ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئېزىز ۋە مۆھتەرەم باشقۇرغۇچى قېرىنداشلار! يازمىلىرىمغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىغىڭلارغا كۆپ رەھمەت.. بۇ يەردە، بەزى يازمىلىرىمدا بەزى سەھۋەنلىكلەرنى يوق ئېيتالمايمەن. چۈنكى ئىنسان ھېچ بىر زامان نوقساندىن خالى بولالمايدۇ. بۇ يەردە جېك ئەپەندىنىڭ ئۆزىنى كاتتا ئىلىم ئەربابى ھېساپلاپ ، « ھەممىنى مەن بىلىمەن» دېگەندەك مەيداندا تۇرۇپ قىلغان گەپ - سۆزلىرى قاتتىق زەردەمنى قوزغىۋەتكەنلىكتىن ، ھەقىقىتەن كايىپ قالدىم. ..... خەير، سىلەرنىڭ جەھەتتىكى باشقۇرۇش تەدبىرىڭلارنى ئەلبەتتە قوبۇل قىلىمەن. ئەمدىكى سۆزۈم، «تىل – يېزىق كومىتېتىغا ئالاھىدە تەكلىپنامە» نىڭ (2) سىنى يوللىغىلى 5 كۈنگە يېقىنلىشىپ قالاي دېدى، تېخىچە مۇنبەرگە چىققىنى يوق. بۇنىڭ سەۋەبى نىمە ئىكەنلىگىنى بىلمىدىم . ئۇنى ئەمدى قايتا يوللامدىمەن، ياكى كۆمۈلۈپ قالدىمۇ،. مۇمكىن بولسا بىر ئۇچۇر ئېلىشقان بولساق.
خەير، ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭلار.
|