرسى كۆرۈپ قالمىسۇن" دەپ پۇتۇمنى تېزلىكتە كەينىمگە تارتىۋالدىم  ۋە ئەتراپىمغا گۇمانلىق نەزىرىمدە قاراپ قويدۇم . ئۇھ ، بىرەرسىمۇ ماڭا ۋە پۇتۇمدىكى يىرتىق ئاياغقا سەپسالمىغان ئىدى . مانا دەرىسكە كىرگىلى يېرىم سائەت بولۇپ قالدى . بىراق كاللام پەقەت دەرىستە ئەمەس .كاللامدا رەنا كىيگەن چىرايلىق كېيىملەر ۋە ئۆزۈمنىڭ يىرتىق ئايىغى نامايەن بولماقتا . ئۆز-ئۆزۈمگە :" بۈگۈن ئۆيگە قايتىپ بېرىپ ، ئاپامغا چۇقۇم يېڭى ئاياغ ئېلىپ بېرىڭ دەيمەن " دەپ پىچىرلاپ قۇياتتىم . مەن تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن ۋاقىت يېتىپ كەلدى ، دەرىستىن چۈشۈپلا ئۇددۇل ئۆيگە قايتتىم . ئىشىكتىن كىرىشىمگە ئاپام :   WkF60'Hf  
_ كېلىڭ بالام ، سۇيقاشنى تەييار قىلىپ تۇرغان ئىدىم . قۇلىڭىزنى يۇيۇپ، ئىسسىقىدا ئىچىۋېلىڭ .   'T7=.Hq<4  
_ نېمە؟ يەنە سۇيقاش؟   l0&Y",vy  
  "سۇيقاش" دېگەننى ئاڭلاپلا ئاچچىقىم كېلىپ قالدى .   NY,ZTl_  
_ ئاپا، بىز كۈندە سۇيقاش ئىچىۋېرەمدۇق ؟ ھەپتىدە بىرەر قېتىم بولسىمۇ باشقىلارنىڭ ئۆيىدىكىلىرىدەك پولو ، لەغمەن ، كاۋا مانتىسى دېگەندەك تاماقلارنى ئېتىپ يەپ باقساق بولمامدۇ ؟   dYn<L/#  
_ بالام، بۇ ئايدا ئالغان ئازغىنە مۇئاشىمنى دورا ئېلىپ خىراجەت قىلىپ بولغان . پۇلنى سەل تېجەپ  ئىشلەتمىسەك ، كېلەر ئايغىچە يەتمەيدۇ . كېلەر ئايلىق مۇئاشىمنى ئالغاندا… W|yF jE&dr  
_ بولدى، بولدى . سىز ھەر قىتىم شۇنداق دەيسىز ، بىراق ھەر ئايدا ئوخشاش… 'Wv`^{y <^  
  مەن شۇنداق دېگىنىمچە سومكامنى كۆتۈرۈپ ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم . ئاپام كەينىمدىن ماڭا  ئۇسۇپ قويغان بىر چېنە سۇيقاشنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى ۋە يېنىمغا قۇيۇپ سۆز باشلاپ   m,"N 4a@  
_ قىزىم ، بۇ ئايدا راستىنلا قولىمىز قىسقا بولۇپ قالدى . كېلەر ئايدا مەن سىزگە ياخشى تاماقلارنى قىلىپ  بېرەي . دادىڭىز رەھمەتلىك بولغان بولسا بۇ كۈنلەردىمۇ قالماس ئىدۇق ، سىزمۇ باشقا ساۋاقداشلىرىڭىز  ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالمايتىڭىز .   Q~y) V  
ئاپام كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى . ئۆزۈمنىڭ قىلغان گېپىمدىن خىجىل بولۇپ قالدىم . چېنىگە سېلىپ  قويغان قوشۇقنى قۇلۇمغا ئالدىم ۋە ئاپامغا قاراپ:   B'kV.3t  
_ مەن... مەن خاتا گەپ قىلدىم ئاپا ، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ . مەن ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق  دېمەيمەن XP |qY1  
_ خاپا بولمىدىم قىزىم ، تامىقىڭىزنى تېزراق يەپ، ئۆگىنىشىڭىزنى قىلىپ ،بالدۇر ئارام ئېلىڭ . &{5v[:$  
    _ ماقۇل ئاپا   Ol@ssm  
