ئىگىسى: erkin

رەيھان ئاپپايغا ئوچۇق خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2405
يازما
147
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
4959
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-28
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 23:13:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدا مىڭلىغان ،ئونمىڭلىغان ئەر-ئايال ھاجىملار تۇرۇپ مېھرىۋان ئون ئانچىلىك تەسىرىنىڭ يۇقلىغىغا ھەيرانمەن !...

UID
17306
يازما
65
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
845
تىزىملاتقان
2011-11-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-1
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 23:18:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىسىنى دىمەيلى .
كۈندە بىر قاپ تاماكا چېكىسىز .خوش 5سوم .  ئەتىدىن باشلا پ تاماكا تاشلاڭ .تاماكا تاشلىسىڭىز ئۆزىڭىزگە پايدىسى .بەلكىم 3``5يىل ئارتۇق ياشارسىز . سالامەتلىك ئەلا ئەمەسمۇ؟!   بولدى ئەتىدىن باشلاپ تاماكا چەكمەڭ .بۇنىڭلىق بىلەن  كۈندە ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ  بەش سوم تىجىلىدۇ . بىر ئايدا 150سوم بىر يىلدا 1800سوم .  خوش ،مىڭ سومغا بالىڭىزغا نەرسە ئەپبېرىڭ .قالغان 800سومچۇ ؟؟
800سوم ئەمەس 80سومغىمۇ قورساق ئاغرىيدىغانلار  بار .

UID
17845
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
122
تىزىملاتقان
2011-11-29
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 23:38:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللا رەيھان ھەدەمگە .ئۇزۇن ئۆمۇر ئاتا قىلغاي،ھەم تىما ئگىسگە رەخمەت!
توۋا دەيمەن يۇقىردا دىيىلگەندەك مائارىپتىكى شەكىلۋازلىققا گەپ توغرا كەلمەيدۇ،ئەڭ ئاددىىسى  ھۆكۆمەت باللىرىمىزغا بىرۋاتقان تاماق راسخوتىچۇ؟ بىر قانچە ئوقۇتقۇچى ئاغىنەم بار ئۇلاردىن ئاڭلىشىمچە يۇقىردىن تەكشۈرۈشكە كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ تامقىغا گۆش ،ماي...........     ئادەتتىكى ۋاقىتتا مايسىز پولو...........   ھەي  شۇ نارەسىدىلەرنىڭ رىسقىنى يەپ  قانداقمۇ  جىنى چىقار؟

UID
17957
يازما
136
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1726
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 00:30:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرىبان ئانىلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
273
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
663
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
207 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 00:44:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھان ئاپپايغا دۇئالار بولسۇن.
بىراق ئەپەندىم، رەيھان ئاپپاينىڭ سايىسىدە مائارىپچىلارنى بەك سۆكىۋەتتىڭىزمۇ قانداق؟ مەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپىنى تەڭ كۆرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

UID
12811
يازما
177
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3477
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 00:57:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوۋەتتە كوز ئالدىمىزدا  بۇلىۋاتقان قالايمىقانچىلقتا ھىچنىمىدىن ئۇمۇت كۇتكىلى  ھەم ھىچكىمدىن ئاعرىنعىلى بولمايدۇ . چۇنكى ئاۋال ھاياتنى داۋاملاشتۇرۇش ئاندىن كىيىن كەلگۇسى دىگەنلەردىن  ئىعىز ئىچىش كىرەك . ھەر بىرىمىزنىڭ  تىرىشىپ -تىرمىشىپ تاپقىنىمز ،چىقىمىمىزعا يەتمەيۋاتسا %38نى قوعلاشماي بۇلامدۇ ؟ . ھازىر ئاچ قالعان ئادەم يوق ،ئەمما ھازىرقىدەك مال باھاسى قاتتق داۋالعۇپ تۇرۋاتقان  ۋاقىتتا . تاپقان توتتەڭگە پۇلعا قاراپ ئولتۇرعان بىلەن ، ئەرتە ئاچ قالىدىعان گەپ . شۇڭا ھازىر ھەممە ئادەم ئامرىكىلىق داڭلق مائارىپچى دالى كارنىگ  ئىيتقاندەك  « بۇگۇن ئىچىدە ياشايدىعان» بۇلۇپ كەتتى . ئەتىمىز  بولسا بىزگە  قاراڭعۇ . پەقەت ئۇمۇتلا بىزگە  ھەمرا .

UID
18047
يازما
48
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1698
تىزىملاتقان
2011-12-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 12:52:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەېھان  ئاپپاې......!!!  ئاللاھ   ئومۇرىڭىزنى  ئۇزۇن    قىلسۇن  !!!

كۆيۈمچان ئەزا

گۈلۈم مېنى سېغىندىڭىزمۇ ؟

UID
12992
يازما
275
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2436
تىزىملاتقان
2011-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 18:59:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپىمىز توغرىسىدا سۆزلەشكە توغرا كەلسە تىلىمىزغا تۈزۈك گەپ چىقماسلىقى مۇمكىن . مۇشۇ مائارىپتا تەربىيلەنگەن بىزدەك ئادەملەرگە مائارىپتىكى نۆۋەتتىكى كىرزىسلار ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشقا توغرا كەلسە نېمىلەرنى دېيەلىشىمىز مۇمكىن ؟  مېنىڭچە مائارىپنىڭ تەشكىلى تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن مائارىپقا تۇتقان ئاڭ ئەندىزىمىزنى  ئوخشاش مەنىدە مائارىپنىڭ بىزگە نىسبەتەنمۇ روھىي ئىندۇكسىيىسىنى تەڭ ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە كېرەك .
   تولۇق ئوتتۇرا مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈنمۇ 12 يىل مەكتەپ تەربىيسىى ئالدۇق . بۇ جەرياندا مۇئەللىملىرىمىز بىزگە ئىزچىل كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشنى تەكىتلەپ كەپتۇ .  ئەمما نېمە ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى بىزگە بىلدۈرەلمەي كەپتۇ .  <<ياراملىق ئادەم >> دىگەن بىر ئابىستراكىت ئۇقۇم . ئۇنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرى زادى نەدە ؟  بىز زادى نېمە ئۈچۈن بىلىم ئالىمىز ؟  قانداق ئۆگىنىش قىلىمىز ؟  خارۋارت ئۇنۋىرسېتىتىدا ئوقۇغان تۇنجى ئۇيغۇر ياش قۇدرەت << كۆڭۈلدىكى سۆز >> پروگراممىسىغا تەكلىپ قىلىنغاندا خارۋارتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا دەسلەپتە تەكىتلەيدىغان بىر ئېغىز گېپىنى يەنى _ بىزنىڭ مەقسىتىمىز بۇيەردە سىلەرگە مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ  قانداق ئۆگىنىش قىلىشنى ئۆگىتىش  _  دىگەن گېپىنى تىلغا ئالغانىدى . بىزنىڭ مائارىپىمىزمۇ  شۇنداق قىلالامدۇ بۇنىڭغا بىرنېمە دىگىلى بولمىسا كېرەك . شۇڭا نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئالىي مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەمەس خىزمەت ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقى شۇنىڭدىن بولسا كېرەك . ئۇلارغا نىسبەتەن ئالىي مەكتەپنىڭ دىپلومىغا ئېرىشىش ئەمدى ئۆگىنىشنىڭ ئاياقلاشقانلىقىدىن دېرەك بەردى .  ئۇلارنىڭ كەلگۈسى خىزمەت ۋەيەنە ئاللىقانداق نەرسىلەر ئۈچۈن گۆرۈگە قويۇلدى . (<< كەلگۈسىنى گۆرۈگە قويۇش >> دىگەن ئاتالغۇ  زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدىن  بىلىشىمچە جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ گېپى. ) شۇڭا ئۇلار ئاسانلا چۈشكۈنلەشتى .  ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتساممۇ ، مەنمۇ ھەتتا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندىلا چۈشكۈنلەشكەن  .  شۇچاغلاردا بۇنىڭدىن  قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى ئويلىساممۇ روھىمغا چۆكمە بولۇپ كەتكەن پىسخىكىلىق توسالغۇلار بۇنىڭغا يول قويمىدى . ئەلۋەتتە ، بۇ چاغدا مائارىپتىن مۇشۇ مائارىپتا بىزنى تەربىيىلەۋاتقان ئۇستازلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغىلى بولمايتتى . دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ باشلانغۇچتىن تارتىپ ئەلا ئوقۇپ كەلگەن بىر ئوقۇغۇچى تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدا سانسىزلىغان ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلىدىغان نورمال بىر پىسخىكىلىق داۋالغۇشلارغىمۇ  بەرداشلىق بېرەلمەي ئۇنۋىرسېتىت دەرۋازىسىدىن كىرىش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم بولدۇم . ئەلۋەتتە ، بۇ نوقۇل ھالدا مائارىپتىكى مەسىلىلەرگىلا چېتىلمايتتتى . ئائىلىۋىي مۇھىت ، جەمئىيەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش شەخىسنىڭ ئۆزىدىكى چەكلىمىلىكلەرگىمۇ بېرىپ تاقىلاتتى . ئەمما مەن شۇچاغلاردا 10 يىلغا يېقىن مەكتەپ تەربىيىسى كۆرۈپ بولغان بىر ياش ئىدىم . بۇ ئون يىللىق تەربىيە مېنى كىچىككىنەبىر روھىي  توسالغۇغا تاقابىل تۇرۇشقا لايىقمۇ ئېنىرگىيەگە ئىگە قىلالمىغانىدى . كېيىنكى كۈنلەردە بۇ ئىشلارنى تەقدىرگە باغلاپ تەسەللىي تاپقانمۇ بولدۇم . ئەمما ھەققىي مەنىدە يەنىلا تەسەللىي تاپالمىغانىدىم ھەم تاپالمايتتىم . شۇڭا بۇيەردە دەرت تۆكۈشكە توغرا كەلسە گېپىم بەكلا ئۇزۇراپ كەتكۇدەك ،شۇڭا قىسقىلا گەپ قىلىپ ئىززىتىمنى ساقلىۋالاي .
   رەيھان ئاپپاينىڭ تىرىشچانلىقلىرى دەل بىزگە ئوخشاش ياشلارنىڭ سانىنى يەنىمۇ ئاۋۇتىۋەتمەسلىكىنىمۇ مەقسەت قىلسا كېرەك . دەيدىغان جىق گەپلىرىمىز باردەك ھېس قىلىمىز ئەمما بىز يەنە نېمە دىيەلەيمىز ؟

UID
10298
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2011-3-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-7 10:35:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
semerqent ناھايتى ياخشى پىكىر قىلىپتۇ...
ئېينىشتېيىن "ئەگەر كىشلەر مەكتەپتە ئۆگەنگەن بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسا، ئۇلاردا ئېشىپ قالغىنى مائارىپتۇ" دېگەن.

UID
21336
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-5
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 18:18:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
好!!!!!!!












胎教音乐在线听 www.taijiao.net.cn

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش