تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: dellyar571

ئويغانغاندىن كېيىن (ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
33995
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-3-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-19
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 18:25:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
atesh يوللىغان ۋاقتى  2012-3-10 18:42
دىليار ئۇكام گەپنى چۈشەنمەي قاپسىز ، دىنى ھىسسىيات قوي ...

    سىزگە سەمىمى تەكلىپ ؛ ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۇرتىپ باقامسىز قانداق ؟
ئەپسۇس ، ئىسان ئاللاھ بىلدۇرگەندىن ئۆزگىنى بىلىشكە قادىر ئەمەس-دە . سىز ئاللاقاچان بىر يۈكسەك بۈيۈكلىككە تۇتىشىپ كەتكەن تەپەككۇر چېقىندىسىنىڭ ئاياق ئۇچىدىكى چاڭ توزانلىرى ئىچىدە تەمتىلەپ يۈرىۋېتىپسىز !بۇ ھالدا ھارۋىكەشلىك قىلسىڭىز تولىمۇ كۇلكىلىك ئەمەسمۇ ؟ بولمىسا ئىز بويلاپ باشتىن كېلىپ باقامسىزكى .

UID
8672
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
378
تىزىملاتقان
2011-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-9
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 12:24:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى باب بۇگۈن ئېلان قىلىنىدىغۇ ھە؟

UID
2435
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
746
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 16:45:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخى يازماپسىزغۇ دىليار ئەپەندى ؟

UID
6932
يازما
216
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5400
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
285 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 17:52:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېڭى باپ



توكيو خەلقئارا ئايرودرۇمىدا ياپونىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ باشلانغان ئاجايىپ ۋەقەلەرنى چەكلىك ئەقلىم تېگىگە يېتىپ بولالمايدىغان قىسمەت شاماللىرىنىڭ شىددەت بىلەن كېلىپ  ئۇرۇلىشى دەپ تونۇدۇم  ۋە ھاياتىمدىكى بۇ كۈتۈلمىگەن تەقدىر دولقۇنلىرىنىڭ  ئۇرۇلىشلىرىدىن ئويۇلۇپ چىققان ئاجايىپ-غارايىپ ئىزلارنى قىلغانلىرىدا چوڭقۇر ھېكمەت بولغانلىقى سەۋەپ ھەر ئىشى  ھامان گۈزەل بولغان ئاللاھنىڭ  ئەسەرلىرى جۈملىسىدىن كۆرۈپ ئۆز – ئۆزەمنى ئىسياندىن قاچۇرغان ھالدا سەۋرگە دەۋەت قىلدىم . بىراق ئىنسان دىگەن ئاجىز يارىتىلغان مەخلۇق ، بۇ قىسمەتلەر سەۋەبلىك ئادەتتىكى ئادەملەر ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان قانداق يۈكسەك بىر پەللىگە چىقىپ قالغان بولاي ۋە ياكى روھىيىتىمگە  ئاللاھ يەنە شۇ قىسمەتلەر ۋاستىسىدە بىرلىرى ھەۋەسلىنىپ تۇرۇپ قالىدىغان قانداق كاتتا- بۈيۈك ھېكمەتلەر سىڭدۈرىۋەتكەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزەم بىلىدىغان، چۈشىنىدىغان ھەممىدىن مۇھىمى چۈش دىسە چۈش ئەمەس، رېئاللىق دىسە رېئاللىقتەك ئەمەس ، پەۋقۇلئاددە جاپالىق ۋەزىيەتلەردىن خالىي ، زورۇقۇش، تېڭىرقاشلار بولمىغان ئاشۇ سۆيۈملۈك ئاددىي دۇنيارىمغا قايتىشقا ئىنتىلىدىكەنمەن. بەلكىم بۇلارنى سىز راھەتكە ئىنتىلىش، جاپادىن قېچىشتىن ئىبارەت ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئاجىزلىقلار  دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن مېنىڭ پەرۋايىم پەلەك. مەن شۇنداق ئادەمكى ئىككى دۇنيادا خاتىرجەم ياشاش ئاجىزلىقنى تەلەپ قىلسا ئاجىز بولۇشقا، شان –شۆھرەت ۋە پاراسەتلەردىن ۋاز كېچىشكە ھەر زامان تەييار .
ئىشلارنىڭ مانا مۇشۇ  ئىنتىلىش ئىنتىزارلىقلىرىم تەلەپ قىلغان يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشى  ئۈچۈن  تاكى خىرويۇكى ئەپەندىنىڭ داچىسىغا سالامەت يېتىپ  بېرىۋالغۇچە بۇ ئادەملەرنىڭ مېنى تانائۇسۇ دەپ تونۇپ ئىشلارنىڭ تەستە قولغا كەلگەن ئەينى ۋاقىتتىكى ئوربىتىسىدىن چىقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىم لازىم. بۇ دىمەك ھەربى ھالەتتە سەگەك تۇرۇش ۋە داۋاملىق تۈردە غاردا  بولۇۋاتقان دىئالوگ-پاراڭلار ۋە ئىش- ھەرىكەتلەرنىڭ ماڭا پايدىسىز  تەرەپكە بۇرۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ .  بۇنداق قىلىش ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت بۇ ئىنسانلىقى ئىنقىلاۋى روھ ئاستىدا قالغان ئامېرىكىلىقلارنى  چۈشىنىش، مەقسەتلىرىنى توغرا تەخمىن قىلىش بىلەن بولىدىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ قىلىشقان پاراڭلىرى ۋە باشقا ئۇچۇر مەنبەلىرىگە سەزگۈرلۈكنى ساقلىدىم.
ئۇچار كېمە لا پالما ئارىلىغا قونۇپ بىز غارغا ئورۇنلاشقان كۈنى  بۇلار كېچىچە كىرپىك قاقماي 51-رايوندا ياسىلىپ يولغا چىقىپ بولغان  ئالاھىدە ئۇچار كېمىنىڭ سامانيولىنىڭ سىرتىدىكى  بىر پىلانېتقا قاراپ ئىلگىرلىشىگە كاشىلا قىلدى. ئۇلارنىڭ گېپىگە قارىغاندا بۇ پىلانېتتا غايەت زور مىقداردا تەبىئى بايلىق ساقلانغان بولۇپ ناۋادا بۇ بايلىق 51-رايونغا ئېلىپ كېلىنىپ قالسا زور بىر پاجىئەە بولىدىغاندەك...ئۇلار پاراڭ ئارىلىقلىرىدا «نەس   بانكىرلار» ،«بىزنى ئەخمەق قىلدى»...دىگەندەك گەپلەر بولغان بولسىمۇ ئۇ پارچە-پۇرات سۆزلەردىن   بۇ پاجىئەنىڭ زادى قانداق پاجىئە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. لېكىن بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى باشقا دىئالوگلار  ۋە كومپىيوتېرلىرىنىڭ ئېكرانلىرىدا كۆرۈنىۋاتقان ئۇچۇرلار، يەنە گۈزەلنۇرنىڭ كەينىدىن ھاسىراپ مېڭىش جەريانىدا، ئۇلۇغ ئادەملەر ئارىسىدا يۈرۈپ  تېرىشتۈرىۋالغان پاراڭلاردىن بولۇۋاتقان ئىشلار ھەققىدە مۇھىم بىر قىياسنى كاللامغا ئېلىپ كېلەلىدىم. ماڭا ئەينى ۋاقىتتا پەقەت خۇش ياقمىغان بولسىمۇ يەنىلا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.   ئوسمانىيە ئېمپىرىسىيىنڭ ئاخىرقى سۇلتانى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تىكلەنگەن پۇل مەركەز دۇنياۋى ئىنتىزامىنىڭ بىخلىرىنى  دەل 1453-يىلى 29-ماي ئىستانبۇلنىڭ تۈركلەر تەرىپىدىن  فەتىھ قىلىنىشى نەتىجىسدە ياۋروپانىڭ قامىلىپ قېلىپ يېڭى قۇرۇقلۇقلارنى بايقاشقا باشلىغانلىقىدىن سۈرۈشتۈرگەن ئىدى. يەنى ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە  قۇرۇقلىقىدىن ئىبارەت  يېڭى قۇرۇقلۇقلارنىڭ بايقىلىپ ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇ يەرلەردىكى  بايلىق مەنبەلىرىگە ئېرىشىشتىن كۆكلەپ چىققان پۇل مەركەز دۇنيا ئىنتىزامىنىڭ يىلتىزلىرى كونا دۇنيا(ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقا قۇرۇقلۇقلىرى) دا 15-ئەسەرنىڭ ئاخىرىدىن  باشلاپ پوپ ،پادىشاھ دىگەندەك ئىلاھى ۋە دۇنياۋى نوپۇزلارغا جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىق  مىللى ئۆزلۈكنى ،شەخسىيىتىنى بايقىشى بىلەن زامانىۋى يېڭى دۇنيا بەرپا قىلىنغانلىقىدىن ئىبارەت يېپيېڭى جەمئىيەت  ئۆزگىرىشىگە  دەسمايە بولغانىدى.
مەن ئامېرىكىلىق بۇ ئۈچ ئۇچقۇچىنىڭ ئاغزىدىكى غايەت زور مىقداردا تەبىئى بايلىق ساقلانغان ئۇ پىلانېتنى  تارىختىكى يېڭى دۇنيا (ئامېرىكا-ئاۋستىراليە قۇرۇقلۇقلىرى ) نىڭ بايقىلىشى دەپ تونۇپ بۇ تونۇشنى ئۇلار تىللاپ قارغاۋاتقان پۇل مەركەز دۇنيا قارىشىنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولغان  بانكىلارغا باغلىغان ھالدا   51- رايوننىڭ ئەمەلىيەتتە دۇنيا بانكىرلىرىنىڭ يېڭى بايلىقلار تەتقىق قىلىش ئىزدەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئاپارات ئىكەنلىكىنى قىياس قىلدىم .ئىش مۇشۇنداق قىياس قىلىنسا  غايەت زور مىقداردا تەبىئى بايلىق ساقلانغان ئۇ پىلانېت يەنە بىر قېتىملىق زور دۇنياۋى ئۆزگىرىشتىن دېرەك بېرىدۇ .ئۇنداقتا بۇلار نىمىشقا  بۇ خىل تارىخى ئۆزگۈرۈشكە يەنە كېلىپ بۇرۇن بىر قېتىم كۆرۈلۈپ پارىژ ئىنقىلاۋىدا ئېلان قىلىنغان ئىنسان ھۆرلۈك خىتاپنامىسىگە يىلتىز بولغان ھالدا ئىنسانىيەتنى بۈگۈنكى مەنىدىكى زامانىۋىىلىق قۇتۇبىغا باشلاپ چىققان ئىلگىرلەشكە توسقۇنلىق قىلماقچى بولىدۇ ؟.بۇ سۇئالغا بىۋاستە جاۋاپ تاپالمىدىم. پەقەت ئەينى ۋاقىتتا ئىسپانىيە دېڭىز پورتلىرىدىن دېڭىزغا چىققان تەۋەككۈلچى كاپىتاللارغا مەبلەغ سالغان ۋە ئافرىقىدىكى لاپالما ئارىلىدىكى تانائۇسۇنىڭ زېمىنىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنىپ يوقىلىشىغا(ئىسپانىيە لا پالما ئارىلىنى 1493-يىلى پۇتۇنلەي بوي سۇندىرىدۇ :ئاپتوردىن  ) سەۋەپ بولغانلارغا نەپرەتلىنىدىغان بوبى قاتارلىقلارنىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى چوڭ بىر دۇنياۋى يۈزلىنشىكە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلدىم .بەلكىم بۇلار( ھېچ بولمىغاندا ئاسان ھاياجانلىنىدىغان  كىيىس) يېڭى دۇنيانى بايقىغان شۇ كېمىلەر ئەينى زاماندىلا چۆكتۈرىۋېتىلگەن  ۋە ئۇلارغا دەسمايە سېلىپ بەرگەن پۇلدارلار  تىزگىنلەنگەن بولسا دۇنيادىكى %10ئادەم ھەرگىز  %85بايلىقىنى ئىگىلىۋالمايتتى ، يېتەرلىك ئاشلىق بار تۇرۇقلۇق دۇنيادا بۈگۈنكىدەك ھەر كۈنى ئاچلىقتىن ياكى ئوزۇق يىتەرسىزلىكتىن  25000 ئادەم ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىش چىقمايتتى  دەپ چۈشەنسە كېرەك  .
ئۇلار شۇنچىلىك ھەپىلىشىپمۇ ئۇ ئۇچار كېمىنىڭ ھەرىكىتىگە دەرھال تەسىر كۆرسىتەلمىدى. بىراق بۇلارنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن بولسا كېرەك ئىزچىل تاكى مەن كېيىنكى سەھەر ئويغانغانغا قەدەر خىزمىتىنى داۋام قىلدى. ئارىلىقتا بۇلارنىڭ تانائۇسۇنى تىرىلدۈر دىگەن تەلۋىلىكىنى قايتا قىلىپ بۇ ئۇچار كېمىنى سەن توختات دەپ قالسا نىمە دەرمەن دەپ ئەنسىرىدىم. لېكىن تەلىيىمگە بۇ گەپ چىقمىدى . پۈتۈن بۇ جەرياندا قىلغان ئىشىم قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان تانائۇسۇنىڭ يېنىدا ئارتۇق گەپكە ئارىلاشماي جىم ئولتۇرۇپ كاللامدىكى ئۇچۇرلارنى رەتلەپ ئۇلار ھەققىدە توغرىغا ئىمكانغا قەدەر يېقىن بىر قاراشقا كېلىش بولدى. ئەلۋەتتە، بۇلار قانداقتۇ دۇنياۋى ھەقىقەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش سەمىىمى ئىزدىنىش ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ھەر قانداق سوئالىغا چانمىغۇدەك قىلىپ جاۋاپ بېرىش ۋە شۇ ئارقىلىق بىخەتەرلىكىمنى قوغداش  ئىدى   
بىر كەمدە  بوبى كىيىس  بىلەن جاننى داۋاملىق غاردا تۇرۇپ  ئاشۇ ئۇچار كېمە بىلەن ھەپىلىشىشكە  قالدۇرۇپ ئۆزى مېنى ياپونىيىگە ئاپىرىپ قويۇشقا ھازىر بولدى. بوبى ئىككىمىز غارغا كىرىش ئۈچۈن ماڭغان يولدىن قايتا مېڭىپ ئۇچار كېمىدىن قانداق چىققان بولسا شۇ يول بىلەن يەنە ئۇ غەلىتە ئۇچار كېمىگە چىقتۇق . ئۇچار كېمىگە دەسسىگەن شۇ ۋاقىتتا تۈرمىدىن چىقىدىغانغا بىر قەدەملا قالغان ئادەمدەك خوش بولۇپ بۇ ئادەملەرنىڭ كاللىسىدا  ھېچ بىر تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈش بولمىغانلىقىدىن(ئىنقىلاۋى ئىھتىياجدا ،ئۇلۇغ غايىلىرى تەلەپ قىلسا ئۇلار ھەر زامان ھەر قانداق سۆزدىن يېنىۋېلىشى مۇمكىن- دە )ئاللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى ئېيتتىم . دەل شۇ ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىۋاتقان ئەسنادا بوبى مەندىن بەزى مەسىلىلەرنى سوراپ قالدى .
-تانائۇسۇ، بىز قانداق ئادەملەر، بىلىۋاتامسىز ؟
-  سىلەر ، سىلەر ..- بىر دەم تۇرىۋېلىپ باياتىن كاللامغا كەلگەن ئۇچۇر-خىياللارنى  جىددى رەتلەپ جاۋاپ بەردىم -  سىلەر ئالەمدىن ئامېرىكا ،ئاۋستىرالىيە قىتئەسىگە يەنى  يېڭى دۇنياغا ئوخشاش  ماددى بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش بىلەن ھەپىلەشكەن ۋە شۇ نىشاندا  باش چۆكۈرۈپ  ئىشلىگەن  تەتقىقاتچىلار، ئەمما ھازىر  ھېچقايسىڭلار  بۇنداق يېڭى بايلىق مەنبەسى ئېچىش ئارقىلىق ئۆزەڭلارنى  ئىنسانىيەتنىڭ پايدىسىغا خىزمەت قىپتۇق دىمەيۋاتىسىلەر  - بوبىنىڭ مەن بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندىكى چىراي ئىپادىسدىن بىر غەلىتە ئىپادىنى ئەمەس جىددىيلىكنى كۆرۈپ گەپلىرىمنىڭ ئۇنىڭغا تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ خاتىرجەم بولدۇم ۋە تېخىمۇ تەمكىن بولۇشقا تىرىشىپ سۆزۈمنى داۋام قىلدىم – بوبى،   بىر چاغلاردا ئالەمدىن يېڭى كۈچ مەنبەسى تېپىپ  پۈتۈن دۇنيانى زامانىۋىلىقتىن ھالقىيدىغان دەسمايىگە ئېرىشتۈرىمىز دەيتتىڭلار. سىلەرنى ئۇ قاراشقا كەلتۈرگەنلەرگە لەنەت .
-تانائۇسۇ ،تانائۇسۇ – بوبى بىر ئاز ھاياجانلاندى. – بىز تېخى كېچىكمىدۇق ، بىز ئۇ ئۇچار كېمىنى ئۇلار بىزنى بايقاپ بولغۇچە  چۈشۈرىۋېتەلەيمىز. پەقەت سىز ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ مەنبەسى كېسىۋېتەلىسىڭىزلا. بىزگە بەرگەن ۋەدىڭىز بويىچە ئىش قىلىپ  دۇنيا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى قانۇنسىزلاشتۇرۇش ،ئاندىن بانكىلارغا قارشى خەلقئارالىق ئاممىۋى ھەرىكەت قوزغاش، دۇنياۋى ئويغىنىش  ھەرىكىتى ئېلىپ بارالىسىڭىزلا  ئۇلارنىڭ بۇنداق ئۇچار كېمىدىن ئىككىنچىسىنى ياسايدىغان كۈچى قالمايدۇ. - گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە ئۇ ئاۋازىنى تۆۋەنلىتىپ يالۋۇرغاندەك تەلەپپۇزدا سۆزلىگىلى تۇردى. -  تانائۇسۇ، بىزنىڭ كۆپ ۋاقىتمىز يوق ،ئۇچار كېمىنى پاچاقلىۋېتىپ بولغاندىن كېيىن سىز بانكىرلارنى بىر تەرەپ قىلالمىسىڭىز مەن يەنە كىيىس،جان ھېچقايسىمىز ھايات قالمايلا قالماي نۇرغۇن ئادەم قىرىلىپ كېتىدۇ ،سىزغۇ ئۆز پېلانىتىڭىزغا قايتىسىز. لېكىن سىزنى ئىنسانلار توپىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇرلار تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن بولغاچقا تاشقى پېلانېت ئادىمى بولغانىڭىزغا قارىماي  بىز سىزدىن  گۈزەل ئىنسانى ئەخلاق ۋە ئىنسانى تۇيغۇدا پىكىرقىلىشلارنى كۆردۇق.بۇ ئىنسانى تەرىپىڭىز بىلەن  يەر شارىدا بۇنداق قەبىھ پاجىئەلەرنىڭ بولۇشىغا  قاراپ تۇرمايسىز، شۇنداقمۇ ؟
ئاللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكرىكى، كاللامنى ئىشلىتىپ ئۇچۇرلارنى توغرا رەتلەپ،  توغرا جاۋاپلارنى بېرىپ بوبىنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالمىدىم. ياپونىيىگە يولغا چىقىشىمدا مەسىلە يوق دەپ ئىچىمدىن خوشال بولۇۋاتقان بولساممۇ ئۇنىڭ گەپلىرى مېنى ئويغا سالمايمۇ قالمىدى . يەنى بۇ ئۈچ ئامېرىكىلىق نۇرغۇن ئىنسان قىرىلىپ كېتىدۇ دەپ نىمىنى دەۋاتقاندۇ ؟  مېنى-مەندەك ياپونىيە تۇپرىقىغا دەسسەپلا ئۇيغۇرئاينىڭ قولىدىن تۇتۇپ دۇنيادا نامى يوق تەڭرىتېغىنىڭ ئېتىكىدىكى ئۈرۈمچى دىگەن كىچىك  بىر شەھەرگە كېتىپ تىنچ ياشاشنىڭ غېمىنى قىلىدىغان  ئادەمنى-شۇنداق زور بىر خەلقئارالىق ھەرىكەت قوزغايسەن دىيىشلىرى نېمىدىگەن كۈلكىلىك –ھە!!  بىراق كىم بىلىدۇ، يالغۇزلۇقنىڭ دەردىگە چىدىمايۋاتقان بۇ ئامىركىلىق ئۈچى ئىسىملىرىنىڭ ھەر يەر-ھەر يەرلەردە زىكىر بولۇپ تۇرۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىشىپ  ئانچىكىم ئىشلارنى كۆپتۈرۈپ باشقىلاردا كىرىزىس تۇيغۇسى ئويغىتىپ ئاندىن بۇ كىرىزىس تۇيغۇسىغا جاۋاپ بەرگۈچى قەھرىمان سۈپىتىدە    سەكرەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ چاۋاكلارغا ئېرىشىشنىڭ كويىدا يۈرگەنلەرمۇ تېخى  ...      
-خاتىرجەم بولۇڭ بوبى، خاتىرجەم بولۇڭ. – سەن مىنى ئالداۋاتقان بولساڭ مەنمۇ سىنى ئالدىيالايمەن دەپ مۇشۇنداق گەپ قىلىدىم لېكىن ماڭا باشقا قانداق تاللاش بار دەيسىز؟!  ئۇنىڭدىن نېمىشقا يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى سورىغىم كەلدىيۇ، ئۆزەمنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا  ھەممىنى بىلىدىغان تاشقى پىلانېت ئادىمىلىك سالاھىيىتىمنى ساقلىشىم ئۇچار كېمىگە چىقىش ياكى چىقالماسلىققا باغلىنىشلىق بولۇپ قالغاچقا تىلىمنى ئاستا يىغىۋالدىم .
   - بۇلارنى  ئېلىڭ تانائۇسۇ، – بوبى ماڭا ئۇچار كېمىنىڭ ھۆججەتلەر قويۇلىدىغان بىر بۇلۇڭىدىن پاسپورت ،كىملىك ۋە باشقا بىر قانچە بانكا كارتىسىنى ئېلىپ  سۇندى. سىزنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان تارىخىڭىز، سوراق خاتىرىلىرىڭىز پۈتۈنلەي ئۆچۈرىۋېتىلدى ، بۇنىڭ ئىزىنى ھېچكىم ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ. پۈتۈنلەي نورمال ئادەم قىياپىتىدە توكيو شەھىرىگە چۈشىسىز. – ئۇلارنى قولۇمغا ئېلىشىمغا ئۇ يەنە ئادەتتىكىدەكلا تېلىفوندىن بىرنى ماڭا بېرىپ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.- بۇ ئادەتتىكى تېلىفون ئەمەس. بۇنداق تېلىفوننى 51-رايوندىكىلەرگە يەنە 20يىل ۋاقىت بەرسىمۇ ياسىيالمايدۇ. بۇ تېلىفون ئارقىلىق سىز  بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىمىز. تانائۇسۇ، خىرويۇكى ئونزو  ئارقىلىق قانداق ئىش باشلايدىغانلىقىڭىزنى مەن بىلمەيمەن. لېكىن سىزنى بېدىنبورك يىغىلىشىنىڭ ئېلكتىر مۇھىتىغا ئېلىنمىغان ئۇچۇرلىرىغا قىزىقىۋاتسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. بىز كېيىنكى قەدەمنى ئۇ ئۇچۇرلارنى باھالىۋەتكەندىن كېيىن   ئورۇنلاشتۇرايلى   .تانائۇسۇ  ۋاقتىمىزنىڭ قىسلىقىنى بىلىسىز .
ئامېرىكىلىقنىڭ سۆزلىرىدىن راستىنى ئېيتسام بېشىم ئاغرىپلا قالدى . بىرى مېنى دەرىجىدىن تاشقىرى بىر كىنوغا باش  رول ئال دەپ خىزمەت ئىشلەۋاتقاندەك بىئارام بولدۇم . بۇنداق ئىشلارنى دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلار قىلىشى كېرەك ئىدىغۇ، ماڭا باشقا تاللاش ئىمكانى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئامالسىز نىمە دىسە ھە دىدىم .
شۇنداق قىلىپ ئۆزەمنى چاندۇرماي ،قۇيرۇقىمنىمۇ تۇتقۇزماسلىقىم نەتىجىسىدە سىرلىق ئۇچار جىسىم ئەسلى پىلان بويىچە  ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى ۋە  ياپونىيە توكيو ھاۋا بوشلىقىدا بامدات نامىزى كىرىشكە ئاز قالغان ۋاقىتتا پەيدا بولدى .دۆلەتلەر چېگرىلىرىدىن بىمالال ئۆتۈپ كېتىۋېرىشلىرىدىن بۇ ئۇچار جىسىمنىڭ رادار سېزەلمەس مەخلۇق ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى . ئادەمنى داڭ قالدۇرىدىغان ئۇچۇش سۈرئىتىدىن ئەڭ ئىلغار يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئەسۋابلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بۇ مەخلۇق 代々木公園   يەنى يويوگىي باغچىسىدىكى ئاق رەڭلىك قات-قات چەمبىرەكلەر سىزىلغان گىمناستىكا مەيدانىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا قونغاندا چۈشتىن ئويغانغاندەك تەسىراتتا بولدۇم ۋە ئالدىراپ ئۇنىڭدىن چۈشۈپ خۇددى ئۆزەم چوڭ بولغان ئانا يۇرتۇمغا كەلگەندەك يەرگە، ئاسمانغا، دەل-دەرەخلەرگە قاراپ يىغلىۋەتكىلى تاس-تاس قالدىم . لېكىن يىغلىتىشقا يەتمىگەن ئۇ ھاياجاننىڭ كۈچى مەجبۇرى بېسىلىپ كەتمەي« مانا بۇ ھەقىقى دۇنيا،  ھەقىقى دۇنيا... »دەپ ئىختىيارىسز پىچىرلاشلىرىم  بىلەن خوراپ يوقالدى .


- تانائۇسۇ – بوبى ئۇچار كېمىدىن چۈشىۋېتىپ يەنە شۇنداق چاقىردى.
-نىمە ؟ - ئەسلى تىلىمغا «كىم ئۇ تانائۇسۇ پانائۇسۇ دىگەن؟ مەن دىگەن مۇھىد، مەن مۇھىد، ئىسمىمنى توغرا ئاتا، ئۇ قاملاشمىغان ئىسىمنى سەنلەر ماڭا تېڭىشتىڭ » دىگەندەك گەپلەر كېلىپ كەتتىيۇ يەنىلا  دىمىدىم.
-تانائۇسۇ، ئىسمىڭىزنىڭ مەنسى «مېنىڭ زىمىنىم » ،بۇ قېتىم زىمىنىڭىزنى ھەرگىز سىرتتىن كەلگەن ئوغرىلارغا تارتقۇزۇپ قويماڭ .
- خاتىرجەم بولۇڭ،- ئۇنىڭ ئالا-جوقا بىلىنگەن سۆزىنى چۈشەنمىگەن بولساممۇ مەجبۇرى ھىجىيىپ شۇنداق جاۋاپ بەردىم .  
- سىز زېمىنىڭىزنى تارتقۇزۇپ قويغان كۈنى  بىز ئامېرىكىلىقلار  يېڭىلىپ يىقىلىمىز، پۈتۈن دۇنيامۇ  يىقىلىدۇ .تانائۇسۇ، سان -ساناقسىز گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ ھاياتى سىزنىڭ ئىلكىڭىزدە ، بىز يەر شارىلىقلارنىڭ قولىدىن بۇ ئادەملەرنى قۇتقۇزۇپ قېلىش كەلمەيدۇ. بۇنى بىر مىنۇتمۇ ئەستىن چىقارماڭ – بوبى شۇ گەپلەرنى قىلىۋىتىپ ئالدىمغا كەلدى ۋە ئىدىۋىينا بەرگەن ئۈزىكىنى قولۇمغا تۇتقۇزدى-بۇنى ئۇنتۇق قالىدىڭىز .«ئۈزۈك مىنىڭ بەدىنمىگە ئويۇلغان خەت ھاياتىمنىڭ بىر مەنىسى» .دىگەن ئىدىڭىز . بەدىنىڭىزگە ئويۇلغان ئۇ خەتنى 51رايوندىكى ئىلغار ئەسۋاپلار ۋە ئەقىل كۈچى پەۋقۇلادە بولغان تەتقىيقاتچىلارمۇ  ئوقىيالمىدى بىزمۇ ھەم ئوقىيالمىدۇق .مەنچىمۇ سىز كەلگەن ئۇ پىلانىت بىزدىن يۇكسەك ماقامدا ئىكەن تۆۋەندە تۇرۇپ ئىگىزنى كۆرەلمىگەندەك  بىز ئۇنى مەڭگۇ چۈشىنەلمەيمىز بىراق سىزنى يىتىلدۇرگەن ئىنسانلارنىڭ يۇز خاتىرسى ئۈچۈن دۇنيانى قۇتقۇزۇپ قىلىڭ تانائۇسۇ،بىلىسىز تانائۇسۇ بىز سىزنى تاشقى دۇنيادىن كىلىپ يەر شارىدىن ماكان تۇتقان ئىنسانلارنى چۈشىنىدۇ دەردىگە يىتىدۇ قاراپ تۇرمايدۇ دەپ تونۇپ تىرىلدۇردۇق ،بىزنى نائۈمۈتتە قويماڭ ،بىز ئىلىم پەن ئىتىراپ قىلىدىغان  بەش كۆزتىش سەزگۇسى  سىرتىدىكى دۇنيادىكى مەۋھۇم تەڭرىگە يال ئۇرمىدۇق سەنئەتچىلەرگە ئوخشاش مەجلۇق بولغان شەيئى، ھايۋانلارغا ئۈمۈت باغلاپ  دەردىمىزنى ئاڭلاتمىدۇق مەۋجۇت بولغان سىزدىن ئۈمۈت كۈتىۋاتىمىز ....         
-خاتىرجەم بولۇڭ،- يەنە شۇنداق مەجبۇرى دىگۈدەك  بوبىنىڭ تاقا-تۇقا، چۈشىنىكسىز گەپلىرىگە ھىجىيىپ بەردىم. بوبى بولسا بىر خىل جىددى ھەم ئۈمىدلىك كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ماڭا قول پۇلاڭلىتىپ ئۇچار كېمىگە كىرىپ كەتتى .  ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇچار كېمە ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى ۋە بىردىن سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ ئاقار يۇلتۇزدەك غايىپ بولدى .  

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

UID
6932
يازما
216
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5400
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
285 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 17:55:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر داۋاملىق تۇردە ئىلان قىلىنغان كۈننىڭ ئىككىنچى جۇمە كۈنى بىرىلىدۇ ،تورداشلار  جۇمە نامىزدىن كىيىنكى بىر سائەت ئىچىدە ئىنشائاللاھ ئەسەرنىڭ يىڭى  قىسمىنى كۆرەلەيدۇ   

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-30 17:58):
يەنى كىيىنكى قىسىمى  14 كۈندىن كىيىن ئىلان قىلىنىدۇ .ۋاقىت بولغاسىلەر

UID
32098
يازما
229
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
229
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-8
توردا
171 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 18:35:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە.
مەن بۇ ئەسەرنى يەنە ئىككى قېتىم ئوقۇيمەن ئاللاھ خالىسا،ھەزىم قىلىشىم ئۈچۈن نۇرغۇن ئېنىرگىيە سەرىپ قىلىدىغان بولدۇم.نىمانچە كاللام ئاددىيدۇ مېنىڭ يا ئاللاھ.

UID
2435
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
746
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 19:32:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنىڭ 17-بەتتىن كېيىنكى قىسمىىنىڭ خەت شەكىل نېمىشقا نورمال كۆرۈنمەيدۇ ؟ ۋوردتا ساقلىۋالغانلار بارمىدۇ ؟

UID
5527
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
747
تىزىملاتقان
2010-9-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-26
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 23:05:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يائاللا بۇ ئەسەرنى يېزىشقا قانچىلىك زېھنى كۇچ سەرپ قىلغانسىز، ئۇلۇق ئاللاھ ئىگەم زېھنىڭىزنى تېخىمۇ روشەنلەشتۇرگەي

UID
7387
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
318
تىزىملاتقان
2010-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-12
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-31 01:13:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurabida يوللىغان ۋاقتى  2012-3-30 19:32
ئەسەرنىڭ 17-بەتتىن كېيىنكى قىسمىىنىڭ خەت شەكىل نېمىشقا  ...

مەن باشتىن باشلاپ ھەربىر قىسىم بۆلەكلەرنى ۋورد قا ساقلاپ كېلىۋاتىمەن ، لازىم بولسا ئەۋەتىپ بېرەي ...

UID
34270
يازما
69
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
69
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 11:25:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار ھايات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەندەك قىلىسىز،ئەسىرىڭىزنىڭ بۇ تەرىپىنى ياقتۇردىم!!بىز دەل شۇنداق ئازاب ئىچىدىن دەس تۇرالايدىغان ئەزىمەتلەرگە مۇھتاجممىز!!!داۋامىغا  تەشنامىز!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش