ئىشقىلىپ، بۇ ئىش بۇ يەرگە يەتكەن ئىكەن، مۇنبەردىكىلەرنىڭ پىكىر قىلىشى يوللۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ بىزنىڭ ناخشچىرلىمىز بولسۇن ياكى ئىجادىيەتچىلىرىمىز بولسۇن ئاسانلا خەقنىڭ تەسىرىگە ئۇراپ كېتىدۇ. خەقنىڭ نەرسىنىلىرىنىڭ ياقىسىنى ئېلىۋېتىپ، يەڭلىك چاپلاپلا خەقنىڭ ئالدىدا كۆز بويامچىلىق قىلىپ، بۇنى باشقىلار بىلمەيدۇ، دەپ كۆرەڭلەپ يۈرسە بولمايدۇ،دە!
ئۆز ھال بۇ ئىشقا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشى كېرەك، <<ئەسەر زادى كىمنىڭ، ئاپتورلۇق ھوقۇقى زادى كىمگە تەۋە، ئۇنداقتا بۇ ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى زادى نەدىن كەلگەن، ۋەقەلىككە سەۋەبچى بولغان ئارقا كۆرۈنۈش زادى قايسى، نېمە سەۋەبتىن بۇ ۋەقەلىك سەھنىلەشتۈرۈلدى؟ نېمە زۆرۈرىيەتتىن بۇ ئەسەر مەيدانغا كەلدى؟>>دېگەندەك جىددىي تەقەززالىق مەسىلىلەرگە، ئۆز ھال ئۆزى بىر نەرسە دېيىشى، دەلىل-پاكىت بىلەن سۆزلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ بۇ تەقەززالىق مەسىلىلەرگە كىرپىدەك بېشىنى ئىچىگە تىقىپ يۈرسە، ئۇ ھالدا ئاسانلا خەلقنىڭ ئىشەنچىدىن قالىدۇ، بىزمۇ ئۆزھالنى كىگىزچىكەن دەپ قالىمىز. كونىلاردا، <<قورسىقىڭ ئاغرىمىسا، تاۋۇز يېيىشتىن قورقما>> دېگەن ھېكمەت بار. قېنى، بىز ئۆزھالنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىمىز. ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكىلەر كەڭ زىيالىيلار قاتلىمىمۇ، ئۆزھالنىڭ بۇ تېمىغا ئېرىنچەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىغا ئېشىنىدۇ. ئەگەر ئىشلار باشقىچە، بولسىمۇ، بۇ يەردە .ئېنىق بىر چۈشەنچە بېرىپ، كەڭ تورداشلارنى ۋە كۆڭلىدە دەر گۇمان بولغانلارنى خاتىرجەم قىلىشى كېرەك.
زىيال، دېگەن توردىشىمىزنىڭ مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى. بىز شۇنداق ئادەمنى ئاسانلا <<تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەيدۇ، تېرىقچى >> دېيىشكە ئامراق. ئاشۇنداق <<يۈرىكىنىڭ قىچىقى بار>> كىشىلەر بىز قەدىرلەشكە تېگىشلىك كىشىلەردۇر. بولمىسا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇشۇنداق <<توقچىلىق>> تا ئۆتۈپ كەتسە، بىز ئاچ قالمامدۇق؟!! |