ئاپام چىقىپ كەتتى . ئاشنى غەمكىنلىك بىلەن ئىچمەكتىمەن . كۆڭلۈمدە يەنە " ئەمدى ئاياغ  ئېلىپ بېرىڭ دېيەلمەيدىغان بولدۇم . بۇ كونا ئاياغنى يەنە قانچە ئۇزۇن كېيەرمەن " دەيدىغان ئىدىيە ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى . ئاشنى ئېچىپ بولۇپ ،چېنىنى ئاپامغا ئەكىرىپ بېرىپ " ئۆگىنىش قىلىمەن" دەپ قۇيۇپ يېنىپ چىقتىم . ئالدىمغا بۈگۈن ئوقۇتقۇچىمىز بەرگەن تاپشۇرۇقنى ئېلىپ قويدۇم.  ئەمما پەقەت تاپشۇرۇق ئىشلىگۈم يوق ئىدى . يەنە خىيالغا كەتتىم . خىيال كەپتىرىم يەنە شۇ  يېڭى كىيىم ۋە كونا ئايىغىم ئۈستىگە قونغان ئىدى . قانچىلىك ئۇزۇن خىيال قىلغانلىقىمنى بىلمەيمەن .   ئاپامنىڭ " بالام ، بەك كەچ بولۇپ كەتتى .ئەمدى ئارام ئېلىڭ " دېگەن سۆزلىرىدىن ئەسلىمگە كەلدىم .كىتاپ، دەپتەرلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئورۇن سېلىپ ياتتىم . كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك  ئەمەس . ئۇيان ئۆرۈلۈپ بۇيان ئۆرۈلۈپ قايسى چاغلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن .   ,e{|[k  
ھەرخىل پۇسۇندىكى ئاياغلار ، كۆزلىرىم ئىمىر-چىمىر بولۇپ كەتتى. ئاپام :   [JzOsi~R  
_ ئۆزىڭىز ياقتۇرغىنىڭىزنى تاللاڭ ، قىممەت بولۇپ كەتسىمۇ ئېلىپ بېرىمەن .   c'XvZNf .C  
قىممەت بولسىمۇ مەيلىما ، ئۇنداقتا بىزنىڭ سىنىپتىكى رەنا ئېلىپ كىيگەندەك ئاياغ ئېلىپ بېرىڭ . ئۇ ئاياغنىىڭ پاسۇنى بەك چىرايلىق ئىكەن .   M;$LB@h  
-بوپتۇ بالام ، ئاشۇ پاسۇندىكى ئاياغنى ئېلىپ بېرەي .   y. A]un1  
يېڭى ئاياغنى چىرايلىق سۇلياۋغا ئوراپ ، ئۆيگە قايتىپ ماڭدۇق .مۇشۇ تاپتا قەلبىم چەكسىز ھاياجانغا تولغان ئىدى . ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ، ئاياغنى پۇتۇمغا كېيىپ باقتىم . بۇ ئاياغ ماڭا شۇنچىلىك ياققان ئىدى . خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كېتىپتىمەن .ئاپام:   |vI1C5e  
_بولدى سەكرىمەڭ بالام ، بۇ ئاياغنى ئەتە مەكتىپىڭىزگە كېيىپ بېرىڭ . بۇ ئاياغ سىزگە شۇنداق يارىشىپتۇ . ئاپامنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن تېخىمۇ خۇشال بولدۇم . ئاپام چىقىپ كېتىشى بىلەنلا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كىيمەي ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر قۇر كىيمىمنى ئالدىم . شۇنچىلىك ھاياجانلانماقتا ئىدىم . ئاياغنى قاپقا سېلىپ ، كىيمىمنى چىرايلىق قاتلاپ باش تەرىپىمگە ئېلىپ قۇيۇپ، ئورۇن سېلىپ ياتتىم . خۇشاللىقتىن قايسى چاغلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمىدىم .   1vG]-T3VC  
ئاپامنىڭ " تۇرۇڭ بالام ،ۋاخ بولۇپ كەتتى . مەكتەپكە كېچىكىپ قالماڭ يەنە " دېگەن سۆزلىرى شېرىن ئۇيقۇمنى بۇزدى . ئۇرنۇمدىن تۇرۇپلا ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتتۈم . ئاپام:   YO3$I!(  
_ بالام ، بۇ سەھەردە نېمە ئىزدەۋاتىسىز ؟ بىرەر نەرسىڭىز يۈتۈپ كەتتىما ؟   <8SRt-Cr  
_ ئايىقىمنى ئىزدەۋاتىمەن .   33*NgQ;&~'  
_ مانا ماۋۇ يەردە تۇرمامدۇ ؟   M.(shIu!+  
ئاپام يەردىكى بىر يىلدىن بۇيان كىيىپ كېلىۋاتقان ، كونا ئايىغىمنى ئىما قىلدى . مەن شۇندىلا ئاخشامقىنىڭ چۈشۈم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم . كۆڭلۈم يېرىم بولدى . ئاپام:   YcQ3 :i  
_ بىرەر ئىش بولدىما بالام ؟ چىرايىڭىز باشقىچىلا بولۇپ قاپتۇ . مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟   ?u)[xEx6}+  
_ ياق ، مەن ھېچنىمە بولمۇدۇم .   yE80*C~d  
مەن ئاپامغا سۇسقىنە كۈلۈمسىرەپ قۇيۇپ ، ئورۇنۇمنى چاققانلىق بىلەن يىغدىم . يۈزۈمنى يۇيۇپ كىرىپ، ئاپام ئەتىگەنلىك خىزمەتكە چىقىشتىن بۇرۇن تەييارلاپ قويغان تاماقنى يەپ مەكتىپىمگە يول ئالدىم . كۆڭلۈم شۇنداق پەرىشان . " ئاخشام كۆرگۈنۈم ئوڭۇم بولۇپ قالسىچۇ ؟!" دەپ پىچىرلاپ قۇياتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە.   $d +n},[C{  
سىنىپقا كىرىپلا رەنانى ئۇچراتتىم ، ئۇ ماڭا قاراپ سۇسقىنە كۈلۈمسىرەپ قويدى . بۇ سۇسقىنە كۈلۈمسىرەش خۇددىماڭا " قانداق ؟ سېنىڭ يېڭى كىيىملىرىڭ بارمۇ ؟ سەنمۇ مەندەك ئېسىل كىيىنىپ يۈرەلەمسەن ؟" دېگەندە تۇيغۇ بېرىپ تۇراتتى . كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى . بۇ بىر كۈننىمۇ شۇنداق پەرىشانلىق ئىلكىدە تەستە تاماملىدىم . دەرىستىن چۈشۈپلا ئۆيگە قاراپ ئۇچتۇم . تەلىيىمگە يارىشا ئاپام ئۆيدە ئىدى . ئاپام مېنى كۆرۈپ:   xwm-)~L4T  
_ قورسىقىڭىز ئېچىپ كەتكەندۇ ؟ مەن ھازىرلا تاماق قىلاي . سىز تاماق پىشقىچە ئۆگىنىش قىلىپ تۇرۇڭ بالام .   L2Z9g`>  
_ بۈگۈن تاپشۇرۇق كۆپ ئەمەس ، مەن سىزگە ياردەملىشەي .   Bv)4YU  
ئاپام مەمنۇنلۇق ئارىلاش كۈلۈپ قويدى . ئىككىمىز پاراڭلىشىپ تاماقنى بىردەمدە تەييار قىلدۇق . كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ تاماقنى يەپمۇ بولدۇق . ئاپام مېنىڭ ئۆزىگە ياردەملەشكىنىمدىن بەكمۇ رازى بولدىمۇ ئەيتاۋۇر باشقىچە خۇشال كۆرۈنەتتى . پۇرسەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم دە ، ئاپامنىڭ يېنىغا كېلىپ :   Y >N`(  
_ ئاپا بىزنىڭ سىنىپتىكى رەنا يېڭى كىيىم كىيىپتۇ ، ئۇ كىيىملەر ئۇنىڭغا شۇنداق يارىشىپتۇ . بالىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق داڭلىشىپ كەتتى .   vA(')"DDT  
_ ئۇ قىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرى باي . شۇڭا دائىم يېڭى كىيىم كىيىپ تۇرىدۇ .   LM~,`#3 Ru  
ئاپامنىڭ گېپى تۇلۇق تۈگىمەستىنلا ، سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم .   [8b,}i 1  
_ ئاپا سىزمۇ ماڭا يېڭى ئاياغ ئېلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ، پۇتۇمدىكى ئاياغ بەك يىرتىلىپ كەتتى. ھېلىمۇ بۇ ئاياغنى سالماي كېيىۋاتىمەن .   ju@5Dh  
_ بالام ، ئايىغىڭىزنى مەن مەھەللە دوقمۇشىدىكى موزدۇزغا ئاپىرىپ يامىتىپ بېرەي . يەنە ئازراق ۋاقىت كېيىپ تۇرۇڭ   G ]T A7~VT  
ئاپامنىڭ سۆزىنى يەنە بۆلىۋەتتىم .   >~% _U+6  
_ ئاپا،بۇ ئاياغنى ھېلىمۇ بەك كۆپ يامىتىپ كەتتۇق . ھازىر ياماق چۈشكىدەك جايلىرىمۇ قالمىدى. بۇ ئاياغنى باشقىلار كېيىپ ماڭا بەرگەن . مەنمۇ ئۇزۇن مەزگىل كىيدىم . بۇ ئاياغنى كىيىپ سىنىپقا كىرىشكىمۇ خىجىل بولۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم .   /JOEnQ5X\!  
ئاپام ئۈن-تىنسىز يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى . مەن كۆڭلۈمدە " ئاپام چۇقۇم ماڭا ئاياغ ئېلىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ " دەپ ئويلىدىم . مەنمۇ ئۈن-تىنسىز يەرگە قاراپ ئولتۇردۇم . ئاپام ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ:   h>l  
_ بالام ، يېنىمدا دورا ئېلىش ئۈچۈن ساقلاپ قويغان ئازغىنە پۇل بار . بۇ پۇلغا سىزگە ئاياغ ئېلىپ بەرسەم ، دورىغا پۇل قالمايدىكەن .   q%/ciPgE  
مەن ئەمدە ئاۋازىمنى قۇيۇپ بېرىپ يىغلاشقا باشلىدىم .   9m:qQ1[\  
_ باشقا بالىلار چىرايلىق كىيىنىپ يۇرۇيدىكەن.ئۇلارنىڭ ئاياغلىرى مېنىڭ ئايىغىمدەك يىرتىلىپ، كونىراپ كەتمەيدىكەن . كۈندە ئېسىل تاماقلارنى يەيدىكەن . مەنمۇ نېمىشقا ئاشۇنداق ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالمىغاندىمەن . بۇ ئائىلىدىن جاق تويدۇم! مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئىشىكنى قاتتىق يېپىۋىتىپ چىقىپ كەتتىم.كاللامدا "مەنمۇ باي ئائىلىنىڭ  بالىسى بولۇپ قالسام بوپتىكەن " دېگەن خىيال ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى .خىياللا ئىلكىدە يېتىپ  ئۇخلاپ قاپتىمەن .   NyJ=^=F#  
ئاپامنىڭ بېشىمنى سىلىشىدىن ئۇيغۇنۇپ كەتتىم .ئاپام ماڭا: NVFgRJ&  
_ تۇرۇڭ بالام ، بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنىڭىزكەن . سىزنى بازارغا ئاپىرىپ ئاياغ ئېلىپ بىرەي .   SLiQHWw*J  
_ راستما ؟ راستىنلا ماڭا ئاياغ ئېلىپ بېرەمسىز ؟   /^ d!$v  
ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قايتا-قايتا سورىدىم . ئاپام:   KLc<c1BZ  
_ يېنىمدىكى پۇلغا سىزگە ئاياغ ئېلىپ بىرەي . دورىنى كېلەر ئايدا ئالارمەن .  ئاپام شۇنداق دېگىنىچە چىقىپ كەتتى . ئاخىرى يېڭى ئاياغقا ئىرىشىدىغان غەلبەمدىن تۇلىمۇ خۇشال بولدۇم ۋە تېزلىكتە ئىشلىرىمنى پۈتتۈرۈپ ئاپامنىڭ يېنىغا چىقتىم .  بىز مەھەللە دوقمۇشىغا چىقىپ، ئۈچ چاقلىق موتودىن بىرىگە كىرا قىلىپ ئاۋات بازارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق . پاھ ! دۇكاندىكى ئاياغلار بىر-بىرىدىن چىرايلىق ، پوسۇنلۇق ئىدى . مەن ئاخىر ئۆزۈمگە يارىغان پوسۇندىكى قارا رەڭلىك ئاياغدىن بىرنى سېتىۋالدىم . خۇشاللىقىم ئىچ-ئىچىمگە پاتمايلا قالغانىدى . يول بۇيى كەلگەچ خۇددى بىرسى بۇ ئاياغنى مەندىن تارتىۋالىدىغاندەك مەھكەم قۇچاقلاپ كەلدىم . ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا خۇشاللىقىمنى بىلدۈرۈپ ئاپامنىڭ مەڭزىگە بىرنى سۆيۈپ قويدۇم . ئەمما ئاپامنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، قۇلى بىلەن يۈرۈكىنى چىڭ بېسىۋالغان ئىدى. نېمە بولسا بولسۇن ، ئاخىر بىر يېڭى ئاياغلىق بولدۇم .  خۇشاللىقىمدىن ئاياققا بىر ھازا قارىۋېتىپ ئاندىن ئۇخلاش ئۈچۈن ئورنۇمغا كىرىپ ياتتىم .   tvC7LLNP<  
بىر كەمدە ئويغۇنۇپ كەتتىم . تاڭ خېلى بەكلا يۇرۇپ بولغان ئىدى. كۆڭلۈمدە" بۈگۈنمۇ دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا ئاپام مېنى ئارام ئېلىۋالسۇن دەپ ئويغاتمىغان ئوخشايدۇ " دېگەنلەرنى  ئويلىغاچ ھويلىغا چىقتىم . ئاپام يول سۈپۈرۈش ئۈچۈن بىللە ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان سۈپۈرگىسى ئورنىدا تۇراتتى . بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىپ ئاپام ياتىدىغان ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردىم . ئاپام تېخى ئورنىدىن تۇرمىغان بولۇپ ، ياتقاندا تۈگۈلۈپ ياتاتتى . " تونۈگۈن چىرايى بىر قىسىملا بولۇپ قاپتىكەن . مېجەزى يوقمۇ نېمە ؟ " دېگەنلەرنى ئويلاپ قۇلۇمنى ئاپامنىڭ پىشانىسىگە تەككۈزدۈم . ئاپامنىڭ پىشانىسى شۇنداق مۇزلاپ كەتكەن ئىدى . قۇلۇمدا ياتقاننى قايرىپ يۈرۈكىنى چىڭ قاماللاپ تۇتىۋالغان ئاپامنىڭ قوللىرىنى تۇتتۇم . بۇ قوللارمۇ شۇنچىلىك مۇزلاپ كەتكەن ئىدى . ئاپامنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ ئويغاتماقچى بولدۇم . ئەمما ئاپامنىڭ قوللىرى قوللىرىمدىن چۈشۈپ كەتتى . ئاپامنىڭ كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان بولۇپ ، لىۋىنى چىڭ چىشلىۋالغانىدى.   |c]Y1WwDx  
ئاپامنى ئاستا ئويغاتتىم . ئاپام يەنىلا مىدىرلىماي ياتاتتى . يۈرۈكۈم ئەنسىز سېلىپ كەتتى. ئاپامنى يەنە ئويغاتتىم . ئەمما ئاپام ئاللىبۇرۇن مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. ئۆزۈمنى ئاپامنىڭ ئۈستىگە تاشلىدىم . مەڭزىمنى ئاللىبۇرۇن سېزىمنى يۇقاتقان يۈزلىرىگە ياقتىم . مېنى كەچۈرۈڭ ئاپا !مەن قىزىڭىز گۇناھكار . مەن سىزنىڭ دورىڭىزنىڭ ئاللىقاچان تۈگەپ قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سىزگە "ئاياغ ئېلىپ بېرىڭ " دەپ خاپا سالدىم . ماڭا ئاياغ كىرەك ئەمەس . ماڭا سىز بولسىڭىزلا كۇپايە . مەن ئەسلىدىنمۇ دادىسى يوق يىتىم ئىدىم . ئەمدى سىزمۇ مېنى تاشلاپ كەتسىڭىز ، مەن قانداق ياشايمەن ئاپا . مەن بىر ئۆمۈر سىز ئەتكەن سۇيقاشنى ئىچىشكە رازى . ئەمدى سىزگە ھەرگىز جاپا سالمايمەن . ماڭا سىز كېرەك . مەن سىزسىز قانداقمۇ ياشاي . ئاپا مېنى تاشلاپ كەتمەڭ . سىزمۇ مېنى تاشلاپ كەتسىڭىز مەن باشقا بالىلار "ئاپا-دادا" دەپ چاقىرسا ئۇلارنىڭ ئاغزىغا قاراپ قالىمەن . دادىسى يوق يىتىمدىن ئاتا-ئانىس يوق قارا يىتىمگە ئايلىنىپ قالىمەن . ئاپا ، مېنى تاشلاپ كەتمەڭ !!!!   u/D=&"tL  
مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!! ئاپا !!!!!
xVh-Mx+M  
-9 AI@^q  
بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ خىل ژانىردىكى ئەسەر يېزىپ بېقىشىم .   ^c9~~m16+  
نۇرغۇن كەمچىلىك ، نوقسانلار بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى تۇنجى قىتىمدىلا ھەر قانداق  ئىشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ كېتىشى ناتايىن . دوسىتلارنىڭ تەكلىپ -پىكىر بېرىپ  كەمچىلىكلىرىمنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەڭ يىڭى باھالاش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+200(sansiz0903) نادىر تېما م ..
  • كېچە ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ، بەرىبىر تاڭ ئاتىدۇ !!
    كەلگەن جايى: چوققا
    tv
    سەنلا بارسەن ئەي مەڭگۈلۈك زات!
    دەرىجە: باشقۇرغۇچى

    UIDنومۇر: 2506
    نادىر تېما: 7
    يازما: 967
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە967دانە
    شۆھرىتى: 1723 قېتم
    مۇنبەر پۇلى: 5851 يۈەن
    تۆھپە: 1530 قېتم
    ياخشى باھا: 752 قېتىم
    تورىدكى ۋاقىت: 7726(سائەت)
    دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:38دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:7726 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:64 سائەت قالدى.
    تىزىملاتقىنىغا:354 كۈن بولدى
    كىرمىگىنىگە:0 كۈن
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-11-20
    ئاخىرقى كىرگەن: 2011-11-10
    تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-01 15:00
    ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

    بۇ ھىكايىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققانلىقىدىن سىزنى تەبرىكلەيمەن.كىشىنى تەسىرلەندۈرۈپ يىغلاتقىدەك ۋە مەڭگۈ ئىسىدە قالغىدەك ئەسەر بوپتۇ. T/^ /U6JB  
    قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.


    قىزلارنى سۆيگەندەك سۆيسەڭ ۋەتەننى.
    ۋەتەننىڭ كۆكسىدە كۆكلەر ئىدى باغ.
    ۋەتەننى سۆيگەندەك سۆيگەن بىلەنمۇ،
    قىزلارنىڭ قەلبىدە قالدى قارا داغ
    كەلگەن جايى: چوققا