- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 54
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 685
- تىزىملاتقان
- 2011-4-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-12
- UID
- 10594
- يازما
- 54
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 685
- تىزىملاتقان
- 2011-4-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-12
- توردا
- 3 سائەت
|
گۈلەن ئەپەندى بىلەن بىز ئاغىينە . بىراق بۇ ئاغىينىمىزنىڭ سودىغا ئېپى يوق . قىلغانلا تىجارىتىدىن زىيان چىقىدۇ . شۇنداقتىمۇ يەنە تىجارەت قىلىپ باللىرىنى باقمىسا بولمايدۇ .
بىر كۈنى بۇ ئاغىينەم قېشىمغا قانداق تىجارەت قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ كەلدى .
- ئاداش ، دىگىنە ئەمدى نىمىش قىلسام بولار ؟ - دىدى بېشىنى قاشلاپ .
- ئوۋچىلىق قىلىپ باقامسەن - يا ؟! ...
- نىمە ئوۋلايمەن ؟ - سورىدى گۈلەن سۈزۈمنى ئاڭقىرالماي .
- بازاردا ئېيىق تېرىسى خېلى پۇل بولاۋاتىدۇ . ئېيىق ئوۋلاپ باقساڭمىكىن - دىدىم ئۈزۈممۇ بۇ ئىشقا ئىشەنچ قىلالماي . - ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېيىق تاپىنى ، ئېيىق ئۆتى تىبابەتتە تېپىلماسلا دورا دىگىنە .
- ھە ، مۇنداق دە . ئۇنداقتا ئېيىقنى قانداق ئوۋلايمەن ؟
- ئاۋۋال ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىغا ئوۋچىلىق كېنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىسەن - دىدىم ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ - ئاندىن مىلتىقتىن بىرنى ئالىسەن . ئاندىن تاغقا چىقىسەن ، ئالدىڭغا يوغان بىر ئۈڭكۈر ئۇچرايدۇ . مىلتىقىڭنى بەتلەپ تۇرۇپ ئۈڭكۈرگە قارىتىپ تاشتىن بىر ئاتىسەن . شۇندا ئۈڭكۈردىن ھۆركىرىگىنىچە بىر ئېيىق چىقىدۇ . - گوم !!! - لا قىلىسەندە ، ئېيىقنى ئاتىسەن . شۇنىڭ بىلەن تېرىسىنى بىرىگە ، تاپىنى ، ئۆتى دىگەنلەرنى بىرىگە ساتىسەن .
- ھە ... - دىدى گۈلەن . - ئويلىنىپ قېلىپ - بۇمۇ بولىدىغان ئىشكەن ، رەھمەت ئاغىينە . ئەگەر بۇ ئىش ئېقىپ قالسا سىنى چوقۇم كاتتا مىھمان قىلىمەن . - دىگىنىچە كىتىپ قالدى .
ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۈتۈپ كەتتى . گۈلەنمۇ ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتتى . بىر كۈنى ئەل - ئاغىينىلەر چايخانىدا ئولتۇرۇپ گۈلەننىڭ دېرىكىنى قىلىشتۇق . مەن چايخانىدىن قايتىپلا گۈلەننىڭ ئۆيىگە كەلدىم . ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ قىزى ئايچېچەك مەكتەپتىن كىلىپ تۇرغان ئىكەن .
- قىزىم ، دادىڭىز ئۆيدە بارمىدۇ ؟- سورىدىم ئايچېچەكتىن .
- دادام دوختۇرخانىدا - دىدى ئايچېچەك . ئاندىن ، - مەن ھازىر دوختۇرخانىغا بارىمەن - دىگەننى قۇشۇمچە قىلىپ قويدى .
- مىنى باشلاپ بېرىڭ ئەمىسە - دىدىم ئۇنىڭغا . دوختۇرخانىغا كەلدۇق . گۈلەن سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ئىكەن . ياتاققا كىرىپ قارىسام پۇتلىرىنى گەجدە قاتۇرۇپ گېپىسلىۋەتكەن گۈلەن ياتاتتى .
- ۋۇي ، نىمە بولدۇڭۇي ؟ ... - سورىدىم سالام - سائەتنىمۇ ئۇنتۇپ .
- نىمىسىنى سورايسەن ؟! - دىدى گۈلەن مىنى كۈرۈپ جانلىنىپ - سەن دىگەندەك مىلتىقنى كۆتۈرۈپ تاغقا چىقتىم . ھقىقەتەن سەن دىگەندەك يوغان بىر ئۈڭكۈرنى كۆردۈم . زامانداش دىگەن ئۈڭكۈر مۇشۇكەندە ، دەپ ئويلاپ مىلتىقىمنى بەتلەپ تۇرۇپ ئىچىگە تاشتىن بىرنى ئاتقانتىم . ئىچىدىن ھۆركىرىگىنىچە پويىز چىقتى !!!
ھا ھا ھا ... ئىككىلىمىز كۈلۈۋەتتۇق . |
|