ئىگىسى: melek

تىلىفۇن ۋە مەلەكنىڭ ئويلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
7632
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2010-12-1
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 20:07:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلېفون ھەقىقەتەن ياخشى نەرسە جۇمۇ، ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ئۇتتۇردىكى قوشنىمىز  بولىمىش بوۋاي تېلېفونىنىڭ بولغىنىدىن خۇش بوپ كىتىپتۇ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مۇشۇ تېلېفوننىڭ بولغىنىدىن مەن بەك خۇش جۇمۇ،  دەل مۇشۇ خاشو دەللال بولغاچقا  بالىلىرىمغا تېلېفون قىلىپ مومىيىمنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارالىدىم، بولمىسا بۇ كېچىدە قانداقمۇ قىلار بولغىيدىم.

كۆيۈمچان ئەزا

دوستۇڭ دوستۇمدۇ

UID
2418
يازما
289
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
9649
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 20:22:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ بىر خەلقئارا مەدىنيەت ، دەۋىرنىڭ ئېھتىياجى . ئۆزىمىزنىڭ تار دائىرىدىكى تۇرمۇش قارىشىمىز بۇيىچە زارلاپ تۇرساقمۇ ، ئەمىليەت بۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغىنىزنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ .

كۆيۈمچان ئەزا

ھايات قەدرىلىك،

UID
6209
يازما
52
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1614
تىزىملاتقان
2010-10-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 20:24:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇچۇر-ئالاقە قۇرالى بولىدۇ. ھازىرقى دەۋردە تېلىفون بولمىسا بولمايدۇ، لېكىن تېلىفوننى قانداق ئىشلىتىش، قانداق پايدىلىنىش ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق...

UID
3362
يازما
75
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2407
تىزىملاتقان
2010-7-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-15
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 21:26:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە تېلفۇن، پۈتۈن بىر كۈن بىر قېتىممۇ سايراپ قويمىسا ،ئادەم ئۆزىنى بارلىق ئادەملەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك ،پۈتۈن دۇنيادا بىر ئۆزى يالغۇز قالغاندەك يىگانە ھىس قىلىدۇ .

بەزىدە كېلىدىغان تېلفۇننىڭ كۆپلىكىدىن نېرۋىلار چارچاپ،ئۇچۇر-ئالاقە بولمىغان يىراق -يىراقتىكى ئىپتىدائى جايلارغا قاچقۇسى كېلىدۇ ئادەمنىڭ.

قارىغاندا تۇيۇپ-تۇيماي، ئاللىقاچان قۇلىغا ئايلانغان ئوخشايمىز بۇ مەككار دەللالنىڭ

كۆيۈمچان ئەزا

ي. م. ئىلقۇت

UID
2000
يازما
367
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
12549
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 22:10:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئۇستا بولۇپ كەتكەن ئىدىمكى،كۆزۈم دوسكىدا بولسىمۇ،كونۇپكىنى قارىماي تۇرۇپ قانچە باسسام ھەرپلەرنىڭ قانداق ئالمىشىدىغانلىقىدىن تارتىپ كاللامدا يادا بولۇپ كەتكەنىدى.
........................
خانقىز راستىنلا ئۇستا ئىكەنسىز جۇما. شۇنچە كۆپ كۇنۇپكىلاردىكى ھەرپلەرنىڭ قانداق ئالمىشىش قانۇنىيىتىنىمۇ يادىغا بىلىگەن بولسىڭىز ۋاھ....

بىزنىڭ ئارىمىزدا بۇنداق ئۆزگىرىشچان كۇنۇپكا تاختىسى ئەمسە بەلكى مۇقىم كۇنۇپكا تاختىسى بولغان كومپىيوتىر كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ھەرپلەرنىمۇ يادىغا ئەمەس بەلكى يۈزەكى بىلىدىغانلارمۇ كۆپ بولمىسا كېرەك. شۇڭا خەت يازغاندا خۇددى توخۇ دان چوكىلىغاندەك ئىككى كۆزىنى كۇنۇپكا تاختىسىدىن ئۈزمىگەن ھالدا ئىككى باش بارمىقىدا بىرمۇ بىر  بېسىپ خەت يازىدۇ. ئۇلارنىڭ خەت ئۇرۇش سۈرئىتىگە قارىسىڭىز سىز بىر ئۇخلاپ قوپسىڭىز ئۇلار ئاران تۆت بەش قۇر خەت يېزىپ بولىدۇ. سىز ئامالسىز يەنە بىردەم ئۇخلاشقا مەجبۇرى بولىسىز....

كۆيۈمچان ئەزا

ي. م. ئىلقۇت

UID
2000
يازما
367
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
12549
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 22:18:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=justify]مۇنۇ يازمامنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ باققۇم كېلىپ قالدى...

تېلېفۇن نومۇرىمۇ ياكى كىملىكمۇ؟



تېلېفۇن نومۇرى دېگەن نېمە؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ؟ http://blog.ilqut.com

بۇ سۇئالغا قاراپ سىزنىڭ تازا كۈلگىڭىز كەلگەندۇ ھە قاچان؟ نېمە ئامال. بىزنىڭ ئارىمىزدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ھازىر تېلېفۇن نومۇرى بىلەن كىملىك نومۇرى ئايدىڭ بولماي، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز زادى نېمىنىڭ كىملىك، نېمىنىڭ ئالاقە ۋاستىسى ئىكەنلىكىنىمۇ ئايرىيالمىغۇدەك دەرىجىگە يەتكەندەك قىلاتتى. شۇڭا بىز بۇ يەردە بۇ ئەخمىقانە سۇئالنى سوراشقا مەجبۇرى بولىۋاتىمىز. ئىلقۇت بلوگىدا ياخشى ئەسەرلەر بار

خوش، ئۇنداق بولسا ئەسلى تېمىغا كېلەيلى، تېلېفۇن نومۇرى دېگەن نېمە؟
تېلېفۇن نومۇرى دېگىنىمىز ھازىرقى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن كىشىلەر ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان، ئۇمۇمەن ئېيتقاندا ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن بىر نومۇر (ئەمما ھازىر كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، تېلىگراف قاتارلىقلارنىڭ ئۆز-ئارا رىقابەتلىشىشى نەتىجىسىدە، ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارغان ھەرخىل ئىتىبار بېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىققا كەلگەن ھەر خىل كارتىلارنىڭ كۈندىن كۈنگە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بەزى كىشىلەر ئىككى نومۇر ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.) توغرا كېلىدىغان بەلگىلىك قانۇنىيەتتە تۈزۈلگەن بىر قاتار سانلار تىزمىسىدىن ئىبارەت.
تېلېفۇن نومۇرى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدىكىدەك، كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.


مەن دائىم باشقىلارنىڭ مۇشۇ تېلېفۇن نومۇرى ھەققىدىكى تەنقىدلىرىگە دۇچ كېلىمەن. ئادەم بەزىدە ئىشلىتىدىغان تېلېفۇن نومۇرىنىڭ مۇقىملاشمىغانلىقى سەۋەبىدىن، بەزى بىر سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىشلىتىۋاتقان تېلېفۇن نومۇرىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىپ قالىدىكەن. بەزىدە بۇ تېلېفۇن نومۇرىنىڭ ئالمىشىش رېتىمى سەل كۆپ بولۇپ قالغان بولغاچقا باشقىلارنىڭ ھە دېسە: «سەن دائىم تېلېفۇن نومۇرى ئالماشتۇرامسەن؟»، «قاچانلا قارىسا تېلېفۇن نومۇرىنى ئالماشتۇرۇپلا يۈرۈيدىكەنسەن.»، «سېنىڭ تېلېفۇن نومۇرۇڭغا ئادەم ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ جۇمۇ، چۈنكى سەن دائىم تېلېفۇن نومۇرى ئالماشتۇرىسەن.»… دېگەندەك ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىدىكەن. كىمنىڭ تولا تېلېفۇن نومۇرى ئالماشتۇرغۇسى بار دەيسىز. كىمنىڭ ھەر قېتىم تېلېفۇن نومۇرى ئالماشتۇرۇپ بولۇپ، يەنە ئالاھىدە ۋاقىت ۋە ئىقتىسادنىڭ مەرىدىن كېچىپ، ئۆزى ئالاقىلىشىدىغان ئادەملەرگە بىرمۇ بىر تېلېفۇن قىلىپ: «ئاداش مېنىڭ تېلېفۇن نومۇرۇم ئالمىشىپ كەتتى، بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇ نومۇرنى ئىشلىتىمەن، بۇرۇنقى نومۇرنى تېلېفۇنۇڭدىن چىقىرىپ تاشلىۋەت.» دېگۈسى بار؟ ياكى بىرمۇ بىر ئۇچۇر يېزىپ:« ئاداش، بەزىبىر سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن نومۇر ئالماشتۇرۇشقا مۇھتاج بولۇپ قالدىم. بۇ مېنىڭ يېڭى نومۇرۇم، ساقلىۋالغىن، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى.» دېگۈسى بار؟ بولۇپمۇ مەن خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن بەزىبىر سەۋەپلەر تۈپەيلى تېلېفۇن نومۇرۇمنى تولا ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇرى بولۇپ قالدىم. دەسلەپ شىركەتكە كىرگەندە شىركەت تەرىپىدىن كارتا تەمىنلەپ بېرىپ: «بۇنىڭدىن كىيىن خىزمەتتە مۇشۇ كارتىنى ئىشلىتىسىز. لېكىن شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.» دەپ تاپىلىغاندىن كىيىن بىر مەزگىل ئىشلەتتىم ھەمدە ئاران دېگەندە بۇ نومۇرنى ئۆزۈم ئالاقىلىشىدىغانلارغا تېلېفۇن قىلىپ، ئۇچۇر يېزىپ دېگەندەك يېڭى خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئىشلىتىدىغان تېلېفۇن نومۇرۇم دەپ ئۇلارغا بىلدۈرۈپ بولغاندا، بىر كۈنى شىركەتتىن يەنە بىر كارتىنى ماڭا تەڭلەپ: «بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇ كارتىنى ئىشلىتىسىز، بۇ كارتا شىركەتتىكىلەر بىلەن ئۆز-ئارا تېلېفۇن قىلىشقاندا ھەق ئېلىنمايدۇ.» دەپ يېڭى كارتا بەردى. مەن يەنە شۇ باشقىلارنىڭ تولا كارتا ئالماشتۇرىسەن دەپ ئەيىپلىشىدىن ئەنسىرەپ، يەنە بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن يەنە ئالماشتۇر دېسە قانداق قىلارمەن دەپ، ئۆزۈم كىملىكىمگە باشقا كارتا بېجىرىپ ئىشلەتسەم، دوستلىرىمنىڭ: «ھەي، بۇ نېمە دېگەن قالايمىقان نومۇر؟ قەلەندەرلەرمۇ بۇنداق نومۇرنى ئىشلەتمەسمىكىن.»، «ھەي، سەن بىر شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى تۇرۇپ مۇشۇنداق ناچار نومۇر ئىشلىتەمسەن؟ بۇنداق ناچار نومۇر ئىشلەتسەڭ ئۆزۈڭنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يىتىدۇ جۇمۇ.»، «ھەي، ساڭا باشقا كارتا چىمىدىما؟ بىر شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى تۇرۇپ مۇشۇنداق مۇساپىرلار كارتىسى ئىشلىتىۋاتامسەن؟» دېگەندەك سۇراقلار يېغىپ كەتتى. ئەمىلىيەتتە بۇنداق سۆزلەرنى مېنىڭ يۈزۈمگە سېلىپ دېيىشكە جۈرئەت قىلالىغانلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ يېقىن دوستلىرىم، شۇنداق ئۇلارمۇ ماڭا ياخشى بولسۇن دەيدۇ. چۈنكى ھازىرقى بۇ دەۋر دەل تېلېفۇن نومۇرى بىلەن كىملىكنى پەرقلەندۈرەلمىگەنلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن. مېنىڭ دوستلىرىم دەل ئاشۇنداق تېلېفۇن نومۇرىغا قاراپ ئادەمگە باھا بېرىدىغانلارنىڭ كۈلكىسىگە قالمىسۇن دەپ ماڭا بۇ ئەھۋاللارنى ئەسكەرتىشكە جۈرئەت قىلالىغان. مەن دوستلىرىمنىڭ بۇ روھىدىن ھەقىقەتەن خوشال. چۈنكى دوست ئادەمگە: «ھەي، بۇ نېمە دېگەن قالايمىقان نومۇر؟ قەلەندەرلەرمۇ بۇنداق نومۇرنى ئىشلەتمەسمىكىن.»، «ھەي، سەن بىر شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى تۇرۇپ مۇشۇنداق ناچار نومۇر ئىشلىتەمسەن؟ بۇنداق ناچار نومۇر ئىشلەتسەڭ ئۆزۈڭنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يىتىدۇ جۇمۇ.»، «ھەي، ساڭا باشقا كارتا چىمىدىما؟ بىر شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى تۇرۇپ مۇشۇنداق مۇساپىرلار كارتىسى ئىشلىتىۋاتامسەن؟» دەپ سۇئال ياغدۇرسا ئېغىر كەلمىگەن بىلەن بىزنىڭ رىقابەتچىلىرىمىز، دۈشمىنىمىز بۇ سۇئاللارنى ياغدۇرسا ئادەمگە ئېغىر كېلىدۇ. ھاياتلىقتا ئادەمنىڭ دوستىدىن دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ. ئادەمنىڭ نوپۇزىنىڭ ئېشىشىغا، قازانغان نەتىجىسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئادەمنى كۆرەلمەيدىغانلار ھامان ئېشىپ بارىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ دوستلىرىمىز «سۇ كەلگۈچە توغان سال.» دەپ بىزگە ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىش بېرەلەيدۇ. مانا بۇنداق دوستنى ھەقىقىي دوست دېسەك بولىدۇ. لېكىن بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى تېلېفۇن كارتىسى (نومۇرى) ھەرگىزمۇ كىملىك ئەمەس. شۇڭا بىز باشقىلارنىڭ ئىشلەتكەن تېلېفۇن نومۇرىغا قاراپ باھا بەرمەسلىكىمىز كېرەك. ھېلىغۇ بىر نەچچە دوستۇم ماڭا بۇ سۆزنى قىلدى، يەنە قانچىلىك ئادەم مېنىڭ ئالدىمدا بۇنداق دېمىگەن بىلەن كەينىمدە بۇنداق گەپلەرنى تازا ئاشۇرۇپ دەپ يۈردى؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. ھەر ھالدا مۇشۇ تېلېفۇن نومۇرىنى خۇددى كىملىك نومۇرىدەك دۆلەت تەرىپىدىن ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن بىردىن مۇقىم بەلگىلەپ بەرمەپتىكەن، ھەر ھالدا بىزگە تاللاش پۇرسىتى بېرىپتىكەن. شۇڭىمۇ ئارىمىزدىكى مۇشۇ ئاتالمىش «ياخشى نومۇر» ھايانكەشلىرى كۆپىيىپ، ئادەتتە 100 يۈەنگە سېتىۋالغىلى بولىدىغان كارتىلارنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىپ نەچچە مىڭ يۈەن ھەتتا نەچچە يۈز مىڭ يۈەن (دىققەت، ئىچكىرىدە ئارقىمۇ ئارقا 8 كەلگەن نومۇرلارنى 200 مىڭ يۈەن دەپ باھا قويغىنىنى كۆرگەنلەرمۇ بار.) سېتىپ ھايانكەشلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ھارام پايدا (دىققەت بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز بۇنداق ھارام سودىنى چەكلەيدۇ) ئېلىپ داۋاملىق گۇناھ (ئىسلام ئەقىسىدە بۇ گۇناھ ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى شەرىئەتتە خاتا دەپ قارالغان ئىشلار بىزدەك لەۋزىمىز ھالال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.) ئۆتكۈزىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىلقۇت بلوگى http://blog.ilqut.com نى زىيارەت قىلىشنى ئۇنتۇماڭ


شۇڭا تورداشلار بىز قانداقتۇر باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەيلى، ئۆزىمىزنىڭ ئەقىدىمىز، ئىتىقادىمىز، ئىمانىمىز بويىچە ياشايلى. بۇنداق باشقىلارنىڭ سەنىمى بويىچە ئىش كۆرۈپ ئادەمنىڭ ئىشلىتىۋاتقان تېلېفۇن نومۇرىغا قاراپ ئادەمگە باھا بېرىدىغان ئىشنى قىلمايلى. مېنىڭ زادى مۇشۇ تېلېفۇن نومۇرىدىن تەلىيىم كەلمەي، ھە دېسىلا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك قانداقتۇر «قەلەندەر ئىشلەتمەيدىغان نومۇر.»، «مۇساپىر كارتىسى»، «ئۆز نوپۇزۇمغا ماس كەلمىگەن كارتا» قاتارلىق تېلېفۇن نومۇرلارغا يۇلۇقۇپ قالغان بولغاچقا قايتا-قايتا ئويلىنىپ ئاخىرى مىڭ بىر جاپادا ئىزدەپ يۈرۈپ 15 دىن باشلانغان 4 تال 9 نى ئۆز ئىگە ئالغان بىر «ياخشى نومۇر»نى مۇقىم ئىشلىتىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم. لېكىن باشقىلارنىڭ يەنىلا شۇ «13دىن باشلانغان نومۇر ئىشلەتكەن بولساڭ ياخشى ئىدى. بۇنداق 15 دىن باشلانغان نومۇر ئادەمگە مۇقۇم نومۇردەك تۇيغۇ بەرمەيدىكەن.» دېگەندەك پىكىرلىرىگە دۇچ كېلىپ كاللام تازا پىكىر قاينىمىغا چۆكۈپ تۇرغاندا شىركەتتىن داۋاملىق شىركەت تەمىنلەپ بەرگەن كارتىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىمۇ ئىشلىتەي دېسەم ھازىر بۇ «مۇقىم ئەمەستەك تۇيغۇ بەرگەن» 15 دىن باشلانغان كارتىنى بەزى ئالاقىلىشىدىغان كىشىلىرىم بىلىپ بولدى، يەنە نومۇر ئالماشتۇرسام ئۇلارغا يەنە نومۇر دوكىلات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئالماشتۇرماي دېسەم شىركەتتىن شىركەت تەمىنلەپ بەرگەن كارتىنى ئىشلىتىشىمنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ. ئىككىلىسىنى ئىشلىتەي دېسەم بىر ئادەم ئىككى تېلېفۇن ئىشلىتىپ يۈرسە تازا قاملاشمىغۇدەك، بولۇپمۇ بىزدەك «مۇئاۋىن دېرىكتورلۇق» ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان «نوپۇزىمىز يوقىرى» خەقلەر ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. ھازىر مودا بولىۋاتقان قوش كارتىلىق تېلېفۇندىن بىرنى ئىشلىتەي دېسەم ئادەتتىكىلىرىنى ئىشلىتىشنى خالىمىدىم. چۈنكى ئادەتتىكىنى ئىشلەتسەم بېرى ئۆزۈم تېلېفۇن ئىشلەتكەندەك بولمايمەن يەنە بېرى ئادەتتىكى تېلېفۇن ئۆزۈمنىڭ «مۇئاۋىن دېرىكتورلۇق» سالاھىيىتىمگە ماس كەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. ياخشىراقتىن بىرنى ئالاي دېسەم ياخشىلىرى قاراپ تۇرۇپ 4 خانىلىق پۇلنى سانىمىغاندا كەلمەيدۇ. ھازىرقىدەك ئەمدىلا تېخى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، تۈزۈك تەجرىبىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ ئېلىۋاتقان ئىش ھەققىمىز بىلەن بۇ ئاينى ئۇ ئايغا ئاران بۇلاپ ئۆتكۈزىۋاتقانلار ئۈچۈن بۇنداق 4 خانىلىق پۇلنى شارتلا ساناپ ئۆزىمىزنىڭ «سالاھىيىتىگە ماس كېلىدىغان» تېلېفۇن سېتىۋېلىش تازا ئېغىر كېلىۋاتسا….

http://blog.ilqut.com

ھەي، نېمە دېگەن تولا باش ئاغرىقى بۇ ھە… بۇ دۇنيادا ياشاش نېمە دېگەن قىيىن بولۇپ كەتتى. بىزنىڭ ئاشۇ تېلېفۇن نومۇرى بىلەن كىملىكنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان كىشىلىرىمىز تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتسە بىز قانداقمۇ قىلارمىز ھە؟


UID
5189
يازما
570
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18035
تىزىملاتقان
2010-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 22:31:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا !بىر چاغلاردا تېلىفۇنى بار ئادەملەرگە ھەۋەس قىلىپ تېلىفۇندا گەپلىشىپ ماڭغان ئادەملەرنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ قالاتتىم ،،

تۇنجى تېلىفۇننى ئانام تۇغۇلغان كۈنۈمگە سوۋغا قىلغاندا شۇنداق ھاياجانغا تولغانتىم ،،

تېلىفۇنۇم پات - پات سايراپ تۇرمىسا قولۇم يانچۇقۇمغا نەچچە قېتىم سېلىنىپ كېتەتتى ،،لېكىن كىچىلىرى توۋلاپ سالسا يۈرۈكۈم ئاغزىغا كەپلىشىپ قالاتتى ،، [s:1]

تېلىفۇن نۇرغۇن ئىشلارغا ئەسقاتىدۇ ،،بەزىدە نۇرغۇن پۇللارنى تىجەيدۇ،يەنە بەزىدە نۇرغۇن پۇللارغا زىيان سالىدۇ ؟ لېكىن ئىشلەتمەي بولمايدۇ ،،چۈنكى ھازىر ئۇچۇر - ئالاقە دەۋرى ئەمەسمۇ ؟

تېلىفۇن ___ يېرىم دىدار !!!

ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق ،ئون بەشى قاراڭغۇ!!!

UID
2260
يازما
124
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
4026
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-11 23:07:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=justify]بۇ ھەقىقەتەن مەنىسى چوڭقۇر تىما ئىكەن، مەن ئۆزۇمنىڭ شەخسى كۆز قارىشىنى دىسەم، مىنىڭ كۈچمە تىلفۈن بىلەن خوشۇم يوق بۇرۇندىنلا شۇنداق، ھازىرمۇ ھەم ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن ئىشلىتىشنى، ئىشەنسەڭلار مىنىڭ بولتۇر مۇشۇ كۈنلەردە كۈچمە تىلفۈنىم يوق ئىدى، كۈڭلۈم خاتىرجەم، ئىشلىرىم جايىدا، ھىچ بولمىسا كۈنلىرىمنى مەنلىك ئۆتكۇزەتتىم، قىلىدىغان ئىش چىقىپ تۇراتتى، تويۇقسىزلا خىزمەت قىلىش سەۋەبى بىلەن تىلفۈن سىتىۋالدىم، دەسلىۋدە خېلى ياخشى ئىدى ئىشلار بىراق ھازىر تىلىفۈنىم بىر كۈن ئىتىلىپ قالسا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 40 تال ئۇچۇر قۇبۇل قىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى ئاغىنىمىز بىلەن يىغىلىشىپ، تاماق يىيىشىپ ئولتۇرغاندا بىر تىلفۈن كىلىدۇ، ماڭىدىغان گەپ . مېنىڭچە بولغاندا تىلفۈننى ئىھتىياجى يوقلار ئىشلەتمىگەن ياخشى، ئەڭ ياخشىسى سىز بىلەن بىللە ماڭمايدىغان موقىم تىلىفۈن . تور بىلەن تىلىفۈندىن توغرا پايدىلانمىساق بىزنى بىشىدا چۇشكۇنلۇككە، ئاخرىسىدا ئورىغا تاشلايدۇ. مەن شۇنداق قارايمەن قالغان قېرىنداشلار قانداق قارايسىلەركىن.


ئالدىڭغا ماڭغاندا كەينىڭگە قارىما !!!

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
799
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25564
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 00:51:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپام نەدىلىكىمنى بىلىۋېلىپ بولماي بىر مەزگىل تېلفۇن ئىشلەتمىگەن... لېكىن كېيىن ئاغىنىلىرىمنىڭ نەدىلىكنى بىلىپ بولالماي يەنە ئىشكەتتىم.... ھازىر تېلفۇنۇم بولمىسا ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز، ھېچكىم مەندىن خەۋەرسىز قالىدۇ....

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 01:48:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىڭلىم مەلەك، ئامانمۇسىز؟
       مەن سىزدىكى تالانتنى ئالدىنقى قېتىم مۇنبەردىن چېكىنىپ بولۇپ بايقىدىم.  تۈرك تىلىغا ئۇستىكەنسىز، ئەدەبىي تەرجىمىگە دىتىڭىز باركەن، جىق ماتېريال كۆرىدىكەنسىز. مەن سىزنى تىرشسسا ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئىككىنچى تۇرسۇنئاي ساقىم بولالىغۇدەك دەپ ئويلىدىم. سىزگە بېرىدىغان بەزى مەسلىھەت ۋە تەكلىپلەر بار ئىدى(قۇلاققا خۇش ياقىدىغان)، مۇشۇ يەردە دېسەم بولارمۇ يا؟
     يەنە ئىككى سوئال: سىز تۈركىيە يازغۇچىىسى كەرىمە نادىرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغانمۇ؟
        ھازىر ئوقۇۋاتقان كەسپىڭىز ھەققىدكى ئۇچۇر مەخپىيەتلىك دائىرسىگە كىرمىسە بىلسەم بولامدۇ؟ (بېرىدىغان تەكلىپكە مۇناسىۋەتلىك).
    مۇنبەردىن چېكىنىپ بولۇپ، مېھرىناز،  تۇتېم، ئۆمەر،ھىلال، ئۇيغۇر بەگ، ئۆرۈكجان، ئارمان قاتارلىق بالىلاردىكى ئىقتىدارنى بايقىغاندەك بولدۇم(جىن، نازى، ياز چۈشى، كۆكبۆرە، بەرگىيە، گۈزەل، ئايتۇغ، سابا، گۈلدار،باياۋان، سەرۋازلۈكچەك، كشىمىش قىز ، سائادەتگۈل، يارىش قاتارلىق تالانت ئىگىلىرىنى ئالدىنقى قېتىم بايقىغان). سەۋىيەلىك بالىلار ھەقىقەتەن جىق ئىكەن بۇ مۇنبەردە. ئەمما، قېزىش، ماسلاشتۇرۇش، پىكىرلىشىش ۋە ئۇلارنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش كەم بولۇۋېتىپتۇ.  
     مۇشۇنداق بالىلار بىلەن مۇنبەرداش بولۇشنىڭ ئۆزى بىر ياخشى ئىش.

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش