تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: dellyar571

ئويغانغاندىن كېيىن (ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
27902
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-1-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-27
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 00:00:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ. خۇددى  خارريى پوتىرنىڭ ۋەقەلىكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. خارريى پوتىردىنمۇ ئېشىپ كېتەمدۇ تېخى . بولسا بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ يازغۇچىلىرى يازغان ئەسەرلەردىنمۇ ھوزۇرلىنىپ باقايلى.
ئەمدى مېنىڭ تورداشلارغا تەكلىپىم: ئاپتورنى ئالدىراتمىساق. ئاپتور ئەسەرنى تورغا يوللىغاندا بىزنىڭ ئالدىرتىشىمىزنى، ساقلاپ تۇرۇۋاتقىنىمىزنى ئەمەس، ئەسەرنى ئەمدى تورغا يوللىسام بولىدۇ دەپ قارىغاندا يوللىسا تېخىمۇ ياخشى چىقىدۇ.
ئاپتورغا تەكلىپىم: ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ ھەم ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ. سىزمۇ تورداشلارنىڭ ساقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەمەس، ئەسىرىڭىزنى ئەمدى تورغا يوللىسام، تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنسام بولىدۇ دەپ قارىغاندا يوللىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
ئاخىرىدا، سىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى بىر ئەسەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ بىزنى سۆيۈندۈرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر. قەلىمىڭىزگە قۇۋۋەت تىلەيمەن.

UID
6932
يازما
201
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5385
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-17
توردا
179 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 16:20:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يىڭى باپ


