ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
بۇ تېما 2628 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!!
ئۈمىدسىزلىك ئىرادىنى سۇسلاشتۇرىدۇ !!!
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UIDنومۇر: 860
نادىر تېما: 7
يازما: 1360
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1360دانە
شۆھرىتى: 2562 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 32800 يۈەن
تۆھپە: 2477 قېتم
ياخشى باھا: 1769 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1008(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:13دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:1008 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:32 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:453 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-08-13
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-11-10
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-01 03:48
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

0
تېما:مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!!
يوللىغۇچى:nigar | يوللىغان ۋاقىت :2011-02-01 03:48 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:2628

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما sansiz0903 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-02-01)
مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!
  
4~WSIR-  
)k `+9}OO  
ئاپتورى: نىگار
j1ap,<\.k  
_ قاراڭ رەناغا ، بۈگۈن ئۇ يېڭى كىيىم كېيىپتۇ ، ئۇ تۆنۈگۈن " ئەتە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ، دادام   تۇغۇلغان كۈنۈمگە ئاتاپ ئېلىپ بەرگەن كىيىمنى كېيىمەن " دېگەن ئىدى .  پارتىدىشىم گۇلنۇر مېنى تارتىپ رەنانى ئىما قىلدى ، مەن ئىشىكتىن مەغرۇر قەدەم تاشلاپ كېلىۋاتقان، ئۇچىسىغاچىرايلىق ، يارىشىملىق بىر قۇر يېڭى كىيىم كىيگەن رەناغا قارىدىم .   Ie8K [ >  
دەرۋەقە ئۇ بۈگۈن يېڭى كىيىم كىيگەنىدى . بۇ يېڭى كىيىم ئۇنىڭغا تۇلىمۇ ياراشقا بۇلۇپ ، ئۇنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىرەر قېتىم جاپا-مۇشەققەت تارتىپ باقمىغان، ھەمىشە  نۇرلۇق ،پارقىراپ تۇرىدىغان ئاپئاق يۈزىگە تۇلىمۇ ياراشقانىدى . يۈرۈكۈم ئىپادىلەپ  بەرگىسىز ئېچىشىپ كەتتى . مەن رەناغا تۇلىمۇ ھەۋەس قىلاتتىم.  ئۇنىڭ دادىسى چوڭ باشلىق ، ئاپىسىمۇ خېلى مەلۇماتلىق ئايال بولۇپ ئۇلارنىڭ  ئائىلە شارائىتى باشقا  ساۋاقداشلىرىمنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى .  كۆزۈم نۇرغۇن نوقتىلاردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ پۇتۇمدىكى ئاياغقا چۈشتى . بۇ ئاياغنى ئاپامغا بىر  خىزمەتدىشى " ئامىنەم ، بۇ ئاياغنى قىزىمغا بۇلتۇر ھېيتلىق ئېلىپ بەرگەن ئىدىم . بۇ يىل پەقەت   كىيگىلى ئۇنىمىدى . ياراتسىڭىز سىزگە بېرەي قىزىڭىز كېيىۋەتسۇن " دەپ بەرگەن ئاياغ ئىدى . مانا مەنمۇ بۇ ئاياغنى بىر يىل كىيدىم . يانلىرى يىرتىلىپ ، پۇتۇمدىن چۈشۈپ قالاي دېگەن ئىدى .  پۇتۇمدىكى يىرتىق ئاياغنى "بىرەرسى كۆرۈپ قالمىسۇن" دەپ پۇتۇمنى تېزلىكتە كەينىمگە تارتىۋالدىم  ۋە ئەتراپىمغا گۇمانلىق نەزىرىمدە قاراپ قويدۇم . ئۇھ ، بىرەرسىمۇ ماڭا ۋە پۇتۇمدىكى يىرتىق ئاياغقا سەپسالمىغان ئىدى . مانا دەرىسكە كىرگىلى يېرىم سائەت بولۇپ قالدى . بىراق كاللام پەقەت دەرىستە ئەمەس .كاللامدا رەنا كىيگەن چىرايلىق كېيىملەر ۋە ئۆزۈمنىڭ يىرتىق ئايىغى نامايەن بولماقتا . ئۆز-ئۆزۈمگە :" بۈگۈن ئۆيگە قايتىپ بېرىپ ، ئاپامغا چۇقۇم يېڭى ئاياغ ئېلىپ بېرىڭ دەيمەن " دەپ پىچىرلاپ قۇياتتىم . مەن تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن ۋاقىت يېتىپ كەلدى ، دەرىستىن چۈشۈپلا ئۇددۇل ئۆيگە قايتتىم . ئىشىكتىن كىرىشىمگە ئاپام :   Vu<mOuh  
_ كېلىڭ بالام ، سۇيقاشنى تەييار قىلىپ تۇرغان ئىدىم . قۇلىڭىزنى يۇيۇپ، ئىسسىقىدا ئىچىۋېلىڭ .   Lr`Gyl62  
_ نېمە؟ يەنە سۇيقاش؟   >R\@W(-g`  
  "سۇيقاش" دېگەننى ئاڭلاپلا ئاچچىقىم كېلىپ قالدى .   'sk M$jr  
_ ئاپا، بىز كۈندە سۇيقاش ئىچىۋېرەمدۇق ؟ ھەپتىدە بىرەر قېتىم بولسىمۇ باشقىلارنىڭ ئۆيىدىكىلىرىدەك پولو ، لەغمەن ، كاۋا مانتىسى دېگەندەك تاماقلارنى ئېتىپ يەپ باقساق بولمامدۇ ؟   4!?4Tc!X  
_ بالام، بۇ ئايدا ئالغان ئازغىنە مۇئاشىمنى دورا ئېلىپ خىراجەت قىلىپ بولغان . پۇلنى سەل تېجەپ  ئىشلەتمىسەك ، كېلەر ئايغىچە يەتمەيدۇ . كېلەر ئايلىق مۇئاشىمنى ئالغاندا… o+S?j*mv@  
_ بولدى، بولدى . سىز ھەر قىتىم شۇنداق دەيسىز ، بىراق ھەر ئايدا ئوخشاش… 2D3mTpw  
  مەن شۇنداق دېگىنىمچە سومكامنى كۆتۈرۈپ ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم . ئاپام كەينىمدىن ماڭا  ئۇسۇپ قويغان بىر چېنە سۇيقاشنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى ۋە يېنىمغا قۇيۇپ سۆز باشلاپ   QX. U:p5C  
_ قىزىم ، بۇ ئايدا راستىنلا قولىمىز قىسقا بولۇپ قالدى . كېلەر ئايدا مەن سىزگە ياخشى تاماقلارنى قىلىپ  بېرەي . دادىڭىز رەھمەتلىك بولغان بولسا بۇ كۈنلەردىمۇ قالماس ئىدۇق ، سىزمۇ باشقا ساۋاقداشلىرىڭىز  ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالمايتىڭىز .   owO &[D/  
ئاپام كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى . ئۆزۈمنىڭ قىلغان گېپىمدىن خىجىل بولۇپ قالدىم . چېنىگە سېلىپ  قويغان قوشۇقنى قۇلۇمغا ئالدىم ۋە ئاپامغا قاراپ:   obgO-d9l  
_ مەن... مەن خاتا گەپ قىلدىم ئاپا ، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ . مەن ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق  دېمەيمەن j?! /#'  
_ خاپا بولمىدىم قىزىم ، تامىقىڭىزنى تېزراق يەپ، ئۆگىنىشىڭىزنى قىلىپ ،بالدۇر ئارام ئېلىڭ . MLmv+  
    _ ماقۇل ئاپا   @\=4 Rin/q  
ئاپام چىقىپ كەتتى . ئاشنى غەمكىنلىك بىلەن ئىچمەكتىمەن . كۆڭلۈمدە يەنە " ئەمدى ئاياغ  ئېلىپ بېرىڭ دېيەلمەيدىغان بولدۇم . بۇ كونا ئاياغنى يەنە قانچە ئۇزۇن كېيەرمەن " دەيدىغان ئىدىيە ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى . ئاشنى ئېچىپ بولۇپ ،چېنىنى ئاپامغا ئەكىرىپ بېرىپ " ئۆگىنىش قىلىمەن" دەپ قۇيۇپ يېنىپ چىقتىم . ئالدىمغا بۈگۈن ئوقۇتقۇچىمىز بەرگەن تاپشۇرۇقنى ئېلىپ قويدۇم.  ئەمما پەقەت تاپشۇرۇق ئىشلىگۈم يوق ئىدى . يەنە خىيالغا كەتتىم . خىيال كەپتىرىم يەنە شۇ  يېڭى كىيىم ۋە كونا ئايىغىم ئۈستىگە قونغان ئىدى . قانچىلىك ئۇزۇن خىيال قىلغانلىقىمنى بىلمەيمەن .   ئاپامنىڭ " بالام ، بەك كەچ بولۇپ كەتتى .ئەمدى ئارام ئېلىڭ " دېگەن سۆزلىرىدىن ئەسلىمگە كەلدىم .كىتاپ، دەپتەرلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئورۇن سېلىپ ياتتىم . كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك  ئەمەس . ئۇيان ئۆرۈلۈپ بۇيان ئۆرۈلۈپ قايسى چاغلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن .   U8zs=tA  
ھەرخىل پۇسۇندىكى ئاياغلار ، كۆزلىرىم ئىمىر-چىمىر بولۇپ كەتتى. ئاپام :   8%b-.O:_$  
_ ئۆزىڭىز ياقتۇرغىنىڭىزنى تاللاڭ ، قىممەت بولۇپ كەتسىمۇ ئېلىپ بېرىمەن .   G4uOY?0N  
قىممەت بولسىمۇ مەيلىما ، ئۇنداقتا بىزنىڭ سىنىپتىكى رەنا ئېلىپ كىيگەندەك ئاياغ ئېلىپ بېرىڭ . ئۇ ئاياغنىىڭ پاسۇنى بەك چىرايلىق ئىكەن .   \6/!{D,  
-بوپتۇ بالام ، ئاشۇ پاسۇندىكى ئاياغنى ئېلىپ بېرەي .   df$pT?o  
يېڭى ئاياغنى چىرايلىق سۇلياۋغا ئوراپ ، ئۆيگە قايتىپ ماڭدۇق .مۇشۇ تاپتا قەلبىم چەكسىز ھاياجانغا تولغان ئىدى . ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ، ئاياغنى پۇتۇمغا كېيىپ باقتىم . بۇ ئاياغ ماڭا شۇنچىلىك ياققان ئىدى . خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كېتىپتىمەن .ئاپام:   9;A9Q9Yr  
_بولدى سەكرىمەڭ بالام ، بۇ ئاياغنى ئەتە مەكتىپىڭىزگە كېيىپ بېرىڭ . بۇ ئاياغ سىزگە شۇنداق يارىشىپتۇ . ئاپامنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن تېخىمۇ خۇشال بولدۇم . ئاپام چىقىپ كېتىشى بىلەنلا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كىيمەي ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر قۇر كىيمىمنى ئالدىم . شۇنچىلىك ھاياجانلانماقتا ئىدىم . ئاياغنى قاپقا سېلىپ ، كىيمىمنى چىرايلىق قاتلاپ باش تەرىپىمگە ئېلىپ قۇيۇپ، ئورۇن سېلىپ ياتتىم . خۇشاللىقتىن قايسى چاغلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمىدىم .   pEb/yIT"  
ئاپامنىڭ " تۇرۇڭ بالام ،ۋاخ بولۇپ كەتتى . مەكتەپكە كېچىكىپ قالماڭ يەنە " دېگەن سۆزلىرى شېرىن ئۇيقۇمنى بۇزدى . ئۇرنۇمدىن تۇرۇپلا ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتتۈم . ئاپام:   >V&GL{  
_ بالام ، بۇ سەھەردە نېمە ئىزدەۋاتىسىز ؟ بىرەر نەرسىڭىز يۈتۈپ كەتتىما ؟   ;^8X(R  
_ ئايىقىمنى ئىزدەۋاتىمەن .   p.vxrk`c  
_ مانا ماۋۇ يەردە تۇرمامدۇ ؟   $,1KD3;+]  
ئاپام يەردىكى بىر يىلدىن بۇيان كىيىپ كېلىۋاتقان ، كونا ئايىغىمنى ئىما قىلدى . مەن شۇندىلا ئاخشامقىنىڭ چۈشۈم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم . كۆڭلۈم يېرىم بولدى . ئاپام:   qwdT= H  
_ بىرەر ئىش بولدىما بالام ؟ چىرايىڭىز باشقىچىلا بولۇپ قاپتۇ . مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟   7t6TB*H  
_ ياق ، مەن ھېچنىمە بولمۇدۇم .   ,WS{O6O7  
مەن ئاپامغا سۇسقىنە كۈلۈمسىرەپ قۇيۇپ ، ئورۇنۇمنى چاققانلىق بىلەن يىغدىم . يۈزۈمنى يۇيۇپ كىرىپ، ئاپام ئەتىگەنلىك خىزمەتكە چىقىشتىن بۇرۇن تەييارلاپ قويغان تاماقنى يەپ مەكتىپىمگە يول ئالدىم . كۆڭلۈم شۇنداق پەرىشان . " ئاخشام كۆرگۈنۈم ئوڭۇم بولۇپ قالسىچۇ ؟!" دەپ پىچىرلاپ قۇياتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە.   Ntpw(E<$f  
سىنىپقا كىرىپلا رەنانى ئۇچراتتىم ، ئۇ ماڭا قاراپ سۇسقىنە كۈلۈمسىرەپ قويدى . بۇ سۇسقىنە كۈلۈمسىرەش خۇددىماڭا " قانداق ؟ سېنىڭ يېڭى كىيىملىرىڭ بارمۇ ؟ سەنمۇ مەندەك ئېسىل كىيىنىپ يۈرەلەمسەن ؟" دېگەندە تۇيغۇ بېرىپ تۇراتتى . كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى . بۇ بىر كۈننىمۇ شۇنداق پەرىشانلىق ئىلكىدە تەستە تاماملىدىم . دەرىستىن چۈشۈپلا ئۆيگە قاراپ ئۇچتۇم . تەلىيىمگە يارىشا ئاپام ئۆيدە ئىدى . ئاپام مېنى كۆرۈپ:   , .uI>  
_ قورسىقىڭىز ئېچىپ كەتكەندۇ ؟ مەن ھازىرلا تاماق قىلاي . سىز تاماق پىشقىچە ئۆگىنىش قىلىپ تۇرۇڭ بالام .   -L2% ,.E>4  
_ بۈگۈن تاپشۇرۇق كۆپ ئەمەس ، مەن سىزگە ياردەملىشەي .   K- TLzoYA  
ئاپام مەمنۇنلۇق ئارىلاش كۈلۈپ قويدى . ئىككىمىز پاراڭلىشىپ تاماقنى بىردەمدە تەييار قىلدۇق . كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ تاماقنى يەپمۇ بولدۇق . ئاپام مېنىڭ ئۆزىگە ياردەملەشكىنىمدىن بەكمۇ رازى بولدىمۇ ئەيتاۋۇر باشقىچە خۇشال كۆرۈنەتتى . پۇرسەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم دە ، ئاپامنىڭ يېنىغا كېلىپ :   ^}|$_  
_ ئاپا بىزنىڭ سىنىپتىكى رەنا يېڭى كىيىم كىيىپتۇ ، ئۇ كىيىملەر ئۇنىڭغا شۇنداق يارىشىپتۇ . بالىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق داڭلىشىپ كەتتى .   E,|OMK#   
_ ئۇ قىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرى باي . شۇڭا دائىم يېڭى كىيىم كىيىپ تۇرىدۇ .   HgOrrewj  
ئاپامنىڭ گېپى تۇلۇق تۈگىمەستىنلا ، سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم .   (w/lZt  
_ ئاپا سىزمۇ ماڭا يېڭى ئاياغ ئېلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ، پۇتۇمدىكى ئاياغ بەك يىرتىلىپ كەتتى. ھېلىمۇ بۇ ئاياغنى سالماي كېيىۋاتىمەن .   8?t}S2n2  
_ بالام ، ئايىغىڭىزنى مەن مەھەللە دوقمۇشىدىكى موزدۇزغا ئاپىرىپ يامىتىپ بېرەي . يەنە ئازراق ۋاقىت كېيىپ تۇرۇڭ   kBrU%[0O  
ئاپامنىڭ سۆزىنى يەنە بۆلىۋەتتىم .   HhB' ^)  
_ ئاپا،بۇ ئاياغنى ھېلىمۇ بەك كۆپ يامىتىپ كەتتۇق . ھازىر ياماق چۈشكىدەك جايلىرىمۇ قالمىدى. بۇ ئاياغنى باشقىلار كېيىپ ماڭا بەرگەن . مەنمۇ ئۇزۇن مەزگىل كىيدىم . بۇ ئاياغنى كىيىپ سىنىپقا كىرىشكىمۇ خىجىل بولۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم .   oBWa\N  
ئاپام ئۈن-تىنسىز يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى . مەن كۆڭلۈمدە " ئاپام چۇقۇم ماڭا ئاياغ ئېلىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ " دەپ ئويلىدىم . مەنمۇ ئۈن-تىنسىز يەرگە قاراپ ئولتۇردۇم . ئاپام ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ:   qmbhx9V   
_ بالام ، يېنىمدا دورا ئېلىش ئۈچۈن ساقلاپ قويغان ئازغىنە پۇل بار . بۇ پۇلغا سىزگە ئاياغ ئېلىپ بەرسەم ، دورىغا پۇل قالمايدىكەن .   jp#/]>(9Z  
مەن ئەمدە ئاۋازىمنى قۇيۇپ بېرىپ يىغلاشقا باشلىدىم .   UphZRgT!N  
_ باشقا بالىلار چىرايلىق كىيىنىپ يۇرۇيدىكەن.ئۇلارنىڭ ئاياغلىرى مېنىڭ ئايىغىمدەك يىرتىلىپ، كونىراپ كەتمەيدىكەن . كۈندە ئېسىل تاماقلارنى يەيدىكەن . مەنمۇ نېمىشقا ئاشۇنداق ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالمىغاندىمەن . بۇ ئائىلىدىن جاق تويدۇم! مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئىشىكنى قاتتىق يېپىۋىتىپ چىقىپ كەتتىم.كاللامدا "مەنمۇ باي ئائىلىنىڭ  بالىسى بولۇپ قالسام بوپتىكەن " دېگەن خىيال ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى .خىياللا ئىلكىدە يېتىپ  ئۇخلاپ قاپتىمەن .   5Fa/Q>N  
ئاپامنىڭ بېشىمنى سىلىشىدىن ئۇيغۇنۇپ كەتتىم .ئاپام ماڭا: 7iH%1f  
_ تۇرۇڭ بالام ، بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنىڭىزكەن . سىزنى بازارغا ئاپىرىپ ئاياغ ئېلىپ بىرەي .   !]!J"!xg*  
_ راستما ؟ راستىنلا ماڭا ئاياغ ئېلىپ بېرەمسىز ؟   ?xzDz  
ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قايتا-قايتا سورىدىم . ئاپام:   v c b}Gk  
_ يېنىمدىكى پۇلغا سىزگە ئاياغ ئېلىپ بىرەي . دورىنى كېلەر ئايدا ئالارمەن .  ئاپام شۇنداق دېگىنىچە چىقىپ كەتتى . ئاخىرى يېڭى ئاياغقا ئىرىشىدىغان غەلبەمدىن تۇلىمۇ خۇشال بولدۇم ۋە تېزلىكتە ئىشلىرىمنى پۈتتۈرۈپ ئاپامنىڭ يېنىغا چىقتىم .  بىز مەھەللە دوقمۇشىغا چىقىپ، ئۈچ چاقلىق موتودىن بىرىگە كىرا قىلىپ ئاۋات بازارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق . پاھ ! دۇكاندىكى ئاياغلار بىر-بىرىدىن چىرايلىق ، پوسۇنلۇق ئىدى . مەن ئاخىر ئۆزۈمگە يارىغان پوسۇندىكى قارا رەڭلىك ئاياغدىن بىرنى سېتىۋالدىم . خۇشاللىقىم ئىچ-ئىچىمگە پاتمايلا قالغانىدى . يول بۇيى كەلگەچ خۇددى بىرسى بۇ ئاياغنى مەندىن تارتىۋالىدىغاندەك مەھكەم قۇچاقلاپ كەلدىم . ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا خۇشاللىقىمنى بىلدۈرۈپ ئاپامنىڭ مەڭزىگە بىرنى سۆيۈپ قويدۇم . ئەمما ئاپامنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، قۇلى بىلەن يۈرۈكىنى چىڭ بېسىۋالغان ئىدى. نېمە بولسا بولسۇن ، ئاخىر بىر يېڭى ئاياغلىق بولدۇم .  خۇشاللىقىمدىن ئاياققا بىر ھازا قارىۋېتىپ ئاندىن ئۇخلاش ئۈچۈن ئورنۇمغا كىرىپ ياتتىم .   ~|=G3( I[  
بىر كەمدە ئويغۇنۇپ كەتتىم . تاڭ خېلى بەكلا يۇرۇپ بولغان ئىدى. كۆڭلۈمدە" بۈگۈنمۇ دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا ئاپام مېنى ئارام ئېلىۋالسۇن دەپ ئويغاتمىغان ئوخشايدۇ " دېگەنلەرنى  ئويلىغاچ ھويلىغا چىقتىم . ئاپام يول سۈپۈرۈش ئۈچۈن بىللە ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان سۈپۈرگىسى ئورنىدا تۇراتتى . بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىپ ئاپام ياتىدىغان ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردىم . ئاپام تېخى ئورنىدىن تۇرمىغان بولۇپ ، ياتقاندا تۈگۈلۈپ ياتاتتى . " تونۈگۈن چىرايى بىر قىسىملا بولۇپ قاپتىكەن . مېجەزى يوقمۇ نېمە ؟ " دېگەنلەرنى ئويلاپ قۇلۇمنى ئاپامنىڭ پىشانىسىگە تەككۈزدۈم . ئاپامنىڭ پىشانىسى شۇنداق مۇزلاپ كەتكەن ئىدى . قۇلۇمدا ياتقاننى قايرىپ يۈرۈكىنى چىڭ قاماللاپ تۇتىۋالغان ئاپامنىڭ قوللىرىنى تۇتتۇم . بۇ قوللارمۇ شۇنچىلىك مۇزلاپ كەتكەن ئىدى . ئاپامنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ ئويغاتماقچى بولدۇم . ئەمما ئاپامنىڭ قوللىرى قوللىرىمدىن چۈشۈپ كەتتى . ئاپامنىڭ كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان بولۇپ ، لىۋىنى چىڭ چىشلىۋالغانىدى.   6 G?7>M  
ئاپامنى ئاستا ئويغاتتىم . ئاپام يەنىلا مىدىرلىماي ياتاتتى . يۈرۈكۈم ئەنسىز سېلىپ كەتتى. ئاپامنى يەنە ئويغاتتىم . ئەمما ئاپام ئاللىبۇرۇن مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. ئۆزۈمنى ئاپامنىڭ ئۈستىگە تاشلىدىم . مەڭزىمنى ئاللىبۇرۇن سېزىمنى يۇقاتقان يۈزلىرىگە ياقتىم . مېنى كەچۈرۈڭ ئاپا !مەن قىزىڭىز گۇناھكار . مەن سىزنىڭ دورىڭىزنىڭ ئاللىقاچان تۈگەپ قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سىزگە "ئاياغ ئېلىپ بېرىڭ " دەپ خاپا سالدىم . ماڭا ئاياغ كىرەك ئەمەس . ماڭا سىز بولسىڭىزلا كۇپايە . مەن ئەسلىدىنمۇ دادىسى يوق يىتىم ئىدىم . ئەمدى سىزمۇ مېنى تاشلاپ كەتسىڭىز ، مەن قانداق ياشايمەن ئاپا . مەن بىر ئۆمۈر سىز ئەتكەن سۇيقاشنى ئىچىشكە رازى . ئەمدى سىزگە ھەرگىز جاپا سالمايمەن . ماڭا سىز كېرەك . مەن سىزسىز قانداقمۇ ياشاي . ئاپا مېنى تاشلاپ كەتمەڭ . سىزمۇ مېنى تاشلاپ كەتسىڭىز مەن باشقا بالىلار "ئاپا-دادا" دەپ چاقىرسا ئۇلارنىڭ ئاغزىغا قاراپ قالىمەن . دادىسى يوق يىتىمدىن ئاتا-ئانىس يوق قارا يىتىمگە ئايلىنىپ قالىمەن . ئاپا ، مېنى تاشلاپ كەتمەڭ !!!!   \.{ZgL5"  
مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئاپا !!!! ئاپا !!!!!
-! :h]  
m7,;Hr(  
بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ خىل ژانىردىكى ئەسەر يېزىپ بېقىشىم .   rJc=&'{&)N  
نۇرغۇن كەمچىلىك ، نوقسانلار بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى تۇنجى قىتىمدىلا ھەر قانداق  ئىشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ كېتىشى ناتايىن . دوسىتلارنىڭ تەكلىپ -پىكىر بېرىپ  كەمچىلىكلىرىمنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەڭ يىڭى باھالاش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+200(sansiz0903) نادىر تېما م ..
  • كېچە ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ، بەرىبىر تاڭ ئاتىدۇ !!
    كەلگەن جايى: چوققا
    tv
    sぴYaoMaK丿NuR703
    دەرىجە: مەستانە ئەزا
    UIDنومۇر: 899
    نادىر تېما: 0
    يازما: 86
    ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە86دانە
    شۆھرىتى: 141 قېتم
    مۇنبەر پۇلى: 3024 يۈەن
    تۆھپە: 108 قېتم
    ياخشى باھا: 89 قېتىم
    تورىدكى ۋاقىت: 1197(سائەت)
    دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:15دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:1197 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:153 سائەت قالدى.
    تىزىملاتقىنىغا:451 كۈن بولدى
    كىرمىگىنىگە:84 كۈن
    تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-08-15
    ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-18
    تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-01 12:34
    ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

    بەك ياخشى يىزىلىپتۇ..... قەلىمىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن.


    نۇرئلى
    كەلگەن جايى: چوققا