ئىگىسى: erkin

رەيھان ئاپپايغا ئوچۇق خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ھاياتنىڭ ھەققى م

UID
2457
يازما
325
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
10098
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-22
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-11 18:47:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئېسىل  قولى ئوچۇق كىشىللىرىمىزنىڭ يەنىمۇ كۆپلەپ چىقىشنى ئۈمۈد قىلىمەن ،بۇ قاتاردىكى مۆھتەرەملەرنىڭ ئۆمىرىنى ئاللاھ ئىگەم ئۇزۇن قىلسۇن ئىلاھىم .

پاك تۇغۇلۇپ ،ئۇيقۇ بىلەن ياشاپ ،گۇناھ بىلەن كېتىمىز .

UID
10298
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2011-3-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-11 20:02:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 9قەۋەتتىكىnazif يوللىغان 2011-05-11 18:16 غا قارتىلغان :
رەيھان ئاپپايغا خەت يازغان مىللىتمىزنىنڭ كىلەچىكىنى ئويلايدىغان ئەركىنجان دوستىمىزغا ئاللاھ كوپ ساۋاپلارنى بەرگەي ! دوستۇم دىمىسىڭىزمۇ ئوقوغۇچىلىرىمىزدا ئىلىم -پەنگە بولغان ئىنتىلىشلار ،ئىشتىياقلار ئازلاپ كىتڭپ باردۇ ،ئۇنىڭ ئورنىغا ئويۇن تاماششالار ،بۇزۇلۇشلار ئەۋجى ئەپكىتىپ باردۇ ،شۇنا ھەربىر ئۇيغۇر قىرىنداشلىرمىزنڭ :پىشقەدەم ،كۆپ ئىشكۆرگەنلەرۋە ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر كىلەچەكلىرمىزغا كۆڭۇل بۆلۇپ كويشىنى ئۇمۇد كىلمەن !

.بۇ ئەسەر يازغۇچى مەمتىلى ھېلىمنىڭ "مائارىپ گېزىتى"دە ئېلان قىلغان ئەسىرى ئىكەن. ئوقۇپ كۆرسەم بىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك پىكىر باركەن. شۇڭا يوللاپ قويۇشۇم 


UID
4208
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
180
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-11 22:59:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭلىق بايلا  ھەر يىلى بىھۇدە ئىسىراپ قىلۋاتقان پۇللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى مۇشۇنداق ساھاۋەت ئىشلىرىغا سەرىپ قىلسا بىزنىڭ ئەلدىن كەمبەللەر چىقماسلىقى مۇمكىن ئىدى،.   

UID
11038
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
219
تىزىملاتقان
2011-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-24
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 17:01:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 6 قەۋەتتىكى،ك   (gulnazi) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

مائارىپنى قۇللاش مىللەتنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن ھەسسە قۇشقانلىق .ھەممىمىز مائارىپنى قۇللايلى .ۋەتەن مىللەتنىڭ  كەلگۇسى مائارىپقا باغلىق،بىر مەشھۇر سۇز بار ،ئالغا قاراپ يۇگۇر  ،يۇگۇرەلمىسەڭ ماڭ  ماڭالمىساڭ ئۇمىلە .تۇغرا ئەمەسمۇ قانداقلا بۇلمىسۇن ئىلگىرلەش كىرەك .ئىلگىرلىمىسىڭىز ئارقىدا قالىسىز .دۇسلار ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى گۇزەل كەلگسى بىزنى كۇتمەكتە.

UID
3254
يازما
98
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2529
تىزىملاتقان
2010-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 11:28:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى باشلىقلارنىڭ ھەم بايلارنىڭ يەپ ئىچىشلىرى ، ئۇلارنىڭ بىر كۈنلۈك خىراجىتىدىنمۇ نۇرغۇن ئوقۇشسىزلار ئوقۇيالىغان بۇلاتتى ! مۇشۇلارنى ئويلىسا ئادەمنىڭ ئىچى ئېچىشىدۇ . بىزدەك ئاددى پۇقرالار ئازغىنە تاپقىنىمىزنى قىسىپ ، تىجەپ يۈرۈپ ئاران ياشاۋاتىمىز . نىمە دىگەن تەڭسىزلىك ؟؟؟؟؟؟؟؟

UID
3308
يازما
54
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
1944
تىزىملاتقان
2010-7-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-25
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 17:33:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى ئۇيغۇر مائارىپىدىكى كەمچىلىكلەر ئاز ئەمەس. ئەڭ ئاددىيسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بەزىلىرىدىن سورىسىڭىز ياكى كەسپىمنى قىلارمەن، ياكى مەمۇرلۇققا ئىمتاھان بىرەرمەن، ھېچ بولمىسا ئوقۇتقۇچى بولارمەن دەيدۇ.

ئوقۇتقۇچى ئەجىبا ھېچ بولىمىغاندا قىلىدىغان خىزمەتمۇ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپى ئەخلاقى ۋە ئۆزىنىڭ ئەخلاقى ئەۋلادلارغا بىۋاستە تەسىر قىلىدىغان ئامىلدۇر. ئۇنىڭدا يېتەرلىك مائارىپ بىلەن تەربىيلەنگەن مائارىپنى سۆيىدىغان ۋە مائارىپقا ئۆزىنى بېشىغلىيالايدىغان روھ بولىشى كېرەك. بەزەن باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قارىسىڭىز ئىلگىرى نەدىكى ئويناپ يۈرۈپ ئوقۇيدىغانلار بىر يوللار بىلەن كىرىپ ئوقۇتقۇچى بولىۋاتقان. سورۇنغا بارسىڭىز مەس يۈرۈپ بۇرۇنقى كېچىكىدىن چىقالمايۋاتقانلارمۇ ھەم بار.   مائارىپنىڭ چىرىكلىشىشى ئىنتايىن قورقىنىشلىق ئەھۋالدۇر. مائارىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە ئاكتىپ كۆڭۈل بۆلىشىنى ۋە مۇناسىپ تەدبىرلەرنى قوللىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

UID
6514
يازما
139
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1420
تىزىملاتقان
2010-10-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 20:27:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال رىيھان ئانىمىزغا ئالاھدىن سالامەتلىك تىلەيمەن. بۇ تىما مىنىڭ قەلبىمنى شۇنداق ئاچچىق قىلدى. ھازىر مەكتەپلەردە راسلا ئىمتىھان مەيدانىغا قەغەز كىرىدىغان ئەخۋال بار ئىكەن مىنىڭ قىزىم ئالدىنقى مەۋسۇمدە بىرنەچچە پەندىن تاماملاش ئىمتىھانى بەرگەن ئىدى بىرقىسىم مەيدانلارغا سۇئالنىڭ جاۋابى يىزىلىپ كىرىپتۇ قىزىم بۇ ئىشنى دىگەنتى كۆڭلۇم شۇنداق غەش بولدى ، قىزىم دەرىستە شۇنداق ياخشىتى بۇ ئىشلارنى دەپ يىغلاپ كەتتى . مەن دىدىم قىزىم كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ ياخشى ئوقۇغان ئادەم ھامىنى غەلبە قازىنىدۇ دەپ. مۇشۇنداق قاملاشمىغان ئىشلار ھازىر مەكتەپلەردە يۇز بىرىپ تۇرىۋاتىدۇ ، بۇنى تۇزىتىدىغان كىشىلەر يوقمدۇ؟ بۇ ىىل ئەخۋاللار ياخشى ئوقۇۋاتغان بالىلارنىڭ ئۇگىنىش قىزغىنلىقىنى سۇسلاشتۇرىۋىتىدىكەن.

كۆيۈمچان ئەزا

خىياللار مىنىڭ ب

UID
3846
يازما
441
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13942
تىزىملاتقان
2010-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 17:28:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ مىھرىبان ئانىلىرىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن .

ۋىسال - ياپياش ھەم قېرى قاقۋاش.

UID
5189
يازما
571
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18035
تىزىملاتقان
2010-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-17 22:53:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىھرىبان ئانىلارنىڭ ئىشلىرى مەڭگۈ بەرىكەت تاپقاي ! ئۇلارنىڭ  ئۆمرى زىيادە بولغاي ! بىزنىڭ ئازغىنە كۆڭلىمىز نۇرغۇنلىغان ئوقۇشسىز قالغان مەسۈمەلارنىڭ ئالەمچە خوشاللىقى !!!

ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق ،ئون بەشى قاراڭغۇ!!!

UID
10298
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2011-3-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 22:14:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«رەيھان ئاپپايغا ئوچۇق خەت» نى ئوقۇپ...
                                                ئەبەيدۇللا نەسىردىن

«شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» نىڭ 2011- يىلى 6-ماي سانىغا بېسىلغان «رەيھان ئاپپايغا ئوچۇق خەت» نى ئوقۇپ قەلبىم لەرزىگە كەلدى. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەمتىلى ھېلىم ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسى ھەققىدىكى تەسىراتىمنى ماقالە ئاپتورى ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كېلىپ، قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
ماقالىدە مېھرىبان ئانىلارنىڭ سەركەردىسى رەيھان ئاپپاينىڭ ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە خاتىرجەم ئوقۇشى ئۈچۈن، پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىنكى راھەتلىك كۈنلىرىنى تەرك ئېتىپ، «مىسكىن قەلبلەرنى ساخاۋەت نۇرلىرى بىلەن يورۇتۇۋاتقان» ئۇلۇغ ئانا ئىكەنلىكىنى يېزىش بىلەن بىللە، رەيھان ئاپپاي باشچىلىقىدىكى مېھرىبان ئانىلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىمىزغا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنىڭ ئەكسىچە، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردىكى «%38» نى تولۇق ئېلىش كويىدىلا كۆيۈپ-پىشىپ، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتقانلىقى تەنقىدلەنگەن. «ئىمتىھان مەيدانلىرىنىڭ ئەركىنلىشىپ كەتكەنلىكى» «ئىمتىھان سوئاللىرى تەكرار قىلىنىدىغان، كومسسىيەلەردىن جاۋاب كىرگۈزىدىغان» «قىسمەن رەھبەرلەر ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان» «ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىگە نومۇر قويغۇچى قىسمەن كىشىلەردە يېقىنلىرىغا ئوڭ كۆزى بىلەن قارايدىغان» ناچار ئەھۋاللارنىڭ  بارلىقى پاش قىلىنغان. شۇنداقلا، ئاپتور بۇنداق ئىشلارنىڭ رەيھان ئاپپاي باشچىلىقىدىكى مېھرىبان ئانىلارنىڭ «بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن» دەپ قىلىۋاتقان مىننەتسىز ئەجرىگە قىلىنغان خىيانەت ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلاردىن نومۇس ۋە ئازاب ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئۆكۈنۈش مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزىنى ھەقىقىي مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈنمۇ ئورتاق نومۇس ۋە ئازابتۇر.
ئەينى يىللىرى ئابدۇقادىر داموللا، ئاكا-ئۇكا موسابايىفلار، مۇھىتىلار جەمەتى، مەمتىلى تەۋپىق، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر ئوغلانلىرىمىز ماددىي بايلىقى، روھىي ۋە جىسمىنى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلاپ، مەڭگۈ ئۆچمەس ئۈلگە تىكلەپ بەرگەنىدى. رەيھان ئاپپاي باشلىقىدىكى مېھرىبان ئانىلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىمۇ ئاشۇ ئوغلانلىرىمىزنىڭكدىن قېلىشمايدۇ. رەيھان ئاپپاينىڭ ئەڭ ئېغىر مۇسىبەتلىك كۈنلىرىدىمۇ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارنى ئويلىغانلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ. ئۇ تېخى ئۆتكەن ئايدىلا، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پېنسىيىگە چىقىپ، 78 يېشىدا ۋاپات بولغان ھەدىسى پاتىمە قاسىمنىڭ قىرىق نەزىرىگە ئاتالغان 6500 يۈەن پۇلنى ھەدىسىنىڭ بالىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 74-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلىش ئارقىلىقمۇ، ئۆزىنىڭ «بارلىقىم بالىلار ئۈچۈن» دېگەن تەۋرەنمەس ئېتىقادىنى ۋە روھىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
تەيۋەنلىك مائارىپشۇناس گاۋ جېندۇڭ ئەپەندى «ئۆز بالىسىنى سۆيۈش ئادەمنىڭ ئىشى، باشقىلارنىڭ بالىسىنى سۆيۈش ئىلاھنىڭ ئىشى» دېگەن. بىر قېتىملىق سىناقتا ئوقۇغۇچىلاردىن: «سىز ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ مېھرى- مۇھەببىتىنى ھېس قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟» دەپ سورالغاندا، ئاران %10 ئوقۇغۇچى: «ھېس قىلدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەسلى گېپىمىزگە قايتساق، قىسمەن ئوقۇتقۇچىلاردا سادىر بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ھەقىقەتەن ئۇلاردا روھىنىڭ سۇسلاپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. مەن تەتقىقاتچى يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ ئېيتقىنىدەك: «مائارىپ ساھەسىدىكى بىر مەسئۇلىيەتسىز ئوقۇتقۇچىنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنى باشقا ھەر قانداق كەسىپتىكى نۇرغۇن كىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى زىيىنىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ» دەپ ئويلايمەن.
ھازىرچە، بىزگە تەسەللى بولىدىغىنى، مەسىلىنىڭ پەقەت قىسمەن ئوقۇتقۇچىلاردىلا ئىكەنلىكى، زور كۆپچىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەنىلا بارلىقىنى بالىلارغا بىغىشلاۋاتقانلاردۇر. شۇڭا، رەيھان ئاپپاي، خاتىرجەم بولۇڭ، بىزنىڭ تالاي ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئەجرىڭىز، ئۈمىدىڭىزنى ئاقلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. يەنى ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ ئېيتقىنىدەك: « ‹مائاشچى مۇئەللىم› لا بولۇپ قالماي، مائارىپچى ھەم مائاشچى مۇئەللىم بولۇش» ئۈچۈن تىرىشچانلىق  كۆرسىتىۋاتىدۇ. يۇرتۇم شىخودىمۇ ئامىنە ئاپپاي باشچىلىقىدىكى مېھرىبان ئانىلار كوللېكتىپى تۆت يىلدىن بۇيان سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى ئىخلاس بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا.
ئاخىرىدا، مەمتىلى ھېلىم ئەپەندىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشى ئۈچۈن، مۇشۇنداق ماقالىلەرنى يېزىپ بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

(«شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» 24-ماي سانىدىن)

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش