2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى(جۈمە) چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئويۇن قويۇش زالىدا شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ ئارتىسى،ياش ئىجادىيەتچىسى راخمان ئاۋۇت ئۆزھال ئەپەندىمنىڭ رىژىسورلىقىدىكى «جانان كوچىسىدىكى ئىشلار» ناملىق دراما تۇنجى مەيدان ئوينىلىپ چىقتى.
بۇ قېتىمقى دراما رەھبەرلەرنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشى،كەسىپداشلارنىڭ تەكلىپ - پىكىر بىرىشى ھەم ئاخبارات ۋاستىلىرىنى بىرىنچى قول ماتىريال بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە ئوينالغان بولۇپ دراممىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرگىلى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ، شىنجاڭ ئەلكۈيى تورى ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئادەملىرى ھەمدە كەسىپداشلاردىن بولۇپ 100دەك ئادەم قاتناشتى.بۇ قېتىمقى دىرامما تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىغاندىن كىيىن كىلەر يىلنىڭ بېشىدا كەڭ جەمىيەت بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ ھەمدە ئۈرۈمچىدە رەسمىي ھالدا تۇنجى مەيدان ئوينىلىدۇ.بىز كەڭ قېرىنداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا داۋاملىق دىققەت قىلىپ تۇرىشىنى«جانان كوچىسىدىكى ئىشلار» ناملىق بۇ دراممىنى ۋاقتىدا كۆرىشىگە تىلەكداشمىز.
تۆۋەندە ئەلكۈيى تورى شۇ كۈنى بۇ قېتىملىق پائالىيەت جەريانىدا ئېلىپ بارغان نەق مەيدان زىيارىتى ھەمدە دراممىنىڭ بىر قىسىم ئەھۋاللىرىنى ئەلكۈيى ئىكرانى ئارقىلىق كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق ھەممىڭلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
زىيارەتنىڭ تېخىمۇ ئېنىق ھەم سۈزۈك نۇسخىسى يوللىنىۋاتىدۇ.مەلۇم ۋاقىتقىچە مۇشۇ ئورۇنغا چىقىرىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدىكى رەسىملەردىن ئارىيە 




ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى « ئەلكۈيى ئىكرانى » سەھىپىسى بۆلۈمى ئىشلىدى.
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 18- كۈنى
|