ئىگىسى: umidwar

«جانان كوچىسىدىكى ئىشلار» ئەلكۈيى ئىكرانىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
8523
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
470
تىزىملاتقان
2011-1-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-31
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 20:29:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدا مەن ئىزدىنىش مۇنبىردە ئۆزىنى قانۇندىن مەندىن مەسلەھەت سوراڭلار دەپ مەيدىسگە خەت چېكىۋالغان '' تارىمى'' دىگەن ئايال بىلەن مۇنازىرە قىلغانتىم. ئۈستىدىكى تورداش دىگەندەك مۇنازىرە پەللىگە چىققاندا ئىزدىنىشتىن ئىبارەت  ئۆزىنى تور دۇنياسدىكى خېلى نوچى چاغلايدىغان، بېكەتمۇ پۇسسىدە ئوسۇرۇپ تاشلاپ تېمنى تاقاپ قويدى. خالىسا ئاۋۇ تارىمخان كىرسە مەن شۇ چوكانچاق بىلەن مۇنازىرە قىلىپ باقسام. ئۆزھال كىرسىمۇ بولىدۇ. نەچچە يىل قانۇن ئوقۇپتۇق. ئوقۇش پۈتتۈردىغان ۋاقىتمۇ كەپتۇ. ئوقۇغاننى ئىشلىتىپ كۆرەيلى. قانۇن ئوقۇغان ،يا ئەدلىيە ئىمتانغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلارغا  بۇ بىر بىلىمنى سىناپ بېقىش مەيدانى بولالايدىكەن.  نىمىشقا دىسە ئەدىلىيە ئىمتاندا مانا شۇنداق مەسىللەر سىزنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىڭىز ئۈچۈن چىقىرىلىدۇ. تورداشلارغا دەيدىغنىم مېنىڭ بۇ يەرگە كىرىپ ئۆزەممۇ تونۇمايدىغان ئۆزھالنى سېستىش ئويۇم يوقتۇر. زىنھار ئۇنداق چۈشەنمىگەيسىلەر. پەقەت  ئۇنىڭ دېراممىسىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى توغىرىسدا مۇنازىرە قىلىپ بېقىش .

UID
8523
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
470
تىزىملاتقان
2011-1-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-31
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 20:56:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 43قەۋەتتىكىsrwaz يوللىغان 2011-02-03 15:15 غا قارتىلغان :
ئاۋال ئەسلى ئەسەر ئاندىن بۇ ئەسەرنى تولۇق كۆرۈپ ئىسپاتنى تولۇق تاپقاندىن كىين بىر نىمە دىمەمسىلەر ؟ بىر ئادەمنىڭ دىلىغا ئازار بىرىش . ئارتۇقچە گۇمان قىلىش . سىېسىتىىشتىن باشقا ئىش قىلالماسمىزمۇ دوسلار ؟ مىنىڭچە ئۆزھال ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئادەم ئەمەس .  
---------------------------------
ئەسلى ئەسەر ھازىرمۇ ئۆزھالىنىڭ قولىدا بار ئىكەن. قاپلاننىڭ ئەسىرى قولىدا بولمىسا دېراممنى قانداق يېزىپ چىقىدۇ؟
ئەسلى ئەسەرنى ئۆزھالنىڭ قورقانچىسى بولمىسا توردا ئىلان قىلىش كېرەك. ئاندىن دېراممىسنىڭ سىنارىيسىنى ئىلان قىلىش كېرەك.
ئىككى ئەسەر- بۇ تالاشنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى.

UID
5245
يازما
108
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3468
تىزىملاتقان
2010-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-11
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 21:22:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزھالنىڭ خەنزۇچە ئىتوتلارنى تەرجىمە قىلىپ "ئىجادىيتىم" دەپ يۈرگىنىدەك، بۇمۇ بىر تورداش بەرگەنتى دەپلا مەسئۇلىيەتنى بىر قاپلانغا ئارتىپ قويۇش بىلەن ئىش تۈگەمدۇ ؟
ئىش ئاشقارلانغاندا ئاندىن ھەممىنى قاپلان قىلغان دەپ يوق ئادەمگە ئارتىش نېمىدىگەن داپيۈزلۈك ؟

ئۆزھال ئەپەندىنىڭ توردا يېزىپ يۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئۇنىڭى نام چىقىرىشقا قانچىلىك خۇشتار ئىكەنلىكىنى بىلىۋىلىشقا بولىدۇ...
توردا "ئۆز ئىجادىيەتلىرىمنى ئىزدەيمەن" "بىيجىڭدا ئالتە يىل ئوقۇدۇم"دېگەندك تېمىلارنى توختىماي چىقىرىشى؟! !
ئۆزھال ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆزىنى بويىماي،  ئۇيغۇر دارامىچىلىقىغا كۆچۈرمىكەشلىك بىلەن ئەمەس، ئىجادىيەت بىلەن تۆھپە قوشۇشىنى سورايمەن!

UID
8523
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
470
تىزىملاتقان
2011-1-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-31
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 21:49:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«جانان كوچىسدىكى ئىشلار »دېراممىسنىڭ ئىجات قىلىنىش جەرىيانى دىگەن تېمنى بىز يازمىغان .ئۆزھال ئۆزى يېزىپتىكەن.( بۇ ئادەم بەلكىم مەندىن چوڭدۇ. ياكى كىچىكتۇ، لېكىن توردىكى ئىسمى ئۆزھال ئىكەن ،شۇڭا مەنمۇ ئىسمى بىلەن ئاتىدىم. توغرا چۈشەنسۇن) مەزكۇر تېمىدا ئۆزىنىڭ سەمىمىلىك بىلەن يېزىشچە ئۇ مەلۇم بىر توردا « قاپلان »ئىسملىك بىر بالا بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ. قاپلان ،تورداش ئۆزھالغا ئۇنىڭ ئەسەرلىرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ يېزىقچىلققا قىزقىدىغانلقىنى ،قولىدا بىر ھىكايسى بارلىقىنى ئۆزھالنىڭ كۆرۈپ بېقىشنى ئۈمۈت قىلىپ مۇڭداشقۇ ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىپتۇ. ئۆزھال ئۇنىڭ ھىكايىسىنى كۆرۈپ باقسا تەسۋىرلىرى ئاز ، دىئالوگلار جىق بىر ھىكايە بولۇپ ،دېرامما قىلىپ باقسا مۇۋاپىق كەلگۈدەك . شۇنىڭ بىلەن ئۆزھال ئەسەرنىڭ كونكىرىت ئەۋالىغا ئاساسەن بۇ ھىكايىغا « جانان كوچىسدىكى ئىشلار »دەپ ماۋزۇ قويۇپ ئۇنى دېرامما قىلىپ يېزىپ چىقىپتۇ .( ئەسلىدە قاپلان بۇ ھىكايسىگە كۆڭۈل كۆزى دەپ ماۋزۇ قويۇپتىكەن)  لېكىن  كىيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە  تۇيۇقسىز ھېلىقى « قاپلان » تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپتۇ... ئۆزھال قايتا-قايتا ئۇچۇر قىلىپ ئۇنى تاپالماپتۇ ... ئامال يوق  ياكى « قاپلان»نى تاپالماي ياكى  ئۇنىڭ ئىسمنى ھەقىقى  بىەلەلمەي بۇ دىراممنى ئۆزى مەبلەغ سېلىپ سەھنىلەشتۇرۇپتۇ ...
مانا بۇ مېنىڭ ئىزدىنىش تورىدا ئۆزھالنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان« جانان كوچىسدىكى ئىشلار دېراممىسنىڭ ئىجات قىلىش جەرىيانى» دىگەن تېمىدىن ئېسىمدە قالغانلىرى.

UID
8523
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
470
تىزىملاتقان
2011-1-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-31
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 21:58:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ يۇقۇردا يازغانلىرىم تولۇق بولمىغان بولسا ، خاتا بولسا ، مەزمۇن قېتىلىپ قالغان بولسا شۇ تېمنى ئوقۇغانلار ياكى ئۆزھال ئەسكەرتىش قىلىپ قويسا  بولۇدۇ.
مەن قانۇندا ئوقۇۋاتقان بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا ، ئۆزەممۇ ئاز پاز ھىكايە شېئىر يېزىپ ئويناپ ئىچ پۇشقۇمنى چىقىرىپ ئوينايدىغان بولغاچقا ، ھەم ھازىر تەتىل بولغاچقا ،بىكارچىلىقتا ئۆزھالنىڭ تېمىسغا قىزقىپ قېلىپ ئىزدىنىشدە مۇنازىرە قىلىۋاتسام ئۇلار تېمنى يۇقۇرقى  قەۋەتتىكى زىئال دىگەن ئادەم دىگەندەك تاقاپ قويدى.
ئەمدى ئۆزھال  يالقۇن روزى پايپاسلاپ چېپىپ يۈرۈپ پەرھات تۇرسۇننىڭ ماقالىسنى ھىچ يەردە ئىلان قىلغىلى قويمىغاندەك بۇ مۇنبەرگىمۇ پايپاسلاپ كىرىپ مۇنبەر باشلىقىغا ياكى باشقۇرغۇچىلارغا تېمنى تاقاپ قويۇشقا مېنىڭ ئىنكاسىمنى باسماسلىققا يول ماڭمىسا بولاتتى.

UID
8523
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
470
تىزىملاتقان
2011-1-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-31
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 22:06:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« قوسقىڭنىڭ ئاغىرىقى بولمىسا تاۋۇز يىيىشتىن قورىقما»

- ئۇيغۇر خەلق ماقالا -تەمسىللىرىدىن


مەن ئۆزھالنىڭ قاپلاننىڭ ھىكايىسنى ، ئاندىن شۇ ھىكايىغا ئاساسەن يېزىپ چىققان دېراممنى  توردا ئاشكارا ئىلان قىلىپ ئۇنى كەڭ تورداشلارنىڭ باھاسىغا سۇنۇپ بېقىشنى سورايمەن!
ئۆزھال ئوغرىمۇ ، توغرىمۇ ؟ شۇ چاغدا بىر نەرسە دىيشەيلى. ئەگەر ئۆزھال بىز تەلەپ قىلىۋاتقان  يۇقارقى تېمنى توردا ئىلان قىلمىسا ئۇنىڭ دېراممنى مەن يازغان دىگەن گېپىدىن تامامەن  گۇمانلىنشقا ھەقلىقبىز !

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
7974
يازما
116
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
3967
تىزىملاتقان
2010-12-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-15
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-3 23:41:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 55قەۋەتتىكىzial يوللىغان 2011-02-03 20:15 غا قارتىلغان :
ئۆزھال ئاكاڭلارغا بەك چاپان يېپىپ كېتىپ بارغانلار گىرانات كاللاڭلارنى قۇم قەغەزدە سۈرتۈۋىتىپ ئاۋۇ قانۇنى ئوبدان ئوقۇڭلار. ئاكاڭلارنىڭ خەقنىڭ ھىكايىسنى ئۆزگەرتىپ دېرامما قىلىش قىلمىشى قانۇنغا خىلاپمىكەن -ئەمەسمىكەن؟

بۇ گېپىڭىز سەل چەكتىن ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق؟ گەپ-سۆز قىلغاندا دىققەت قىلىڭ، مەيلى سىز كىچىك بولۇڭ ياكى چوڭ بولۇڭ،
ئاممىۋى سورۇنلاردا بۇنداق گەپلەرنى قىلىشتىن خىجىل بولمامسىز؟ گەرچە يۇقىرىدا دىيىلىۋاتقان تالاش-تارتىشلار بىلەن مېنىڭ قىلچە مۇناسىۋىتىم بولمىسىمۇ بۇ گېپىڭىز مېنى سۆزلەشكە مەجبۇر قىلىپ قويدى، بىزنىڭ بۇ يەردە دىيىشىۋاتقىنىمىز ئەسلى مەزكۇر دىراممىنىڭ
كەڭ جامائەتچىلىك ئارىسىدا پەيدا قىلغان تەسىرى ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەر ئىدى، ھەرگىزمۇ ئاپتورلۇق ھوقۇقى توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىش ئەمەس ئىدى، بىزنىڭ قان-قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ناچار ئادىتىمىز بويىچە ئەسلى گەپ باشقا ياقتا قېلىپ باشقا ئىشلار توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىپ كېتىپ بارىمىز، مېنىڭ قانداقتۇر ئۆزھال ياكى قاپلان دېگەنلەر بىلەن ئاللىقانداق مۇناسىۋىتىم يوق، مېنىڭ كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىم بولسا ئاپتورى كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر مەزكۇر ئەسەر بىزنىڭ دىراممىچىلىق سەنئىتىمىزنىڭ يېڭىدىن گۈللىنىش باسقۇچىدا تۇنجى قەدەمنى باسقانلىقى، مانا بۇ ھەممىمىز ئېتىراپ قىلىدىغان پاكىت. بىز مۇشۇ ھەقتە سۆزلەشسەك بولىدۇ، ئەسەرنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا كەلسەك بۇ ئۆزھال بىلەن قاپلاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىش، مۇنبەردىكىلەر بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز، ئەگەر ئۆزھالنىڭ قىلمىشى خاتا بولسا سىز نەقىل كەلتۈرگەن قانۇننىڭ ماددىلىرىغا ئاساسەن قاپلان ئەرىز قىلامدۇ ياكى كېڭىشىپ ھەل قىلامدۇ بۇ ئۇلارنىڭ ئىشى، بۇ يەردىكى تالاش-تارتىشنى شۇ ۋاقتى كەلگەندە خەتنى ئەڭ يوغان ھالەتكە ئەكىلىپ چوڭايتىپ ئۆزھال ئاكاڭلار دەمسىز ۋە ياكى باشقا نامدا ئاتامسىز مۇنداق قىلدى دەپ جار سالسىڭىزمۇ تامامەن ئۈلگۈرىسىز، شۇڭا
مېنىڭ تەكلىۋىم كىم بولساق نەق تېمىنىڭ ئۆزى ھەققىدە سۆز قىلايلى باشقىلار قىلغان تەقدىردىمۇ ئەسكەرتىش بەرسەك بولىدۇ، ئۇ دەپتىكەن مەنمۇ دېدىم دېسەك باشقىلار ما پوقنى يە دېسە يىگەندەكلا ئىش بوپ قالىدۇ، مۇنبەرگە ھەر ساھەدىن چوڭلارمۇ كىرىدۇ كىچىكلەرمۇ كىرىدۇ، بۇ يەردە ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ئاكىسى ياكى دادىسى ئەمەس، كىچىكلەر قېنى قىززىقلىق بىلەن ھېچنىمىنى ئۇقمايلا بىزنىڭ ئاتالمىش جەڭلىرىمىزگە قاتنىشىپ قالمىسۇن، بىزدىن قانداقتۇر چوڭ ئۈمۈتلەرنى كۈتكەن چوڭلار كۆرۈپ بىزدىن ئۈمۈتسىزلىنىپ قالمىسۇن، باشقىلار مىڭبىر جاپادا نەچچە يىللاردىن بېرى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ مۇشۇ ھالەتكە ئاران ئەكەلگەن بۇ مۇنبەرنى ھەققىمىز بولمىغاندىن كېيىن چىرايلىق گەپ-سۆزلەر بىلەن مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئاۋاز قوشايلى، بولمىسا مۇنبەر دېگەن كۆپ ھېچكىم ھېچكىمنى چىللاپ كەلگىنى يوق، قۇرۇق تالاش- تارتىش قىلماي ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلايلى، بىزنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىمىز مانا مۇشۇنچىلىك يەرلەردىلا مانا مەن دەپ چىقىدۇ، مەن ھازىر ئoقۇۋاتىمەن بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورلۇق مەسىلىسىدە ھەققىدىكى تالاش-تارتىشنى، ئەسلى ئاپتورى قاپلان بولغان تەقدىردىمۇ شۇ قاپلان ئۆزى چىقىپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ياكى تۆلەم تەلەپ قىلسۇن، ئۇنى ئۆزھال بىلەن كېڭەشسە بولىدۇ، قاپلان چىقمىغان يەردە بىزگە كىم قويۇپتۇ تالاش-تارتىشنى، ئەگەر ئۆزھال يېنىدىن مەبلەغ چىقىرىپ مەزكۇر دىراممىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرمىگەن بولسا بەلكىم بۇ گەپ-سۆزلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقماس بولاتتى، قىسقىسى بۇ ھەممىمىز كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان يەر، ئەتىسى يەنە كىرىپ قالىمىز، چوڭ گەپتىن بىرنى قىلغانغا بويىمىز بىرەر مېتىر ئۆسۈپ قالمايدۇ، ئەمىلىيىتىمىزدە قانداق بولغان بولساق يەنە شۇ پېتى تۇرىۋىرىمىز، خەقنى كۆرمەيدۇ دەپ ئاغزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمەي باشقىلارنىمۇ ئويلىغان ئاساستا سۆز قىلايلى قېرىنداشلار.

ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
yalghuz + 100 ئورۇنلۇق ھەم ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 100   باھا خاتىرىسى

ئەجداتلىرىم تۇتقان قەلەم، ئۈندەر مېنى ئالغا ھەردەم.

UID
8750
يازما
65
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1386
تىزىملاتقان
2011-1-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-1
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-4 11:29:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم  بۇ يەردە مەن خىجىل بولغىدەك نىمە ئىش بولۇپتۇ . ئەسەرنىڭ  ۋەقەسىگە  باشقىلار  چېتىلسا ئەمدى قوپۇپ مەن خىجىل بولامدىمەن؟!
خىجىل بولۇشقا تېگىشلىك بولسا  سىز خىجىل بولۇڭ .
باشقىلارنىڭ ئەسىرنى ئىشلىتىپ سەھنە ئەسىرى يىزىۋاتقانلارغا  تولىمۇ بەك ھىسداشلىق قىلىپ كېتىپ بارىسىز .
قاپلان قاپلان دەپ كېتىپتۇق . ئۇ يوق قاپلان ئىكەن . بار بولغان بولسا شۇنچىلا ئەسەرنى يېزىپ  ئۆزھالغا تاشلاپ بېرىپ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتەمدۇ بىراۋ؟
ئۆزھال مۇڭداشقۇغا  قوشقان ئادەمنىڭ ئىسمنى ،نەلىك ئىكەنلكىنى بىلمەي قوشامدۇ؟
سىز مۇڭداشقۇغا  قوشقان ئادەمنىڭ كىملكىنى بىلمەي قوشۇۋالامسىز ؟  7 ياشلىق بالىمۇ ئىشەنمەيدۇ بۇ گەپلەرگە .
ئۆزھال تىلغا ئالغان قاپلان دىگەن تورداش توغىرىسدا ئاز گەپ بولۇپ كەتتىمۇ ؟  نىمىشقا ھازىرغىچە ئۇنىڭ دېرىكى چىقمايدۇ؟
پەزىلەتسىزلىك قىلىپ باشقىلارنىڭ ئەسىرىگە چاڭ سالغان، ئارقىسدىن قوپۇپ  بىراۋنى ئويدۇۇرپ چىقىىرىپ مەسۇلۇيەتنى ئۇنىڭغا ئارتىپ قويۇشقا ئۇرۇنغان  ئادەم باشقىلار تۇرسا  
سىز كىمىڭىزگە دەۋاتىسىز خىجىل بولۇڭ  دەپ.

خىجىل بولۇشقا تىگىشلىك بولسا  پەزىلەتسىز ئادەملەرگە ھىسداشلىق قىلىۋاتقان سىزدەك  قەلەمكەشلەر خىجىل بولسۇن ۋە خىجىل بولۇڭلار!

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
7974
يازما
116
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
3967
تىزىملاتقان
2010-12-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-15
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-4 12:56:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 36قەۋەتتىكىzial يوللىغان 2011-02-03 12:58 غا قارتىلغان  :
بۇ دېراممنىڭ ئاپتۇرى بولمىش راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال دىراممنى يېزىپ چىقىشتا قاپلان ئىسمىلىك بىرسىنىڭ ھىكايىسنى ئۆزگەرتىپ يېزىپ چىققانلقىنى ئېيىتىپكەن ئىزدىنىش مۇنبىردە. بىراق ئۇنىڭ دىيشچە  قاپلاننىڭ دېرىكنى ئالالماي  ئۇنىڭ ھىكايسىگە ئاساسەن يۇقارقى دىراممنى پۈتۈرۈپتۇ. سەھنىگە ئەپچىقىپتۇ. ئاز تولا ئىقدىساتمۇ خەجلەپتۇ. لېكىن زە دىراممىغا ئاپتۇرلارنىڭ ئىسمنى يازغاندا قاپلاننىڭ ھەقىقى ئىسمنى تاپالمىغانلقىنى بانا قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىسمنى يىزىپ ئىلان قىلغان ئوخشايدۇ. ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىنىڭ كىم ئىكەنلكىگە تاقىشدىغان مۇنازىرە چىقىپ قىلىپ تازا قىزىۋاتقاندا ئىزدىنىشلىقلار ئۆزھالنىڭ ئىزدىنىشنىڭ باشقۇرغۇچۇلۇق يۈزىنى قىلىپ تېمنى ئۆچۈرۋەتتى. بەك قىزىقىپ كۆرۈۋاتقان ئىدۇق.
تورداشلار ئىچىدە قانۇن ئوقۇغانلار بولسا دەپ باقسا ،بىرسى بىرسىنىڭ ھىكايسىنى ئۇنىڭ رازلىقنى ئالماي ئۆز ئالدىغا دىرامما قىلىپ ئۆزگەرتىۋالسا سەھنىلەشتۇرسە قانۇنغا خىلاپمۇ- ئەمەسمۇ؟
مانا بۇ ئىنكاس تېما ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنكاسلارنىڭ مەزمۇنىنى بىراقلا بۇرىغان، يەنى سىز بۇ تېمىغا قاتناشتۇرغان تۇنجى ئىنكاسىڭىزدىلا ئۆزھالنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئەمەسلىكىنى كۆپچىلىككە دەپ ئۆتۈپسىز، خوش ئەمدى دەپ بېقىڭە؟ بۇ تېمىدا ئۆزھالنىڭ بۇ دىراممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ياكى ئەمەس ئىكەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىڭ دەيدىغان گەپ يوقتۇ؟ بۇ يەردە بۇ تېمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىكى مەقسەت مەزكۇر دىراممىنىڭ كەڭ جامائەتچىلىككە بەرگەن تەسىرى ھەققىدە بەس-مۇنازىرە قىلىش ئالدىدىكى تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىدەك سەھنە ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە ياكى جامائەت تازا ياقتۇرمايدىغان كۆرۈنۈشلەر دېگەندەك، ھېچكىم بۇ دىراممىنىڭ ئاپتورى توغرىسىدا سۆزلەڭ دېمىگەندۇ؟ بەك دىگۈڭىز كېلىپ كەتكەن بولسا ئايرىم تېما قىلىپ مەزكۇر دىراممىنىڭ ئاپتورى زادى كىم دەپ يوللىسىڭىز بۇ يەردە تالاشقانلار شۇ يەردە تالاشساڭلار بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنداق پىتنە-پاسات ئۇرۇقىنى چاچىدىغان تېماڭلارغا قەدەم باسقۇممۇ يوق مېنىڭ. سىزگە يەنە شۇنى دەپ قوياي: مەن راھمانجاننى سىرتتىن تونۇيمەن دېسەم توغرا بولغۇدەك ئۇ مەيلى ئىجادىيەت ئوغۇرلىسۇن ياكى ئوغۇرلىمىسۇن ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن جامائەتچىلىك نارازى پىكىردە بولغىنى يوق، ئۇنىڭ كىتاپخانا ئېچىش، دىراممىغا مەبلەغ سېلىش دېگەندەك خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىدىغان ھەركەتلىرى بىزگە يامانلىق ئېلىپ كەلمىگەندۇ؟ مەيلى ئاتالمىش قاپلان ياكى بولمىش ئۆزھال بولسۇن ئەگەر ئاپتورلۇق ھوقۇقىدا تالاش-تارتىش يۈز بەرسە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەخسۇس ئورگانلار بار، سىزنىڭ ۋە مېنىڭ باش قاتۇرۇپ بۇ يەردە سۆزلەپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، مەيلى ئۆزھال ئىجادىيەت ئوغۇرلىسۇن ياكى ئوغۇرلىمىسۇن، سىزگە بىزگە ئوخشاش تەسلىكتە تاپقان پۇلىنى قورقماي دىراممىغا مەبلەغ ساپتۇ، ئوغۇل بالا ئىكەن زىياندىن قورقماي مەبلەغ سالالىغاندىن كېيىن، بىراق سىز نېمە قىلىپ بېرەلىدىڭىز؟ خەق تەييار قىلىپ بەرگەن سەنئەت نومۇرىنى يانچۇقىڭىزدىن ئازراق پۇل خەجلەپ كۆرۈشكە چىدىدىڭىزمۇ؟
نەق شۇنىڭ ئەكسىچە بۇ يەردە خەقنىڭ كەينىدىن پىتنە-پاسات تارقىتىپ يۈرۈيسىز؟ مۇشۇنداق تۇرۇپ يەنە مەن خىجىل بولىمەنمۇ؟
قارىغاندا سىزنىڭ ئۆزھال بىلەن شەخسى زىددىيىتىڭىز بار ئوخشايدۇ ياكى سىز مۇشۇنداق كىم ئازراق ئۇتۇق قازانسا شۇنىڭ كەينىدىن پىتنە-پاسات تارقىتىپ يۈرۈيدىغان پەزىلەتسىز ئادەم ئىكەنسىز، ئىزدىنىشتا ئۇنداق بولغان بۇنداق بولغان دەپ بۇ يەرگىمۇ ئىناقسىزلىق كەيپىيات پەيدا قىلغىلى كىرگەن بولسىڭىز كېرەك، تولىمۇ ئەپسۇس، سىزگە شۇنى دەپ قوياي بۇ يەر ئەل كۈيى يەنى ئەلنىڭ كۈيى، ئېنىق بىلىۋىلىڭ، سىزگە ئوخشاش نىيەتتە كىرگەنلەرگە گەپ قىلىدىغانغا باشقۇرغۇچى چىقمىسا بىزگە ئوخشاش مۇقىملىقنى، ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار ھامان دەككىڭىزنى بېرىمىز.
خۇلاسە كالام: مەزكۇر تېما پەقەت دىرامما ھەققىدىكى كۆز- قاراشلار ھەققىدە ئورتاق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىپ بۇ ھەقتە ئىزدەنگۈچىلەر ياكى ئۆزھالغا ئوخشاش مۇشۇنداق دىراممىلارنى بارلىققا كەلتۈرىۋاتقانلارغا بىر تەجرىبە-ساۋاقلارنى بېرىشنى مەقسەت قىلغان ھەرگىزمۇ ئاپتورىنىڭ كىملىكى ھەققىدە بەس-مۇنازىرە قىلىش ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. مېنىڭ تەشەببۇسۇم بولسا نەق تېمىنىڭ ئۆزى ھەققىدە سۆزلىسەك، ئىناقسىزلىق كەيپىياتىنى پەيدا قىلىدىغان گەپ-سۆزلەردە بولمىساق، ئالدىنقى ئىنكاسىمدا دەپ ئۆتكەندەك بۇ يەر يالغۇز سىز بىزنىڭلا يېرىمىز ئەمەس بەلكى ھەممىمىزنىڭ يېرى. كونىلاردا نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن دېگەن گەپ بار بۈگۈن ئىناقسىزلىق ئۇرۇقىنى تېرىساق ئەتە جىدەل ئۈنۈپ چىقىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ھەممىزنىڭ كۆز ئالدىدا ئايان بوپ تۇرۇپتۇ مەزكۇر دىرامما ئاپتورى كىم بولسۇن جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى، بۇنى قۇتلۇقلىساق بولىدۇ، مۇشۇ ھەقتە گەپ-سۆز قىلساق بولىدۇ، گەرچە مېنىڭ بۇ تېمىدىكى تالاش-تارتىشلار بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتىم بولمىسىمۇ، مۇقىملىقنى تەرغىپ قىلغۇچى بىر كۆرۈرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن جىدەلنى پۇلغا سېتىۋالغاندەك ئارىلىشىپ قالدىم، مەزكۇر تېما توغرىسىدا مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقى ئىنكاسىم بوپ قېلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئاپتورلۇق مەسىلىسى سىز بىلەن بىزنىڭ تالاش-تارتىش قىلىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشىمىزغا ئەرزىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش خالاس، پەقەت نەتىجىسى چىققاندا ھە ئەسلى ئاپتور مۇشۇ ئىكەن دەپ مۇئەييەنلەشتۈرسەكلا بولدى. ئۇنىڭسىزمۇ تالاش-تارتىش قىلىقا ئەرزىگۈدەك نۇرغۇن ئىشلار تۇرۇپتۇ، ۋاقتىمىزنى شۇنىڭغا سەرپ قىلايلى، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى قېرىندىشىم سىزگە ئاخىرقى بىر ئېغىز گېپىم: مەيلى ئۆزھال كۆچۈرمىكەشلىك قىلسۇن ياكى ئۇنداق قىلمىسۇن بىزگە بىر دىراممىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بەردى، بىز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، لېكىن قاپلان دېگەن تورداشنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن، تالاش-تارتىش قىلسا شۇ قاپلان ئۆزى كېلىپ قىلسۇن، مەيلى قەيەردە تالاش-تارتىش قىلسۇن شۇ ۋاقتىدا كۆرەيلى، ئەگەر سىز شۇ قاپلان شۇ بولۇڭ ياكى ئۇنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مۇشۇ سۆزلەرنى دەۋاتقان بولسىڭىز ئايرىم تېما قىلىپ يوللاپ شۇ يەردە دەڭ، بۇ يەردە بىز دىراممىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ۋە تەسىرى توغرىسىدا سۆزلىشىمىز، ئاپتورىنىڭ كىملىكى بىلەن ئەمەس، شۇڭا مەقسەت-مۇددىئا ئېنىق بوپ كەتسۇن، ھەممىڭلارغا سالامەتلىك يار بولغاي.
ئەجداتلىرىم تۇتقان قەلەم، ئۈندەر مېنى ئالغا ھەردەم.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
7974
يازما
116
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
3967
تىزىملاتقان
2010-12-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-15
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-4 13:01:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلار بىر ئېغىز گەپ چالا قاپتۇ، مەن بۇ يەردە ھېچكىمگە ھىسداشلىق قىلغىنىم يوق، ھەم قىلىۋاتمايمەن، مېنىڭ تەكىتلىگەن نۇقتام ناھايىتى ئېنىق، بىز بۇ يەردە ئاپتورنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئەمەس بەلكى دىراممىنىڭ بىزگە بەرگەن تەسىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىمىزنى سۆزلىشىمىز.
مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم پەقەت مۇشۇ.
ئەجداتلىرىم تۇتقان قەلەم، ئۈندەر مېنى ئالغا ھەردەم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش