رەيھان ئاپپايغا ئوچۇق خەت
مەمتىلى ھېلىم

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك رەيھان ئاپپاي!
بۇ خەتنى يېزىش ماڭا بەكمۇ مۈشكۈل توختىدى. ئەسلى، بىر نەچچە كىتابنىڭ ئاپتورى بولغان ماڭا نىسبەتەن بىر «مېھرىبان ئانا»غا «ئوچۇق خەت» يېزىش ئادەتتىكى ئىشلار قاتارىدىن سانالسا بولاتتى. ئەمما، بىر خىل نومۇس تۇيغۇسىنىڭ ئۆرتىشىدىن پۇچىلىنىپ تۇرۇپ، بۇ نۇرغۇن ئىككىلىنىشلەردىن كېيىن، ئاخىرى قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
رەيھان ئاپپاي، سىز تېلېۋىزور پروگراممىلىرىدا مەردانە پىكىر قىلسىڭىز ياكى پىكىر ئارىلىقلىرىدا كۆز ياش قىلسىڭىز ئەۋلادلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئاتىغان «مېھرىبان ئانا»لاردىن سۆيۈنۈش بىلەن بىرگە ئۆزۈمنى تولىمۇ خاتىرجەم ھېس قىلاتتىم. ئەمما، ھازىر ئۇ خىل تۇيغۇلىرىمغا يېڭى –يېڭى تۇيغۇلار قېتىلىشقا باشلىدى-دە، سىز باشلىق «مېھرىبان ئانا»لار تېلېۋىزوردا پەيدا بولسا، يۈرىكىمگە ئاچچىق بىر ئازاب ئېقىپ كىرىدىغان بولدى. بۇ قانداق تۇيغۇ؟ بۇ سىزنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىڭىزنى ئاقلىيالماسلىقتىن تۈپەيلى پەيدا بولغان يۈز كېلەلمەسلىك، نومۇس تۇيغۇسى!
سىز قايسى بىر چاغدا تېلېۋىزوردا سۆزلەپ كېلىۋېتىپ، يىغلاپ تاشلىدىڭىز. سىزنىڭ ھەر بىر ئۆكسۈشلىرىڭىزگە «ئەۋلاد»، «پەرزەنت» دېگەن ئۇقۇملار سىڭىپ كەتكەنىدى. ئەسلى بۇ سىزنىڭ ئارام ئالىدىغان، سەيلە-ساياھەت قىلىپ كۆڭلىڭىزنى خۇش ئېتىدىغان ۋاقىتلىرىڭىز ئىدى، لېكىن سىز ئۇنداق قىلماستىن، ئۆزىڭىزنى ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئەۋلادلارغا ئاتىدىڭىز. «مېھرىبانلىق مېھرىبانلىقتىن تۇغۇلىدۇ» دېگەندەك نۇرغۇنلىغان مېھرىبان ئانىلار ئەتراپىڭىزغا جەم بولدى. سىزنىڭ كۆيۈملۈكىڭىز سانسىزلىغانلارنى كۆيدۈردى. نەتىجىدە، «رەيھان ئاپپاي» دېگەن بۇ ئىسىم قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئورۇن ئالدى.
رەيھان ئاپپاي، سىز مېھىر-مۇھەببەت نۇر چېچىپ تۇرغان يۈرىكىڭىز بىلەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان بالىلارنىڭ مىسكىن قەلبلىرىنى ساخاۋەت نۇرلىرى بىلەن يورۇتۇۋاتقان بىر ئانا. بىغەملىك ۋە كىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلمەسلىك، ئىنساننىڭ ئۆزىنى خورلىشىدىن ئىبارەت. ھەر قېتىم بىرەر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ مەكتەپتىن كېتىپ قالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغىنىمدا، ئىمتىھان مەيدانلىرىنىڭ «ئەركىن»لىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگىنىمدە، دەھشەتلىك بىر ئازاب قەلبىمنى تىلغايدۇ. ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدا-مەنپەئىتى «نومۇر»غىلا تاقالغاچقا، ئۇنۋان ئېلىش، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇش ۋە يىل ئاخىرقىسىدىكى قوشۇمچە ياردەم پۇلىنىڭ مائاشتىن تۇتۇۋاتقان %38 پۇلنى ئېلىش ئۈچۈن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھان سوئالىنى تەكرار قىلىۋېتىدىغان، كومىسسيىلەردىن ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب كىرگۈزىدىغان، بىر قىسىم رەھبەرلەر ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان ۋە ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىگە نومۇر قويغۇچىلار ئۆز يېقىنلىرىغا ئوڭ كۆزدە قارايدىغان ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. سىزنىڭ كۆزىڭىزدىن «بالىلار» دەپ ئىسسىق ياش تامچىلىسا، قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار«مەن ئەۋلادلار ئۈچۈن قانچىلىك ئىش قىلدىم» دېگەننى ئويلىماستىن، «ئۇنۋان» دەپ ياش تۆكۈلۈۋاتىدۇ. بۇ ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىشلار! ئادىلە ئىسمائىلنىڭ «ياپونىيە نېمىشقا تەرەققىي قىلالىغان»(«تەڭرىتاغ» 2004-يىللىق 4-سان) دېگەن ماقالىسىدە، ئاپتور: «2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ھالىدىن كەتكەن، 50-يىللارنىڭ باشلىرىدىمۇ نامراتلىقتىن ئىڭراۋاتقان ياپون شۇنچە قىسقا ۋاقىتتا ئۇ قەدەر تۈپ ئۆزگىرىشلەرگە قانداق ئېرىشكەندۇ؟» دېگەن سوئالىغا ئاخىرى پېشقەدەم بىر ياپونىيىلىكتىن جاۋاب تاپىدۇ: «سىزنىڭ سوئالىڭىزغا مەندىن چىقىدىغان ئەڭ دانا جاۋاب: ئالدى بىلەن بىزدە روھ، يەنىلا روھ بولغانلىقىدا.» ئۇ پېشقەدەم ياپونىيىلىك ئاپتورنىڭ:«شۇ يىللاردىمۇ دوكتور، ئالىملار بارمىدى؟ ئالىي مەكتەپ كۆپمىدى؟» دېگەن سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:«نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندىم. ئۇلارسىز دۇنيا تەۋرىمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟ ھا... ھا... ھا... ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، زورىيىشىنىڭ ئاچقۇچى ئالىملاردىلا ئەمەس. ھەممىگە تۈرتكە بولىدىغىنى يەنىلا روھ ۋە ئىرادە» ھازىرقى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردا ئاشۇ روھ ئۆلگەن. ئۇلار «ئالىي غايىسى»گە يېتىش ئۈچۈن سىز بارلىقىڭىزنى ئاتاۋاتقان ئاشۇ سۆيۈملۈك بالىلارنى يەمچۈك قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئاشۇ چاكىنا قىلمىشلارنى، تۇيۇقسىزلا «كېتىپ قالغان» قىزلارنى، ھەر سائەتتە چوقۇم ئىشلىشى كېرەك بولغان «مەشىق»لەرنىڭ ئاق قېلىۋاتقانلىقىنى ۋە قىسمەن تەربىيىلەنگۈچىلەر روھىدىكى نىمجانلىقنى كۆرسىڭىز، ئېيتقۇسىز بىر ئازابتىن پۇچىلىنىپ: «مەن كىمنى دەپ مۇشۇنداق قىلىۋاتىمەن»دەپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. قىسمەن مەكتەپ مەسئۇللىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى بوغىدىغان، ئەكسىچە، ساختىلىق قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان قائىدە- تۈزۈملەرنى تۈزۈشكە رازىكى، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى توغرا يۆلىنىشكە بۇرايدىغان ئۇسۇللار ھەققىدە ئويلانمايدۇ.
ھۆرمەتلىك رەيھان ئاپپاي، نۆۋەتتە ھەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مائارىپقا مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ. دۆلەتمۇ مائارىپقا زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىن ئېتىۋاتىدۇ ھەم «دەرسلىك ئىسلاھاتى»نى كەڭ قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما، شۇنى بىلىش كېرەككى، تەربىيىلەنگۈچىلەردە روھ ۋە ئىرادە بولمىسا، ھەر قانداق بىر ئۇرۇنۇش بىھۇدە بولىدۇ. سىزدە روھ ۋە ئىرادە بولغاچقا، نۇرغۇن ئىقتىسادىي قىيىنلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇۋاتىسىز. لېكىن بىزنىڭ مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس!
ھۆرمەتلىك رەيھان ئاپپاي، سىز باشلىق مېھرىبان ئانىلارنىڭ ئەجرىگە ئەنە شۇنداق خىيانەت قىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇڭا سىلەرنىڭ خەير-ساخاۋەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىڭىزنى ھەر كۆرگىنىمدە، ئاچچىق ئازاب ۋە نومۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولىمەن.
ھۆرمەتلىك رەيھان ئاپپاي، كۆڭلۈمدە سىزگە دەيدىغان گەپلىرىم ھېچ بىر تۈگەيدىغاندەك ئەمەس، شۇڭا مۇشۇ يەردىلا سۆزۈمنى تاماملاي، «ئاغرىقىنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈمى ئاشكارا» دېگەندەك «ئاغرىق»لارنى يوشۇرماي، سىزگە دېگۈم كەلدى. بۇ خۇددى بىر بالىنىڭ ئۆز ئانىسىغا كۆڭلىدىكىنى دېگىنىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بالا ھەر قانداق گېپىنى ئەڭ ئاۋۋال ئانىسىغا دەيدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇنى توغرا چۈشىنىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
سىزگە بەخت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىپ: مەمتىلى ھېلىم
(«شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى»نىڭ 2011 –يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى)