- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 884
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 19936
- تىزىملاتقان
- 2010-8-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-10
- UID
- 4227
- يازما
- 884
- تېما
- 27
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 19936
- تىزىملاتقان
- 2010-8-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-10
- توردا
- 330 سائەت
|
مۇنبەردىن ئىبارەت بىر پارچە كىگىزدە بەداشقاننى قۇرۇۋالغان بىر توپ ئۇيغۇر ياشلىرى مۈشكۈل مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرىلەشمەكتە. بۇلار بىلىمدانلىقتا ئۆزلىرىنى ھەر-ھەرلەرگە تەڭ كۆرۈشمەيدىغانلار بولۇپ، ئۆز مەنتىقىسىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىشكە ھەم "ھەقىقەت مىزانى" نى ئۆزىچە تەرىپلەشكە چىن ئىخلاسى بىلەن تىرىشاتتى. مۇنبەرداشلىرىنىڭ دەلىللىرىنى رەت قىلاتتى. بىلىمدانلىق قىلىشتا ئۇلاردىن قېلىشمايدىغانلار بولسا ۋارقىراپ سۆزلەپ يېڭى-يېڭى دەلىللەرنى كۆرسىتىپ، مۇلاھىزىلەرنىڭ تىلسىملىق قورغىنىنى شۇئانلا سۆز بىلەن ياساپ قويۇشاتتى. گاھىدا بۇلار ئەسلىي ماۋزۇدىن چەتكە چىقىپ، تالاش ئۇچۇرىدىن كېلىپ چىققان يېڭى "نۇقتىلار"غا بېرىلىپ كېتىپ، سۆز توقايلىقىنىڭ تىكەنلىك مۈشكۈلاتلىرى بىلەن لىق تولغان سەھرالىرىدا مۈدۈرۈپ-تېنەپ يۈرۈپ، يەنە ئەسلىي مەسىلىگە يېنىشاتتى. بۇ بەسلەشكۈچىلەر گاھىدا مۇنازىرە چوغ-قوقاسلىرىدا قىزىپ كېتىپ بىر-بىرلىرىگە قوپال ئىبارە بىلەن تىغ سېلىشسا، گاھىدا بىر-بىرلىرىگە بۈركۈتتەك ھۆرپىيىشىپ، يولۋاس-شىرلاردەك خىرىس قىلىشىپ، بۆرىلەردەك ھۇۋلىشىپ، ھايت-ھۇيت دېگۈچە بىر-بىرلىرىگە چاڭ سالىدىغاندەك قىزىق بىر ۋەزىيەتتە بولۇشۇپ، يەنە قېرىنداشلىق دالالىتى بىلەن چاپسانلا ئەكسىگە كېلىشەتتى.ئىملا ساقچىسى شۇنداق دەرلەركى، مىللەتسۆيەر ئىلغار ياشلار كىگىزدە بەداشقاننى قۇرۇۋېلىپ مۇنازىرە توقايلىقىدا يۈرگەنلىرىدە نېمە ئۈچۈندۇر ئانا تىلنىڭ ئىملاسىنى پېتىغداپ-چەيلەپ، تونۇغۇسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشماقتا! |
|