تىل ــ يېزىق كومىتېتىغا
ئالاھىدە تەكلىپنامە
ئۇيغۇر تىلىنىڭ نىداسى
(1)
مەسىلىنىڭ قويىلىشى
تىل ــ يېزىق كومىتېتىدىكى كۆپتىن – كۆپ ئېزىز ۋە ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم!
ئوبدان تۇرىۋاتامسىلەر؟
ئايانكى، نۆۋەتتە بەزى ئالىملىرىمىزنىڭ ئۇخلاۋېتىپ جۆيلۈپ قوپۇپ سۆزلىگەندەك مەنتىقىسىز ھالدىكى ” تەكلىپ “ لىرىنى يوللىشى ۋە بەزى جايلاردا «قوش تىل مائارىپى»نىڭ ئىلمىيلىكتىن چەتنىگەن ھالدا چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇلىشى نەتىجىسىدە سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى كىشىنى قاتتىق ئېچىندۇرىدىغان ، چۇڭقۇر ئويغا سالىدىغان ۋە دەرھال ئالدى ئېلىنمىسا قەتئىي بولمايدىغان ئېغىر تەھدىتلەرگە دۇچ كەلمەكتە.
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ” تەكلىپ “ ھازىرچە ماڭا مەلۇم بولغان پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىگە يېتىپ كەلگەن ” پىكىر ئېلىش تەكلىپنامىسى “ نى كۆرسىتىدۇ .
سىلەر تىل – يېزىق كومىتېتىدىكى قېرىنداشلار بۇ جەھەتلەردە قانچىلىك ئىجابىي پىكىر – چۈشەنچىدە بولىۋاتىسىلەر، بۇ ماڭا نامەلۇم . ئەمما شۇ تاپتا چۇقۇمكى مىليونلىغان ئۇيغۇر جامائەسىنىڭ قەلبى يارا، كۆڭلى پەرىشان.
شۇنداق!
مەن ئۆتكەن يىلى پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىنىڭ « ئۇيغۇر تىل – يېزىق مەدەنىيىتى بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاج » ناملىق ماقالىسىنى كۆرۈپ، سىلەرنىڭ بۇ كىشىگە بىر پارچە « پىكىر ئېلىش تەكلىپنامىسى» ئىبەرتكەنلىگىڭلارنى، شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر قېتىم ئىسلاھات خارەكتىرلىك ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىڭلارنى بىلىپ ئىنتايىن پەرىشان بولدۇم ۋە بۇ ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەسلا قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان خاتا پىكىر – چۈشەنچىلىرىگە دەرھال رەددىيە قايتۇرۇپ ، يۈز بىرىش ئىھتىمالى بولغان بۇ يامان ئاقىۋەتكە خاتىمە بەرمەكچى بولدۇم.
كۆپ ئەپسۇس ، ئۇ چاغدا مېنىڭ ” رەددىيە “ خارەكتىرلىك ماقالەم تور بەتلەردىن قىسقا مۇددەتتىن كېيىنلا ئۆچۈرۈپ تاشلىنىپ ، ئىلمىي مۇنازىرىنىڭ داۋاملىشىشى تەلۋىلەرچە توختىتىۋېتىلدى!
ئەمما ئىلىم ھەقىقىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا بولغان جاسارىتىم سەۋەپلىك، بۇ قېتىم بۇ مەسىلىنى قايتا ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشتىم . شۇنىڭ بىلەن دەسلەپتە « ” ئۇيغۇر تىل – يېزىق مەدەنىيىتى بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاج “ مۇ؟ » ناملىق تېما بىلەن بەزى تور بەتلەردە مۇنازىرە باشلىدىم. مۇنازىرە داۋامىدا مۇنداق ئىككى خىل پىكىر ئېقىمى نوقتىلىق ھالدا داۋاملاشتى. بۇلارنىڭ بىرى، بۇ مۇنازىرىگە ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى كېرەكلىگى؛ يەنە بىرى، بۇ جەھەتتە تىل – يېزىق كومىتېتىغا پىكىر يوللىشىمدىن ئىبارەت . بۇنىڭغا نىسپەتەن، ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندى ئۇنچۇقماسلىق پوزۇتسىيىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. بۇ تۈپەيلى مەن، ” ئۇيغۇر تىل – يېزىغى مەن ياكى باشقا بىر نەچچە كىشىنىڭ خالىغانچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلسا بولىۋېرىدىغان خۇسۇسىي مۇلكىمىز ئەمەس ، ياكى كۆڭۈل ئېچىشقا ئىشلىتىدىغان شاخمەت تاختىسى ئەمەس. بەلكى ئۇ مىللىتىمىزنىڭ جانىجان سۆز - ئالاقە قۇرالىدۇر!“ دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىگە تور بەت ۋاستىسى ئارقېلىق ئاغرىتىپراق پىكىر يوللۇدۇم. ئەمما يانىلا جىم – جىتلىق ھۆكۈم سۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئەمدى «پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىگە سەككىز سۇئال» ماۋزۇلۇق يازما تەييارلاپ ئېلان قىلدىم. ئەمما يانىلا جىم ــ جىتلىق ھۆكۈم سۈردى.
ئۇنداقتا بۇ ئەھۋالنى نىمە دەپ چۈشىنىش كېرەك؟ ــــ ”خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا تورغا چىقالمىغان بولسا كېرەك“ دەيمىزمۇ ، ياكى ” ئاكاڭ قارىغاي بىرىنچى! “ دېگىنىمۇ؟
چۈشىنىلگەن ئەھۋاللاردىن قارىغاندا كېيىنكى ھالىتى مەۋجۇت ئىكەن. بۇ تۈپەيلى مەن ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق قايغۇرۇپ قېلىۋاتىمەن. چۈنكى جەنابىي ئاللاھ تەكەببۇر، مۆتىھەم كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ ياقتۇرمايدۇ!!!......
ناھايىتى رۇشەنكى، تىلىمىز دۇچ كېلىۋاتقان قالايمىقانچىلىقلار بۇ كىشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرى بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. يەنە جىددىي تۇتۇپ بىر ياقلىق قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىر پارچە ئالاھىدە تەكلىپنامە تەييارلاپ سىلەرگە سۇنغۇم كەلدى، مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشىڭلارنى ۋە تور ۋاستىسى بىلەن پۈتكۈل جامائەتچىلىككە جاۋابەن ئىپادە بىلدۈرۈپ ئۆتۈشۈڭلارنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمەن.
مەن تەييارلىغان تەكلىپنامە مۇنداق 7 تۈرلۈك تېما ئاساسىدا بايان قىلىنىدۇ:
1.ئۇيغۇر تىل –يېزىق مەدەنىيىتى ھەقىقىتەن بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاجمۇ؟
2. ئۇيغۇر مەركېزي دېئالېكتى توغرىسىدا؛
3.تارىخىمىزدا قوللانغان يېزىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېلىپبەلىك ئوقۇشلۇق ۋە ئۈنۋېرساللاشقان دەرسلىكلەرنىڭ تېزلىك بىلەن تۈزۈپ چىقىلىشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇلۇش زۆرۈرلىگى توغرىسىدا؛
4.ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» توغرىسىدا؛
5. چەتئەل كىشى ئىسىملىرى ۋە يەر ناملىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بۇيىچە تەرجىمە قىلىپ يېزىشنىڭ ئىلمىي پىرىنسىپى توغرىسىدا؛
6. ئۇيغۇر تىل – يېزىغىنىڭ نۆۋەتتىكى قوللىنىلىش ئەھۋالى ، «قوش تىللىق مائارىپ» تىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا؛
7.جىددىي تەشەببۇس؛
1. ئۇيغۇر تىل يېزىق مەدەنىيىتى ھەقىقىتەن بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاجمۇ؟
خوش ، شۇنداق بولغاندا، ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندى ئېيتقاندەك ، ئۇيغۇر تىل – يېزىق مەدەنىيىتى ھەقىقىتەن بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاجمۇ؟
مېنىڭچە، بۇ مەسىلىدە سالماقلىق بىلەن توختۇلۇپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ، بىزدىكى ھە دىگەندە « يېزىق ئۆزگەرتىش »،« ئىملا ئۆزگەرتىش » ۋە چەتئەل تىللىرىدىن خالار – خالىماس ۋە ھەتتا خۇپىيانە ئىچكى بېسىم تۈپەيلىدىن چەت تىللاردىن نۇرغۇن سۆز - ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت لەنەت تەككۈر ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە مائارىپ ، مەدەنىيەت – سەنئەت ساھەمىزدە زور قالايمىقانچىلىق ، ئۈزۈكچۈلۈك ۋە شالغۇتلىشىش ھادىسىسى يۈز بىرىپ ، تارىختىكى « ئەڭ ئىلغار خەلق » ، « ئەڭ بۇيۇك مەدەنىيەت ئۇستازى » ۋە « ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇلۇغۋار مىللەت » دىگەن شان – شەرەپلىك نامىمىز يوقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قېلىۋاتىدۇ !!!
شۇنىڭ ئۈچۈن ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىنىڭ ئۇ يازمىسىنى ھەممەيلەن ئەستايىدىل كۆرۈپ مۇھاكىمە قىلىشىمىزغا ۋە ئۇ ماقالە ئاساسىدا يېزىق ۋە ئىملا جەھەتتىن جىددىي ۋە كەسكىن بىر قارارغا كېلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
بۇ جەھەتتە مەن ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىمنى تۈۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن .
ئالدى بىلەن بۇ ماقالىنىڭ تىمىسىدىن گەپ ئاچايلى:
دېمەكچىمەنكى ، تىمىغا بىرلا قاراپ ، ھەر قانداق ئادەم : «يەنە يېزىق ئۆزگەرتىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدىغان ئوخشايدۇ » دەپ قالىدۇ . چۈنكى ، « يېزىق مەدەنىيىتى بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاج » دېيىلگەنىكەن، شۇ «يېزىق» بىر «ئىنقىلاپ»قا دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىغىنى ئىپادىلىمەمدۇ ؟
ئۇنداق بولسا بىز يەنە يېزىق ئىنقىلاۋى بىلەن ئاۋارە بولىمىزمۇ ؟ بۇ زادى نىمە ئىش ئەمدى ؟ زادى ، مەلۇم بولغىنىدەك ، مۇشۇ 50 يىلنىڭ مابەينىدە ئۈچ قېتىم يېزىق ، بەش قېتىم ئىملا ئىسلاھاتى بىلەن شوغۇللۇنۇپ خەلقىمىزنى «ساۋاتسىزلىق دېڭىزىدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش» ئىشىنى پەيدا قىلغانلىرىمىز ئاز بولۇپ قالدىمۇ ؟ زادى مۇشۇ تەلۋىلەرچە ئېلىپ بېرىلغان لەنەت تەككۈر ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە قانچىلىغان مەدەنىيەت ، تارىخ ئۈزۈكچىلىكىگە دۇچ كەلدۇق ؟؟؟ شۇنداقلا مۇشۇنداق تەتۈر شامال ، قارا قۇيۇنغا قارشى مەردانە كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىققان قانچىلىغان مۇنەۋۋەر ئىلىم – پەن ئەربابلىرىمىز قەستەن «ئوڭچى» ، «يەرلىك مىللەتچى» قالپىغى كەيدۈرۈلۈپ دەھشەتلىك كۈرەشلەرگە تارتىلىپ پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرىۋېتىلدى ئەمەسمۇ ؟!
قاتتىق ھۇشيارلىق بىلەن ئويلىنايلىكى، تىل – يېزىق دېگەن ئۇنداق خالىغانچە ئۆزگەرتىپ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشقا ئىشلىتىدىغان كىچىك بالىنىڭ ئويۇنچۇقى ئەمەس ، بەلكى ئۇ مىللەتنىڭ تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ، جان تۇمۇرىمىز بىلەن ئوخشاش ئىنتايىن مۇھىم مەۋجۇدىيەتتۇر. دېمەككى يېزىق ئۆزگەرسە تارىخ ئۆزگىرىدىغان، ھەتتا ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان، تارىخ ئۇنۇتۇلسا بۇ مىللەت باشقىلارنىڭ قۇلدەك بوزەك قىلىشىغا ئۇچرايدىغان ناھايىتىمۇ پاجىئەلىك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.....!!!
خوش، شۇنىڭ بىلەن ماقالىدىكى مەسىلىلەرگە كەلسەك، تۈۋەندىكى مەسىلىلەر كىشىنى ھەقىقەتەن قاتتىق بىئارام قىلىدۇ . بۇ مەسىلىلەر تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت :
1) ئابدۇرەئۇپ پۇلات ئەپەندى بۇ يازمىسىدا قەشقەر دېالېكتىنى مەركىزى دېئالېكىت بولىشى كېرەك دېيىش بىلەن بىرگە ئۆرۈمچى دېئالېكتىغا نىسپەتەن «تەرمە نۇپۇسلۇق ئۈرۈمچى تەلەپپۇزى» دېگەن ئاتالغۇنىمۇ قوللانغان . ئەسلىدە بۇنداق دېمەسلىگى ، مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئۇدۇلىغا ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەنلا بولدى قىلىشى تولىمۇ زۆرۈر ئىدى . چۈنكى ، « تەرمە نۇپۇس » دېگەن نام قارىماققا ھەر قەيەردىن توپلانغان نۇپۇس ، دېيىلگەندەك بولغان بىلەن ، ماھىيەتتە باشقىلارنى بىر تۈرلۈك كۆزگە ئىلماسلىق، ‹ ھاقارەت › مەنىسىنى بىلدۈرۈپ قويغاندىن تاشقىرى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ، مەدەنىيەت – سەنئىتى تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان ئالەمشۇمۇل تۆھپىسىنى بىراقلا يوققا چىقىرىۋېتىش ئەھۋالى كىلىپ چىقىدۇ (؟) ئەقەللىسى ، « تەرمە نۇپۇس » دېگەندە ، شۇ « تەرمە نۇپۇس » لارنىڭ ئىچىدە كەلپىنلىكلەرمۇ ، يەنى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىر مۇقەددەس پارچىسىدا ياشاۋاتقان مېنىڭ يۇرتۇمدىكىلەرمۇ بار . ئۇلارنىڭ ئىچىدە توختى سابىردەك جىگەرلىك چوڭلىرىمىز ؛ ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۈتەللىپ ھەققىدە ئاجايىپ تەسىرلىك تارىخىي مەلۇمات بىرىلگەن « قاينام ئۆركىشى » ناملىق تارىخي روماننى يازغان ، شۇنداقلا ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ئاجايىپ ياخشى يۇرۇتۇلغان « ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئۆچېرىكلار » ۋە باشقا نۇرغۇن قىممەتلىك رومان ، شېئىر قاتارلىقلارنى يازغان ئابدۇللا تالىپتەك پېداگوك ، ئەدەبىياتشۇناس ، شائىر يازغۇچىلار ؛ شېئىرىيەت ۋە تىلشۇناسلىق ساھەسىدە كاتتا تۆھپىكارلىغى بىلەن تۇنۇلغان غەنىزات غەييۇرانىدەك شائىر ۋە تىلشۇناسلار ؛ ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە مۇدىر ، مۇئەللىم بولۇپ ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن ساندىكى ئىلىم ئەھىللىرىمىز بار . ئۇلار بىر ياقتىن مىللىي دېئالىكتىمىز بۇيىچە سۆز – ئالاقىدە بولۇشنى تاشلىماي مىللىي خاسلىقىمىزنى ساقلاش ، نامايان قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىگەن بولسا ، يەنە بىر ياقتىن قانداقلا بولمىسۇن بىرلىك – باراۋەرلىكنى چىقىش قىلىپ «تەرمىلەر» بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشماقتا!!!
قېنى ، بۇلارنىڭ نەتىجىسىگىمۇ كۆز يۇمۇشقا بولامدۇ ؟
دېمەكچىمەنكى ، كەلپىن خەلقىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدىغان خەلق . بۇ جەھەتتە تالانتلىق يازغۇچى مۇھەممەت باغراش ئەپەندى يازغان « كەلپىن ئۇيغۇرلىرى تېخى ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن بىر رېۋايەت » ناملىق ماقالە كەلپىن ئەھلىنى چۈشۈنۈشتە بىر ياخشى يىپ ئۇچى ، بەلكى قىممەتلىك دەرسلىك بولالايدۇ ! كۆرۈشنى خالىغۇچىلار تۈۋەندىكى توربەت ئادرېسى بۇيىچە ئاشۇ يازمىنى ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.
http://www.bilik.cn/bbs/blog.php?tid=17463
بۇ يەردە قىسقىچە بولسىمۇ نەقىل ئېلىپ ئۆتۈشۈم ئارتۇقچە بولماس ، دەپ قارايمەن .
كۆرۈپ بېقىڭلار ، − مۇھەممەت باغراش ئەپەندى بۇ ماقالىسدە كەلپىن خەلقىنى ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق ۋە چۇڭقۇر تەھلىلىي قاراشلىرى ئاساسىدا تۇنۇشتۇرۇپ ، ئاخىرىدا يەكۈنەن ھالدا مۇنداق دەپ يازىدۇ : « ... تۈگەنچ بىر غەلىتە ۋە سىرلىق سەزگۈگە ئەگىشىپ كەلپىندىن ئىبارەت تارىخچىلار ، ئانتروپولوگلار تىلشۇناسلار ۋە سەيياھلارنىڭ نەزەرلىرىنىڭ تېشىدا قالغان چەت – ياقا تاغ ئىچىدىكى بۇ ئالقانچىلىك يۇرتقا كېلىپ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز كۆڭۈل خوشلىقىغا ئېرىشتىم . مەن بۇ يەر ئادەملىرىنىڭ ۋۇجۇدى ۋە روھىدىن ئاشۇ بۇيۇك ئۇيغار - مەدەنىيەت غەزىنىسىنىڭ ، ئۇلۇغ ئۇيغۇر مەدەنىيەت بوستانىنىڭ ياراتقۇچىلىرى بولغان كرورەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇقەددەس ۋە ئۆلمەس روھىنى تېپىۋالدىم . بۇ روھ - قەيسەرلىك ۋە ئۆملۈكنى ئۆزەك قىلغان پۈكۈلمەس ، سۇنماس ياشاش ئىرادىسى ئىدى ! بۇ روھ - ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلىغى ئۈچۈن تولىمۇ شەپقەتسىز ھەم مۇدھىش تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئاپەتلەر بىلەن ئارسلانلارچە ئېلىشىشى ، ئاخىرىدا ھازىر كەلپىن دەپ ئاتىلىۋاتقان ئاشۇ ئۈچ تاغ ئارىسىدىكى نەچچىلا بۇلاق سۈيى بىلەن كۆكىرىپ تۇرىدىغان قۇتقۇزغۇچ زېمىنگە ئۇلاشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى كۈلپەتلىك ۋە مۇشەققەتلىك ئۇزاق سەپەر داۋامىدا يېتىلدۈرگەن ، كەلپىن ئۇيغۇرلىرىنى ئەسىر – ئەسىرلەردىن ھالقىتىپ ، بەرجەس ، ساغلام ۋە ئەينى پېتى شەرەپلىك بۈگۈنگە ئۇلاشتۇرغان بىر مۇقەددەس ئۇلۇغۋار روھ ئىدى!
كەلپىن ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپلىگەن خارەكتىر خاسلىغى ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ ئەزگۈ ۋە ئەڭ كىشىلىك سۆيۈنۈش – ھەۋىسىنى قوزغايدىغان يارقىن خارەكتىرى ئۇلارنىڭ ئىناقلىق ، ئۆملۈك ، بىرلىك – ئىتتىپاقلقنى قەدىرلەش ، ھەممىدىن ئەلا بىلىش ۋە سۆيۈش خارەكتىرىدۇر . بۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتى ، ھەر – بىر ئۇيغۇر ئوغلانى بىلىشكە ۋە ئىنتىلىشكە ھەم ئۆرنەك قىلىشقا تېگىشلىك گۈزەل خارەكتىر ۋە ئاددىي لېكىن تولىمۇ ئۇلۇغ رۇشەن ھەقىقەتتۇر .
شۈبھىسىزكى ، مانا مۇشۇ قەيسەرلىك ۋە ئۆملۈك ئۆز قونۇقىنى ھەم مانا مۇشۇ ھەقىقەتنى بايراق قىلغان مىللەت شەرەپ ۋە ماختاشقا لايىق ، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە تالىق ، ئۆلمەس ، يىتمەس ۋە شەرەپلىك مىللەتتۇر . مەلۇم بولدىكى ، كەلپىن ئۇيغۇرلىرى بىز تېخى ئاڭلاپ تۈگىمىگەن ، ئاڭقىرىپ پۈتمىگەن ، ئۈلگە قىلىپ ئۈلگۈرۈپ بولالمىغان بىر ئەزگۈ ۋە گۈزەل رىۋايەتتۇر !»
.................................
مانا شۇنداق.
ناھايىتى رۇشەنكى ، ئۈرۈمچىدە يەنە كەلپىندىن باشقا يۇرتلاردىن كەلگەنلەرمۇ بار ۋە ئۇلارنىڭمۇ تىللاردا داستان بولغىدەك ناھايىتى قىممەتلىك ئەجر ـ تۆھپىلىرى بار ....
قىسقىسى ، ئۇلار «تەرمىلەر» بولسىمۇ پۇشتى ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئىدى ، شۇڭىلاشقا ئۇلارغا قارىتا ئۇنداق ھاقارەتلىك سۆز ئىشلىتىش ئەلبەتتە توغرا ئەمەس ئىدى (؟) جۈملىدىن ، ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىگە «پىكىر ئېلىش تەكلىپنامىسى» قەشقەردىن ئەمەس ، بەلكى دەل «تەرمىلەر» ماكانى بولغان ئۈرۈمچىدىن ئىبەرتىلگەنىدى.شۇنداق بولغان ئىكەن، ئەمدى ، «تۇزۇڭنى يەپ تۇزلۇقۇڭغا ...» دېيىلسە زادى توغرا بۇلارمۇ ؟
2) ئەمدى ، « تىل – ئىملادا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر »دەپ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر – ئىزاھاتلىرىدىكى خاتالىقلارغا قاراپ باقايلى.بۇلار تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت :
(1)مەنتىقسىز ھالدا قوشما سۆزلەملەرنى پەيدا قىلىش مەسىلىسى . بۇلار ــــ سۆز – كەلىمە ، ئۇل – ئاساس ، گەپ – جۈملە ... دېگەنلەرگە ئوخشاش .
ناھايىتى رۇشەنكى ، ” سۆز – كەلىمە “ دىكى ” كەلىمە “ دېيىلگىنى ئەرەپچە بولۇپ ، ئۇيغۇرچە مەنىسى ” سۆز “ دېگەنلىكتۇر . شۇنداق ئىكەن ، قاراپ تۇرۇپ مەنىداش ، تەڭدىشى بار سۆزلەملەرنى بىرىنى ئۇيغۇرچە ، بىرىنى ئەرەپچە قىلىپ « قوشما سۆز » ياساش نە ھاجەت ؟ بۇ يەردە ئۇلاردىن«سۆز » دېيىلگىنىنىلا ئىشلەتسەك نىمىمىزمۇ كەم بولۇپ قالار ؟ ئۇنى تىلىمىزدا زامان – زامانلاردىن بۇيان ئىزچىل قوللۇنۇپ ، دېمەكچى بولغانلىرىمىزنى قىسقا ۋە راۋان ئىپادىلەپ كىلىۋاتاتتۇققۇ ؟ ئەمدى قاراپ تۇرۇپ «كەلىمە» نى چاپلاپ ، راۋان ئېقىۋاتقان سۇغا تاش تاشلاپ ئېقىشىغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلغاندەك ئىشنى قىلغاننىڭ زادى نىمە زۆرۈرىيىتى بار ؟
ئايانكى،تىلىمىزدا شۇ «سۆز» نىڭ بىر ۋارىيانتى «سۆزلەم» دېيىلىدىغىنىمۇ بار . « سۆزلەم » بولسا لۇغەتشۇناسلىقتا قوللىنىلىدىغان بىر خىل ئاتالغۇ بولۇپ ، لۇغەتتە قاتار – قاتار تىزىلغان يەككە سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ . ئۇنداقتا ئەمدى بۇ سۆزنى «سۆزلەم – كەلىمەم » دەيمىزمۇ؟
ئۇل – ئاساسى ـــ بۇمۇ مەنتىقىسىز ياسالغان «قوشما سۆز» ھېساپلىنىدۇ . چۈنكى تىلىمىزدا : « بۇ تامنىڭ ئۇلى زەي تاتىپ قاپتۇ ( قېلىپتۇ ) » دەيمىزكى ، ھەرگىزمۇ « بۇ تامنىڭ ئۇل -ئاساسى زەي تاتىپ قېلىپتۇ » دېمەيمىز . ئوخشاشلا «بۇ گەپنىڭ ئاساسى نىمە؟» دەيمىزكى ، ھەرگىزمۇ « بۇ گەپنىڭ ئۇل - ئاساسى نىمە؟ » دېمەيمىز .«بۇ تامنى ئۇلداپ قويايلى» دەيمىزكى ، ھەرگىزمۇ «بۇ تامنى ئۇل - ئاساسلاپ قويايلى» دېمەيمىز . قاراڭ : «تامنى ئۇلدىسا 10 يىل ، يۆلىسە 100 يىل پايلايدۇ» (خەلق ماقالىسى ).
دېمەككى ، « ئۇل » ۋە « ئاساس » سۆزلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىشلىتىلىش ئورنى بار ، ئۇلارنى بىر – بىرىگە كىرىشتۈرۈپ « قوشما سۆز » ياساشنىڭ قىلچىمۇ توغرا تەرىپى يوق ،
گەپ – جۈملە ـــ بۇمۇ مەنتىقسىز ياسالغان «قوشما سۆز». چۈنكى ، تىلىمىزدا ئەزەلدىن « بىر جۈملە گەپ»، «ئاساسسىز گەپ قىلما !» دېگەنگە ئوخشاش جۈملە شەكىللىرى بار. دېمەككى،« جۈملە » ـــ بىر ياكى بىر نەچچە سۆزدىن تەركىپ تېپىپ بەلگۈلۈك ئوي - پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان گرامماتىكىلىق قۇرۇلما بولۇش بىلەن بىللە يەنە قىلىنىۋاتقان گەپنىڭ مىقتارىنىمۇ كۆرسىتىدۇ . « گەپ » بولسا بىر ياكى بىر نەچچە سۆزدىن تەركىپ تېپىپ بەلگۈلۈك ئوي - پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىنىڭ نەخ ئۆزى . دېمەك بىرى« مىقتار » نى، بىرى بەلگىلىك « ئوي – پىكىر » نى ئىپادىلەيدۇ.
بۇ يەردە بىز « ئامرىغىم كۆڭۈل شادى » ناملىق ناخشىدىكى مونۇ تېكىستكە قاراپ باقايلى:
ئامرېغىم كۆڭۈل شادى ،
ساڭا بىر گېپىم بادى.
كۆڭلۈمگە ئارام يوقكەن ،
ئۇنى ئېيتمىسام زادى.
بۇ تېكىستتىكى « گېپىم » دېگەننى ئەمدى « گەپ – جۈملە » پورمىسى بۇيىچە ئۆزگەرتىدىغان بولساق « ساڭا بىر گېپىم – جۈملەم بادى » ياكى « ساڭا بىر گەپ – جۈملەم بادى » (؟) دېيىشكە توغرا كېلىدۇ . ئۇچاغدا قانچىلىك تېتىقسىزلىقنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىغىنى ھېس قىلغىلى بولمامدۇ ؟
(2)ئەمدىكى مەسىلە «كونا خاماننى سورۇش» تا كۆرىلىدۇ . مەسىلەن ، «بارغاندۇ ، كەلگەندۇ ، بولۇپتۇ ... » سۆزلىرىنىڭ ( خۇداغا شۇكرى ، بۇ يەردە « سۆز – كەلىمەلەرنىڭ » دەپ سالماپتۇ! ) ئەسلىدە « بارغاندۇر ، كەلگەندۇر ، بولۇپتۇر ...» شەكلىدىكى « ر » لىك سۆزلەر ئىدى ، « - دىكەن » قوشۇمچىسى ئەسلىدە « - دۇر ئەكەن » شەكلىدە ئىدى ، « كېلەتتى ، باراتتى ، قىلاتتى ... » قاتارلىق سۆزلەر بولسا ئەسلىدە « كەلەر ئەردى ، بارار ئەردى ، قىلۇر ئەردى ،،،» شەكلىدە ئىدى ، دەپ ، ئاللىقاچان ئىستىمالدىن قالغان قوشۇمچىلار ۋە سۆز شەكىللىرىنى قوللۇنۇشنى تەشەببۇس قىلىشى بۇنىڭ رۇشەن ئىپادىسىدۇر.
دەرۋەقە ، بىزنىڭ كونا تىلىمىزدا مۇنداق سۆز شەكىللىرى قوللىنىلغان . ئەمما ، مەن ئەقلىمگە كېلىپ ئوقۇش يېشىمغا تولغىچىلىك ۋە تولغاندىن كېيىنمۇ ئاتا – ئانام ، ئۇرۇق – تۇققانلىرىمنىڭ ئاغىزىدىن مۇنداق سۆز تۈرلىرىنى زادىلا ئاڭلاپ باقمىدىم ، جۈملىدىن 50 نەچچە يىلدىن بۇيان ئوقۇغان نۇرغۇن كىتاپلاردىمۇ مۇنداق سۆز شەكىللىرىنى زادىلا ئۇچراتمىدىم. مۇشۇنداق بولىشىغا قارىماي ، باشقىلارغا ئوخشاشلا مەنمۇ ئاتا – ئانام ، خۇتۇن – باللىرىم ،ئۇرۇق – تۇققانلىرىم ۋە دوست – بۇرادەرلىرىم بىلەن قانا – قانا سۆزلىشىپ ، سىردىشىپ ، يۈرەكنىڭ چۈشتىدىكى تۇيغۇلىرىمىزنى دېيىشىپ مۇڭدىشىپ تاتلىق – تاتلىق مىنۇتلار ئىچىدە ياشاپ كەلدىم ھەم كېلىۋاتىمەن.
مۇشۇنداق بولغان ئىكەن ، ئەمدى زادى نىمە ئۈچۈن ئاللىقاچان ئىستىمالدىن قالغان كونا سۆزلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىمىز ؟ ئەگەر مۇشۇ خىل سۆزلەر ئومۇملىشىپ ، ئۇزۇن يىلدىن بۇيان ھېچ قانداق مەنا مۇجمەللىگى ، ئۇقۇم خاتالىغى كۆرۈلمىگەن ھالدا بىر ئوبدان ئىھتىياجىمىزدىن چىقىپ كېلىۋاتقان سۆز – ئاتالغۇلار چىقىرىۋېتىلسە ياكى ئۆزگەرتىۋېتىلسە مۇشۇ 50 نەچچە يىلدىن بۇيان نەشر قىلىنغان كىتاپ – ماتېرياللىرىمىزنى ئەۋلاتلىرىمىز ئوقۇپ چۈشىنەلىشى مۇمكىنمۇ ؟ زادى قاراپ تۇرۇپ يېڭىۋاشتىن مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىگى ، ساۋادسىزلىق باش كۆتۈرمەمدۇ ؟
زامانغا ئوبدانراق نەزەر سالايلى ، بىز تىل – ئىملا جېدىلى بىلەن بولۇپ كىتىپ ۋاختىمىزنى ئىسراپ قىلىپ « ھارىۋىدا توشقان ئولايدىغان نوچى بىز » دەپ يۈرگەن بىلەن ، ھازىر ، پەن – تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ ، خەخلەر گەپنى ئاز ، ئىشنى ساز قىلىپ راكىتاغا ئولتۇرۇپ تاشقى پىلانىتلارنى گۈزۈتۈش ، تەتقىق قىلىش ۋە سەيلى قىلىشقا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ!
قارىغاندا ، ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندى ئەرەپچە بىلىدىكەن ، بەلكىم قارىلىقنىمۇ خېلىلا قاملاشتۇرىدىغانمۇ ئوخشايدۇ . بۇ ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن . ئەمما ، ئۆزى ئۇيغۇردىن ئىبارەت خاس بىر مىللەتنىڭ تىل - يېزىق خادىمى بولغان ئىكەن ، مۇشۇ مىللەتنىڭ تىلىنى يۇقارقىدەك مەنتىقسىز ياسالما ، كۆچۈرمە ۋە ۋاختى ئۆتكەن سۆزلەملەرنى ئەۋج ئالدۇرۇپ بۇزۇپ قويىدىغان ئىشنى پەيدا قىلماي ، سۆزى كەم ، مەنىسى كۆركەم سۆزلەملەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى ، يەنى سۆز – جۈملىلەرنى « يېڭىۋاشتىن ياساپ » قۇرۇق ئاۋارە بولماي ، بەلكى مىللىتىمىزنىڭ راۋان تىللىق ، يۇقېرى سۈرئەتلىك ۋە زور نەتىجىلىك مىللەت ئىكەنلىگىنى نامايان قىلىشقا تىرىشىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .
كۆرىدىغان بولساق ، سىلەر ئىشلىگەن « ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى » دە نۇرغۇن سۆزلەملەر تۇلۇق شەكلى بىلەن قىسقارتىلما شەكلى سېلىشتۇرما قىلىنىپ، لۇغەتنىڭ تېكىست قىسمىدا قىسقارتىلما شەكلىنى قوللانغانلىقىڭلار ئىپادىلىنىپ تۇرۇپتۇ.
باشقا نۇرغۇن مەمىلىكەتلەردىكى تىل تەتقىقات ئورگانلىرى بولسا مەخسۇس « قىسقارتىلما سۆزلەر لۇغىتى » نى ئىشلىگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ رولىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولماقتا. مەسىلەن ، ھۆرمەتلىك مۆئمىن ئابدۇللا ئەپەندىم تۈزگەن « تۈركچە – ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت » تە تۈرك تىلىدىكى نۇرغۇن قىسقارتىلما سۆزلەملەرنى كۆرسۈتۈپ ئۆتكەن ئىكەن . بۇ يەردە قىسقىچە كۆرىدىغان بولساق:
a = alay پولىك(ئەسكىرىي بىرلىك)
AA = Anadolu Ajansı ئاناتولىيە ئاگېنتلىغى
a.a = atom ağırlığı ئاتوم ئېغىرلىغى
A B D = Amerika Birleşik Devletleri ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى
adr = adres ئادرېس
AET = Avrupa Ekonomik Topluluğu ياۋرۇپا ئىقتىسادىي بىرلىگى
ahl = ahlakbilimi ئەخلاقىيەت
Akust = Akustikئاكوستىكا
Alm = Almanca نېمىس تىلى ، نېمىسچە
Amer = Amerikanca ئامېرىكا تىلى
Ank = Ankara ئەنقەرە
antr = antropoloji ئانتروپولوگىيە
AO = Anonim Ortaklığı ھەسسىدارلار شىركىتى
Ar = Arapça ئەرەپ تىلى ، ئەرەپچە
ark = arkeoloji ئارخېئولوگىيە
astr = astronomi ئاسترونومىيە
atm = atmosperئاتموسفېرا
Aü = Ankara Üniversitesi ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتى
bahç = bahçıvan باغۋەن
bşk = baş komutanباش قۇماندان
Bulg = Bulgarca بۇلغارچە
CHP = Cumhuriyet HalkPatisi جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى
Dipl = Diploma دىپلوم
DMO = Devlet Mulazimet Ofisi دۆلەت مۇلازىمەت ئورگىنى
Doç = Doçant دوتسېنت
DPT = Devlet Planlama Teşkilati دۆلەت پىلانلاش كومىتېتى
Dz . Kuv = Deniz Kuvvetleri دېڭىز ئارمىيىسى
ecz = eczacılıkدۇرىگەرلىك
elek = elektrik توك
دېگەندەك .
مۇنداق قىسقارتىلما سۆزلەملەر باشقا خىل تىللاردىكى لۇغەتلەردىمۇ تۈركۈملەپ ئۇچرايدۇ .
(3)مەناسى پەرق قىلمايدىغان سۆزلەرنى مەنتىقسىز ھالدا كۆپەيتىۋېتىشىدە كۆرىلىۋاتقان ئەھۋال . مەسىلەن، ئەسلىدە «ئۆلچەم» دېيىلگەن سۆزلەم بەزىدە شۇ شەكىلدە قوللىنىلسىمۇ، بەزىدە « ئۆلچەك » دېيىلىپ تۈركچىلەشتۈرۈپ قوللانغىنىدەك ، يەنى ، «ئېلىپبەدە ئۆگىتىلگەن ئۆلچەم» ، «پايدا – زىيان ئۆلچىكى» ، «مەدەنىيەت ئۆلچىكى» شەكلىدە قوللىنىلغىنىدەك. يەنە ، تىلىمىزدا «ئۆلمەس» دېگەن سۆزمۇ تەبىئىي ھالدا ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان قوللىنىلىپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمدى «ئۆلۈمسىز» دېگەن تۈركچە سۆزلەم بىلەن ئالماشتۇرۇپ قوللۇنۇشقا سۇنۇلۇپتۇ .
خۇداغا شۇكرى ، ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىم قارىغاندا ئەرەپچە ۋە تۈركچىنىراق بىلىدىغان ئوخشايدۇ . ئەگەر يەنە باشقا بىر نەچچە تىلنى بىلىدىغان بولسا ، ئۇ تىللاردىنمۇ بىر نەچچە سۆزلەمنى كۆچۈرۈپ كېلىپ يۇقارقىدەك ئۇسۇل – چارىلىرى بىلەن تىلىمىزنى ھۆپۆپنىڭ سەت قانىتىدەك «رەڭگا- رەڭ» قىلىپ تاشلايدىكەن .... !!!
(4) ئەمدىكى مەسىلە سوزۇق تاۋۇشلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىدە كۆرىلىدۇ.
بۇ يەردە ئالدى بىلەن مەسىلىنىڭ خاس تېرمىن مەنىسى بۇيىچە قوللىنىلىشىنى تۈزىتىۋىتەيلى . چۈنكى ، ھۆرمەتلىك ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندى دېمەكچى بولىۋاتقىنى ئىملادىكى مەسىلە بولسىمۇ ، كەيدۈرگەن قالپىغى باشقىچە بولۇپ قاپتۇ . بۇ ، « ئۇيغۇر گرامماتىكىسى ۋە يېزىق ئىملاسىدا » دېگەن قويۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ . مۇناسىۋەتلىك مەسىلە – مىساللارنى كۆزدە تۇتقاندا ، گەپنى ئۇنداق باشلىماي ، « ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ۋە سۆزلەملىرىنىڭ ئىملاسىدا » دېيىلگەن بولسا « ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز » دەك ئاجايىپ ماسلىق ئوتتۇرىغا چىققان بولاتتى . چۈنكى ، «ئۇيغۇر گرامماتىكىسى» دېگەندە «ئۇيغۇر» ئاتالغۇسى «ئۇيغۇر» دىن ئىبارەت مىللەتنى ئىپادىلىگەن بولسا ، «گرامماتىكا» بەلگىلىك تىلنىڭ بەلگىلىك قۇرۇلمىسىنى ئىپادىلەيتتى . ئوخشاشلا ، «يېزىق ئىملاسى» دېگەندىكى «يېزىق» ـــ بەلگىلىك تىلنىڭ يېزىغىنىلا كۆرسىتىدۇ . «ئىملا» بولسا شۇ يېزىق ئارقىلىق يېزىلغان سۆزلەملەرنىڭ يېزىلىش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ . شۇنداق بولغان ئىكەن ، بۇ ئىككى سۆزلەممۇ مۇۋاپىق ماسلىققا ئېرىشتۈرۈلمىگەن ھالدا بىرلەشتۈرۈپ قويۇلغان . دېمەككى ، بىزنىڭ ھەل قىلىدىغىنىمىز بەلگىلىك تىلنىڭ گرامماتىكىسىدىكى ، ياكى بەلگىلىك تىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەملەرنىڭ يېزىلىش شەكلىدىكى ، يەنى ئىملادىكى مەسىلە بولغان ئىكەن ، گەپنى ھېلىقىدەك باشلىشى مۇۋاپىق بولمىغان . ئۆز نۆۋىتىدە ، باشقىلارنىڭ يازمىلىرىدا «ئۇيغۇر گرامماتىكىسى» ، «يېزىق ئىملاسى» دېگەندەك مەنتىقىسىز باغلانغان ئاتالغۇلارنى ئۇچراتقىلىمۇ بولمايدۇ ..
شۇنداق قىلىپ ، ئەمدى ئاشۇ سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە كېلىدىغان بولساق ، بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرى زادىلا مۇۋاپىق ئەمەسكەن . چۈنكى:
(1) سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش مەسىلىسىدە بىر سۆزلەمدىكى ئىككى ” ئا “ نىڭ كېيىنكىسى بەلگۈلۈك شارايىتتا ” ئى “ غا ئۆزگىرىشى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان گرامماتىكىلىق ھادىسە . ئۇنى ئەمدى ” ئاجىزلىشىش “ ئەمەس ” ئۆزگىرىش “ دەيمىز ، دېسەك خاتا بولمايدۇ . ئەمما ” ئاجىزلىشىش “ ( ياكى ئۆزگۈرۈش ) قائىدىسىگە چۈشۈرىمىز ، دەپ ” ئاتا“ ،” ئانا “ لاردىكى كىيىنكى ” ئا “ نى شۇ خىل سۆزلەملەرنىڭ ” ئى “ لىشىدىغان ھالىتىنى ” ئاتاسى “ ، ” ئاناسى “ ... دەك يازىمىز ، دېسەك خاتالىق سادىر قىلىمىز . چۈنكى ، گەرچە بەلگىلىك شارايىتتا بەزى سۆزلەملەر ئەنە شۇنداق يازسا توغرىدەك كۆرۈنسىمۇ ، يەنە نۇرغۇن سۆزلەملەردە ئېغىر ھالدا مەنا مۇجمەللىگى ، ئۇقۇم خاتالىغى سادىر بولىدۇ . مەسىلەن ، ” بالا “ دېگەن سۆزلەمگە نىسپەتەن ئېيتقاندا ” بالسى “ بىلەن ” بالاسى “ نىڭ ئاسمان – زېمىن پەرقى بار . ئالايلۇق ، ” بۇ كىمنىڭ بالىسى ؟ “ دېگەن جۈملە بىر كىشىنىڭ ئالدىمىزدا تۇرغان بالىنىڭ كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىگىنى سورىۋاتقانلىغىنى ئىپادىلىسە ،” بۇ كىمنىڭ بالاسى “ دېگەندە ، بولىۋاتقان ياكى بولغان بالا – قازانىڭ كىم تەرىپىدىن يۈز بەرگەنلىگىنى چۈشۈنۈشكە تىرىشىلىۋاتقانلىغىنى ئىپادىلەيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش مەسىلىسىگە مۇتلەق بىر خىللا ئۆلچەم بېكىتمەسلىك ، ” ئەركىن ئۆلچەم “ بېكىتىلىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن . بۇ يەردە شۇنىمۇ قوشۇپ ئېيتىپ ئۆتىمەنكى ، ” نازۇك تىل ماشىنىسى“ ھەر قانچە نازۇك بولسىمۇ ، جانلىق ئىنساننىڭ رولىنى تۇلۇق بىجىرەلمەيدۇ . ئۇ پەقەت ئاللىقاچان يۈكلەنگەن سۆزلەملەرنىلا كۆرسۈتۈپ بىرەلەيدۇ . يۈكلەنمىگەن سۆزلەملەرنى كۆرسۈتۈپ بىرەلمەيدۇ . جۈملىدىن يۈكلەنگەن سۆزلەملەر خاتا بولسا خاتالىغىنى كۆرسۈتۈپمۇ بىرەلمەيدۇ . مەسىلەن ، ئۇيغۇر سوفت شىركىتى ئىشلىگەن «كومپيوتېر لۇغىتى» گە قارىساق ، بىر يەردە ” ئىلمىيلىق “ ، يەنە بىر يەردە ” ئىلمىيلىك “ دېگەن سۆزلەملەرنى ئۇچرىتىمىز . ئۇنداقتا ، بۇ ئىككى سۆزلەمنىڭ قايسىسى توغرا ؟ ئەلبەتتەكى ” ئىلمىيلىك “ دېيىش توغرا . ئەمما ” ئامبار “ دا ئىككىلىسىگە ئورۇن بىرىلگەچكە ، ھەر ئىككى شەكلىنى تاپقىلى بولىدۇ . يەنە ، تىلىمىزدا ” ئىلىمدار “ دېيىلىدىغان سۆزلەم خاتا ھالدا ” ئىلىمىدار “ دەپ قاچىلانغان . ” نازۇك ماشىنا “ بۇنىمۇ كۆرسىتىۋەرگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن جانسىز نەرسىنىڭ سېگنالىغا تىز چۆكۈش ئەمەس ، جانلىق ۋۇجۇدىمىزنىڭ ئاقىلانە تەپەككۇرىغا ئەھمىيەت بەرگىنىمىز تۈزۈك ، ئەلبەتتە .
ئۆز نۆۋىتىدە سىلەر ئىشلىگەن «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە بۇ مەسىلە ئېقىلغا مۇۋاپىق ھالدا ناھايىتى ياخشى ھەل قىلىنغان. مەسىلەن : ‹بالا› دېگەن سۆزلەمنى كۆرىدىغان بولساق، ئىپادىلەيدىغان مەناسىغا يارىشا بەزى يەردە ‹بالىسى› ، بەزى يەردە ‹بالاسى› دەپ پەرقلىق يېزىپ ئىزاھلاپ ئۆتۈپسىلەر. بۇ نىمە دېگەن ياخشى يۈزلىنىش؟؟؟
مۇشۇ يەردە شۇنىمۇ ئالاھىدە قىستۇرۇپ ئۆتىمەنكى، ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندى ”بار“ نىڭ ”با“ دېيىلىپ قېلىشىدىن ئەجەپلىنىپ ھەتتا غەزەپلىنىپ ، بۇ ئەھۋالنى ” خەلقىمىزنىڭ ھۇرۇنلىقى“ دىن كېلىپ چىققان، دەپ خۇلاسسىلايدۇ.
ئويلىنىپ باقايلى، تىلدا بىرەر سۆزلەمنىڭ تەركىۋىدىكى بىرەر ھەرپنىڭ چۈشۈپ قېلىشىنى ياكى ئۆزگەرگەن تاۋۇش شەكلى بۇيىچە يېزىلىشىنى ”خەلقىمىزنىڭ ھۇرۇنلىقى“ دىن دەپ قارىساق، زىيالىلار قاتلىمىدىكىلەرنى نىمە دەيمىز؟ ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى نىمە؟ خەلق ئاممىسىنى ئېيىپلاش ، ھاقارەتلەشنىڭ نىمە زۆرۈرىيىتى بار؟
كۆرىدىغان بولساق، چوڭ ھەجىملىك تۈرك تىلى لۇغەتلىرىدە مۇشۇنداق مەنىسى ئوخشاش ، ئەمما ئېيتىلىش – يېزىلىشىدا پەرقلىق بولۇپ قالغان سۆزلەملەرنى ھىچ كىمگە داتلاپ ، بۇتناپ ھاقارەتلىك ھۆكۈملەرنى چىقارمايمۇ تۈۋەندىكىدەك ئۇسۇل بىلەن ناھايىتى ياخشى ھەل قىلغان:
âbât . bk . âbâd ; abc . bk . abece ; abdes . bk . abdest ; (3) âbit . bk . âbid ; abula . bk . abla ; acâib . bk . acayip ; (4) acaip . bk . acayip ; acaiplik . bk . acayiplik ; acanta . bk . acenta ; acap . bk . acaba ; acep . bk . aceb (5) …………………….
بۇ مىساللاردىكى ‹ bk › دەپ يېزىلغىنى ” قاراڭ “ دېگەنلىك بولۇپ، بېشىدا يېزىلغان سۆزنىڭ باشقا خىل يېزىلىش ۋە ئېيتىلىش شەكلىنىڭ بارلىقىنى ۋە قاراشقا بۇيرۇلغان سۆزلەمدە ئىزاھلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ مىساللاردا ( ) ئىچىدىكى رەقەملەر بولسا ئالدىدىكى سۆزلەملەر مەۋجۇت بەتلەرنىڭ نۇمۇرىنى كۆرسىتىدۇ.
( ئىزاھ: يۇقارقى مىساللار دوغان مەھمەت دوغان تۈزگەن « دوغان بۇيۇك تۈرك تىلى لۇغىتى» دىن ئېلىندى.)
مانا، بىزمۇ ئىشنى مۇشۇنداق بىر تەرەپ قىلساق بولمىدىمۇ؟
جۈملىدىن ھېلىلا دەپ ئۆتكەن ” ئاتا “ ، ” ئانا “ ، ” بالا “ ....غا ئوخشاش سۆزلەملەرگە نىسپەتەن ، كېيىنكى بۇغۇمدىكى ” ئا “ نى ئۆزگەرتمەي يازىمىز ، دەپ تىلىمىزنى قېلىپقا سۇلاپ قىنىماي ، خۇددىي يۇقارقىدەك ئۇسۇلنى قوللىنىش ئەڭ مۇۋاپىق ئەمەسمۇ؟
خوش ، ئەمدى:
(2) سوزۇق تاۋۇشلارنى” جاراڭلىق“ ، ”جاراڭسىز“ دەپ ئايرىۋېتىش مەسىلىسى .
بۇ بەكمۇ خاتا ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان چۈشەنچە . چۈنكى ، تاۋۇشلاردىكى ”جاراڭلىق “ ، ” جاراڭسىز “ دېگەن تەرىپلەشلەر ئۈزۈك تاۋۇشلارغىلا قارىتىلغان . بۇ يالغۇز ئۇيغۇر تىلىدىلا ئەمەس ، بەلكى ئېلىپبەلىك يېزىق قوللىنىلغان پۈتكۈل تىللاردا مەۋجۇت ئومۇمىي ئەھۋال ۋە شۇ تىللارنىڭ ھىچ قايسىدا سوزۇق تاۋۇشلارنى ” جاراڭلىق “ ، ” جاراڭسىز “ دەپ ئايرىغان قائىدىمۇ يوق.
سوزۇق تاۋۇشلار ھەققىدىكى بۇ خاتا قاراش ئاز بولۇپ قالغاندەك ، ئەمدى يەنە بىر ئىنكاسچى ئەپەندى ” سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەممىسى ئەزەلدىن – ئەبەتكە جىنسى ئەركەك جاراڭلىق تاۋۇشلاردۇركى ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆز ئىچىدىن ” جاراڭلىق سوزۇق تاۋۇش “ ، ” جاراڭسىز سوزۇق تاۋۇش“ دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنمەيدۇ، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ . ئۇنداقتا ، ” سوزۇق تاۋۇشلار “ نىڭ ھەممىسى ئەزەلدىن – ئەبەتكە جىنسى ئەركەك جاراڭلىق تاۋۇشلار بولىدىغان بولسا ، ئۈزۈك تاۋۇشلار تەركىۋىدىكى ” جاراڭلىق تاۋۇشلار “ مۇ سوزۇق تاۋۇشلار كاتېگۈرىيىسىگە كىرىپ قالمامدۇ ؟
كاللىمىزنى تازا سىلكىۋېتىپ پىكىر بىرلىگىمىزنى ھاسىل قىلايلىكى ، تاۋۇشلار پەقەت ئومۇمىي جەھەتتىن سوزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇشقا ، ئۈزۈك تاۋۇشلار بولسا ئېيتىلىش ھالىتىگە ئاساسەن جاراڭلىق ۋە جاراڭسىز ، دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ . « ئۇيغۇر تىلى » ھەققىدىكى دەرسلىك ماتېرياللاردا بۇ ئەھۋال ئاللىقاچان ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈلگەن ۋە بۇ خىل چۈشەنچىلەر باشقا تىللاردىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت .
مۇشۇ يەردە شۇنىمۇ دەپ ئۆتەيكى، بەزىلەر سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك شەكلىنى قىسقارتىۋېتىشنىمۇ تەشەببۇس قىلغان بولدى.
ھەقىقىتەنمۇ شۇنداق قىلىش كېرەكمۇ؟
ياق، قەتئىي مۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ يېزىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس يېزىغى بولۇپ،بىر تەرەپتىن بىر تۈرلۈك گۈزەللىك تۇيغۇسىنى بېرىدۇ، يەنە بىر ياقتىن تاۋۇش ئايرىش ئىمكانىيىتى ھازىرلانغان بولىدۇ. ئالايلۇق : ‹سەنئەت› بىلەن ‹سەنەت› ، ‹ئەسئەت› بىلەن ‹ئەسەت› ئارىسىدا ئاسمان – زېمىن پەرقلىنىدىغان تەلەپپۇز ۋە مەنا پەرقى بار!
يەنە، بەزىلەر ئەسلىدە ‹يۇەن› دەپ يېزىلىدىغان سۆزلەمنى خاتا ھالدا ‹يۇئەن› دەپ، ‹جۇڭخۇا› دېيىلىدىغاننى بولسا ‹جۇڭخۇئا› دەپ يېزىۋاتىدۇ. بۇلارغىمۇ قاتتىق دىققەت قىلىنىشى كېرەك ، ئەلبەتتە!
مانا ئەھۋال.
ئۇنداقتا سىلەر زادى قانداق قارايسىلەر؟
مەن قاتتىق ئاغرىتىپ تۇرۇپ شۇنداق دەپ ئۆتىمەنكى، ئەگەر تىلىمىزدىكى سۆزلەملەر يۇقارقىدەك ئەبجەش، قالايمىقان ۋە ئىپتىدائىي سۆزلەملەر بىلەن ئالماشتۇرىلىۋېتىلىدىغان بولسا زامانداشلىرىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز ئالدىدا كەچۈرگۈسىز قاتتىق ئېغىر جىنايى قىلمىش سادىر قىلىنغان بولىدۇ!!!
قېنى، ئەمدى ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندى زادى بىر جاۋاپ بىرىپ باقسۇن:
1.بىزنىڭ تىلىمىزدا زادى قاچان ، قايسى كىتاپتا ” سۆز – كەلىمە ، ئۇل – ئاساس ، گەپ – جۈملە“ دېگەن قوشما سۆزلەر ئىشلىتىلگەن؟ زادى مۇنداق ” قوشما سۆز “لەرنى ياساپ قوللۇنۇشنىڭ نىمە زۆرۈرىيىتى ۋە پايدىسى بار؟
2.« ـ دىكەن » قوشۇمچىسى ئەسلىدە « - دۇر ئەكەن » شەكلىدە ئىدى ، « كېلەتتى ، باراتتى ، قىلاتتى ... » قاتارلىق سۆزلەر بولسا ئەسلىدە « كەلەر ئەردى ، بارار ئەردى ، قىلۇر ئەردى ،،،» شەكلىدە ئىدى ، دەپ ،« دۇر ئەكەن ، كەلەر ئەردى ، بارار ئەردى ، قىلۇر ئەردى » دېيىلگەنچە ئىملا توغرىلاش تەشەببۇس قىلىنىپتۇ. ئۇنداقتا ، « كەلەر ئەردى ، بارار ئەردى ، قىلۇر ئەردى ...» لەرنىڭ قوللۇنۇلۇش تارىخى زادى قايسى زامانغا تەئەللۇق ئىدى؟ ئەگەر بىز بۇلارنى قوللۇنۇشقا كىرىشسەك خەلقىمىز كۈتۈلمىگەن تارىخىي ئۈزۈكچىلىككە دۇچ كەلمەسمۇ؟ ئۇ چاغدا بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىمىز؟ ئۇنداق ئۇزۇندىن – ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدىغان سۆزلەملەرنى قوللىنىشنىڭ زادى نىمە زۆرۈرىيىتى بار؟ ئەگەر قوللانمىساق قانداق زىيانلار كېلىپ چىقىدىغاندۇ؟
3. ئۆز تىلىمىزدا بىر ئوبدان قوللۇنۇپ كېلىۋاتقان سۆزلەرنىڭ باشقا تىللاردىكى تەڭدىشىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ بىردەم ئۆز تىلىمىزدىكىنى، بىردەم باشقا تىلدىكىنى قوللۇنۇشنىڭ نىمە زۆرۈرىيىتى ۋە پايدىسى بار؟ مەسىلەن ، ئەسلىدە «ئۆلچەم» دېيىلگەن سۆزلەم بەزىدە شۇ شەكىلدە قوللىنىلسىمۇ ، بەزىدە « ئۆلچەك » دېيىلىپ تۈركچىلەشتۈرۈپ ، يەنى ، «ئېلىپبەدە ئۆگىتىلگەن ئۆلچەم »، «پايدا –زىيان ئۆلچىكى »، «مەدەنىيەت ئۆلچىكى »شەكلىدە قوللىنىلغىنىدەك . يەنە ، تىلىمىزدا « ئۆلمەس » دېگەن سۆزمۇ تەبىئىي ھالدا ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان قوللىنىلىپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمدى «ئۆلۈمسىز» دېگەن تۈركچە سۆزلەم بىلەن ئالماشتۇرۇپ قوللۇنۇشقا سۇنۇلۇپتۇ(؟) مۇنداق قىلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسى ۋە ئەۋزەللىگى زادى قانچىلىك؟
4. «ئۇيغۇر گرامماتىكىسى ۋە يېزىق ئىملاسىدا» دېيىش ھەقىقەتەن توغرىمۇ ياكى «ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ۋە سۆزلەملىرىنىڭ ئىملاسىدا» دېيىشمۇ، نىمە ئۈچۈن؟
5. بىر سۆزلەم تەركىۋىدىكى ئىككى ” ئا “ نىڭ كېيىنكىسى بەلگۈلۈك شارايىتتا ” ئى “ غا ئۆزگىرىشى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان گرامماتىكىلىق ھادىسە تۇرۇغلۇق، ئۇنى ئەمدى ئۆزگەرتمەي يېزىش كېرەكلىگىنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ زادى نىمە زۆرۈرىيىتى بار؟ زادى تىلىمىزدىكى سۆزلەملەرنىڭ ھەممىسىنى ”بىر تاياقتا ھەيدەش “ بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولامدۇ؟
6. سوزۇق تاۋۇشلار ” جاراڭلىق “، ” جاراڭسىز “ تاۋۇشلارغا ئايرىۋېتىلىپتۇ. ھەتتا ” ھەممىسى جىنسى ئەركەك جاراڭلىق تاۋۇشلار “ دېگۈچىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ.
ئۇنداقتا :
1) جاراڭلىق تاۋۇش بىلەن جاراڭسىز تاۋۇشلارغا بىرىلىدىغان تەبىر زادى نىمە ئىدى؟
2) ئۈزۈك تاۋۇشلارغا بىرىلگەن ئەنە شۇنداق تەبىرگە نىمە دەيسىز؟
3) سوزۇق تاۋۇشلار ئەزەلدىن – ئەبەت جىنسى ئەركەك جاراڭلىق تاۋۇشلار“ دېيىشكە نىمە دەيسىز؟
7. چەتئەل كىشى ئىسىملىرى ۋە يەر ناملىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن يېزىلىشىدا قانداق مەسىلىلەر مەۋجۇت؟
8. چەتئەل كىشى ئىسىملىرى ۋە يەر ناملىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن يېزىلىشىنىڭ ئىلمىي پىرىنسىپى قانداق بولىشى كېرەك؟
ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىم بۇ جەھەتتە سالماقلىق ، سوغۇققانلىق بىلەن ئىلمىي يۇسۇندا پىكىر بايان قىلىپ ئۆتىشى كېرەك.
2. ئۇيغۇر مەركېزى دېئالېكتى توغرىسىدا
بۇ جەھەتتە ، ئاللاھقا كۆپ شۇكرىلەر بولسۇنكى، ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندى يازمىسىدا ئۇيغۇر مەركېزى دېئالېكتى ئۈچۈن قەشقەر خەلقىنىڭ تىلىنى ئاساس قىلىشنى تەكىتلىگەن ۋە دەلىل سۈپىتىدە بىر مۇنچە مىساللارنى كەلتۈرۈپ ، قەشقەر خەلقىنىڭ سۆزلەملىرىدە ساپلىق ، مەنا ئىپادىلەش جەھەتتە ئېنىقلىق ، رۇشەنلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقېرى ئىكەنلىگىنى ، ئەينى زاماندا مەھمۇت قەشقېرى ئالەمگە مەشھۇر شاھ ئەسەر « تۈركىي تىللار دىۋانى »نى يېزىشتا ئاساس قىلغان تىل ئىكەنلىگىنى ئالاھىدە ماختىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ . مەن ئابدۇرەئۇپ پۇلات ئەپەندىنىڭ بۇ جەھەتتىكى پىكىر – قاراشلىرىنى تامامەن قوللايمەن . جۈملىدىن پۈتكۈل پۇشتى ئۇيغۇر جامائەسى قوللاشقا ۋە پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ ، دەپ قارايمەن . چۈنكى ، ئالدى بىلەن ، قەشقەر خەلقىنىڭ تىلى ــ مەھمۇت قەشقېرىنىڭ ئانا تىلى . مەھمۇت قەشقېرى مۇشۇ تىلنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئەرەپ تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھەت ۋە بالاغەتتە ، مۇكەممەللىك ۋە گۈزەللىكتە تەڭداشسىز يۈكسەك ، ئۇلۇغۋار شان – شۆھرەتلىك تىل ئىكەنلىگىنى ئالەمگە نامايان قىلغان . ئىككىنچىدىن ، قەشقەر خەلقىنىڭ تىلىدىكى سۆزلەملەر ھەقىقىتەن دىيارىمىزنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكىلەرنىڭ سۆزلەملىرىگە نىسپەتەن خېلىلا يۈكسەك دەرىجىدە ساپ ! بۇ مىللىي خاسلىقىمىزنىڭ ساقلىنىپ قالالىشىنىڭ جانلىق ناماياندىسى . ئۈچىنچىدىن ، مەھمۇت قەشقېرى مانا شۇ ئىككى جەھەتتىن پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىغا نىسپەتەن ئانا تىلىمىزنى نۇرلاندۇرۇپ تۇرىۋاتقان بىر قۇياش دېگۈدەك ئۇستازىمىزدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئورتاق دېئالېكتىكا سۈپىتىدە قەشقەر خەلقىنىڭ تىلىنى ئاساس قىلىشنىڭ ئالاھىدە ئەزەللىگى باركى ، بۇنى دەرسلىرىمىزدە سۆزلەش – چۈشەندۈرۈشنى چىڭ تۇتساق ئەۋلاتلىرىمىزغا مىللىي ئىلمىي ئەنئەنە بۇيىچە ياشاشنىڭ ئەۋزەللىگىنى تۇنۇتۇشقا كاتتا نەتىجە يارىتالايمىز . بۇ جەھەتتە ، ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىنىڭ مونۇ سۆزى يادرولۇق بىر مەسىلىنىڭ ھەل بولىشىغا كۈچلۈك ئاساس. ئۇ بولسىمۇ، «”بىرنى بىر دېگۈلۈك “ دېگەن ئۇيغۇر سەمىمىيىتى بىلەن ئېيتقاندا نەچچە مىليون نوپۇسلۇق قەشقەر يەنىلا ئۇيغۇر دۇنياسىنىڭ مەركىزى رايونىدۇر » دېگەن ھۆكمىدۇر.
ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارىشىنى ئەلبەتتە قوللاپ – قۇۋۋەتلەشكە ۋە ئەمىلىەشتۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈشكە ئەرزىيدۇ !
ياخشىراق ئويلۇنۇپ كۆرەيلى، زادى نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلمايمىز؟ خاتىرلەش مەزگىللىرىدە قاتتىق ھاياجانلىنىپ « مەھمۇت قەشقېرى » ، « يۈسۈپ خاس ھاجىپ » ، « ئابدۇقادىر داموللام » قاتارلىق ئىلىم ئەرباپلىرىمىزنى چۇڭقۇر سۆيۈنۈش ، پەخىرلىنىش ۋە ئالىي ھۆرمىتىمىز بىلەن تىلغا ئالىمىز ، ئۇلارنىڭ كىتاۋىنى ، سۆز – نۇتۇقلىرىنى بولسا شۇنچە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ يادلاپ كېتىمىز . ئەمما نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۇلۇقلىرىمىزنىڭ تىلىنى دائىمىي سۆز – ئالاقە قۇرالى سۈپىتىدە قوللۇنۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيمىز ؟ ئەجەبا ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ كىتاۋى ۋە تەلىماتلىرى پەقەتلا خاتىرلەش كۈنلىرى ئەسكە ئېلىشقا بولىدىغان ۋە كۆتۈرىۋالىدىغان ، باشقا چاغلاردا بىر چەتكە تاشلاپ قويسىمۇ بولىدىغان زىننەت بۇيۇملىرىمۇ ؟
بۇ ھەقىقىتەن چۇڭقۇر ئويلۇنۇپ كۆرىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە .
3. تارىخىمىزدا قوللانغان يېزىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېلىپبەلىك ئوقۇشلۇق ۋە ئۈنۋېرساللاشقان دەرسلىكلەرنىڭ تېزلىك بىلەن تۈزۈپ چىقىلىشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇلۇش زۆرۈرلىگى توغرىسىدا
ناھايىتى رۇشەنكى، تىل – يېزىق كومىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دىيارىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ مىللىي تىل – يېزىق قوللىنىش تارىخىدا ئاز بولمىغان ياخشى يۈزلىنىش بارلىققا كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بۇ جەھەتتە ئالاھىدە كۆزگە كۆرىنەرلىك ، ئەلبەتتە. بۇنى «قوش تىللىق مائارىپ» يولغا قويۇلغان ۋاقىتقىچە ئۇيغۇر تىلىدىكى لۇغەت – قامۇسلارنىڭ ، دەرسلىك ماتېرياللارنىڭ ، باشقا تۈرلۈك مەزمۇندىكى كىتاپ – ژورنال ، گېزىتلارنىڭ ، ئۈن – سىن نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ، شۇنداقلا رادىئو – تېلىۋىزىيە ئاڭلىتىشلىرىنىڭ سان – سۈپىتىدىكى كەڭ ۋە ئومۇمىي دائىرىدە بولىشى بىلەن خۇلاسسىلاشقا بولىدۇ.
ئەمما تېخىچە نەزىرىڭلارنىڭ سىرتىدا تۇرىۋاتقان ئىنتايىن مۇھىم ئىش تۈرى ـــ ئۇيغۇرلار تارىختا قوللانغان يېزىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېلىپبەلىك ئوقۇشلۇق ۋە ئۈنۋېرساللاشقان كىتاپ ماتېرياللارنىڭ بولماسلىغى بولۇپ، بۇنىڭغا ئەسلا ۋە ئەسلا سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ تۈر ماتېرياللار ئۇيغۇر ئىلىم بۇلىغىنىڭ كاتتا ناماياندىلىرى ۋە تىللاردا داستان بولغىدەك بى باھا گەۋھەر كەبى خەزىنىلىرىمىزدۇر!
ئۇنداقتا ، قېنى بۇ جەھەتتە سىلەر قانچىلىك ئەمگەك سەرپ قىلدىڭلار؟ زادى، بىز ئۇنداق يېزىقلارنى قوللانغان، مۇنداق ئىلمىي ئەسەرلىرىمىز بار، ئۇنداق ئالىملىرىمىز بار ، مۇنداق ئۇتۇقلىرىمىز بار ، دەپ قويۇش بىلەن ئىش تامام ۋەسسالام دەيمىزمۇ ؟ زادى ئەۋلاتلىرىمىزنى بۇ خىل ئوقۇشلۇقلار بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەكمۇ – يوق؟
ئايانكى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىدا نۇرغۇن قوشاق، مۇزىكا تېكىستلىرى، پېداگوكىلىق رىسالىلەر، مەڭگۇ تاشلار ۋە ئىلمىي ئەسەرلەر يېزىلغان. بۇ يادىكارلىقلارنىڭ بىر قىسمى زامانىمىزغىچە يىتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنىڭ يىراق ئوتمۇشىنى يورۇتۇپ بەرمەكتە. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى قوشنا مىللەتلەردىن موڭغۇللار، مانجۇلار، قىتان (كىدان) لار ۋە نايمانلارنىڭمۇ يېزىق ئىجادىيىتىگە ئاساس سالغانىدى.قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي - مائارىپ ھاياتىدا مۇزىكا، ناخشا ۋە تۇرلۇك ئېستېتىك ئىقتىدار ئاساسىي تەلىم - تەربىيە ۋاسىتىلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇنىڭدىن 1500 يىل بۇرۇن ئوتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى ۋە كۇيچىسى قوغۇسۇر ئالتۇن (507 - 687 - يىللار) ئىجاد قىلغان داڭلىق «تۇرا ناخشىسى» پۇتۇن ئۇيغۇرلار ئىچىدە، جۇملىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكلەر دائىرىسىدە كەڭ تەسىر قوزغىغان ۋە ئەسىرلەردىن بېرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە سىمۋولى بولۇپ كەلگەن. بۇ مۇزىكا تېكىستى ھازىر خەنزۇ مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۇزۇلۇپ سويۇپ ئوقۇلىۋېتىپتۇ . ھەتتا ياپونىيىدىمۇ بۇ تېكىست قىزغىن تەتقىق قىلىنىۋېتىپتۇ. ئەمما بىزدىچۇ؟
«تۇرا ناخشىسى» ۋە «ئېرق پۇتۇك» بىلەن بىللە ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىغىدا يېزىلغان تۇنجى دېداكتىك ئەسەر «چاستانى ئىلىك بەگ» داستانى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر كوك تۇرك خاندانلىقى (552 - 744) دەۋرىنىڭ ھارپىسىدا يېزىلغان. ئۇنىڭدا يورۇقلۇق بىلەن زۇلمەت ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۇرەشلەر بايان قىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا خېلى كوپ تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە مەزمۇنلار بار.
قەدىمقى ئۇيغۇر يزىغىدا يېزىلغان يازما يادىكارلىقلىرى ئۇيغۇر خەلقىنى ھەقىقىي تارىخىي دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى. ئۇلاردىن مەشھۇرلىرى: «كول تىكىن مەڭگۇ تېشى»(732 - يىلى تىكلەنگەن)، «بىلگە قاغان مەڭگۇ تېشى» (735 - يىلى)، «تۇنيۇقۇق مەڭگۇ تېشى» (716 - يىللىرى) ۋە «قۇتلۇق بىلگەقاغان مەڭگۇ تېشى» (759 - يىلى) دۇر. بۇ مەڭگۇ تاشلار تەزكىرىلىرى ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي ھاياتىنى، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەسىرلىك ۋە ئەينەن تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئۇ ھەم تارىخىي دەرسلىك قىممىتىگە ھەم بەدەئىي ئەدەبىيات قىممىتىگە ئىگە. بۇ مەڭگۇ تاشلار تەزكىرىسىنى يازغان ئاپتورلار شۇ دەۋرنىڭ ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچىلىرى، ئەدىبلىرى ۋە ماھىر خەتتاتلىرى ئىدى.لېكىن، ئۇيغۇرلاردا يېزىق تارىخى باشلانغاندىن كېيىن، مەكتەپ مائارىپ ئىشلىرىغا تۇنجى ئاساس سېلىنغان ماكان تۇرپان ئىدىقۇت ھېسابلىنىدۇ. ئىدىقۇت ئەينى زاماندا شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتى بىر - بىرى بىلەن سىڭىشىپ يۇغۇرۇلغان مەركىزىي تۇگۇن ئىدى. ئۇ يەردە تۇرلۇك دىنلار ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ باراتتى، ئىبادەتخانىلارنى سالاتتى، مەكتەپلەرنى ئاچاتتى، كىتابلارنى باساتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى تارىخىدا بۇددا كىتابلىرى ئەڭ كوپ يېزىلىپ ساقلانغان جايمۇ ئەنە شۇ ئىدىقۇت ئىدى. بۇ يەردە تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار بىر نەچچە تۇمەندىن ئارتۇق.
قېنى بۇلارنى بىزنىڭ يېڭى ئەۋلاتلىرىمىزلا ئەمەس ، خېلى نام- ئاتىغى بار يۇقېرى – تۈۋەن زىيالىلىرىمىزدىن بىلىدىغانلىرى زادى قانچىلىك؟
ئەلبەتتە بۇ چۇڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان ناھايىتىمۇ مۇھىم بىر ئىش تۈرى. قاراڭلار ، تۈركىيىنىڭ مەشھۇر ئالىمى پروفېسسور دوكتۇر ئوكتاي سىنان ئوغلى ئەپەندىم مۇنداق دەيدۇ: « ئوقۇغان ۋە كۆرگەنلىرىمگە ئاساسەن ، بىر دۆلەتنىڭ ، بىر ھۆكۈمدارنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭىنى تارىختا تۇنجى قېتىم نامايان قىلغانلار ئۇيغۇرلاردۇر .. .... ئوسمانلىق مىڭ يىل بۇرۇن ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينۇتۇپ كېلىپ دۆلەت قۇرغان بولدى . ئات مىنىپ قىلىچ ئوينۇتۇپ كەلگەن بىر مىليون كۆچمەننىڭ ساغلام مۇئەسسەلىرى بىلەن 600 يىل دۆلەت قۇرالىغىنى نەدە بار؟ ئۇ شەكىلدە ، مەسىلەن ئاۋارلار كېلىپ ياۋرۇپانى تۇمانغا ئايلاندۇرىۋەتتى . ئەمما 50 يىلدىن كېيىن ئاتلىرى ۋە باشقا ھىچ نىمىلىرى قالماي تۈگەشتى . .... » ، « بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ ياخشى تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن ئىنگىلىزچىنى بىلىدىغان ئەمەس ، ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغان مىڭلىغان مۇتەخەسىسلەرنى يېتىشتۈرۈپ ئون مىڭلىغان ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلدۇرۇش لازىم. » ( تەتقىقاتچى يازغۇچى تۇرغاي تۈپەكچى ئوغلى: « پروفېسسور دوكتۇر ئوكتاي سىنان ئوغلى ۋە تۈركچە » ، 289 - 290 – بەتلەر ) .« تارىختا بۇيۇك بىر تەجرىبە ۋە مەدەنىيىتىمىز بار . ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن بۇيۇك مەدەنىيەتلىرىمىز بار . بىز ئاسيادىن ئۇنداق ئىككى مىليۇن كۆچمەن سۈپىتىدە كەلمىدۇق . ئۇنداق قۇرۇلغان ئىمپېراتۇرلۇق 600 يىل داۋام قىلالامدۇ ؟ » ، « ئۇيغۇر تۈركلىرى دۇنيانىڭ ھازىرقى ۋە ئۆتمۈشىدىكى ئەڭ بۇيۇك ، ئەڭ ئىنسانىي مەدەنىيىتىنى ياراتقان ئىدى . ئىنساننىڭ باياشاتلىقى ، ھۇزۇرى ۋە بەخت – سائادىتىنى ئاساس قىلغان دۆلەت ھاكىمىيىتى چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يۇرت سورىغانلارمۇ ئۇيغۇرلاردۇر . باشقا تۈرك دۆلەتلىرى ۋە ئاخىرىدا ئوسمانلىقلارمۇ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشنى ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى بۇيىچە داۋاملاشتۇرغان . » ( شۇ كىتاپ ، 252 – بەت ) ، « تۈرك دۇنياسى ، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇيغۇرلارغا كۆپ جەھەتتىن قەرزدار . ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇيۇك مەدەنىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن . دۇنيا بۇيىچە ئىنساننىڭ بەخت – سائادەتلىك بولىشىنى ئالدىنىقى رەتتە قويغان دۆلەت باشقۇرۇش ئېڭىنى ۋە تۈزۈلمىسىنى ، نۇرغۇنلىغان سەنئەت ۋە تېخنىكىنى ، ئەڭ ئىلغار تېرىقچىلىق ، سۇغۇرۇش ۋە بوستانلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۇلار ئىجات قىلغان . ئوسمانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېيىنكى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بۇيۇك مۇۋاپپىقىيەتلىرى مانا شۇ ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن ... 20 يىل بۇرۇن ياپۇنىيىدىكى جىددىي ئىزدىنىشلىرىم جەريانىدا ياپۇنلارنىڭ دىققىتى قوزغالدى . ھازىر ئۇلار تەتقىقاتىنى باشلىۋەتتى . بىز ياپۇنلار بىلەن بىرلىشىپ « ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىش مەركىزى » نى قۇرىشىمىز لازىم . ئوسمانلىق ئارخىپ بەلگىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر بىلىم قوشۇنى يېنىدا يەنە ئۇيغۇر تىلى ، يېزىغى ۋە تارىخى بۇيىچە كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەرنى تېزلىكتە يېتىشتۈرىشىمىز لازىم .» ( شۇ كىتاپ ، 283 – بەت )
ئويغۇرشۇناس ئالىم ئاخمەت جافەر ئوغلىمۇ « تۈرك تىلى تارىخى » ، « قېدىمقى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى » ناملىق كىتاپلىرىدا ئويغۇرلا ۋە ئۇيغۇر تىل – يېزىغى توغرۇلۇق كەڭ سەھىپە ئاجرىتىپ تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن . بۇ يەردە قىسقىچە كۆرىدىغان بولساق ، « 5 – ئەسىردىن باشلاپ ئىلگىرى ئۆز قەبىلىلىرى بىلەن ، خېلى كىيىن بولسا قوشۇلغان باشقا تۈرك قەبىلىلىرى بىلەن سىياسى بىرلىكنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسيا تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تارقىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم روللارنى ئوينىغان .» ( « تۈرك تىلى تارىخى » ( 150 – بەت ) ، « ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئەڭ باي مەزمۇندىكى تۈرك ئەدەبىياتى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن .» ( شۇ كىتاپ ، 169 – بەت ) ، دەيدۇ ئاخمەت جافەر ئوغلى .
مانا شۇنداق بولغان ئىكەن، بىز ھە دېگەندە چەتئەل تىللىرىنىلا ئۆگۈنۈش ، قوللۇنۇشقا قىزىقىپ كېتىپ ئۆزىمىزنىڭ بى باھا گۈھەردەك بىلىم خەزىنىمىزنى تاشلىۋېتىپ ”يىلتىزسىز قامغاق“ تەك ياشايمىزمۇ؟ زادى باشقىلار بىزنى ۋە بىزنىڭ تىل – يېزىغىمىزنى شۇ قەدەر ئەتۋا بىلىپ تۇرىۋاتقان يەردە ، بىز ئەقلىدىن ئاداشقان ساراڭلاردەك خۇدىمىزنى يوقۇتۇپ يۈرىۋېرىمىزمۇ؟
شۇ تاپتا ئىچىم بەكمۇ سىرىلىپ كىتىپ بارىدۇ!
خەير، شۇنىڭ بىلەن ئەمدى شۇنى جىددىي تەشەببۇس قىلىمەنكى، « تارىخ ـــ ئىلىملارنىڭ ئانىسى » ، « تىل – يېزىق ـــ تارىخنىڭ ئاچقۇچى ۋە شەرھى نۇرى » . سىلەر ئەمدى ھە دېگەندە بىر ئوبدان ئومۇملىشىپ قوللىنىلىنىۋاتقان سۆزلىرىمىزنى غىدىلاپ ، رەڭ بېرىپ قۇرۇق ئاۋارە بولۇشنىڭ ئورنىغا تىرىشچانلىغىڭلارنى مۇتلەق ۋە مۇتلەق ھالدا بىزنىڭ قوللىنىۋاتقان يېزىقلىرىمىزدىن زامانداشلىرىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز تېخى ئۆگۈنۈش ۋە قوللىنىش ھالىتىگە كەلمىگەنلىرىنى ئېلىپبەلىك ۋە ئۈنۋېرساللاشقان ماتېريال ھالىتىگە تېزلىك بىلەن كەلتۈرۈپ تەييارلاپ نەشر قىلىپ تارقىتىش ، مەكتەپلىرىمىزدە قەدەم – باسقۇچلۇۇق ھالدا ئوقۇتۇلىشىغا سۇنۇش تەرىپىگە تېزلىك بىلەن مەركەزلەشتۈرگەن بولساڭلار!
كۆرىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇن يېزىقلارنى قوللانغان . بۇ يېزىقلار ھەرخىل تىپقا ، ھەرخىل سېستىمىلارغا مەنسۇپ ، بۇ يىزىقلار ھەرخىل دىنىي ئىتقاد ،ئىجتىمائىي بىرلىك سەۋەبىدىن قوللىنىلغان. يەنى ، ھەر - بىر خىل يېزىقنىڭ كەينىدە ئۆزىگە خاس سىياسىي ، ئىقتىسادىي ياكى ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش بار . ئەجدادلىرىمىز مانا مۇشۇ ھەرخىل يېزىقلار ئارقىلىق ئوخشىمغان تارىخىي دەۋر ۋە دىنىي مۇھىتتىكى ئەسەرلەرنى ، جۈملىدىن ئەدەبىيات - سەنئەت ، دىن ، تارىخ ، ئىقتىساد ، تىبابەتچلىك ، ئىلمىي نۇجۇم ، تىلىشۇناسلىق ۋە باشقا ساھەلەردىكى يازما يادىكارلىقلارنى ناھايىتى مۇكەممەل،تۇلۇق خاتىرلەش رولىنى ياخشى ئوينىغان.
ھازىرغا قەدەر بىزگە مەلۇم بولغان ، ئەجدادلىرىمىز قوللانغان يېزىقلاردىن قەدىمىي تۈرك – رونىك (ئورخۇن – يىنسەي ) يېزىغى، سوغدى يېزىغى، مانى يېزىغى ، قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىغى ، براھمى يېزىغى ، قارۇشتى يېزىغى ، سۇرىيان يېزىغى، خەنزۇ يېزىغى، كونا تىبەت يېزىغى ، ئەرەپ يېزىغى ، خاقانىيە يېزىغى ، چاغاتاي يېزىغى، ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىغى ، ئۇيغۇر يىڭى يېزىغى ، سىلاۋىيان يېزىغى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى يېزىغى قاتارلىق 30 غا يىقىن يىزىق بار . بۇ يېزىقلار ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك ، كەڭ قوللىنىلغانلىرى قەدىمكى تۈرك يېزىغى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىغى ، خاقانىيە يېزىغى ، چاغاتاي يېزىغى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى يېزىغىدىن ئىبارەت.
نۆۋەتتە ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ خاس يېزىغى سۈپىتىدە ئەرەپ تىلى يېزىغى ئاساسىدا ئىشلەپ چىقىلغان يېزىغىمىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دائىملىق قوللىنىلىدىغان يېزىق بولۇپ ، ھەر ساھە - ھەر كەسىپتە كاتتا تايانچىلىق رولىنى ئويناپ كەلمەكتە .
بىز مۇشۇ يېزىغىمىزنى ئىشلىتىشنىلا بىلىپ قالماي يەنە ئاشۇ قىممەتلىك تارىخي يېزىقلىرىمىزدىن ياخشى پايدىلىنالايدىغان بولىشىمىز لازىم . سىلەر مانا بۇلارنى ياخشى ئويلۇنۇپ كۆرىشىڭلار ۋە تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ يېڭى نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىڭلار ئىنتايىن زۆرۈر ، ئەلبەتتە!
مەسىلەن:
ئورخۇن – يىنسەي يېزىغىنىڭ ئوقۇلىشى ۋە بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان ماتېرياللاردىكى تېكىستلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىچە مەناسى؛
سوغدى يېزىغى ۋە بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان ماتېرياللاردىكى تېكىستلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىچە مەناسى ؛
........................... ؛
دېگەندەك.
بىر مىللەتكە نىسپەتەن ئۆزىنىڭ ئانا تىل - يېزىغىنى بىلمەسلىكتەك ساۋاتسىزلىقنىڭ شۇ مىللەتكە نىسپەتەن نەقەدەر نومۇسلۇق ئەھۋال ئىكەنلىگىنى ياخشى ئويلىنىشىمىز لازىم. بۇ،ئەلبەتتىكى ئۇلۇق ئەجداتلىرىمىز ئالدىدىكى تارىخىي بۇرچىمىز، ئەۋلاتلىرىمىز ئالدىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان ۋىجدانىي مەسئۇلىيىتىمىزدۇر!
جۈملىدىن، يېزىق ـــــ تارىخنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىنى ۋە چۈشۈنىلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىـ -
ـدىغان مۇھىم ئامىل!
4. ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» توغرىسىدا
ئەمدى مانا شۇ ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» توغرىسىدا بىرئاز توختۇلۇپ ئۆتىمەن.
شۇنداق!
مەلۇمكى، دىيارىمىزدىكى تىلشۇناس ، ئالىم، پروفېسسور ، دوكتۇر ۋە باشقا ئىختىساسلىق قارالغان كىشىلەرنىڭ 5 قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىش بىلەن لاتىن يېزىغى ئاساسىدا تەييارلىنىپ بېكىتىلگەن يېزىق شەكلى «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» دېگەن نام بىلەن ئېلان قىلىنىپ ئىشلىتىشكە سۇنۇلغان بولدى.
بىلىنگەن ئەھۋاللاردىن قارىغاندا بۇ يېزىق ئىسىم – ناملارنىڭ قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، دەپ قارىلىۋېتىپتۇ.
مېنىڭچە، نىشان يالغۇزلا بۇ بولمىسا كېرەك.
ئۇنداقتا بۇ يېزىق ھەقىقىتەن ئىسىم – ناملارنىڭ قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىقمۇ؟
ئەمەلىيەت ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، ھەرگىزمۇ پايدىلىق ئەمەس . جۈملىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ئىلىمىي تەتقىقات ساھەسىدىكى ئىھتىياجلىرىمىزغا زادىلا يارىمايدۇ.
چۈنكى :
1) بۇ يېزىق تەركىۋىگە قارايدىغان بولساق، بەزى ھەرپلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى مۇقىم ئەمەس. مەسىلەن ، ‹Jj› ھەرىپى ‹ج› دەپمۇ، ‹ژ› دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىغى بېكىتىلگەن. يەنە ‹Zh , zh› ھەرىپىنىمۇ ‹ژ› نىڭ تەڭدىشى قىلىپ ئىشلەتسە بولىدىغانلىغى كۆرسۈتۈلگەن.
مۇشۇنداقمۇ مەنتىقىسىزلىق بولامدۇ؟ زادى بىر خىل ھەرپنى ئىككى خىل تاۋۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشنىڭ سەۋەبى، مەنتىقىلىق ئاساسى نىمە؟
ناھايىتى رۇشەنكى، يېزىق ـــ تىل تاۋۇشلىرىنى توغرا خاتىرلەش ئالدىنقى شەرتى بىلەن شۇ تاۋۇشلار ئاساسىدا ئىپادىلىنىدىغان ئوي – پىكىرنى يازما ماتېريالغا ئايلاندۇرۇش ، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە باشقا ساھەلەردىكى چۈشىنىشىشنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، ئىلىم – مەرىپەتنى گۈللەندۈرۈش ...ئۈچۈن يارىتىلغان.
دەل شۇنداق بولغاچقا ، ئۇيغۇر تىلى يېزىغى نۇرغۇن مۇھاكىمىلەر ئاساسىدا ئەڭ ئاخىرىدا تىلىمىزدىكى سۆزلەملەرنىڭ مەنا ئاڭلىتىش جەھەتتىكى مۇجمەللىكنى يوق قىلىش سەۋەبىدىن ، ‹ئو› نىڭ مۇناسىۋەتلىك سۆزلەملەردىكى خاس تاۋۇش شەكلىنى توغرا چىقىرىش ئۈچۈن ‹ئۆ› نى ، ‹ئۇ› نىڭ مۇناسىۋەتلىك سۆزلەملەردىكى خاس تاۋۇش شەكلىنى توغرا چىقىرىش ئۈچۈن ‹ئۈ›نى ئىجات قىلىپ ئەسلىدىكى 6 خىل سوزۇق تاۋۇشنى 8 قىلىش بىلەن ئەڭ مۇكەممەل ھالەتكە كەلگەن بولدى. بۇنىڭ ئۈنۈمى بەك ياخشى بولغان ئىدى.
مۇشۇنداق ياخشى يۈزلىنىشنى ئەمدى قاراپ تۇرۇپ بۇزغۇنچۇلۇق ، قالايمىقانچىلىققا دۇچ كەلتۈرۈپ بىر خىل ھەرپنى كۆپ خىل تاۋۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشنىڭ زادى نىمە زۆرۈرىيىتى ۋە ئەۋزەللىگى بار؟
قېنى تۈۋەندىكى سۆزلەملەرنى بىرلا قاراپ خاس توغرا تەلەپپۇزى بۇيىچە ئوقۇيالايدىغانلار زادى قانچىلىك؟
ja , jabdu - jabdumak jabdudi jabdugan jabdusa jabdut- jabdutux jabdux- jabduxmak jabduk jabdugum jabdugimiz jabdugung jabdugingiz jabdugunglar jabdugi jabduklar jabdul- jabdulux jabdun- jabdunux jap japa japayim japaying japasi japasiz japakəx japakəxlik japakəxligi japalik japaligi japa-muxəkkət japa-muxəkkətlik jap-jap jap-japlik jap-japligi japilda- japildimak japildat- japilditix japildax japildaxmak japildak jada jadam jading jadisi jadu jadusi jadau kilmak jadugər jadugərlik jadugərligi jar jarang jarang-jarang jarang-jurung jarangsiz jarangsizlax- jarangsizlixix jarangsizlaxtur- jarangsizlaxturmak jarangsizlaxturux jarangsizlaxturul- jarangsizlaxturulux jarangla jaranglimak jaranglat- jaranglitix jaranglatkuz- jaranglatkuzux jaranglax- jaranglaxmak jaranglik
(ئىزاھ : يۇقارقى مىساللار «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى»دىن ئېلىنغان بولۇپ ، ئۇلاردىكى k ، g ، x ، ə لار قاتارى بۇيىچە: ‹ق› ، ‹ غ › ، ‹ش› ، ‹ئە› ئوقۇلىدۇ.)
ئەلبەتتەكى، يۇقارقى سۆزلەرنى دەرھاللا خاس تەلەپپۇزىغا يارىشا ئوقۇش ئاسانغا چۈشمەيدۇ!
شۇنىڭ ئۈچۈن ، ‹Jj› نى مۇتلەق ‹ج› ئۈچۈن ئىشلىتىش لازىمكى، ” تۇخۇمنى 4 بۇلۇڭى بار دېسەكمۇ بولىدۇ “ دەيدىغان تەلۋىلىكنى قەتئىي بازارغا سېلىشقا بولمايدۇ! ئۇيغۇر تىلى ئۇنداق مۇجمەل ، نىمىلا دېسە بولىۋېرىدىغان ساراڭلارنىڭ تىلى ئەمەس ! بەلكى، تاۋۇش تەركىۋى مۆل ۋە مۇكەممەل، سۆز بايلىغى مۆل ۋە قانائەتلەندۈرگىچىلىگى بار، ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۈكسەك، بىرگە – بىر روبىرو كېلىدىغان تەڭداشسىز قىممەتلىك تىل! بۇ تىلنىڭ تاۋۇشلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا ھىچ كىمنىڭ ھەققى يوق! «ئوت بىلەن ئويناشقۇچىلار كاللىسىغا ھېزى بولغاي!!!»، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئالدىدا ھېساپ بىرىپ قالىدىغان شەرمەندە ئاقىۋەتكە دۇچ كىلىپ قېلىشتىن ھەركىم ھەزەر ئەيلىگەي!
مۇشۇ يەردە شۇنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتەيكى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» ھەققىدە بىرىلگەن ئەسكەرتىشتە ، « ئەگەر «Öö, Üü, Éé» لارنى كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق كىرگۈزۈشكە ئىمكان بولمىغاندا، UKY بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ماس ھالدا «Oo, Uu, Ee» لارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «Öö, Üü, Éé» لارنى كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنىڭ http://www.ukij.org/teshwiq/uey%20eou.HTM دا تەپسىلىي كۆرسىتىلگەنلىگى ئېيتىپ ئۆتۈلگەن. ئەمدى بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ‹J j› ھەرىپىنىڭ ئىككى خىل تاۋۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلسىمۇ بولىدىغانلىغى ئېيتىلغانلىغىدەك تەلۋىلەرچە خاتا قىلىش ئاز بولۇپ قالغاندەك ، نۆۋەتتە سوزۇق تاۋۇش ھەرىپلىرىنىڭ تەركىۋىدىكى ئاشۇ 3 ھەرىپمۇ ئىككى خىلدىن تاۋۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولىدۇ، دېيىلگەن تېخىمۇ ئېغىر خاتا قىلىش قاراپ تۇرۇپ ”پىرىنسىپ“ ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە مۇنداق قىلىشنى ” توغرا “ ، دەپ كۆرسەتكەن!!!
ئەمدى بۇنىڭغا نىمە دېگۈلۈك!؟
.......................!!!
خەيرىيەت ، مەن مونۇ ئادرېس http://www.ukij.org/teshwiq/uey%20eou.HTM بۇيىچە كۆرۈشكە تېگىشلىك يەرنى ئېچىپ قاراپ بېقىپ بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم. چۈنكى، شۇ 3 تال ھەرپ ئۈچۈن «چىچالماس قىز»نىڭ ماشاقىتىدەك ئەھۋال بايان قىلىنىپتۇ ئەمەسمۇ ؟ مەسىلەن ، بۇ توربەتنى ئاچقاندا تۈۋەندىكىدەك مەشخۇلات قائىدىلىرىنى كۆرىسىز:
”É،Ü، Ö“ لارنى Windows مەشخۇلات سىستېمىسىدا كومپيوتېرغا كىرگۈزۈش ئۇسۇلى:
1. ” كونترول تاختىسى“غا كىرىپ، ”كونۇپكا تاختىسى“نى ئىككى چىكىڭ؛(ياكى ‹ › بۇ ئىكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىدىكى ”EN“ نىڭ ئۈستىگە ماۋسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى بېسىپ، ”خارەكتىر“نى تاللاڭ؛)
2.” كونۇپكا خارەكتىرى“دىن ” كىرگۈزۈش ئۇسۇلى رايونىنى بەلگۈلەش“ نى تاللاپ ”ئامېرىكا ئنگىلىز تىلى“ نىڭ خارەكتىرىنى ئېچىڭ؛ (بۇ يەردە بىر كۆرۈنۈش بار ئىكەن)
3. كونۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ” ئامېرىكا ئېنگىلىز تىلى - خەلقئارالىق“ قا توغرىلاڭ؛ (بۇ يەردىمۇ بىر كۆرۈنۈش بولىدىكەن)
4. ” بېكىتىش“نى بېسىڭ؛(بۇ چاغدا يەنە بىر كۆرۈنۈش چىقىدىكەن)
5. بۇ چاغدا ”ئامېرىكا ئىنگىلىز تىلى“نىڭ ئارقىسىغا ”خەلقئارالىق“دېگەن سۆز قوشىلىدۇ؛(بۇ چاغدا بىر كۆرۈنۈش چىقىدىكەن)
6. ”كونۇپكا خارەكتىرى“ دىن ”بېكىتىش“نى چەكسىڭىز ” Windowsسىستېمىسى بار دېسكىنى سېلىڭ...“دېگەندەك ئۇچۇرلار كۆرىنىدۇ،ئۇ چاغدا Windows سورىغان دېسكىنى سېلىپ” بېكىتىش“ كونۇپكىسىنى باسسىڭىز ئۇيغۇرچە ” ö،ü،é “ لەرنى كىرگۈزگىلى بولىدۇ.(كۆرۈنۈش بار)
7.ماۋسنى كومپيوتېر ئىكرانىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇلۇڭىدىكى ” EN “ دېگەن خەتنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ كەلسىڭىز ” ئېنگىلىز تىلى (ئامېرىكا) – ئامېرىكا ئېنگىلىز تىلى – خەلقئارالىق “ دېگەندەك (يەنى ئاۋۇ كۆرۈنۈشتىكىدەك) سۆزلەر كۆرىنىدۇ . بۇ نۆۋەتتىكى كونۇپكا خارەكتىرىنىڭ خەلقئارالىق ئامېرىكا ئېنگىلىز تىلىغا ئۆزگۈرۈپ بولغانلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ . (تۈۋەندىكىدەك)
ئەمدى ئالدى بىلەن قوش پەشنى، ئاندىن ”e“ نى باسساق نۇر بەلگىسى كۆرسەتكەن ئورۇنغا ”é“ چىقىدۇ. مەسىلەن:
" + E = É ; " + e = é ;
" + O = Ö " + o = ö ;
" + U = Ü " + u= ü;
دىققەت !
سىز ‹"› نى بىر قېتىم باسسىڭىز نۇر بەلگىسى كۆرسەتكەن ئورۇنغا ھېچ نىمە چىقمايدۇ، لېكىن يەنە بىر كونۇپكا باسسىڭىز ‹"› قوشۇلۇپ چىقىدۇ.
مانا شۇنداق.
كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى ، ئاتالمىش ”ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى“ مانا شۇنداق ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچ كەلتۈرىدۇ.
2) ئەمدىكى مەسىلە شۇكى، بۇ ئاتالمىش « ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى » ئانا تىلىمىزدىكى كىتاپ – ماتېرياللاردىن پايدىلىنىشىمىزغا يارىمايدۇ ھەتتا ئېغىر تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىگى ھەتتا زور يوقۇتۇشلارغا دۇچ كەلتۈرىدۇ!!!
چۈنكى ، مەلۇمكى ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىشلىنىپ بىر ئوبدان ھاجىتىمىزدىن چىقىپ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى يېزىغىمىز 1962 – يىلى كۈتۈلمىگەندە « تىلنى توغرا ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ»، «جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلىشالمايدۇ»،«مىللەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىھتىياجىغا ماس كەلمەيدۇ»، دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، «يېزىق ئۆزگەرتىش» قارا قۇيۇنى كۆتۈرۈلۈپ،«ئۇيغۇر يېڭى يېزىغى» نامىدا بىر خىل ئېلىپبەلىك يېزىق ئىشلەپ چىقىلىپ، پۈتكۈل مەتبۇئاتلار بۇ يېزىق بىلەن سانسىزلىغان نەشرئەپكارلارنى بېسىپ تارقىتىشقا باشلىدى. بۇ جەرياندا ھەتتا ناھايىتى قىممەتلىك مەشھۇر كىتاپلارمۇ بۇ يېزىق بىلەن ترانسكىرىپسىيە قىلىنىپ تارقىتىلدى. كۆرىدىغان بولساق، مەشھۇر ئالىم ، تىلشۇناس مەھمۇت قەشقېرىنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق مەشھۇر كىتاۋىدىكى سۆزلەملەر ، مەشھۇر ئالىم ، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شاھانى كىتاۋى« قۇتاتقۇ بىلىك » تامامەن ئەنە شۇ 1962 – يىلى ئىشلەپ چىقىلغان « ئۇيغۇر يېڭى يېزىغى » ھەرپلىرى بىلەن ترانسكىرىپسىلەشتۈرۈلگەن:
ئۆرنەك 1: «تۈركىي تىللار دىۋانى»
ئۆرنەك2 :« قۇتاتقۇ بىلىك » تىن ئېلىنغان مىسال بەتلەر :
تەرجىمىسى:
ئەمدى، كونا تىلىمىزدىكى بەزى تېكىستلەردىن ئېلىنغان پارچىلارغا قاراپ باقايلى:
[align=justify] قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا
yoruk yoruk yaruk
ozuk ozuk azuk
tɵmür tɵmür tamür
igiz igiz ədiz
kegiz kegiz kadiz
aygir aygir adgir
büyük büyük bədük
avat abad abadan
korsak korsak kogursak
Tüxtә kөrsәm xum rәkibi bәstәni ,
Oyganurmәn turfә qüqüp dilbәrim .
(چۈشۈمدە پەس رەقىبلەرنى كۆرسەم،بۈلەكچىلا چۈچۈپ كېتىمەن،دىلبېرىم.)
ــــ («ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر»،486-بەت)
Padixah әrkani dәwlәt bilәn өzlәri qikip , bu halni kөrüp , hәrәt ilgini tәәjjub dandanida tixlәp orduga tәklip kilip alip kәtti .
(پادىشاھ ئۈزى دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن بىللە چىقىپ،بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ،ھەيرەت قۇلىنى تەئەججۇپ چىشلىرى بىلەن چىشلىدى(قاتتىق ھەيران بولدى).ئاندىن ئۇنى تەكلىپ بىلەن ئوردىغا ئېلىپ كەتتى).
ــــــ مۆجىزى:«مۇزىكانتلار تارىخى»،قوليازما،9-بەت.
[align=justify] مانا شۇنداق.
شۇنىڭ ئۈچۈن زادى بىر ئويلۇنۇپ باقايلى، ئاشۇنداق قىممەتلىك تارىخي مەلۇماتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېزىغىمىزنى تاشلىۋېتىپ ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى»نى قوللۇنۇشنىڭ زادى نىمە پايدىسى بار؟ زادى ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى»نى ئاشۇ قىممەتلىك كىتاپ ماتېرياللانى ئوقۇپ بىلەلىشىمىزگە پايدىسى بولىدىغان يېزىقنىڭ ئورنىغا دەسسەتسەك، ئۇ خىلدىكى كىتاپ ۋە باشقا ئەسەرلىرىمىزنى ئەۋلاتلىرىمىز ئوقۇيالامدۇ ۋە چۈشىنەلەمدۇ؟ زادى«ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى»نى قوللۇنۇش بىلەن بولۇپ كىتىپ ئاشۇ قىممەت باھالىق كىتاپ ، ماقالە – ئەسەرلىرىمىزنى ئوقۇيالىشىمىزغا پايدىسى بولىدىغان يېزىغىمىزنى ئۇنۇتۇپ كەتسەك ، ئەۋلاتلىرىمىز ئاشۇ بى باھا گۆھەردەك ئىلىم بۇلىغىدىن سۇ ئىچەلەمدۇ؟ زادى قاراپ تۇرۇپ ئاشۇ يېزىغىمىزنى تاشلىۋەتسەك ، ئۇ چاغدا تارىخىي مەلۇمات جەھەتتە ئېغىر يوقۇتۇشلارغا دۇچ كەلمەمدىمىز؟ مۇشۇ «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى»نى تەييارلىغۇچىلارنىڭ كاللىسى زادى قەيەردە؟؟؟؟
3. ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» كەلەڭكەي بولغاننىڭ ئۈستىگە،لاتىن يېزىغى ئاساسىدا ئىشلەنگەن كونۇپكا تاختىسىدىن ئۆز يېزىغىمىز تەركىۋىدىكى ‹چ›،‹ش›، ‹غ› ، ‹ڭ› قاتارلىق ھەرپلەرنى چىقىرىش ئۈچۈن ‹ch›،‹sh›،‹gh›،‹ng›ھەرىپلىرىنى ئىشلىتىپ يازغىلى بولمايدۇ . بولمىسا سىناپ بېقىڭ، يازالامدىكەنسىز؟ مۇقەررەركى يازالمايسىز، يانىلا « يېڭى يېزىق » ھەرپلىرى بىلەن ئاسان ۋە تېزلا يېزىۋىتەلەيسىز ، ئەمىلىيەتتىمۇ شۇنداق بولىۋاتىغۇ؟!؟
مەسىلەن، كونۇپكا تاختىسىنى تۈۋەندىكىدەك تەييارلاپ:

دېمەككى، ئاتالمىش « ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى » ئارقىلىق گەپ – سۆزلىرىڭىزنى كونۇپكا تاختىسىدا لاتىنچىلا يازالايسىز، ئۇيغۇرچە يازالمايسىز. « ئۇيغۇر يېڭى يېزىغى » بىلەن ھەم لاتىنچە ھەم ئۇيغۇرچە ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن بىمالال يېزىۋىتەلەيسىز!
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى»نى ئەمەس، بەلكى، يۇقارقىدەك كىتاپ – ماتېرياللىرىمىزنىمۇ ئوقۇپ پايدىلىنالىشىمىزغا ياردېمى بولىدىغان «ئۇيغۇر يېڭى يېزىغىنىڭ ئېلىپبەسى» دېيىلىدىغان تۈۋەندىكى ئېلىپبە جەدۋىلىدىكى ھەرپلەرنى قوللىنىشىمىز كېرەك.
نى تاللاپ بىر چىكىۋەتسەك تۈۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ:
بۇ ” UCmplex “ نامىدىكى كۆزنەك بولۇپ، يۇقېرىدا تىلغا ئالغان «ئۇيغۇر يېڭى يېزىغىنىڭ ئېلىپبەسى» دىكى ھەرپلەرنى تۇلۇق يازغىلى بولۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ئىشلەنگەن ھەرپلەر كۆزنىگىدىن ئىبارەت. بىز بۇ كۆزنەكتىىن پايدىلىنىپ، «ئۇيغۇر يېڭى يېزىغىنىڭ ئېلىپبەسى» دىكى ئاشۇ كۆك رەڭلىك ھەرپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاسانلا تاپالايمىز ۋە لازىم بولغىنىنى تاللاپ ئىشلىتىپ ئىشىمىزنى داۋاملاشتۇرالايمىز.
بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە ئېيتىپ ئۆتىمەنكى،” 符号“ نى چەككەندە بىراقلا ” UCmplex “ كۆزنىگى چىقىشى ناتايىن. شۇڭا،ئەگەر ھەقىقىتەن بۇ كۆزنەك كۆرۈنمىسە ” 符号“ نى چەككەندە چىققان كۆزنەكنىڭ سول تەرەپ ئۈستتىكى ”UCmplex “ تەك بىرەر بەلگىلەر نامى بار كىچىك كۆزنەكنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ▼ گە ئوخشايدىغان نوقتىنى چاشقىنەكنىڭ سول تەرەپتىكى باسمىغى بىلەن بىر بېسىۋەتسەك ، كىچىككىنە خەت كۆزنىگى ئېچىلىدۇ. شۇيەرگە قاراپ باقىمىز. ئەگەر بۇ يەردە ” UCmplex “ دېيىلگەن نام بولمىسا ، ئۇ چاغدا ▼ نىڭ ئاستىدىكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىككى نوقتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى سۇس كۆرىنىدىغان ۋە شەكلى ▄ گە ئوخشايدىغان يۇقېرى – تۈۋەن سىلجىغۇچنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ”UCmplex“ نى ئىزدەپ تاپىمىز ۋە ئىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.
ئەگەر ” UCmplex “ نى تاپالمىساق، ئۇ چاغدا新增 نى چىكىپ، ئېچىلغان كىچىك كۆزنەكتىكى” 符号“ نى تاللىغاندا ئېچىلغان كۆزنەكتىكى” Times New Rom“ ۋە ” Lucida Sans Unicod “ لار ئارقېلىق كېرەكلىك ھەرپلەرنى بىمالال تاپالايمىز.
2) «ئۇيغۇر يېڭى يېزىغىنىڭ ئېلىپبەسى» دىكى قىزىل رەڭلىك ھەرپلەردىن V v دىن باشقىلىرى خەنزۇ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاشۇ خىل ھەرپلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەملەرنىڭ يېزىلىشىدا قوللىنىلىش ئۈچۈن قوشۇلغان ئىدى. ئەمما ، ئەمىلىيەتتە ئۇ خىل سۆزلەملەرنى ئۆز يېزىغىمىزدا يانىلا ئىسكوپكىسىز ‹ج› ، ‹چ› ، ‹ش›لار بىلەن يېزىپ كېلىۋەردۇق. V v ھەرىپى بولسا خەنزۇ تىلىدىن باشقا چەت تىللاردىن كىرگەن مۇناسىۋەتلىك سۆز – ئاتالغۇلارنىڭ ئىملاسىنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن قوشۇلغان ھەرپ ئىدى. ئەمما ئەمىلىيەتتە ئۇنىمۇ ئىسكوپكىسىز ‹ۋ› بىلەن يېزىپ كېلىۋەردۇق. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ھېچ قانداق ئۇقۇشماسلىق ۋە چۈشىنىشمەسلىك كېلىپ چىققىنى يوق (؟)
3) شۇنداق قىلىپ قالدى 32 ھەرپ ئۆز تىلىمىزدىكى سۆزلەملىرىمىز ئۈچۈنمۇ، باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەملەر ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىشكە مۇۋاپىق كېلىۋەردى.
ئەھۋال مانا شۇنداق.
ئەمدى شۇنى ئالاھىدە ئېيتىپ ئۆتىمەنكى، ھەرقانداق بىر جەمئىيەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇقىم بولغان يېزىق سىستېمىسىنىڭ بولىشى ئىنتايىن زۆرۈر. يېزىق سىستېمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ زىيالىلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىغا بولغان پايدا - زىيىنىنى دەڭسەپ بېقىش، ئېلىپبە سىستېمىسىنى يېنىكلىك بىلەن ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. چۈنكى يېزىق ئىسلاھاتى نۇقۇل ھالدىكى تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىش بولۇپ قالماستىن، بەلكى، يەنە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش ئۇزاق تارىخىي ۋە مەدەنىي مىراسلىرى بار مىللەت ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ مۇھىم. مۇنداق قارىغۇلارچە يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ نەتىجىسى مەدەنىيەت جەھەتتىكى زور يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئۆزگەرتىش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولسا، ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈن ۋە كەلگۈسى ئايرىلىپ كېتىدۇ. ئەگەر مەغلۇپ بولسا (خۇددى بىزنىڭ سىلاۋيان ۋە لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئوخشاش) ئەڭ ئاز دېگەندە بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى ۋە تارىخىي مىراسلىرىدىن مەھرۇم بولغاننىڭ ئۈستىگە، جەمئىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئىملا قا'ئىدىسىدىكى بىر ئۆزگىرىش يېزىقتىكى نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى تاۋۇشلار ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ھالدا بەزى ھەرپلەرنىڭ ياسالغانلىقى مۇھىم ۋە پايدىلىق ئۆزگەرتىش بولغانىدى. لېكىن ھەر قېتىمقى ئىملا قا'ئىدىسىدە ئېلىپبە تەرتىپىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپبە ئۆگىنىش ۋە يادلاشتا قىيىنچىلىققا دۇچار قىلدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى مۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىسەك، ئەۋلاتلىرىمىزغا قەسلىمىسەك، تارىخىمىزغا ھەقىقىي مەسئۇل بولساق.يېزىقنى ئۆزگەرتىۋېرىپ ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئەجداتلار تارىخىنى تۇلۇق بىلەلمەيدىغان خەتەرلىك ئاقىۋەتنى سادىر قىلمىساق ..!
(داۋامى تەستىقتىن كېيىن داۋاملىق يوللىنىدۇ)
بۇ يەردە ئەمدى شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى:
1) بۇ جەدۋەلدىكى كۆك رەڭلىك ھەرپلەرنىمۇ كونۇپكا تاختىسىدىن پايدىلىنىپ بىۋاستە يازغىلى بولمايدۇ . ئەمما چارە بەك ئاسانكى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» تەركىۋىدىكى” Öö, Üü, Éé “ لەرنى چىقىرىش ئۈچۈن بېسىشقا تىگىشلىك بولغاندەك كۆپ قېتىملىق قەدەم باسقۇچلارغا ھاجىتىمىز چۈشمەيدۇ. چۈنكى، چاشقىنەكنىڭ سول باسمىغى بىلەن خەت يېزىش كۆزنىگىنىڭ ئۈستىدىكى 新增 نى چىكىپ، ئېچىلغان كىچىك كۆزنەكتىكى” 符号“
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-19 15:56
|