- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 1346
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2456
- تىزىملاتقان
- 2011-11-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-12
- UID
- 17057
- يازما
- 1346
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2456
- تىزىملاتقان
- 2011-11-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-12
- توردا
- 232 سائەت
|
سىلەر ئەمدى بۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرماڭلار، يازساڭلارمۇ ماۋۇ خان ئىسىملىك توردىشىمىزدەك مېغىزلىق، ئاددىي قىلىپ يازالمايسىلەر. مەن ئۇنىڭ ئىنكاسىنى مۇشۇ بەتكە كۆچۈرۈپ قويدۇم، بەت ۋاراقلاشتىن ساقلىنىپ قالىسىلەر، ۋە ھەممىنى چۈشىنىسىلەر.
..................................................................................................................................................................................................................................................
.......................................................................
.مەن بۇ تېمىدىكى تىرىشچان ئەزا ئادىل قانۇننىڭ پىكرىنى پۈتۈنلەي قوللايمەن. ئۇيغۇرىيە، گۈلبادان (ئەسلى گۈلباداممىدى؟) قاتارلىق تورداشلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىمەن. بىراق ئۇلارنىڭ تېما ئىگىسىنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى قوللىمايمەن. ھە دېگەندە ئىئانىنىڭ جوداسىنى قىلىۋاتقان ئوغۇزخانغا ۋە سېسىق گەپلىرى بىلەن مۇنبەرنى بۇلغاۋاتقان ۋاتقا پۈتۈنلەي قارشى. بۇلار تېما ئىگىسىنىڭ رىئاللىقتىن ھالقىغان پىكرىگە («ئۇيغۇر تىلى دۇنيا تىلى بولىدۇ»، ئەلۋەتتە شۇنداق بولسا قانچىلىك شەرەپ ھە! ئەمما بۇ بىر چۈش خالاس.) ئىلمىي يوسۇندا باھا بېرىشى كېرەك ئىدى. ئېغىزنى بۇزۇپ تىللاش بۇ مۇنازىرە ئەخلاقى ئەمەس.
تېما ئىگىسىنى تونىمىساممۇ، بىراق 16 يىل ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ بىراۋنىڭ (ئەمدى ئويلىسام ئۇ دەل تېما ئىگىسى ئىكەن) خەلقئارا يىغىندا «ئۇيغۇر تىلى دۇنيا تىلى بولىدۇ!» دەپ جار سالغانلىقىنى دېگەندە قانچىلىك ھاياجانلانغانلىقىمنى بىلمەيمەن. ئەمما ھازىر بۇنىڭ قۇرۇق ھاياجانلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتمەكتىمىز. چۈنكى تىلىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىش ئالدىدا تۇرۇپ، بۇنداق گۆدەكلەرچە خىيال قىلىش بەڭگىنىڭ خىيالىمۇ قانداق.
ۋەھالەنكى، مەن ئەپەندىمنىڭ تىرىشچانلىقىنى قوللايمەن. كىتابىنىڭ تېزراق پۈتۈشىگە ۋە چەتئەلدىكى پائالىيەتلىرىگە مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن. ئىشلىرىدىن نەتىجە چىقمىسىمۇ (ئەمەلىيەتتىمۇ نەتىجە چىقمايدىغانلىقى ئېنىق، يەنى ئۇيغۇر تىلى دۇنيا تىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا بولالمايدۇ)، يەنىلا بىز ئەپەندىمنى قوللايمىز. چۈنكى ئەپەندى 20 نەچچە يىللىق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايقىدى ھەم قازدى.
ئەپەندىمنىڭ بۇ تېمىسىغا كەلسەك. مەن ئابدىرەئۇپ ئەپەندىنىڭ ماقالىسىنى كۆرمىدىم، بىراق كۆرۈپ باقسام دەيمەن. ئەگەر توردا بولسا، بىلىدىغانلار ئادرىسىنى كۆرسىتىپ قويساڭلار. ئابدىرەئۇپ ئەپەندى ھەقىقەتەن سۆزلەر تەركىبىدىكى «ئا، ئە» سوزۇق تاۋۇشلىرىنى ئاجىزلاشتۇرماي قوللىنايلى دېگەن بولسا، بۇ مۇمكىن ئەمەس. «بار»نى «با» دېيىش بىزنىڭ ھورۇنلىقىمىز دېگەن بولسا، بۇمۇ ئاساسسىز بولۇپ قاپتۇ.
يەنە بىر مەسىلە شۇكى، تېما ۋە ئىنكاسلاردا دىئالىكىت بىلەن شىۋە ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەن. دىئالىكىت بىلەن شىۋە بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئىككىسى تەڭداش ئەمەس. دىئالىكىت شىۋىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا ئۈچ دىئالىكىت بار. ئۇلار لوپنۇر ناھىيىسىنى دائىرە قىلغان لوپنۇر دىئالىكىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ قىسمەن رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خوتەن دىئالىكىتى ۋە يۇقارقى ئىككى رايوندىن باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزىي دىئالىكىت. مەركىزىي دىئالىكىتتا شىۋىلەر كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى قەشقەر شىۋىسى، مەكىت شىۋىسى، دولان شىۋىسى، كۇچار شىۋىسى، تارىم شىۋىسى، كەلپىن شىۋىسى، تۇرپان شىۋىسى، قومۇل شىۋىسى، غۇلجا شىۋىسى، ھەرقايسى شىۋىلەردىن يۇغۇرۇلغان ئۈرۈمچى شىۋىسى ۋە باشقا شىۋىلەر بار. يەنە بۇ شىۋىلەر ئۆز ئىچىدىن يەنە كىچىك شىۋىلەرگە (يەرلىك شىۋە) بۆلىنىدۇ. مەركىزىي دىئالىكىت دەل مۇشۇ قاتارلىق شېۋىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى بىز تالاش تارتىش قىلىدىغىنىمىز مەركىزىي دىئالىكىتنى قەيەرنى ئاساس قىلىش ئەمەس، بەلكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى. ئەمەلىيەتتە بۇلار ئاللىبۇرۇن بېكىتىلىپ بولغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بولسا مەركىزىي دىئالىكىتنى ئاساس قىلىدۇ، قانداقتۇر مەركىزىي دىئالىكىتتىكى بىرەر شىۋىنى ئاساس قىلمايدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى بولسا ئۈرۈمچى تەلەپپۇزىنى ئاساس قىلىدۇ. يەنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ دىكتورلىرىنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ يەردە شۇ ئېنىق بولسۇنكى، بىز دەۋاتقان ئەدەبىي تىل بىلەن ئۆلچەملىك تەلەپپۇز ئوخشىمايدۇ. بۇ خۇددى بىر سۆزنى، مەسىلەن «بىر» دېگەن سۆزنى تۇرپانلىق بىر خىل، خوتەنلىك بىر خىل تەلەپپۇز قىلغانغا ئوخشايدۇ.
ئەمدىكى تالاش - تارتىش مەركىزىي دىئالىكىتنىڭ دائىرىسىدە بەزى ئىختىلاپلار مەۋجۇت. (گەرچە بېكىتىلىپ بولغان بولسىمۇ) مەسىلەن، بەزىلەر قەشقەر شېۋىسىنى مەركىزىي دىئالىكىتتىن چىقىرىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىش ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس. يەنە بەزىلەر گۇما ناھىيىسىنى مەركىزىي دىئالىكىتقا تەۋە قىلىش ۋەھاكازالار. بۇنى مېنىڭچە ئارتۇق مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوققۇ دەيمەن.
بىز بىر دەۋر ياشلار ئۇيغۇر تىلىدا ئالتە كېلىش بار دەپ ئۆگىنىپ چوڭ بولدۇق. كاللىمىزغا شۇنداق ئورناپ كەتكەن. بىراق ھازىر بۇ كېلىشلەرنىڭ سانىدا ئۆزگىرىش بوپتۇمىش، بەزىلەر ئونغا، بەزىلەر ئۇنىڭدىنمۇ كۆپكە تەرەققىي قىلدۇرۇپتىمىش. ھەي، تىلشۇناسلار، تىلىمىزنى نېمە قىلىمىز دەيدىغانسىلەر....
ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى ۋە ئۇ ك ي توغرىسىدا كېيىنكى ئىنكاسىمدا توختىلاي.
|
|