بۇ 4قەۋەتتىكى@qawandaz@ يوللىغان 2010-12-26 16:04 غا قارتىلغان :
مەركىزى دىيالىكىتنىڭ قەشقەر دىيالىكتىغا ئۆزگەرتىش؟؟؟؟؟؟
ئاتالمىش << ئۇيغۇر مەركېزى دېئالېكتى توغرىسىدا>>نى بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز كۆپ تالاش-تارتىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئاللا بۇرۇن بېكىتىپ بولغان. شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ رولىنى ھازىرقى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئوينايمەن دەپ ئويناپ بولالمايدۇ!!!!! قۇرۇپ كەتسۇن بۇ تەكلىپ!!! بۇ تەكلىپ جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئومومىي ئەھۋالى تارىخى شارائىتى ۋە مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەرنى ئويلىشىش ئارقىلىق چىقىرىلغان. ھەممە خەق قەشقەرنىڭ سېسىق گېپى دەپ زېرىكىۋاتقاندا قۇلاققا مۇش ئۇرغاندەك پىكىر بولۇپتۇ بۇ!!! قەشقەر بۇرۇنقى قەشقەر ئەمەس، چۈنكى قەشقەرنىڭ خەلقى بۇرۇنقى قەشقەرنىڭ خەلقى ئەمەس!
ئۈرۈمچى دىئالىكتى نەچچە ئون يىلدىن بېرى قوللىنىش ئارقىلىق ئىنتايىن ياخشى بولغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ بولدى. ئەمدى قالايمىقان قىلىشنىڭ ئورنى يوق.
.......
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ھۆرمەتلىك چەۋەنداز ئەپەندىم!
ئىنكاس يازغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن.
ئانا تىلىمىزنىڭ قەدىر قىممىتىنى ساقلاشتىكى بوشاڭلىق ھالەتلىرىمىز سەۋەپلىك پەيدا بولىۋاتقان فاجىئەلەردىن ساقلىنىشتا مەشھۇر ئالىملىرىمىزنىڭ شاھانە ئەسەرلىرىنى مۇشۇ يول بىلەن بولسىمۇ ئوبدانراق بىلىش چۈشۈنۈشنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان تۇنۇشۇم ئاخىر بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمغا تۈرتكە بولدى. ئەمما «قەشقەر خەلقىنىڭ سېسىق گەپلىرى» سەۋەپلىك ئۇ مەشھۇر ئىلىم ئەرباپلىرىمىزنى بىراقلا چەتتە قالدۇرىدىغان بولساق، ئابدۇل قادىر داموللامنى بوغۇزلىغان جاللاتتىن بەتەرراق ۋىجدانسىزلىق قىلىپ قويارمىزمىكىن!
ئۇنداق نامەرتلىك قىلمايلى. بۇ پىكىرىمگە قوشۇلمىسىڭىز ، بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى . ئەمما دۇنيا تۇنىۋاتقان ، ئالقىش ياغدۇرىۋاتقان كىشىلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنىڭ ئەڭ ياخشى يادرولۇق ئاساسىي بولغان بۇ كۆز قارىشىمنى ساقلاپ قالىمەن. قەشقەر خەلقىنىڭ كونىسى بولسۇن ، يېڭىسى بولسۇن ، مېنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر . چۈنكى ئۇلارمۇ بىزنىڭ قان قېرىندىشىمىز.
ئويلاپ بېقىڭ ، سېسىسىغى يوق كىم بار؟ قېنى قايسى ئەر « ئۇ يىرى پۇرايدىكەن» دەپ خۇتۇنىنى، قايسى خۇتۇن «ئۇ يىرى پۇرايدىكەن» ، دەپ ئىرىنى تاشلاپ ئايرىم يېتىۋاپتۇ؟ يانىلا «كەل تاتلىغىم» دەپ مەھكەم قۇچاغلىشىپ سۆيۈشۈپ ھۇزۇرىنى قانغىچە كۆرۈپ ياشاۋاتىدىغۇ؟ يا سىز ..................؟؟؟
ھەر ھالدا مەن ئۆرۈمچى خەلقىنى بۇ سەۋەپلىك چەتكە قاققىنىم يوق. قارىغاندا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى دېگەندەك تۇلۇق كۆرمىگەنمۇ ئوخشايسىز. مەن ئوتتۇرىغا قويغان پىكر - چۈشەنچەمدە ئۇ قەدەر قاتماللىق سادىر قىلغىنىم يوق......
ئاخىرىدا ، سىزنىڭ تىل - يېزىق كومىتېتىنى ھۇشيار بولۇشقا ئىندەپ قىلغان سۆزلىرىڭىزگە ئاپېرىن ئېيتىمەن. مېنىڭ بۇ « تىل - يېزىق كومىتېتىغا ئالاھىدە تەكلىپنامە»مدە خۇلاسسە خارەكتىرلىك دېمەكچى بولغۇنۇمنىڭ گەۋدىلىك بىر نوقتىسىمۇ دەل مانا شۇ. بۇ ، «تەكلىپنامە»نىڭ ئاخىرقى بۆلىمىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئەلبەتتە، ھازىر تىل - يېزىق كومىتېتى ئىنتايىن جىددىي ئويغانمىسا بولمايدىغان ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ....!!! |