ئىگىسى: melek

تىلىفۇن ۋە مەلەكنىڭ ئويلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
799
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25564
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 02:13:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرزادە ئەپەندى! ياخشىمۇ سىز... ئەلكۈيىدە يەنە كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن! تەنقىد پىكىرلىرىڭىزنى يەنە مەندەك بىر سويمىنىڭ دىققەت بىلەن كۆتىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىز.... مەن گەرچە تالانتلىقلارغا كىرمىسەممۇ لېكىن ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغان، ۋە ئەدەبىياتچىلار، بىلىملىكلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا خۇشتار بىرسى.... سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىز توغرىلىق خەۋەرسىز بولساممۇ لېكىن سىزنىڭ پىكىر ۋە قاراشلىرىڭىزغا ئۇزۇندىن بېرى دىققەت قىلىۋاتىمەن. مەنمۇ پىكىر تەكلىپكە مۇھتاج~ مېنىڭ مەۋجۇدلىقىمنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز....

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 03:45:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم مەشئەل، سىزنى يېقىندامالايسىياغا ئوقۇشقا چقىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم، مۇبارەك بولسۇن!
      سىز ئېسىمدە بار. ئەمما، دىققتىمنى تارتقان بالىلارنىڭ ئىسمىنى يازغاندا ئىسمىڭىز چۈشۈپ قاپتۇ. ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم، يەنە كېلىپ، نۇرغۇن تالانتلىق،مەن بايقمىغان بالىلارنىڭ ئىسمى چۈشۈپ قالغىنى ئېنىق . مەسىلەن كەۋسەر دېگەن بالىنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئەپۇ سورايمەن.
         پوۋېستىڭىزنى كۆردۈم، لېكىن، ئوقۇشقا ۋاقىت چىقمىدى. ئادىل تۇنيازنىڭ ئىشخانىدىن چىقىشى دېگەن شېئرنى نەق مەيداندا كەلتۈرۈۋەتكەندىلا  قابلىيىتڭىزگە ھەيران قالغان.
          بىز تېخى پىكىرلىشىمىز، ئۇكام. تىل ئۆگنىش، نشان، كىتاب، كېيىنكى يوللار ھەققىدە سورايدىغان نەرسىلەر بولسا، تېگىشلىك ياردىممنى ئايىمايمەن.
     سىز 17 ياشقا كىرگەن بالىكەنسىز، قايىل بولماي تۇرالمايمەن.
ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىشىڭىز قانداق كېتىۋاتىدۇ؟ نېمىدە قينىلىۋاتىسسز؟ غېرىبلىققا قانداق تاقابىل تۇرۇۋاتىسىز؟ بەكمۇ بىلگۈم بار.

ئابدۇراخمان جامى راست دەيدۇ: "ئەجىرنى دەجلىگە قىلساڭ، ھوسۇلىنى فراتتىن ئالىسەن!"
تالانت ئىگىلىرىنى قېزىش، قوللاش، رىغبەتلەندۈرۈش بەك ئەمەلىي ئىش.

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

UID
5350
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1146
تىزىملاتقان
2010-9-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-9
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 06:30:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Telifon putun azab,hasrat,umidsizliklirimning manbasi...
Telifon manga mehir-muhabbat,koyunux,tasalli biridighan birdinbir manba...
Man huxallikni telifondin aliman
Putun xum hawar,bahtsizlikni telifonda anglayman..
Telifondin korkiman
Seghinghanlirimni telifondinla tapalayman
Telifonning sayraxlirigha taxnaman
Telifonni yahxi koriman ham yahxi kormayan
Telifondin ayrilalmayman

yazik

UID
3362
يازما
75
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2407
تىزىملاتقان
2010-7-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-15
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 11:45:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 19قەۋەتتىكىuyghurzade يوللىغان 2010-12-12 01:48 غا قارتىلغان  :
سىڭلىم مەلەك، ئامانمۇسىز؟
       مەن سىزدىكى تالانتنى ئالدىنقى قېتىم مۇنبەردىن چېكىنىپ بولۇپ بايقىدىم.  تۈرك تىلىغا ئۇستىكەنسىز، ئەدەبىي تەرجىمىگە دىتىڭىز باركەن، جىق ماتېريال كۆرىدىكەنسىز. مەن سىزنى تىرشسسا ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئىككىنچى تۇرسۇنئاي ساقىم بولالىغۇدەك دەپ ئويلىدىم. سىزگە بېرىدىغان بەزى مەسلىھەت ۋە تەكلىپلەر بار ئىدى(قۇلاققا خۇش ياقىدىغان)، مۇشۇ يەردە دېسەم بولارمۇ يا؟
     يەنە ئىككى سوئال: سىز تۈركىيە يازغۇچىىسى كەرىمە نادىرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغانمۇ؟
        ھازىر ئوقۇۋاتقان كەسپىڭىز ھەققىدكى ئۇچۇر مەخپىيەتلىك دائىرسىگە كىرمىسە بىلسەم بولامدۇ؟ (بېرىدىغان تەكلىپكە مۇناسىۋەتلىك).
    مۇنبەردىن چېكىنىپ بولۇپ، مېھرىناز،  تۇتېم، ئۆمەر،ھىلال، ئۇيغۇر بەگ، ئۆرۈكجان، ئارمان قاتارلىق بالىلاردىكى ئىقتىدارنى بايقىغاندەك بولدۇم(جىن، نازى، ياز چۈشى، كۆكبۆرە، بەرگىيە، گۈزەل، ئايتۇغ، سابا، گۈلدار،باياۋان، سەرۋازلۈكچەك، كشىمىش قىز ، سائادەتگۈل، يارىش قاتارلىق تالانت ئىگىلىرىنى ئالدىنقى قېتىم بايقىغان). سەۋىيەلىك بالىلار ھەقىقەتەن جىق ئىكەن بۇ مۇنبەردە. ئەمما، قېزىش، ماسلاشتۇرۇش، پىكىرلىشىش ۋە ئۇلارنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش كەم بولۇۋېتىپتۇ.  
.......

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم،ئۇيغۇرزادە ئۇستاز خۇش كەپسىز !مۇنبەرگە قايتا باسقان مۇبارەك قەدىمىڭىزدىن خۇشپۇراق گۈللەر ئۈنگەي!!!
ھەرەمگە كەتكەن تۇققانلارنىمۇ بۇنچە سېغىنمىغان ئىدۇق،ھەقىقەتەن كۆزگە سۈرتكىدەك بولدۇق چاڭقىغان يەرگە تىگىدىغان، زەم-زەم كەبى تېتىملىق ئىنكاسلىرىڭىزنى .
راست دەيسىز ،ئەلكۈيى مۇنبىرى ھەقىقەتەن ئاز بولمىغان تالانت ئىگىلىرى يىغىلغان ئىلىم ئالماشتۇرۇش سورۇنى بوپ قالدى.
ئويلايمەنكى،مۇشۇنداق كاتتا سورۇندا   بىر" دالا تۇلپارى"(بەك ياقتۇرغانتىم كەۋسەر ئەپەندىنىڭ بۇ چىرايلىق ئوخشىتىشىنى) بىزلەرگە باش بولسا،بىزمۇ تەشنا ئىدۇق،شۇ دالا تولپارىنىڭ ئىزىنى بويلاپ   ئىلىم،ئەقىل-پاراسەت بىلەن تويۇنغان كەڭرى، پاكىزە تەبىئەت قوينىغا بېرىپ قانغۇچە نەپەسلىنىشكە.

دائىملىق ئەزا

بۇ سەپەردەمەن ئى

UID
1930
يازما
595
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
19803
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 12:38:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 19قەۋەتتىكىuyghurzade يوللىغان 2010-12-12 01:48 غا قارتىلغان  :
سىڭلىم مەلەك، ئامانمۇسىز؟
       مەن سىزدىكى تالانتنى ئالدىنقى قېتىم مۇنبەردىن چېكىنىپ بولۇپ بايقىدىم.  تۈرك تىلىغا ئۇستىكەنسىز، ئەدەبىي تەرجىمىگە دىتىڭىز باركەن، جىق ماتېريال كۆرىدىكەنسىز. مەن سىزنى تىرشسسا ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئىككىنچى تۇرسۇنئاي ساقىم بولالىغۇدەك دەپ ئويلىدىم. سىزگە بېرىدىغان بەزى مەسلىھەت ۋە تەكلىپلەر بار ئىدى(قۇلاققا خۇش ياقىدىغان)، مۇشۇ يەردە دېسەم بولارمۇ يا؟
     يەنە ئىككى سوئال: سىز تۈركىيە يازغۇچىىسى كەرىمە نادىرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغانمۇ؟
        ھازىر ئوقۇۋاتقان كەسپىڭىز ھەققىدكى ئۇچۇر مەخپىيەتلىك دائىرسىگە كىرمىسە بىلسەم بولامدۇ؟ (بېرىدىغان تەكلىپكە مۇناسىۋەتلىك).
    مۇنبەردىن چېكىنىپ بولۇپ، مېھرىناز،  تۇتېم، ئۆمەر،ھىلال، ئۇيغۇر بەگ، ئۆرۈكجان، ئارمان قاتارلىق بالىلاردىكى ئىقتىدارنى بايقىغاندەك بولدۇم(جىن، نازى، ياز چۈشى، كۆكبۆرە، بەرگىيە، گۈزەل، ئايتۇغ، سابا، گۈلدار،باياۋان، سەرۋازلۈكچەك، كشىمىش قىز ، سائادەتگۈل، يارىش قاتارلىق تالانت ئىگىلىرىنى ئالدىنقى قېتىم بايقىغان). سەۋىيەلىك بالىلار ھەقىقەتەن جىق ئىكەن بۇ مۇنبەردە. ئەمما، قېزىش، ماسلاشتۇرۇش، پىكىرلىشىش ۋە ئۇلارنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش كەم بولۇۋېتىپتۇ.  
.......
مەلەك-بىلەن ئەسرالىشىپ تۇرغاچقا،ئۇياقنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ماڭا ناھايىتى ئايدىڭ ئىدى،ئەسلى يەنە ئىنكاسسىزلا چىقىپ كېتەي دەپ ئويلىغانىدىم،تۇيۇقسىز سىزنى بايقاپ قالدىم،ئۆكتەبىردىكى بىر قېتىملىق بوران-چاپقۇننى قوزغاپ،يوقاپ كەتكەن سىز-ئۇيغۇرزادە،قانداق ئەھۋالىڭىز؟شۇ تاپتا،بىرمەزگىللىك ‹‹غايىب››بولۇشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سىرلىڭىزغا ناھايىتى قىزىقتىم،سىزنى ئۆزۈمچە مەتبۇئاتلاردا ئۇچرىتىپ يۈرگەن بەزى زىيالىيلىرىمغا ئوخشىتىپ يۈرۈيمەن،بۇ قېتىم تۇيۇقسىز پەيدا بولدىڭىز،يېڭى بىر پىكىر ھالقىش دەۋرىنى باشدىن كەچۈرۈپ كەلدىڭىز،يېڭى بىر قېتىملىق بوراننى يۈدۈپ كەلدىڭىز شۇنداقمۇ؟

تەپەككۇرنى قىلىمەن كومپاس،ئەمەلىيەت ماڭا بىر جەڭگاھ. ئېتىقادىم قوللايدۇ مېنى،ئۆزلۈكۈمگە سالغاچ ئارامگاھ... ئۇيغۇربەگ يۈكسەلمەكتە... http://www.uyghurbeg.net

كۆيۈمچان ئەزا

مەن سەن ئوقىمىغا

UID
1990
يازما
427
تېما
30
نادىر
0
جۇغلانما
16059
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 13:14:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇيغۇرزادە ئاكا!مۇشۇنداق ئاتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىز،چۈنكى ھىچقانداق نام -ئاتىقى يوقلارنى يالغانلاردىن ھۆرمەتكە ئىگە قىلىدىغان ئەپەندى دېگەن سۆزنى ياقتۇرمايمەن،تۈركلەردىغۇ ئەپەندى دېگەن بۇ سۆزنى  ھۆرمەتكە  ئەڭ لايىق كىشگە،يەنى ئەپەندىلەرنىڭ ئەپەندىسى پەيغەمبىرىمىز دەپ ئىشلىتىدىكەن،شۇڭا سىزنى ئاكا دەپ تۇراي.


ئالدىنقى قېتىم تۇيۇقسىزلا بوران چىقتى،بۇ بوراندا ئېزىپ كەپ قالغان بەزىبىر ئەخلەت دۆۋىلىرى ئۇچۇپ كەتكەن،يەنە بەزىبىر قىسىم تالانىت ئىگىلىرى بۇ يەرگە ئۇچۇپ كەلگەنمۇ بولدى.شۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە رەھمەت ئىيتىمىز.
ئەلۋەتتە بەزىلىرىمىز سىزدىن رەنجىدۇق،تەنقىد ئۇسۇلى قوپال دەپ،يەنە بەزىلىرىمىز سىزدىن خوش بولدۇق،ئەينەككە كۈندە ئۈچ ۋاخ قاراپمۇ كىملىكىمىزنى بىلەلمىگەن،ئىچكى دۇنيارىمىزنى قېزىپ چىقالمىغان ئىدۇق،سىزنىڭ پىكىرلىرىڭىز بىلەن ئۆزىمىزگە قايتا نەزەر سېلىشقا باشلىدۇق.
سىزنىڭ مېنى ھەم ئۈمىد كۈتكىلى بولىدىغانلار قاتارىغا سانىغىنىڭىزدىن مەمنۇنمەن.
سۇئاللىرىڭىزغا كەلسەم:

مەن كەرىمە نادىرنىڭ ئەسەرلىرىنى ياخشى كۆرىمەن،ھەم مەرھۇم تۇرسۇنئاي ساقىم خانىم تەرجىمە قىلغان بۇرۇنقى كونا كىتابلىرىنىمۇ تىپىپ ئوقىغانمەن.
كەسپىمگە كەلسەك: غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋىرستىتىنىڭ 2009-يىللىق خەنزۇتىلى تەرجىمانلىق كەسپىدە ئوقۇيمەن.دەسلەپ بۇ مەكتەپنىڭ بۇ كەسپىنى ئوقۇش ھەققى بىر قەدەر مۇۋاپىق بولغاچقا مۇنداقلا تاللاپ قويغانتىم،ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ھەقىقەتەن مۇشۇ يەرگە ئۆتۈپ قالدىم.
ئالى مەكتەپكە يېڭى كەلگەن يەنى ئۆتكەن يىلى بۇ كەسىپ بىلەن تەڭ ئۇيغۇر فاكولتىتى قۇرۇلغانىكەن،ئوقۇتقۇچىلىرىمىز،سىنىپ مۇدىرىمىز ھەممىسى ئاساسەن ئۇيغۇر،مۇشۇ كەسىپتە يەنى تۆت يىللىقتا جەمىئىي 400دىن جىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى باركەنمىز.
دەسلەپ ئوقۇش پۈتتۈردىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمى ماقالە ئوقىغان سورۇنىغا داخىل بولغىنىمدا «مەن تۈگىشىپتىمەن،ئوقۇش پۈتتۈردىغان بالىلارنىڭ خەنزۇچە سەۋىيىسى مۇشۇنچىلىك بولسا،مەن نېمىمۇ ئۆگىنەرمەن؟بىر مۇنچە ئۇيغۇر يەنە شۇ بىر يەرگە كەلسەك،يۇرتۋازلىق قىلىدىكەنمىز،ئويۇن تاماشا،كېيىم-كىچەكنىڭ گىپىنى قىلىدىكەنمىز،باشقا جايلاردىكى خەنزۇ بالىلار بىلەن ئارلىشىپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلار بەسلىشىپ ئۆگىنىدىكەن،تىلغا پىششىق بولىدىكەن،ئەمما بىزچۇ،مەن خاتا كەپتىمەن» دەپ پۇشايمان قىلىپ كېتىمەن دەپ خېلى خاپا قىلدىم.
شۇنىڭ بىلەن باشقىلاردىن ئازراق بولسىمۇ پەرقىم بولسۇن،مەن ھەم بۇ توپنىڭ ئېچىدە ئۇخلاپ ياتىدىغان بولۇپ كەتمەي،ئۆزۈمگە بىر نىشان تىكلەي دېگەن مەقسەتتە،تولۇق 3-يىللىقتا ئازراق تۈركچە ئۆگىنىپ تاشلاپ قويغانىدىم،ئۇنى قولۇمغا ئالدىم.
تۈركچە ئۆگىنىشتىكى بىردىنبىر مەقسىتىم:قانداقتۇر تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇشنىڭ ئاساسىنى سېلىش ئەمەس،پەقەت ۋە پەقەت دۇنياغا تونۇلغان تۈرك شائىر ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ ئىلغار پىكىرلىرىنى خەلقىمىزگە تونۇتۇش ئىدى.تۈركچە سەۋىيەم بىر قەدەر ئاشقاندا ئەتراپىمدىكى ساۋاقداشلىرىمغا تەرجىمە قىلغان ئىسلام ماقالىلىرىنى ئوقۇپ بېرىپ ،ھىچ بولمىسا ئۇلار ياقتۇرۇپ ئاڭلاۋاتقان تۈركچە ناخشلىرىنىڭ مەنىسىنى دەپ بېرىپ قىزىقتۇردۇم ھەم مەكتەپتە يوشۇرۇنچە كۇرس ئاچتىم.بۇ جەرياندا سەۋىيەم بارا-بارا ئاشتى،كىچىك -كىچىك شېئىرلادىن بىر قەدەر چوڭراق پەلسەپىۋىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشقا چۈشتۈم.
«دىققەت قىل ،ئىتىقاد ئوربىتىسىدىن چەتنىمەي پەرۋاز قىل!» بۇ ھەر ۋاقىت يۈرىكىمگە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشۇمدۇر،شۇ سەۋەب ئىسلام نۇختىسىىنى چىقىش قىلىشنى پىرىنسىپ قىلىۋالدىم.
بىر زامانلار قېنى قىززىپ ئاھ ياشلىق،پاھ گۈزەللىك،ئەي مۇھەببەت دەيتىم.
قاچانكى ئەتراپىمدىكى شەئىيلەردىن سەسكەندىم شۇندىن ئىتىبارەن،مىللىتىمنىڭ ھالىتى،دىنىمىزنىڭ بىزدە تۇتقان ئورنى مۇشۇ ئىككى نۇختا ئارسىدا چۆرگىلەپ يۈرۈيمەن.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمدا:::


شاراقلايدۇ روھلار زەنجىرى،
تەپەككۇرى قانات قاقالماي.
«بوۋام كىم؟» دەپ سورايدۇ بالا،
ئۆتمۈشلەرگە جاۋاب تاپالماي.

قۇلۇپلانغان كاتتا تارىخنىڭ ،
قەسىرىدىن كىلەر مىڭ سادا.
«ناننىڭ نەسلى خار بولغان بارمۇ؟»
سەلتەنەت سۈر ئەي قەۋم قايتا!»

دېگەن ئىدىم،كاللام نېمە ئۈچۈنگە تولغان ئىدى،ئۆزۈمچە يىغلايتىم،سەۋەبىنى دەپ بىرەلمەيتىم،ئۇقتۇرالمايتىم،نېمىشقا دەپ جىلە بولاتتىم.

تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ،ياد شەھەرگە ئوقۇشقا بېرىش ئۈچۈن ئۆزۈم يالغۇز پويىزغا چىققان شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ،كۆزلىرىم يەنە ياشلاندى،ئەمما بۇ قېتىمقى ياش ئىلگىركىگە ئوخشىمايتى،چۈنكى مەن نېمە ئۈچۈنلەرگە جاۋاپ تاپقانىدىم.

ئۇنۇتماقتا مېنى ئادەملەر،
مەن ئۆزۈمنى كەتكەندەك ئۇنتۇپ.
مەن گۇناھكار،مەن ئاسى بەندە،
كىملىكىمنى قويغان يىتتۈرۈپ.

چاقناپ تۇرسا ئۈستىمىزدىلا،
ھىدايەتنىڭ پارلاق نۇرلىرى.
بىز زۇلمەتتە تەمتىرەپ يۈردۈق،
گۇناھ يازدى ھايات قۇرلىرى.

تاشلىۋەتتۇق ئانا زېمىننى،
تاشلىۋەتتى بىزنى يەر شارى.
تاشلىۋەتكەچ ئىتىقادىمىزنى،
شۇڭا يوقكەن ھېچكىمنىڭ كارى.

بىز جاۋاپكار بىلىم دەۋرىدە،
بىز جاۋابكار ئۆلسەك قەبرىدە.


مانا شۇندىن ئىتىبارەن، يېڭى يولۇمنى تېپىۋالدىم....
ئەلۋەتتە بۇ يول تولىمۇ مۈشكۈل،ساھابىلەر ئۇچرىغاندەك ئېغىر سىناقلارغا ئۇچرىمىساقمۇ ئەتراپىمىزدىكى بىزنى كۆزىتىۋاتقان كۆزلەرگە تاقابىل تۇرۇش،خەنزۇتىلىنى قالقان ۋە شوتا قىلىپ تۇرۇپ نۇرغۇن نۇرغۇننى ئۆگىنىش،بۇ دۇنيادىكى ئۆگىنىش قەرزىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مىدىرلاپ كىلىۋاتىمەن....

بۇلار مېنىڭ ئۆتمۈشۈم ۋە بۈگۈنۈم،بوۋاق ئۇخلاپ قوپوپلا بەزىدە جۆيلۈپ سالغىنىدەك ئەمدىلەتىن يول مېڭىشنى ئۆگىنىۋاتقان «مەن» مۇ بەزىدە،قىلىدىغانغا ئىش تاپالمىغاندەك،بۇلبۇل تۇرۇپ قاغىدەك سايراپ سالىدۇ،ھۇقۇش بىلەن بۇلبۇلنىڭ ئاۋازىنى پەرق ئىتەلمەي ،شۇمقۇشنى «ئەجەپ ئۆزگىچە سايرايدىكىننا» دەپ سالىدۇ.ئاسماننى ئىگىز دەپ چىقالمايدىكەنۇ ،ھاڭ شۇنچە چوڭقۇر تۇرسىمۇ تىزلا غولاپ چۈشۈپ كىتىدىكەن،شۇڭا ئۆتكەن قېتىم سىزگە ۋە پىكىرلىرىڭىزگە قىلغان بىئەدەبلىكىمنى كەچۈرۈڭ.

ئاھ،ھەجەپ جىق گەپ قىلىپ كىتىپتىمەنيا،بىرەر يېرىم بەت ئەسەرنى بېسىشقا ھورۇنلۇق قىلاتتىم،مۇشۇنىڭ ھەممىنى قانداقمۇ بېسىپ بولغاندىمەن ھې ھې.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
bargiya + 20 ئېسىل جاۋابل ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 20   باھا خاتىرىسى

يۈرىكىم يىغلايدۇ،كۆزۈم يىغلايدۇ،ھالىمنى سورىما!

كۆيۈمچان ئەزا

كوممۇنېستىك پارتىيە ياشىسۇن!

UID
3417
يازما
270
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
8331
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 13:30:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسلىگە ئىككى تەرەپتىن قاراش كىرەك.
تىلفۇنداگۇناھ يوق.گۇناھ پەقەت تىلفۇننى ۋاستە قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچىلەردە!!؟
____________-

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

UID
2749
يازما
356
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
11417
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 14:20:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز تېلىفۇنغا بەك ئامراق. خۇددى ئامېركىلىقلار پىسا بولكىسىنى ياقتۇرغاندەك.
بىزگە تېلىفۇن بەك مۇھىم. خۇددى  يەتتە ئايلىق قىزىمغا تەۋرەتمە بۆشۈك مۇھىم بولغاندەكلا.
بىزگە تېلفۇن ئەتىۋار.
خۇددى ، ئايالىمغا بارماقلىرىدىكى  ئالتۇن كۆزلۈك ئۈزۈك ئەتىۋار بىلىنگەندەكلا.

بىزدىكى مەنىۋىيەت - ئەنە ئاشۇنداق تۈگىمەيدىغان  « ئۇچۇر -پۇچۇر » دەۋرىلىرىنىڭ  ئاللىقانداق «پارقىراتما» خوشامەتلىرىدىن  سەلبى ۋە ئىجابىي تەرەپلىرىنى بىلگىلى بولمايدىغان « تەرەققىيات يۆلىنىشى» گە باشلىماقتا.

يەنە خۇددى،
6-ئايدىكى مەڭزى قىزىل، چىشلىسە ئاچچىق « پىشمىغان » توڭ ئالۇچىدەكلا...

سەكرەيدۇ پاقىلار سازلىققا قاراپ،
كۆرگەندە ياۋاغاز  قارىسىنى گاھ.
سەكرەيدۇ ئۆمۈرمۇ بىر مەھەل بىراق،
جاھالەت تەختىدە، شەيتانلار ئارا.

نۇر بېرەر  ھەممىگە قۇياش رەناسى،
نۇر بېرەر  سۆيۈملۈك ئاتەش زىمىنغا.
ھەقىقەت، روھ بىلەن بىرىككەن تەن بۇ!
ئۆزگىرىپ كەتمىسۇن... شۇ روھ چىۋىنغا.

« ئۆرۈكجان»

ئېشەككە مۇڭگۇز چىققاندا -مەنمۇ زۇڭتۇڭ بولىمەن.

UID
2763
يازما
147
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
4858
تىزىملاتقان
2010-6-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 16:03:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرمىلەرنىڭ خەنزۇچىسىدىمۇ يامان ئەمەس ئەسەرلەر بار. ... ئاخىرىغىچە ئوقۇپ بولالمىدىم.
تۇيۇقسىز تېلفۇن مۇنارلىرىنى يەر يۇتۇپ كەتسە قانداقكىن بولمىسا مەيلى خالايلى ياكى خالىمايلى تېلفۇنغا باغلانغىنىمىز باغلانغان. ياۋروپادىكى ياشلارنىڭ ئەھۋالىنى سىتاتىسىتكا قىلىشىچە، نۇرغۇن ياشلار قىز دوستى بولمىسا مەيلىكى تېلفۇن بىلەن توردىن ئايرىلسا ياشىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن....

كۆيۈمچان ئەزا

خىياللار مىنىڭ ب

UID
3846
يازما
444
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13945
تىزىملاتقان
2010-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 16:08:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلىفۇننى نىمە دىسەك بولا   ياخشى دىسەك  بو لارمۇ  ۋە ياكى يامان دىسەك بولارمۇ ؟   ھەي....تېلىفۇن      ......بەزىدە مۇشۇ تېلىفۇنغا ئۆچ بولۇپ قالىمەن  يەنە  بەزىدە  ئۆيدىكىلەر بىلەن  دوستلىرىم بىلەن پاراڭلىشىپ ، تۇرسام   خوش بۇلۇپ قالىمەن .   نىمە  دىسەك بولا  بۇ تېلىفۇنغا........

ۋىسال - ياپياش ھەم قېرى قاقۋاش.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش