- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 132
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2742
- تىزىملاتقان
- 2011-3-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-19
- UID
- 10314
- يازما
- 132
- تېما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2742
- تىزىملاتقان
- 2011-3-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-19
- توردا
- 44 سائەت
|
سەرخىل يۇمۇرلار ( 1 )
1. باش ئاغرىقى
مۇبارەك دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ،بېشىم ئاغرىيدۇ ، دىگەنىكەن . دوختۇر ئۇيغۇربەگ ‹‹ ئەرگە تىگىڭ ›› دەپ مەسلىھەت بىرىپتۇ .
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن دوختۇر، مۇبارەككە ئۇچراپ ، سۇراپتۇ :
- ھە ، توي قىلدىڭىزمۇ؟
- رەخمەت ، توي قىلدىم .
- بېشىڭىزنىڭ ئاغرىغى ساقايغاندۇ ؟
- مۇبارەك :مېنىڭغۇ ساقايدى ، لىكىن ئىرىمنىڭ بېشى ئاغرىيدىغان بوپ قالدى .
2. مەسلىھەت ھەققى
قاسساپ - ئالىپ28 ئۆزى بىلەن بىر قورودا ئولتۇرىدىغان ئادۇۋكات - كىپىنەك نىڭ ئۆيىگە كىرىپ سۇراپتۇ :
- ئەگەر بىر ئىت مىنىڭ دۇكىنىمغا كىرىپ گۆش ئوغىرلاپ يىسە ، ئۇنىڭ ئىگىسى زىياننى تۆلەپ بىرەمدۇ ؟
- ئەلۋەتتە تۆلەپ بىرىدۇ ،- دەپتۇ ، ئادۇۋكات كىپىنەك .
- قاسساپ - ئالىپ28 :ياخشى، ئەمىسە ماڭا 100 يۈەن تۆلەڭ، چۇنكى سىزنىڭ ئىتىڭىز ئوغىرلاپ يەۋالغان گۆش 100 يۈەنلىك ئىدى .
- بۇلىدۇ ،- دەپتۇ ئادۇۋكات كىپىنەك ،- مەسلىھەت سۇراش ھەققى 200 يۈەن ، سىز ماڭا يەنە 100 يۈەن بەرسىڭىز توغىرلىشىدۇ ...
3.ئۈچ سەۋەپ
مۇئەللىم – بۇلبۇلگويا : ئاھۇ ! يەرشارىنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىگە ئىسپات بولىدىغان 3 سەۋەپ كۆرسەت .
ئاھۇ : داداممۇ شۇنداق دەيدۇ ، ئاناممۇ شۇنداق دەيدۇ ، سىزمۇ شۇنداق دىدىڭىز ،شۇڭا يەرشارى يۇمىلاق .
4.زور ئىلگىرلەش
ئوقۇغۇچى –راستچىل ساۋاقدىشىدىن سوراپتۇ :
- ئېنگىلىزچىدا قانداقراق كېتىۋاتىسەن ؟
- يانار تاغ : مەندە ئىلگىرلەش زور ، بۇرۇن مەن ئېنگىلىزلارنىڭ گىپىنى ئۇقمايىتتىم ، ھازىر ئېنگىلىزلار مىنىڭ گىپىمنى ئۇقماس بولدى .
5. توشقان قانچە
مۇئەللىم ئايخېنىم : ئىپپەت ، مەن ساڭا بۈگۈن 3 توشقان بەرسەم ، ئەتىسى يەنە 5 توشقان بەرسەم ، سەندە جەمئىي قانچە توشقان بولىدۇ ؟
ئىپپەت : 9 توشقان .
مۇئەللىم ئايخېنىم : نىمىشقا ؟!
ئىپپەت : ئۆزۈمدە بىرسى بار تۇرسا ؟!
ئۇرۇش پارتىلاش
- مارىي : تۈنۈگۈن كەچتە ئۈيىڭىزدىن دوختۇر چىقىپ كىتىۋاتاتتى ، ئاغرىپ قالغان ئوخشىمامسىز ؟...
- سۈمەييە 0999 : ئەمىسە ، ئۈلۈشكۈنى كەچتە ئۆيىڭىزدىن بىر ھەربىي چىقىپ كېتىۋاتاتتى ، ئۆيىڭىزدە ئۇرۇش پارتىلاپتىكەن ھە ؟!
مەنبە : ئۆزۈم يىققان |
|