- بوبى سىزنىڭ تىرىلدۇردىغان ئاتا ئانىڭىز قىرىنداشلىرىڭىز يوقمۇ؟ - ئىنقىلاپچىلارنىڭ ئۆز ھاياتى ۋە قان قىرىداشلىرىنى مەن سىلەرگە مەنسۇپ ئەمەس دەپ ئىيىتىپ ھامان نورمال ئادەملەرنىڭ تۇرمىشىغا يىقىن كەلمەيدىغان كەچۇرمىش-قىسمەتلەر ئىچىدە ئاللىقانداق ئۇلۇغ قىممەت قاراشلىرى ياكى ئۆز تونىشىدا خەتەرلىك ھالدا قالغان خەلىقلەرنىڭ ھايات-ماماتى  ئۈچۈن   تىپىرلايدىغانلىقىنى بىلدىغانلىقىم ئۈچۈن بىر يانداق مۇشۇنداق سۇئال تاشلاپ يەنە بىر ياندىن كۈڭلىمگە باشقا بىر پىلان پۇكتىم- ئۇلارنى بۇ غاردا ياتقان ئادەمدىنمۇ بەكىرەك  ياخشى كۆرەمسىز  ؟  
   - مەن ئۈچۈن ئۇلار ئاللىبىرۇن ئۆلۈپ بولغان - باياتىن كۆزىنى لەپ قىلىپمۇ قويماي قاراملىقىتىن ئۇچۇر بىرىپ كۆزىمگە تىك قادىلىپ تۇرغان بوبى بىردىن كۆزلىرىنى مەندىن ئاپقاچتى – سىزگە ئاتا ئانامنى ئەمەس تانائۇسۇنى تىرىلدۇرۇڭ داۋاتىمىز مۇھىد ئەپەندى ! –ئۇ بۇ گىپىنى يەنە ماڭا بۇرۇلۇپ كۆزىمگە قايتىدىن تىكلىپ تۇرۇپ  ئىيىتتى .يەنە كىلىپ بۇ تىكىلىش ئالدىنقىسىنمۇ بەك جىددى ئىدى .  ئۇنىڭ كەينىگە بىر چىكىنىپ يەنە تۇيۇقسىزلا ئىككى قەدەم ئالغا كەتكەنلىكىگە قاراپلا دەسلەپ كۆڭلىگە پۇككەت ئۇ پىلانىمنىڭ يوققا چىققانلىقىنى سىزىپ بولدۇم .ھەتتا ئەينى ۋاقىتتا كەينىگە ئەسلا دەسىمەيدىغان ئەلىگە ئۆزەمنى قەرىزدىن قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە  زەمزەمدىن ۋاز كەچ دەپ شەخسى مەقسەتتە  ئاڭلاشقا شۇنداق توغرا(تەسىرلىك) بولغان سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلغانغا ئوخشاش خىجىل بولدۇم . چۈنكى مىنىڭ قانداقتۇر بوبىغا كۆڭىل بۆلىش ۋە ئاتا ئانىسىنى تىرىلدۇرۇش ئويۇم ئەسلا يوق پەقەت گەپنى ئاتا ئانىسىغا بۇراپ بىقىپ بۇ يەردىن ئاتا ئانىسىغا ياكى ئۇ مەڭگۇ ياشاشىنى ئۈمىت  قىلىدىغان يىقىنلىرىنىڭ قىشىغا بىرىش يولىنى ئىزدەش ۋە ئىنسان بار ئاۋات شەھەر رايونىدا قىچىش پۇرسىتىدىن بىرىنى تۇتىۋىلىپ ئامىرىكا ھۆكۆمىتىگە تەسلىم بولماقچى ئىدىم .بۇنداق بولغاندا مەن 51رايوندىن قىچىپ چىقىپ ئامىرىكا ئالاھيدە قىسملىرىنىڭ توسىشىغا قارىماي بۇ دۆلەتنىڭ كۈن تەرتىپىنى   مالىمان قىلغانلارنىڭ تىپىلىشىغا تۆھپە قوشىتى سانىلىشىم ۋە ئاخىردا ئۈرۈمچىگە قايتىۋىلىش ئۈمىدى تۇغىلاتتى، پىلانىم بويىچە  ئۇ ئاتا ئانىسىنى سورىغانىمدا مۇڭلىنىپ ئۇلار توغىرىسدا بىر مۇنچە سۆزلەرنى قىلىپ كىتىشى مەن بولسام ئاكتىپ ماسلىشىپ ئۆزەمنىڭ ئۇنىڭغا ھەقىيقى ياردەم قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىمنى ئىيىتىپ  ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى ھايات بولغان  تەقدىردە ئۇلارغا مەڭگۈلىك ھاياتقا ئىرىشىگە ۋاستە بولالايدىغانلىىقىمنى چۈشەندۇرەتتىم .بۇنى ئوقىۋىتىپ ئادەم دىگەننىڭ بىشىغا كۈن چۈشىسە نىمە ئىش قىلمايدۇ ؟ دىگەنچە ئۆزىڭىزنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ سالغانسىز ھە؟! شۇ چاغدا ھەقىيقەتەن ساددا ئويلاپتىكەنمەن،لىكىن مىنى ئالدىراپ ئالدامچىلىق قىلىشنىمۇ ۋاتقى كەلگەندە ئويلىشىدىكەنسىز دەپ مەسخىرە قىلماڭ  .پىلانىم راستىنلا كۈتكەن نەتىيجە بەرگەن بولسا ئىدى  مەن ئامىرىكا ھۆكۆمىتىگە تەسلىم بولىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىغا ئۆزەمنىڭ ھايات مامات ئىچىدە كۆرگەنلىرىمنى سۆزلەپ بىرىپ ھاياتنىڭ بۇ  دۇنيا بىلەنلا ئاخىزلاشمايدىغانلىقىنى يەر شارىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئىنساننىڭ  ھەرگىز  ئەر-خۇتۇنلار ئارسىدىكى بىر كىچلىك  ھاۋايى ھەۋەستىن ياكى جانسىز لاي لاتقىدىن  ئۆزگىرىپ  كەلگەن تاسادىبى بىر نىمە ئەمەسلىكىنى ئىيتاتتىم ۋە ئىھتىمال ئۇلار  ئىنساننىڭ ھاۋايى  ھەۋەس ياكى لاي لاتقىدەك ھىچنىمە بولالمايدىغان مەنسىز نەرسە ئەمەس بەلكى ھەممىگە قادىر ئاللاھ تەرپىدىن  يارىتىلغان كۈندىن باشلاپ مەڭگۇلىك بولغان ياشام قىسمەتكە ئىگە كائىناتتىكى ئەڭ شەرەپلىك يارالمىش  ئىكەنلىگىنى تونۇپ ئادەمنىڭ ئەسىلىدە ئۆلمەيدىغانلىقىنى پەقەت يەر شارىغا قانداق كەلگەن بولسا بۇ پىلانىتتىن شۇنداق كىتىپ باشقا بىر «پىلانىتتا»كۆچۈپ ئۇ يەردە   مەڭگۈلىك ھاياتنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى  تونۇپ  قالار ئىدى .            
ئەپسوس،  بۇ ساددا قۇتۇلۇش پىلانى ۋە ئۇنىڭدىكى تەسىرلىك مەزمونلار  بوبىنىڭ كەسكىن كۆزلىرىنىڭ ماڭا قايتىلاردىن تىكىلشى بىلەن تونجۇققاندىن كىيىن ئەسلىدىلا كاراغا كىلىشى تەس بولغان  قىلىچ قالقىنى يەرگە داراڭلاپ چۈشكەن ئەسكەردەك بولدۇم .
بوبى بىر دەم ماڭا قاراپ تۇرغاندىن كىىيىن بىر نەرسە ئىسىگە كەلگەندەك باياتىن ئىلىپ كىرىلگەن سومكىلار ئىچىدىن غەلىيتە بىر قۇتىنى ئىلىپ ئالدىمغا ئىلىپ كەلدى
- بۇنى ياخشى تونىيسىغۇ دەيمەن ؟- بوبى قۇتىدىن ئىدىۋىينا نىيىرىڭ بەرگەن ھىلىقى 11 مىليون ئامىرىكا دوللىرىلىق ئۈزىكنى قولىغا ئالدى – بىلىمەن سىز ئۆلىمدىن قورۇقمايسىز ،سىزدە ئوتقا تاشلىنىپمۇ  كۆيمەيدىغان كارامەت بولغان بىلەن  بۇ ئۈزۈك قولىمىزدىن تارتىپ ئالالمايسىز
غاردا چىرايلىق يالىداپ تۇرغان ئۈزىكە قاراپ قالدىم ۋە ئۇلارنىڭ مىنى تاشقى پىلانىد ئادىمى دەپ قەتئى ئىشەنگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى تولۇق بىلىدىم ۋە قوللىرىم ئىختىيارسىز بوينىمدىكى جان تومۇرغا كىتىپ قالدى
« بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق ،بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز ، بىز ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز.»
  كۆز ئالدىمغا مىنىڭ بىشىمنى سىلىغان ھىلىقى سىرلىق بوۋاي كەلدى ،جەزمەن شۇ بوۋاي  مىنى ئوتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى، ئۇ يەر شارىدىن ئەمەس تاشقى بىر ئالەمدىن يەنى ھەر بىر ئادەم كىلىپ يەنە كىتىدىغان شۇ تاشقى دۇنيادىن كەلگەن بوۋاي... ئەينى ۋاقىتتا ئاللاھۇ ئەكبەر دىگەن سۆزنى يۇرىكىمدىن چىقىرالماي قىينىلىپ يىغلاپ كەتكىنىمدە بۇ سىرلىق بوۋاي مىنى «يالغۇز قالىدىڭمۇ؟ » دەپ سورىغان ئىدى .يادىمدا شۇنداق ئىنىق تۇرۇپتۇ ئۇ كەينىدىن  « يالغۇزلۇق پەقەت ئاللاھقا خاس »دىگەن ئىدى .
مۇشۇنداق جىددى ۋاقىتىمۇ ئەسلىمىلەر بىلەن بولۇپ مۇڭلىنىپ كەتىڭىزغۇ دىمەڭ ، بۇ ئەسلىمە ئەينى ۋاقىتتا ماڭا سىرلىق بوۋاي تەرەپتىكى ئالەمدىن تامچىپ چۈشكەن بىر پاراسەت بولۇپ  قارشىمدا ئۈزىكىنى ماڭا كۆرسىتىپ تۇرغان بوبى ۋە بۇ قالغان ئىككى ئىنقىلاپچى توغۇرسىدا مەلۇم تونىشقا باشلىدى ،ئەجىبا ،بۇ ئىنقىلاپچى ئامىرىكىلىقلارنىڭ  باشقىلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ۋە قەھرىمان دەپ ئىسمىلىرىنى توۋلشىپ بىرىشلىرىگە مۇھتاج بولۇپ ھەتتا ئۇرۇق تۇققان يىقىنلىرىدىن ۋە ئۆز ھاياتىدىن ۋاز كەچكەن ھالدا كاتتا ئىشلار ئۈستىدە تىپىرلاشلىرى ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى بىلگەندىن باشلاپ ھەر ئىنساننى ئازاپلايدىغان ئاشۇ يالغۇزلىق ھىسلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىلىنغان تىرىشچانلىقلارمىدۇ ؟...دەرۋەقە شۇنداق دەپ قىياس قىلساق يالغۇزلىق ئاللاھقا خاس ئىكەن  بۇ سۇپەتنىڭ ئىغىرىغا ئۇ مۇبارەك زاتتىن باشقا ھىچكىم بەرداشىلىق بىرەلمەيدۇ .ئاتا-ئانىلىرى يىقىنلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزىلىپ ،ئاللاھتىن باشقا زات كۆتۇرەلمەيدىغان  بۇنداق زور بىسىم ئىچىدە قالغان ئادەملەرگە ئۇلارنى قەھرىمان قىلىدىغان كاتتا ئىشلارغا يار يۆلەك بولىشتىن باشقا گەپ ۋە ھەركەتتىن باشقىسى بىكار ...
- دۇنيا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى قانۇنسىزلاشتۇرۇش ،ئاندىن بانكىلارغا قارشى خەلقئارالىق ئاممىۋى ھەرىكەت قوزغاش، دۇنياۋى ئويغىنىش..بىلىمەن بۇ ئىشلار ئاتا-ئانىڭىزدىنمۇ مۇھىم – كۆڭلىمگە بىرىدىن باشقا بىر پىلان كىلىپ  پالەچ ھالەتتە يىتىپ ئاڭلىۋالغانلىرىمنى تەكرارلىدىم
- سىز بۇلارنى نەدىن بىلىدىڭىز؟- بوبىنىڭ كۆزلىرىدىن چىراق يانغاندەك بولۇپ كەتتى   ،ئۇنىڭ بشىنىڭ يىنىك سىلكەنگەلىكىنى سەزدىم ، چۈچىدى دىسەم تىخىمۇ توغرا بولىدۇ
– سىز ئىلىكتىر ماگنىت دولقۇنلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرالايسىز  شۇنداقمۇ ؟
- ئۇنىڭ مىڭىسىدىكى قۇرۇلما تامامەن بىئولوگىيلىك،ئىنساننىڭكىگە ئوخشاش – باياتىن گەپكە ئارلاشمىغان كىيىس شۇنداق دىدى
  -ياق كىيىس ئۇ كومپىيوتور قاتتىق دىسكىسىدىكى ئۇچۇرلارنىمۇ ئىلىكىتىر ماگانىت دولقۇنى ئارقىلىق مىڭىسىگە كۆچۈرەلەيدۇ،تاشقى پىلانىد ئادەملىرى بىز ئىنسانلاردەك ئاۋاز ۋە ئاۋاز بەلگىلىرى ئارقىلىق ئالاقىلەشمايدۇ .  بەلكى ئىلىكىتىر ماگانىت دولقۇنى ئارقىلىق ئۈنسىز ئۇچۇر ئالماشتۇرىدۇ .ئۇ شۇ يوللارنىڭ ۋاستىدە كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىرىشىپ بولدى ئەمما  ئىلكتىر مۇھىيتىغا ئىلىنمىغان ئۇ ئۇچۇرلارغا ئۇ زادى قانداق ئىرىشتى!؟
بوبىنىڭ بۇ ئىنكاسىدىن ئىچىمدە سەكرەپ كەتتىم ، بۇ ئۈمۈتدىن دىرەك بىرەتتى .دىمەك ئاللاھ ماڭا پالەچ ياتقان ۋاختىمىدا ئۇ سۆزلەرنى ماڭا ئاڭلىتىپ بۇنى قۇتۇلىشىنىڭ ئاچقۇچى سۇپىتىدە بەردى .بۇ چىقىش يولىنى چىڭ تۇتمىقىم لازىم ئەلىۋەتتە
- مەن ھازىرچە ھىچ يەرگە قايىتمايمەن بوبى ،سىلەرگە ياردەم قىلماقچىمەن .ئۈزۈك مىنىڭ بەدىنمىگە ئويۇلغان خەت ھاياتىمنىڭ بىر مەنىسى –ئويغۇرئايغا بولغان سۆيگىم بۇ سۆزلەرنى سەمىيمى چىن ھىسىيات ئىچىدە دىيىشكە تىرىشتىم  ۋە ئۆزىمنى تەمكىن تۇتىشقا ئۇرۇنۇپ سۆزلىرىمنى داۋام قىلىدىم- ئۇ ئۈزىكىنىڭ  ماڭا نەقەدەر مۇھىم  ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىكەنسىلەر قولىڭىزدىكى ئۇ ئۈزۈك كاپالەت بولسۇن ،ئۇ ئۈزىكنى ماڭا دۇنيا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى قانۇنسىزلاشقان ، بانكىلارغا قارشى خەلقئارالىق ئاممىۋى ھەرىكەت قوزغالغان ، دۇنياۋى ئويغىنىش كۆرۈلگەن ۋاقىتتا قايتۇرۇپ بىرىڭلار .
- سىز ھەقىيقەتەن تاشقى پىلانىت ئادەملىرى پىلانلىق ھالدا  ئىنساندىن تۆرەلدۇرگەن  تاشقى پىلانىت ئادىمى ، قولىمىزىدىكى پۈتۈن دەلىلەر سىزنىڭ ئىنسان بەدىنىگە ماكانلاشقان تاشقى پىلانىد ئادىمى  ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىۋاتىدۇ .بىز سىزنىڭ يەر شارىدىكى مىللى كىملىكىڭىز ، ئۈرۈمچىدىكى ئائىيلىڭىزنى بىلىمىز بۇلاردىن قىيالمايۋاتىسز ، شۇڭا يەر شارىدا قالماقچى بولىۋاتسىز شۇنداقمۇ ؟
بوبىنڭ ئۇ سۆزدىن يۇرىكىم جىغىلداپ كەتتى ،بۇ ھەرگىز مەن ئھىتىيات قىلىپ بىلدۇرمەي دەۋاتقان ئىشلارنى بۇلارنىڭ بىلىدىغانلىقىدىن ئەمەس بۇ سۆزلەرنىڭ  يۇرىكىمنىڭ تىگىدىكى بىر نازۇك نۇقتىغا  تەككەنلىكدىن بولدى.بۇلار مىنىڭ ھەقىيقى ئىگەم ئاللاھنى قانچىلىك بىلىدىغاندۇ ؟.مەن يالغۇزلىقتىن ئىگەمنى سىغىنىپ  ئەڭ ئازاپلانغاندا پەيدا بولىدىغان ھىلىقى سىرلىق بوۋاينى كۆرگەنمىدۇ  ؟ ئۆزەمنى تۇتىۋالالمايلا پىچىرلاپ سالدىم «لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىكە لەھۇ لەھۇل مۇلكۇ ۋەلەھۇل ھەمدۇ ۋەھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر»  ( يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پۈتۈن سەلتەنەت ئاللاھقا خاستۇر، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ئۇ ھەرنەرسىگە قادىردۇر. - ئاپتوردىن)
-ئاڭلىيالمىدىم ،نىمە دىدىڭىز ؟  
-ھىچنىمە دىمىدىم – ئۆزەمنى ئاران توختىپ سۆزىمنى داۋام قىلدىم – باياتانقى سۇئالىڭىزغا جاۋاپ، مەن ھامان كىتىمەن ، لىكىن ھازىر ئەمەس قاچان ئۇلار مىنى يانلىرىغا چاقارغاندا  
- قاچان چاقىرىدۇ ؟
- بىلمەيمەن لىكىن يەر شارىدىلا بولىدىكەنمەن ،سىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇراي  
- سىز  مەن سىلەرنىڭ سىپىڭلارغا ئۆتىمەن دىمەكچىمۇ ؟
-شۇنداق بوبى باشتىن ئاياق مىنى ئەتىرتىڭلارنىڭ بىر ئەزاسى كۆردۇڭلار ،رەسمى ئەزاسى قاتارىدا كۆرسەڭلەر ، سىلەر كۆڭلىڭلەرگە پۈككەن ئىشلار ئۈچۈن نىمە قىلىش كىرەكلىكىنى بىلىمەن- بىر دەم تۇرىۋىلىپ بىردىن بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ ئۇ دۇنيا ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى بىلگىم كىلىپ ئەسلىدە توختاپ قالماقچى بولغان يىرىمگە بىر جۇملە قوشۇپ قويدۇم -  ئۇنىڭ ئۇلار ماڭا ھامان ياردەم قىلىدۇ  .ئۆزەڭلار كۆردىڭلار  
- ئۇيغۇرلار سىزنى ئىنسان قىلىپ تەربىيلەپتۇ مۇھىد  ،ئىنسانىيەت نامىدىن بۇ مىللەتكە ۋە ئائىيلىڭىزگە تەششەككۇر- بوبى قەستەن قوشۇپ قويغان ئاخىرقى جۈملەمگە دىققەت قىلمىغاندەك  شۇنداق دىدى   
- مۇھىد ئەپەندى- كىيس ئىغىر تىنىپ قويۇپ گەپ باشلىدى –ئۇلار سىزگە ياردەم قىلىدىكەنۇ   ئاندىرۇ جەكسۇن ، ئەبراھام لىنكولىن ،جەيمىس گالفلىد ،ۋىليام مىككىنلى ،جان كىنىدىلەر(بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىختىكى ئامىرىكا پىرىزىدىتىلىرى :ئاپتوردىن  ) سۇيقەسكە ئۇچۇرغانلىقاندا نىمە ئۈچۈن قاراپ تۇرىدۇ ؟بانكىلار 1933يىلى زور كىرزس ئارقىلىق ئامىرىكا ھۆكۆمىتىنى تەسلىم قىلغاندا نىمىشقا يەنە سۈكۈتتە تۇرىدۇ ؟ 1948-يىلى باشانغان مارشال پىلانىدىن باشلاپ ئامىرىكا ھۆكۆمىتى بانكىرلارنىڭ مەنپەتىگە خىزمەت قىلىشقا باشلىغاندا ۋە 1971-يىلى ئاۋغۇسىت بانكىرلار فىرانسىيە پىرىزىدىنتى چارلسنى قۇتۇرتىپ   رىچاد نىكسۇننى دوللار بىلەن ئالتۇن ئوتتۇرىسىكى باغىنى ئۈزىۋىتىشكە مەجبۇر قىلىپ  ئامىرىكا ھۆكۆمىتىنى دۇنياۋى قاراقچى قىلىۋەتكەندە يەنە نىمە دەپ جىم تۇرىۋالىدۇ ؟ مۇھىد ئەپەندى سىزگە ياردەم قىلىۋاتقان ئۇلار دۇنيادىكى %10ئادەمنىڭ %85بايلىقىنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟؟! مەيلى ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىگە سەۋەر قىلغان بولسۇن .قىنى سىز چۈشەندۇرەلەمسز ئۇلار سىزگە ياردەم قىلىدىكەنۇ ھەر كۇنى ئاچلىقتىن ياكى ئۇزۇق يىتەرسىزلىكىتىن ئۆلىۋاتقان25000  ئادەمنىڭ ئۆلىپ كىتىشگە قاراپ تۇردىكەنغۇ ؟ھەر ئۈچ يىرىم سىكونىتتا بىر ئادەم قورسىقى تويماي ئازاپ ئىچىدە جان بىرىدۇ بۇ دۇنيادا ئاڭلاۋاتامسىز ؟!لىكىن دۇنيادا يىتەرلىك ئاشلىق بار ئىدى ئۇلارنى داۋالايدىغان يىتەرلىك ئالتۇنمۇ بار ئىدىغۇ!؟!!مۇشۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا قانچە ئادەم ئۆلىپ كەتتى ئۆزىڭىز ھىساپلىۋىلىڭ  ... - كىيىست كۆز ياشلىرى ئىچىدە گىپنىڭ كەينىنى دىيەلمەي قالدى .

ئۇنىڭ گەپلىرىمدىن نىمە قىلىشمنى بىلەلمەيلا قالدىم ، جىدىيلىشىپ كەتتىم ،ئۇلارنىڭ ئۇ ئالەم توغۇرسىدا نىمىلەرنى بىلىغانلىقىنىڭ غىمىدا يۇرسەم  دۇنيادا نىمە ئىشلار بولۇپ كىتىۋاتقاندۇ!؟
بوبى كىيىستنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەندەك مۇرىسنى قىقىپ قويدى
- مۇھىت ئەپەندى ، سىز كەلگەن پىلانىت ھەققىدە ھىچنىمە بىلمەيمىز ،لىكىن سىزنى شاللاقلىقتىن ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلاۋاتقان ئۇلارنى ھىچ بولمىغاندا ئەسكى مەجلۇقلار دەپ چۈشەنمىگەچكە كىيىست ئۇلاردىن ئۈمۈت كۈتۈپ گەپ سۆزدە سەل ئاشۇرۋىتىپ قالدى .سىلەرنىڭ پىلانىتنىڭ ئۆزىگە خاس تەرتىپ ئۇسۇللىرى بولىشى مۈنكۈن
كۈتكەن جاۋاپقا ئىرىشىپ بولغاچقا گەپ سۆزلەرنىڭ چوڭقۇرلاپ كىتىۋىرىشنى خالىماي ، ئۆزەمنى قايتىدىن ئوڭشاپ تانائۇسۇ ياتقان يەرگە ئاستا مىڭىپ بىرىپ بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن جەسسەتىنىڭ بىشانىسنى قىزىتمىسنى بىلمەكچى بولغاندەك بىر دەم تۇتۇپ تۇردۇم ۋە ئاستا ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىلپ كەسكىن تەلەپپۇزدا دىدىم
- مىنى  تانائۇسۇ دەپ تونۇڭلار ،ئۇنىڭ ئۇچۈرلىرى ئەمدى ماڭا ئۆتىشكە باشلايدۇ
ئۇلار بىر بىرىگە قارىشىپ بىر دەم تۇرغاندىن كىيىن بوبىنىڭ ئاغزى ئىچىلدى
- مۇھىد سىزگە نىمە قىلىپ بىرىمىز ؟
-مىنى ئەڭ ئاۋال ياپونىيە . توكيۇغا ئىجى گۇروھىنىڭ لىدىرى خىرويۇكى ئەپەندىنىڭ تۇرىشلىق داچىغا ئاپىرىپ قويىسلەر .  
- خىرويۇكى ئونزو – دىدى بوبى بىر دەم ئويلىنىۋىلىپ – بىدىنبورۇك يىغىلىشىنڭ(1954يىلدىن باشلاپ ئۆتكۈزىلىپ كىلىۋاتقان دۇنيا سەرخىللار يىغىلىشى :ئاپتوردىن  ) بىردىن بىر ئاسيالىق قاتناشقۇچىسى، مىنىڭ خىيالىمنى ئوقۇيالامىسز ؟

- مىڭە ھۆجەيرىلىرى قويۇپ بەرگەن ئىلىكىتىرلار ئۇنىڭ قوبۇلىغۇچىسى سىزەلمەسمۇ ؟-دىدى كىيىست
    -مەن   بىدىنبورۇك يىغىلىشغا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ غىمىدا ئىدىم ، بۇنى سىز ئويلاپ بوپسىز .
- سىلەر مىنى قوبۇل قىلالمسىلەر يوق ؟–ئۇلارنىڭ مەن ھەققىدە تۇرلۇك پەرەز قىياسلاردا بولىشنى  خالىماي  قالدىم – قوبۇل قىلغان ئىكەنسىلەر ماڭا ئىشىىنڭلار سىلەرگە ھەرگىز زىيان سالمايمەن پەقەت قىلىۋاتقان ياخشى ئىشىلارغا بىر ئەزا سۇپىتىدە قوبۇل قىلساڭلارلا بولىدۇ .     
بوپىنىڭ چىرايىدا خۇش تەبەسسۇم جىلۋە قىلىپ  ئاستا يىنىمغا كەلدى ۋە مىنى چىڭ قۇچاقلىدى
-سىنى قارشى ئالىمىز  تانائۇسۇ ،ئارىمىزغا خوش كەلدىڭىز  
بوبىنىڭ ئارقىسىدىن جان مىنى قىرىنداشلارچە قۇچاقلىدى لىكىن  كىيىست مىنى ئالدىنقى ئىككىدەك قۇچاقلاپ كەتمەي قولىنى سۇندى مەنمۇ قولمىنى بەردىم ، كىيىست  بىلەن ئۇزاققىچە قول سىقىشىپ تۇردۇق .
بوبى باياتىن تۇتۇپ تۇرغان  ئىلىۋالغان ئۈزۈكنى قايتىدىن قولىغا ئىلىپ ماڭا سۇندى .
-بىز قانچىلىك تەۋەككۈل قىلىپ بۇ غارغا كەلدۇق بۇنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ تۇردىڭىز تانائۇسۇ ،بىز يەنە بىر چوڭ تەۋەككۈلچىلككە رازىمىز ،يەنى سىزگە تولۇق ئىشنىمىز، بۇ ئۈزۈك كاپالەت دەپ يۇرمەيلى ، بىزنى ئەپۇ قىلىڭ .
ئۈزۈكنى قولىمغا ئالدىم ، قىزىل ياقۇت كۆزلۈك بىر ئۈزۈك  غار ئىچىدە ۋالىداپ گۈزەل جۇلالىرىنى يەنە نامايەت قىلغىلى تۇردى . لىكىن بۇ چىقىنلار ماڭا قانداقتۇر ئىدىۋىينا نىيرىڭنىڭ سىڭلىسى كىرىستىن خىتىدە ئىيىتقاندەك قانداقتۇر چىن سۆيگۈ لىرىكىسىنى ئاڭلىتىمايدۇ . ياقۇت ئۈزىكتىن سۇنۇپ چىقىۋاتقان نۇرلار ئەمىلىيەتتە ئەلىدىن باشلىنىپ،.ئىدىۋىينا نىيىرىڭ  مۇتەللىپ بوۋاي ،ئوسمانىيە ئىمپىريىسىنىڭ سۇلتانى ،خىرويۇكى ئەپەندى ۋە ماۋۇ ئامىرىكىلىق دۇنياۋى ئىنقىلاپلىرىلار بىلەن قەدەممۇ قادەم يۇكسىلىپ كىتىۋاتقان ماڭا چۈشىنىشلىك بولغان تەدىدىردىمۇ ئاجايىپ غەلىتە ۋە سۇنئى بىلىنىدىغان  دۇنيا بىلەن  مىنىڭ ئاددى بولىسمۇ شۇنچىلىك سەمىيمى بولغان دۇنيارىم ئوتتۇرسىكى سۇركىشىلىشتىن  چىقىۋاتقان چىققىنىلار ئىدى ،ئۇ  كارامەت دۇنيادا«تەتقىيقاتچى»،« مىللەتكە تەئەللۇق ئادەم »،«ئالاھىدە خانىم »،«تاشقى پىلانىد ئادىمى»،« تانائۇسۇ »... ھەر خىل ناملار-قالپاقلارنى كىيشىكە مەجبور بولۇپلا قالماي يەنە ئۇ ئالاھىدە دۇنيادا ھاياتىم خەۋەپكە ئۇچۇرىدى .لىكىن سىرلىق ھالدا كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان  ئىلاھى قۇۋۋەتلەرنىڭ قول تىقىشلىرى بىلەن قۇتۇلۇپ كەلدىم ۋە بۇ جەرياندا مىنىڭ ھاياتىم ماۋۇ  بىرلىكتە ئولتۇرۇپ خوشال خورام ناشتا قىلىپ كۆڭىل گەپلىرىنى دىيىشىپ كىشىلىك ھاياتىنىڭ رىيال ئەمىلى چىن نەرسىلىرى بىلەن ياشىغىدەك ئادەملىرى بولمىغان غەلىيتە كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە نورمال قۇتۇپلاردىن ئاللىقاچان كۆتۇرىلىپ بولغانىدى .  لىكىن بۇ قىتىم مەن بۇنداق مىڭ ئويلىنىپ بىر گەپ قىلىش زۆرۆر بولغان خەتەرلىك رايوندىن چىقىپ كىتىپ ئۆزەمگە تەئەللۇق  بولغان يەرگە ئەركىن دەسسەيمەن يەنى ئالاھىدە ئادەملەرنىڭ دۇنياسىدا تەمتىرەپ يۇرۇشتىن قۇتۇلۇپ ئۆزەمنىڭ  رىيالىققا  قايتىمەن .
قۇتۇلىشىم كىرەك راستىنلا بەك ھىرىپ كەتتىم، بۇ ئاجايىپ فانتازىيە دۇنياسىدىن ،زورقىپ مىڭىشلاردىن ،ئالغا باسالماي قىينىلىنىشلاردىن،تولا ئويلاپ چارچاشلاردىن ،راسقىمۇ يالغانغىمۇ ياتىدىغان بىچارە دىيالوگلاردىن،ھايات ئۈچۈن ئوينىلىدىغان شۇ تىيارتىرلاردىن  ... بۇ قىتىم كاللامنى شۇنداق ئىشلىىتىمەنكى  نەتىيجدە دۇنيا سەرخىلى خىرويۇكى ئەپەندىدىن ئىبارەت بۇ گىگانىت ئادەم بىلەن بۇ دۇنيا مىقىياسىدا ئىش ئويلايدىغان  ئىنقىلاۋى ئامىرىلىقلار ياپونىيە توكيودا ئۇچۇرشىدۇ ۋە بىر بىرىگە قىزىقىپ قىلىشدۇ چۈنكى خىرويۇكى ئەپەندى شەرقى ئاسىيا ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن ياپونىيە ئاسىياغا قايتىش شوئارلىرى بىلەن مەنىۋى دەسمايە ھازىرلىشى لازىملىقىىنى ماڭا بىر ئەمەس بىر قانچە قىتىم ئىيىتقانىدى بۇ ئىنقىلاۋى ئامىرىكىلىقلارنىڭ كاپىتالىزىمغا قارشى كۆرەشلىرى شەرقى ئاسىياچە قىممەت قاراشلىرى ئاساسدىكى رايون ئىگىلىككە غىدىقلۇغۇچى بولشى ئەلىۋەتتە مۈنكۈن .گىگانىتلار گىنانىتلار بىلەن قول ئىلىش ھەمكارلىشىۋەرسۇن  ياكى راقابەتلەشسۇن  مىنىڭ پەرۋايىم پەلەك ،دەردىم بۇلارنىڭ ئارسىدا دەسلىپ كەتمەي ئۇيغۇرئاينىڭ قولىنى تۇتقان پىتى چىقىپ كىتىش . گىگانىتلارنى ئاستا ئۇچىراشتۇرۇپ قويۇپ جىملا ئۇلارنىڭ ئارسىدىن چىقىپ كىتىش ئۇڭۈشلىق بولىۋىردىغان بولسا ... بۇنىڭغىمۇ ئاز قالدى ....  ئاز قالدى ...


قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

UID
32813
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-27
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 16:34:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلىدىم .ھەمممىسى ئاخىرلاشقاندا بىراقلا ئۇقۇي.

UID
6932
يازما
201
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5385
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-17
توردا
179 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 16:35:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتەش ئەپەندى ئىنكاسىڭىز بۇ نۆۋەت قالتىس چىقىپتۇ ، ماڭا زامانىمىزدىكى يەزى يازغۇچىلارنىڭ بىچارە ھالىنى چۈشەندۇرۇپ بەرگەندەك بولدى ،مىنىڭ ئۇنداق بىچارە ئادەملەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغىم يوق .ئىتىزدا كەتمەن چاپسىمۇ جامائەتنىڭ دۇئاسنى ئىلىپ ئۇ دۇنياغا سالامەت كىتىۋالساملا  بۇ مەن ئۈچۈن ئسىتىقبالدۇر ،
كىيىنكى گىپىزگە كەلسەك ئەسەر جددى بۇرۇلۇش باسقۇچىغا قەدەم ئالدى ئەمدى «ئويغانغاندىن كىيىن » ئۇيغۇرلارنىڭ راياللىقىدىن ھالقىپ دۇنيادا ئوينىلىۋاتقان ئويۇنلار ئىچىدە داۋام قىلىدۇ .   قاملاشتۇرالماسلىقممۇ مۈنكۈن لىكىن  باشقىلارغا ھەقىقى پايدا بىرەلەيدىغان ئەسەر ئۆتمىشنى چۈشەندۇرۇپ ھازىرىنى شەرھىيلەپلا قالماي كەكگۈسىدىنمۇ بىشارەت بىرەلىشى كىرەك   

UID
6932
يازما
201
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5385
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-17
توردا
179 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 16:42:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرگە كۆڭۈل  بىرىۋاتقانلارنىڭ ۋاقىتىنى ئاسىراش ۋە زىھىنى ئىسراپ قىلماسلىق ئۈچۈن بۇگۈندىن باشلاپ ئىلان قىلىنغان كۈننىڭ  ئىككىنچى ھەپتىسىنىڭ جۇمە كۈنى  ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ .يەنى ئىككىنچى ھەپتىنىڭ جۇمە كۈنى  چۈشتىن كىيىن ، ۋاقىت بولغايسىلەر
   

باھا سۆز

arzuyar  ئېنىق ۋاقتىنى ئەسكەرتىش بېرىپ قويغىنىڭىز ياخشى بولدى.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 18:22:06

UID
1381
يازما
504
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
15903
تىزىملاتقان
2009-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-11
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 18:18:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈتىمىز.

UID
32098
يازما
208
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
208
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-14
توردا
166 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 18:19:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارتۇق ماختاپ ئۇچۇرمىساممۇ ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۋاتىمىز،
دىليار ئەپەندىكە تەكلىپ:ئىملايىڭىزغا دېققەت قىلىپ قويسىڭىز.
سىزگە ئاللاھتىن چەكسىز ئەجىر ۋە رەھمەتلەر تىلەيمەن،ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-17 13:58):
ئەپەندىگە

UID
29122
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2012-2-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-14
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 23:17:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت.ئاخىرى مۇۋاپىق ۋاقتىنى  بىلۋالدىم.بىزنى  كۈزدەتۇتقانلىقىڭىزغا رەخمەت.ئەسىرىڭىزنىڭ ياخشىچىقىشىغا تىلەكداشمەن.

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
796
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
34753
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-9
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 13:53:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە پەقەت تېخىمۇ كۆپ ئونۋىرسال بىلىم ۋە قەلىمىڭىزنى چاپتۇرۇشقا ساغلاملىق تىلىيەلەيمەن.ئەسىرىڭىز مەن ئويلىغان نۇقتىلاردىنمۇ بەك يورۇتۇلۇپ  مەن ئويلىمىغان نۇقتىلارغىچە تەرەققى قىلىپ كېتىپ بارىدۇ.ئىچكى ھاياجانغا بېرىلمەسلىك سىزنىڭ ئەڭ زور ئۇتۇقلىرىڭىزدىن بىرسى بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. داۋاملىق كۆزۈم ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىدا،تەپەككۈرۈم ئەسىرىڭىزنىڭ تەرەققىياتلىرىدا.

UID
29637
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 22:38:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەرنى داۋاملىك كۈتىمىز.قەلىمىڭىزگە دەت كەلمىسۇن دىليار  ئەپەندى. داۋامىغا تەشنامىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش