مەن تەققەززالىق بىلەن كۈتكەن ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئۇقۇپ سەل قايمۇقۇپ قالدىم. مەندە تۇنجى بابنى ئۇقۇۋاتقان چاغدىكى گۈزەل ھېسياتلار سۇسلاپ قالدى.مەن بۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئەسەردىن قۇسۇر ئىزدىمەكچى ياكى باشقا نەرسە دېمەكچى ئەمەس.پەقەت ئۈز ھېسسىياتىمنى ئىپادىلەپ قۇيماقچى خالاس. كىچىكىمدىن كىتاب ئۇقۇشقا ھېرىسمەن ئىدىم.ئەسەر ئۇقۋاتقان چاغدا ئەسەرنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كېتەتىتىم.بۇ ئەسەرنى باشتا ئۇقۇغان چاغدا شۇنداق ھېسسىياتلاردا ئۇقۇغان ئىدىم.لىكىن بۇ يېڭىبابتىن ئەسلىدىكىدەك ھۇزۇر ئالالمىدىم.ھۈرمەتلىك دىليار ئەپەندىم، ئەسەر يېزىشنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. قەلەم قۇۋۋىتى خېلى كۈچلۈك ھېسسىياتقا باي ئادەملەر ئۈز مىللىتىگە مەلۇم پايدىلىق قىممەتكە ئىگە ئەسەرنى يېزىش ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن تۇرمۇشقا چۈكۇپ ئەسەر يازىدۇ.سىزمۇ شۇنداق ئىدىڭىز ،لىكىن ئەسەر بارغانسېرى ........ئىشقىلىپ ھازىر باھا بېرىشكە ئاجىزلىق قىلۋاتىمەن..........سىزنىڭ يەنىمۇ تىرىشىپ ئىزدىنىپ بۇ ئەسەرنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن...ئۈزۇمنى چاغلىماي سۈزلەپ قۇيغان بۇلسام ئەپۇ قىلارسىز ....