ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
بۇ تېما 2617 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!!
ئۈمىدسىزلىك ئىرادىنى سۇسلاشتۇرىدۇ !!!
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UIDنومۇر: 860
نادىر تېما: 7
يازما: 1359
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1359دانە
شۆھرىتى: 2557 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 32750 يۈەن
تۆھپە: 2472 قېتم
ياخشى باھا: 1764 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1008(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:13دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:1008 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:32 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:453 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:17 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-08-13
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-24
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-01 03:48
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

0
تېما:مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!!
يوللىغۇچى:nigar | يوللىغان ۋاقىت :2011-02-01 03:48 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:2617

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما sansiz0903 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-02-01)
مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!
  
K3^2R-3:8  
n6}1{\  
ئاپتورى: نىگار
%XeU4yg\e  
_ قاراڭ رەناغا ، بۈگۈن ئۇ يېڭى كىيىم كېيىپتۇ ، ئۇ تۆنۈگۈن " ئەتە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ، دادام   تۇغۇلغان كۈنۈمگە ئاتاپ ئېلىپ بەرگەن كىيىمنى كېيىمەن " دېگەن ئىدى .  پارتىدىشىم گۇلنۇر مېنى تارتىپ رەنانى ئىما قىلدى ، مەن ئىشىكتىن مەغرۇر قەدەم تاشلاپ كېلىۋاتقان، ئۇچىسىغاچىرايلىق ، يارىشىملىق بىر قۇر يېڭى كىيىم كىيگەن رەناغا قارىدىم .   7>LhXC  
دەرۋەقە ئۇ بۈگۈن يېڭى كىيىم كىيگەنىدى . بۇ يېڭى كىيىم ئۇنىڭغا تۇلىمۇ ياراشقا بۇلۇپ ، ئۇنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىرەر قېتىم جاپا-مۇشەققەت تارتىپ باقمىغان، ھەمىشە  نۇرلۇق ،پارقىراپ تۇرىدىغان ئاپئاق يۈزىگە تۇلىمۇ ياراشقانىدى . يۈرۈكۈم ئىپادىلەپ  بەرگىسىز ئېچىشىپ كەتتى . مەن رەناغا تۇلىمۇ ھەۋەس قىلاتتىم.  ئۇنىڭ دادىسى چوڭ باشلىق ، ئاپىسىمۇ خېلى مەلۇماتلىق ئايال بولۇپ ئۇلارنىڭ  ئائىلە شارائىتى باشقا  ساۋاقداشلىرىمنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى .  كۆزۈم نۇرغۇن نوقتىلاردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ پۇتۇمدىكى ئاياغقا چۈشتى . بۇ ئاياغنى ئاپامغا بىر  خىزمەتدىشى " ئامىنەم ، بۇ ئاياغنى قىزىمغا بۇلتۇر ھېيتلىق ئېلىپ بەرگەن ئىدىم . بۇ يىل پەقەت   كىيگىلى ئۇنىمىدى . ياراتسىڭىز سىزگە بېرەي قىزىڭىز كېيىۋەتسۇن " دەپ بەرگەن ئاياغ ئىدى . مانا مەنمۇ بۇ ئاياغنى بىر يىل كىيدىم . يانلىرى يىرتىلىپ ، پۇتۇمدىن چۈشۈپ قالاي دېگەن ئىدى .  پۇتۇمدىكى يىرتىق ئاياغنى "بىرەرسى كۆرۈپ قالمىسۇن" دەپ پۇتۇمنى تېزلىكتە كەينىمگە تارتىۋالدىم  ۋە ئەتراپىمغا گۇمانلىق نەزىرىمدە قاراپ قويدۇم . ئۇھ ، بىرەرسىمۇ ماڭا ۋە پۇتۇمدىكى يىرتىق ئاياغقا سەپسالمىغان ئىدى . مانا دەرىسكە كىرگىلى يېرىم سائەت بولۇپ قالدى . بىراق كاللام پەقەت دەرىستە ئەمەس .كاللامدا رەنا كىيگەن چىرايلىق كېيىملەر ۋە ئۆزۈمنىڭ يىرتىق ئايىغى نامايەن بولماقتا . ئۆز-ئۆزۈمگە :" بۈگۈن ئۆيگە قايتىپ بېرىپ ، ئاپامغا چۇقۇم يېڭى ئاياغ ئېلىپ بېرىڭ دەيمەن " دەپ پىچىرلاپ قۇياتتىم . مەن تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن ۋاقىت يېتىپ كەلدى ، دەرىستىن چۈشۈپلا ئۇددۇل ئۆيگە قايتتىم . ئىشىكتىن كىرىشىمگە ئاپام :   PhS"tOGtX  
_ كېلىڭ بالام ، سۇيقاشنى تەييار قىلىپ تۇرغان ئىدىم . قۇلىڭىزنى يۇيۇپ، ئىسسىقىدا ئىچىۋېلىڭ .   HNPr|(  
_ نېمە؟ يەنە سۇيقاش؟   +}Pa/8ybJ  
  "سۇيقاش" دېگەننى ئاڭلاپلا ئاچچىقىم كېلىپ قالدى .   #C`!yU6(  
_ ئاپا، بىز كۈندە سۇيقاش ئىچىۋېرەمدۇق ؟ ھەپتىدە بىرەر قېتىم بولسىمۇ باشقىلارنىڭ ئۆيىدىكىلىرىدەك پولو ، لەغمەن ، كاۋا مانتىسى دېگەندەك تاماقلارنى ئېتىپ يەپ باقساق بولمامدۇ ؟   UPC& O  
_ بالام، بۇ ئايدا ئالغان ئازغىنە مۇئاشىمنى دورا ئېلىپ خىراجەت قىلىپ بولغان . پۇلنى سەل تېجەپ  ئىشلەتمىسەك ، كېلەر ئايغىچە يەتمەيدۇ . كېلەر ئايلىق مۇئاشىمنى ئالغاندا… cPXvT Vvs  
_ بولدى، بولدى . سىز ھەر قىتىم شۇنداق دەيسىز ، بىراق ھەر ئايدا ئوخشاش… 83aRq&(R  
  مەن شۇنداق دېگىنىمچە سومكامنى كۆتۈرۈپ ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم . ئاپام كەينىمدىن ماڭا  ئۇسۇپ قويغان بىر چېنە سۇيقاشنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى ۋە يېنىمغا قۇيۇپ سۆز باشلاپ   (2(hl-- 'n  
_ قىزىم ، بۇ ئايدا راستىنلا قولىمىز قىسقا بولۇپ قالدى . كېلەر ئايدا مەن سىزگە ياخشى تاماقلارنى قىلىپ  بېرەي . دادىڭىز رەھمەتلىك بولغان بولسا بۇ كۈنلەردىمۇ قالماس ئىدۇق ، سىزمۇ باشقا ساۋاقداشلىرىڭىز  ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالمايتىڭىز .   L!Ro`6|7;  
ئاپام كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى . ئۆزۈمنىڭ قىلغان گېپىمدىن خىجىل بولۇپ قالدىم . چېنىگە سېلىپ  قويغان قوشۇقنى قۇلۇمغا ئالدىم ۋە ئاپامغا قاراپ:   ]Vsze4>Z[  
_ مەن... مەن خاتا گەپ قىلدىم ئاپا ، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ . مەن ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق  دېمەيمەن [F%\1xh  
_ خاپا بولمىدىم قىزىم ، تامىقىڭىزنى تېزراق يەپ، ئۆگىنىشىڭىزنى قىلىپ ،بالدۇر ئارام ئېلىڭ . L0Cf@~k  
    _ ماقۇل ئاپا   TwN8|ibVmP  
ئاپام چىقىپ كەتتى . ئاشنى غەمكىنلىك بىلەن ئىچمەكتىمەن . كۆڭلۈمدە يەنە " ئەمدى ئاياغ  ئېلىپ بېرىڭ دېيەلمەيدىغان بولدۇم . بۇ كونا ئاياغنى يەنە قانچە ئۇزۇن كېيەرمەن " دەيدىغان ئىدىيە ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى . ئاشنى ئېچىپ بولۇپ ،چېنىنى ئاپامغا ئەكىرىپ بېرىپ " ئۆگىنىش قىلىمەن" دەپ قۇيۇپ يېنىپ چىقتىم . ئالدىمغا بۈگۈن ئوقۇتقۇچىمىز بەرگەن تاپشۇرۇقنى ئېلىپ قويدۇم.  ئەمما پەقەت تاپشۇرۇق ئىشلىگۈم يوق ئىدى . يەنە خىيالغا كەتتىم . خىيال كەپتىرىم يەنە شۇ  يېڭى كىيىم ۋە كونا ئايىغىم ئۈستىگە قونغان ئىدى . قانچىلىك ئۇزۇن خىيال قىلغانلىقىمنى بىلمەيمەن .   ئاپامنىڭ " بالام ، بەك كەچ بولۇپ كەتتى .ئەمدى ئارام ئېلىڭ " دېگەن سۆزلىرىدىن ئەسلىمگە كەلدىم .كىتاپ، دەپتەرلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئورۇن سېلىپ ياتتىم . كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك  ئەمەس . ئۇيان ئۆرۈلۈپ بۇيان ئۆرۈلۈپ قايسى چاغلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن .   6 D O E6  
ھەرخىل پۇسۇندىكى ئاياغلار ، كۆزلىرىم ئىمىر-چىمىر بولۇپ كەتتى. ئاپام :   +CkK4<dF  
_ ئۆزىڭىز ياقتۇرغىنىڭىزنى تاللاڭ ، قىممەت بولۇپ كەتسىمۇ ئېلىپ بېرىمەن .   0c{N)  
قىممەت بولسىمۇ مەيلىما ، ئۇنداقتا بىزنىڭ سىنىپتىكى رەنا ئېلىپ كىيگەندەك ئاياغ ئېلىپ بېرىڭ . ئۇ ئاياغنىىڭ پاسۇنى بەك چىرايلىق ئىكەن .   :97`IV%  
-بوپتۇ بالام ، ئاشۇ پاسۇندىكى ئاياغنى ئېلىپ بېرەي .   +Il=gL1  
يېڭى ئاياغنى چىرايلىق سۇلياۋغا ئوراپ ، ئۆيگە قايتىپ ماڭدۇق .مۇشۇ تاپتا قەلبىم چەكسىز ھاياجانغا تولغان ئىدى . ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ، ئاياغنى پۇتۇمغا كېيىپ باقتىم . بۇ ئاياغ ماڭا شۇنچىلىك ياققان ئىدى . خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كېتىپتىمەن .ئاپام:   DM&"oa50  
_بولدى سەكرىمەڭ بالام ، بۇ ئاياغنى ئەتە مەكتىپىڭىزگە كېيىپ بېرىڭ . بۇ ئاياغ سىزگە شۇنداق يارىشىپتۇ . ئاپامنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن تېخىمۇ خۇشال بولدۇم . ئاپام چىقىپ كېتىشى بىلەنلا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كىيمەي ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر قۇر كىيمىمنى ئالدىم . شۇنچىلىك ھاياجانلانماقتا ئىدىم . ئاياغنى قاپقا سېلىپ ، كىيمىمنى چىرايلىق قاتلاپ باش تەرىپىمگە ئېلىپ قۇيۇپ، ئورۇن سېلىپ ياتتىم . خۇشاللىقتىن قايسى چاغلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمىدىم .   ~-6;h.x=  
ئاپامنىڭ " تۇرۇڭ بالام ،ۋاخ بولۇپ كەتتى . مەكتەپكە كېچىكىپ قالماڭ يەنە " دېگەن سۆزلىرى شېرىن ئۇيقۇمنى بۇزدى . ئۇرنۇمدىن تۇرۇپلا ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتتۈم . ئاپام:   (_T&2%  
_ بالام ، بۇ سەھەردە نېمە ئىزدەۋاتىسىز ؟ بىرەر نەرسىڭىز يۈتۈپ كەتتىما ؟   nxt1Y04,H  
_ ئايىقىمنى ئىزدەۋاتىمەن .   [Y*UCFhI0  
_ مانا ماۋۇ يەردە تۇرمامدۇ ؟   jmIP c3O0  
ئاپام يەردىكى بىر يىلدىن بۇيان كىيىپ كېلىۋاتقان ، كونا ئايىغىمنى ئىما قىلدى . مەن شۇندىلا ئاخشامقىنىڭ چۈشۈم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم . كۆڭلۈم يېرىم بولدى . ئاپام:   i<bs{Cu_S  
_ بىرەر ئىش بولدىما بالام ؟ چىرايىڭىز باشقىچىلا بولۇپ قاپتۇ . مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟   Q,$x6YwE  
_ ياق ، مەن ھېچنىمە بولمۇدۇم .   ,]d}pJ}PX`  
مەن ئاپامغا سۇسقىنە كۈلۈمسىرەپ قۇيۇپ ، ئورۇنۇمنى چاققانلىق بىلەن يىغدىم . يۈزۈمنى يۇيۇپ كىرىپ، ئاپام ئەتىگەنلىك خىزمەتكە چىقىشتىن بۇرۇن تەييارلاپ قويغان تاماقنى يەپ مەكتىپىمگە يول ئالدىم . كۆڭلۈم شۇنداق پەرىشان . " ئاخشام كۆرگۈنۈم ئوڭۇم بولۇپ قالسىچۇ ؟!" دەپ پىچىرلاپ قۇياتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە.   LF0~H}S;6B  
سىنىپقا كىرىپلا رەنانى ئۇچراتتىم ، ئۇ ماڭا قاراپ سۇسقىنە كۈلۈمسىرەپ قويدى . بۇ سۇسقىنە كۈلۈمسىرەش خۇددىماڭا " قانداق ؟ سېنىڭ يېڭى كىيىملىرىڭ بارمۇ ؟ سەنمۇ مەندەك ئېسىل كىيىنىپ يۈرەلەمسەن ؟" دېگەندە تۇيغۇ بېرىپ تۇراتتى . كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى . بۇ بىر كۈننىمۇ شۇنداق پەرىشانلىق ئىلكىدە تەستە تاماملىدىم . دەرىستىن چۈشۈپلا ئۆيگە قاراپ ئۇچتۇم . تەلىيىمگە يارىشا ئاپام ئۆيدە ئىدى . ئاپام مېنى كۆرۈپ:   4-m%[D|W  
_ قورسىقىڭىز ئېچىپ كەتكەندۇ ؟ مەن ھازىرلا تاماق قىلاي . سىز تاماق پىشقىچە ئۆگىنىش قىلىپ تۇرۇڭ بالام .   1@y?OWC  
_ بۈگۈن تاپشۇرۇق كۆپ ئەمەس ، مەن سىزگە ياردەملىشەي .   x83XJFPWL  
ئاپام مەمنۇنلۇق ئارىلاش كۈلۈپ قويدى . ئىككىمىز پاراڭلىشىپ تاماقنى بىردەمدە تەييار قىلدۇق . كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ تاماقنى يەپمۇ بولدۇق . ئاپام مېنىڭ ئۆزىگە ياردەملەشكىنىمدىن بەكمۇ رازى بولدىمۇ ئەيتاۋۇر باشقىچە خۇشال كۆرۈنەتتى . پۇرسەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم دە ، ئاپامنىڭ يېنىغا كېلىپ :   ei5S<n  
_ ئاپا بىزنىڭ سىنىپتىكى رەنا يېڭى كىيىم كىيىپتۇ ، ئۇ كىيىملەر ئۇنىڭغا شۇنداق يارىشىپتۇ . بالىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق داڭلىشىپ كەتتى .   >Cf`F{X' U  
_ ئۇ قىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرى باي . شۇڭا دائىم يېڭى كىيىم كىيىپ تۇرىدۇ .   arB$&s  
ئاپامنىڭ گېپى تۇلۇق تۈگىمەستىنلا ، سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم .   b{oNV-<&{  
_ ئاپا سىزمۇ ماڭا يېڭى ئاياغ ئېلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ، پۇتۇمدىكى ئاياغ بەك يىرتىلىپ كەتتى. ھېلىمۇ بۇ ئاياغنى سالماي كېيىۋاتىمەن .   aX|`G]PhdI  
_ بالام ، ئايىغىڭىزنى مەن مەھەللە دوقمۇشىدىكى موزدۇزغا ئاپىرىپ يامىتىپ بېرەي . يەنە ئازراق ۋاقىت كېيىپ تۇرۇڭ   xv2;h4{<  
ئاپامنىڭ سۆزىنى يەنە بۆلىۋەتتىم .   HCu1vjU(]  
_ ئاپا،بۇ ئاياغنى ھېلىمۇ بەك كۆپ يامىتىپ كەتتۇق . ھازىر ياماق چۈشكىدەك جايلىرىمۇ قالمىدى. بۇ ئاياغنى باشقىلار كېيىپ ماڭا بەرگەن . مەنمۇ ئۇزۇن مەزگىل كىيدىم . بۇ ئاياغنى كىيىپ سىنىپقا كىرىشكىمۇ خىجىل بولۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم .   n33SWE(  
ئاپام ئۈن-تىنسىز يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى . مەن كۆڭلۈمدە " ئاپام چۇقۇم ماڭا ئاياغ ئېلىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ " دەپ ئويلىدىم . مەنمۇ ئۈن-تىنسىز يەرگە قاراپ ئولتۇردۇم . ئاپام ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ:   >GcFk&x  
_ بالام ، يېنىمدا دورا ئېلىش ئۈچۈن ساقلاپ قويغان ئازغىنە پۇل بار . بۇ پۇلغا سىزگە ئاياغ ئېلىپ بەرسەم ، دورىغا پۇل قالمايدىكەن .   uYl ?Q  
مەن ئەمدە ئاۋازىمنى قۇيۇپ بېرىپ يىغلاشقا باشلىدىم .   YT_kMy>  
_ باشقا بالىلار چىرايلىق كىيىنىپ يۇرۇيدىكەن.ئۇلارنىڭ ئاياغلىرى مېنىڭ ئايىغىمدەك يىرتىلىپ، كونىراپ كەتمەيدىكەن . كۈندە ئېسىل تاماقلارنى يەيدىكەن . مەنمۇ نېمىشقا ئاشۇنداق ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالمىغاندىمەن . بۇ ئائىلىدىن جاق تويدۇم! مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئىشىكنى قاتتىق يېپىۋىتىپ چىقىپ كەتتىم.كاللامدا "مەنمۇ باي ئائىلىنىڭ  بالىسى بولۇپ قالسام بوپتىكەن " دېگەن خىيال ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى .خىياللا ئىلكىدە يېتىپ  ئۇخلاپ قاپتىمەن .   Frml'Vfq7  
ئاپامنىڭ بېشىمنى سىلىشىدىن ئۇيغۇنۇپ كەتتىم .ئاپام ماڭا: Nwc(<  
_ تۇرۇڭ بالام ، بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنىڭىزكەن . سىزنى بازارغا ئاپىرىپ ئاياغ ئېلىپ بىرەي .   j7W_%Yk|E  
_ راستما ؟ راستىنلا ماڭا ئاياغ ئېلىپ بېرەمسىز ؟    }QI*Ns  
ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قايتا-قايتا سورىدىم . ئاپام:   '!0CwZ7  
_ يېنىمدىكى پۇلغا سىزگە ئاياغ ئېلىپ بىرەي . دورىنى كېلەر ئايدا ئالارمەن .  ئاپام شۇنداق دېگىنىچە چىقىپ كەتتى . ئاخىرى يېڭى ئاياغقا ئىرىشىدىغان غەلبەمدىن تۇلىمۇ خۇشال بولدۇم ۋە تېزلىكتە ئىشلىرىمنى پۈتتۈرۈپ ئاپامنىڭ يېنىغا چىقتىم .  بىز مەھەللە دوقمۇشىغا چىقىپ، ئۈچ چاقلىق موتودىن بىرىگە كىرا قىلىپ ئاۋات بازارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق . پاھ ! دۇكاندىكى ئاياغلار بىر-بىرىدىن چىرايلىق ، پوسۇنلۇق ئىدى . مەن ئاخىر ئۆزۈمگە يارىغان پوسۇندىكى قارا رەڭلىك ئاياغدىن بىرنى سېتىۋالدىم . خۇشاللىقىم ئىچ-ئىچىمگە پاتمايلا قالغانىدى . يول بۇيى كەلگەچ خۇددى بىرسى بۇ ئاياغنى مەندىن تارتىۋالىدىغاندەك مەھكەم قۇچاقلاپ كەلدىم . ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا خۇشاللىقىمنى بىلدۈرۈپ ئاپامنىڭ مەڭزىگە بىرنى سۆيۈپ قويدۇم . ئەمما ئاپامنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، قۇلى بىلەن يۈرۈكىنى چىڭ بېسىۋالغان ئىدى. نېمە بولسا بولسۇن ، ئاخىر بىر يېڭى ئاياغلىق بولدۇم .  خۇشاللىقىمدىن ئاياققا بىر ھازا قارىۋېتىپ ئاندىن ئۇخلاش ئۈچۈن ئورنۇمغا كىرىپ ياتتىم .   /Iskjcc60W  
بىر كەمدە ئويغۇنۇپ كەتتىم . تاڭ خېلى بەكلا يۇرۇپ بولغان ئىدى. كۆڭلۈمدە" بۈگۈنمۇ دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا ئاپام مېنى ئارام ئېلىۋالسۇن دەپ ئويغاتمىغان ئوخشايدۇ " دېگەنلەرنى  ئويلىغاچ ھويلىغا چىقتىم . ئاپام يول سۈپۈرۈش ئۈچۈن بىللە ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان سۈپۈرگىسى ئورنىدا تۇراتتى . بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىپ ئاپام ياتىدىغان ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردىم . ئاپام تېخى ئورنىدىن تۇرمىغان بولۇپ ، ياتقاندا تۈگۈلۈپ ياتاتتى . " تونۈگۈن چىرايى بىر قىسىملا بولۇپ قاپتىكەن . مېجەزى يوقمۇ نېمە ؟ " دېگەنلەرنى ئويلاپ قۇلۇمنى ئاپامنىڭ پىشانىسىگە تەككۈزدۈم . ئاپامنىڭ پىشانىسى شۇنداق مۇزلاپ كەتكەن ئىدى . قۇلۇمدا ياتقاننى قايرىپ يۈرۈكىنى چىڭ قاماللاپ تۇتىۋالغان ئاپامنىڭ قوللىرىنى تۇتتۇم . بۇ قوللارمۇ شۇنچىلىك مۇزلاپ كەتكەن ئىدى . ئاپامنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ ئويغاتماقچى بولدۇم . ئەمما ئاپامنىڭ قوللىرى قوللىرىمدىن چۈشۈپ كەتتى . ئاپامنىڭ كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان بولۇپ ، لىۋىنى چىڭ چىشلىۋالغانىدى.   0'~ ?u'  
ئاپامنى ئاستا ئويغاتتىم . ئاپام يەنىلا مىدىرلىماي ياتاتتى . يۈرۈكۈم ئەنسىز سېلىپ كەتتى. ئاپامنى يەنە ئويغاتتىم . ئەمما ئاپام ئاللىبۇرۇن مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. ئۆزۈمنى ئاپامنىڭ ئۈستىگە تاشلىدىم . مەڭزىمنى ئاللىبۇرۇن سېزىمنى يۇقاتقان يۈزلىرىگە ياقتىم . مېنى كەچۈرۈڭ ئاپا !مەن قىزىڭىز گۇناھكار . مەن سىزنىڭ دورىڭىزنىڭ ئاللىقاچان تۈگەپ قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سىزگە "ئاياغ ئېلىپ بېرىڭ " دەپ خاپا سالدىم . ماڭا ئاياغ كىرەك ئەمەس . ماڭا سىز بولسىڭىزلا كۇپايە . مەن ئەسلىدىنمۇ دادىسى يوق يىتىم ئىدىم . ئەمدى سىزمۇ مېنى تاشلاپ كەتسىڭىز ، مەن قانداق ياشايمەن ئاپا . مەن بىر ئۆمۈر سىز ئەتكەن سۇيقاشنى ئىچىشكە رازى . ئەمدى سىزگە ھەرگىز جاپا سالمايمەن . ماڭا سىز كېرەك . مەن سىزسىز قانداقمۇ ياشاي . ئاپا مېنى تاشلاپ كەتمەڭ . سىزمۇ مېنى تاشلاپ كەتسىڭىز مەن باشقا بالىلار "ئاپا-دادا" دەپ چاقىرسا ئۇلارنىڭ ئاغزىغا قاراپ قالىمەن . دادىسى يوق يىتىمدىن ئاتا-ئانىس يوق قارا يىتىمگە ئايلىنىپ قالىمەن . ئاپا ، مېنى تاشلاپ كەتمەڭ !!!!   Txxc-$z  
مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!! ئاپا !!!!!
FYj3!H  
jzV#%O{`  
بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ خىل ژانىردىكى ئەسەر يېزىپ بېقىشىم .   ZibODs=f;  
نۇرغۇن كەمچىلىك ، نوقسانلار بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى تۇنجى قىتىمدىلا ھەر قانداق  ئىشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ كېتىشى ناتايىن . دوسىتلارنىڭ تەكلىپ -پىكىر بېرىپ  كەمچىلىكلىرىمنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەڭ يىڭى باھالاش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+200(sansiz0903) نادىر تېما م ..
  • كېچە ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ، بەرىبىر تاڭ ئاتىدۇ !!
    كەلگەن جايى: چوققا
    tv
    قەسىەم ئىچمەيمەن، بىراق سۆزىمدىن يانمايمەن ...
    دەرىجە: مەستانە ئەزا
    UIDنومۇر: 4335
    نادىر تېما: 0
    يازما: 286
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە286دانە
    شۆھرىتى: 309 قېتم
    مۇنبەر پۇلى: 3180 يۈەن
    تۆھپە: 302 قېتم
    ياخشى باھا: 17 قېتىم
    تورىدكى ۋاقىت: 2532(سائەت)
    دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:22دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:2532 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:218 سائەت قالدى.
    تىزىملاتقىنىغا:282 كۈن بولدى
    كىرمىگىنىگە:171 كۈن
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-02-01
    ئاخىرقى كىرگەن: 2011-05-27
    تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-01 16:17
    ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

    ئەسىرىڭىز بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، سىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يارىتىشىڭىزنى تىلەيمەن.تىرىشىڭ دوستۇم.


    سالامەت بۇلۇڭ!
    كەلگەن جايى: چوققا