- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 38
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1089
- تىزىملاتقان
- 2011-2-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-1
- UID
- 9583
- يازما
- 38
- تېما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1089
- تىزىملاتقان
- 2011-2-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-1
- توردا
- 12 سائەت
|
ئۆركەش تاماق يىمەكچى بۇلۇپ ئاشخانىغا كىرىپتۇ.ئاشخانا خۇجايىنى ئۇنىڭدىن نىمە تاماق يەيدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ ھىچ ئويلىمايلا :
-بىر قاسقان مانتا،-دەپتۇ.
بىردەمدىلا ئۇنىڭ ئالدىغا ھورى ئۆرلەپ تۇرغان مانتا كەلتۈرۈلۈپتۇ.ئۆركەش مانتىغا قاراپ ئۇنىڭ كىچىكلىكىنى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچىدە قىيمىسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ،ئاشخانا خۇجايىنىغا:
-ھەي بۇ مانتىنى پولوغا تىگىشىپ بىرىڭ ،-دەپتۇ.
بىر دەمدىلا ئۇنىڭ ئالدىغا پولو كەلتۈرۈلۈپتۇ.ئۇ پولونى ئىشتىھا بىلەن يەپتۇ.يەپ بۇلۇپ دۇئا قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ سىرتقا مېڭىپتۇ.ئاشخانا خۇجايىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئۈتۈپ:
-ھەي،يىگەن پولونىڭ پۇلىسىنى بەرمەمسىز؟-دەپتۇ.
ئۆركەش:
-مەن يىگەن پولونى مانتىغا تىگىشكەن تۇرسام،-دەپتۇ.
ئاشخانا خۇجايىنى:
-ئەمىسە مانتىنىڭ پۇلىسىنى،-دىيىشىگە ئۆركەش:
-ھەي،مەن يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىسىنى تۈلەمدىم،-دەپ ۋاقىراپتۇ.
ئاشخانا خۇجايىنى نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي،ئاغزىنى تۇتۇپلا قاپتۇ. |
|