ئىگىسى: bargiya

ئىھ،خىرۇستال قىز (تۈگىدى)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
8075
يازما
57
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1197
تىزىملاتقان
2010-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 11:33:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللاھ .يەنە تۇگەپ كەتتى ....قاچانغىچە كۇندە بىر كىرىپ قاراپ يۇرەرمەن .......

تىرىشچان ئەزا

ھەممە ئىش نىيەتك

UID
2613
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
649
تىزىملاتقان
2010-6-6
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 13:01:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت بولمىسا بەلكىم نەپرەتمۇ بولماس ئىدى ...
پەزىلەتنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىدىلا بۇنداق ئازاپقا قېلىشىنى خالىمىساممۇ ، لېكىن ۋاقىتنىڭ ھەممىگە جاۋاپ بېرەلەيدىغانلىقىغا، پەقەت ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىگەن مۇھەببەتنىڭلا ئەڭ مۇكەممەل مۇھەببەت بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ھەم ئاخىرىغا تەقەززامەن ...
ھەدە ، ھارمىغايسىز ...

ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق! شۇڭا بەزى ئادەملەر پېشانىسى بىلەن سەجدە قىلىدۇ، يەنە بەزىلىرى قەلبى بىلەن ...

UID
3100
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
713
تىزىملاتقان
2010-6-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 17:21:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخشاشلا تۇنجى قېتىم سېنىڭ باغرىڭغا تاشلىنىپ سەۋەبسىز ئۆكسۈشتىن تۆكۈلگەن ياشلىرىمنى مىھرىڭ بىلەن ئالقانلىرىڭدا سۈرتكەن مىنۇتلارنى ئاخىرقى مىنۇتلىرىمدا ئۆكسۈپ تۇرۇپ ئەسلەيدىغىنىمغا ئىشەنچەم بولغىنىغا ئوخشاش ئاشۇ قاباھەتلىك كۈندىكى مەھبۇبەنىڭ رەھىمسىزلىك بىلەن ئەسلى قىياپىتىڭنى ئېچىپ تاشلىغان ئاشۇ كۈننىڭ دەھشىتىنى،شۇ ئازابنىڭ يۈرىكىمنى تىلىپ پارە–پارە قىلىپ قالدۇرغان يارىسىنىمۇ ئوخشاشلا قان قۇسۇپ تۇرۇپ ئەسلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم.
سەندىن شۇ قەدەر نەپرەتلەندىم،شۇ قەدەر نەپرەتلەنگەنلىكىم ئۈچۈنلا سېنىڭ ئالدىمنى توراپ،قايسىلا ۋاقىتتا بولسۇن ماڭغان يوللىرىمدا ساقلاپ تۇرۇپ يېلىنىپ–يالۋۇرۇپ پاراڭلىشىشقا ئۈندەشلىرىڭنى رەت قىلدىم.ئىككىنجىلەپ سەن تەرەپكە باقماسلىققا نىيەت قىلغان كۆزلىرىمدىن پەقەت تۈن كېچىلەردە تۈن قاراڭغۇلىقى ھەممىنى شېرىن چۈش قوينىدا ئەللەيلىگەن ۋاقىتلاردا تارام–تارام ئۈنچىلەر تۆكۈلەتتى.ئاجىزلىقىمدىن سىلكىنىپ تۇرۇپ سېنىڭ ئاشۇ قويۇق كىرپىك ئورىغان كۆزلىرىڭنىڭ ئولجىسىغا ئايلانماقچى بولغان خىيال كەپتەرلىرىمنى كۆڭۈل قازناقلىرىمغا تۇتقۇن قىلاتتىم،ئۈنسىز ئۆكسۈشتىن تۈن كېچىنىڭ ئارامىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن لەۋلىرىمنى چىشلەپ ئىز چىقىرىۋىتەتتىم...ئاھ... قىسقىسى.. مەن قىيناق ئىچىدىكى مەھبۇسلۇق ھاياتىمنىڭ شاھىدى بولمىش خاتىرەمگىمۇ قىيا بېقىپ نەزەر سالمىغان ئىدىم


ئۇھ ،بۇ قۇرلاردىن ھەجەپمۇ يۈرىكىم ئېزىلدى. ئەينى ۋاقىتتا "چالىقۇشى"رومانىنى ئوقۇغىنىمدىمۇ مۇشۇنداق  يۈرەكتە ساقلانغان مۇھەببەت پەقەت ئىچكى تىۋىشلار ئارقىلىق تەسۋىرلىنىپ كىشىنى شۇنداق ھاياجانغا سالىدىغان دەقىقىلەرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىدىم.

پەزىلەتكە  ئەگىشىپ يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇۋاتىدۇ.ئەزىمەت راستىنلا شۇنداق ۋىجدانسىزمىدۇ؟؟ ئەسەرنىڭ باش قىسمىدىكى ئەزىمەتنىڭ پەزىلەتنىڭ قەبرىسى ئالدىدىكى "مېنى كەچۈرۈڭ!"دەپ يىغلىغانلىرىنى بىرلەشتۇرسە ئادەم تېخىمۇ بۇنىڭ سىرىنى بىلگۈسى كېلىپ كېتىدىكەن. بەرگىيە غەيرەت قىلىڭ!!

UID
5489
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2010-9-7
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 17:26:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇھ..ئۇھ....
بەرگىيە بولۇڭە تېز!!

باشقۇرغۇچى

مەن زادى كىم؟؟

Rank: 8Rank: 8

UID
1929
يازما
1113
تېما
46
نادىر
1
جۇغلانما
35075
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
126 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 17:50:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەتىلدىكى كۈنلىرىم خېلىلا مەنىلىك ئۆتتى. ئۆيدىن چىقماي ئاپامدىن ھارماي ئۇنى– بۇنى پىشۇرۇش ۋە ئۆزۈم ئېتەلمەيدىغان تاماقلارنى ئېتىشنى ئۈگەندىم. دادام رەنجىيتتى ئاپامغا«سەن بۇ بىچارە قىزىمنى تەتىلدە ئاران كەلگەندىمۇ ئارام ئالغۇزمىدىڭ»دەپ ئۇكام ئاپامغا بولىشىپ« دادا،پەزىلەت  ھەدەم مەكتەپتىن ئوقۇشتىن يالتىيىپ قاپتۇ،ئۇ مەندەك ئۇكىسىنىڭ  بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەيارلىق قىلىشى ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك،ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى يىمەكلىكلەرنى يەپ بېرىپ زىھنىنى يىغىشى ئۈچۈن مەخسۇس قايىپ كېلىپ ئۇكىسى ئۈچۈن قۇۋۋەت يىمەكلىكلىرى ۋە تاماقلارنى ئېتىپ كۈتمەكچىكەن» دەپ مېنى تېرىكتۈرەتتى.ئاپام بولسا مېنىڭ كۈندىن–كۈنگە ئۆي ئىشلىرىغا پىشىۋاتقانلىقىمنى ۋە يۇۋاشلىق بىلەن ئۆيدىن چىقماي كەچكىچە ئۆي تازىلاپ،تاماق ئېتىپ،ئۇنى–بۇنى پىشۇرۇپ ئۆتۈۋاتقانلىقىمنى كېيىنكى تۇرمۇشىغا ئاساس سېلىش دەپ قاراپ ئىچىدىن خۇش بولۇۋاتقانلىقىنى بەزىبىر مەمنۇنلۇق ئىپادىلىرى بىلەن ئىپادىلەپ قوياتتى.نىمىلا بولسۇن كۈنلىرىم شۇ ئىشلار بىلەن مەزشغۇل بولغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىكى ۋاقىتتىكىدىن خېلىلا ئارام تېپىپ قالدىم.ئاندا–ساندا گۈلزار بىلەن چىقىپ بازار ئايلىنىمەن. شەھەرلىك كۈتۈپخانىغا بارىمەن،ئۇنىڭ ھاياجان بىلەن ئالىم بىلەن بىللە ئۆتكەن ۋاقىتلىرىدىكى ئىشلىرىنى ئۇيۇلۇپ تۇرۇپ،خۇشاللىق ھېسسىياتىدا شۇ ئۇيۇلۇشنى يېڭىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بېرىشلىرىنى تىڭشايمەن.ئۇنىڭ مېنىڭ شەخسىي تۇرمۇشۇم توغرىلىق سورىغان سۇئاللىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن گەپ بۇراپ ئۆزۈمنى قاچۇرۇمەن.بىراق دەل شۇ كېچىسى تۈن يېرىمغىچە كۆزلىرىمدىن ئۇيقۇ قاچىدۇ. جۇپلەشمىگەن كىرپىكلىرىمگە ئېسىلىپ قارچۇقۇمدىن ئورۇن ئېلىشقا ھە دەپ تىرىشىۋاتقان ئاشۇ ئاپەت تېرىغۇچى كۆزلەردىن  نەپرەتلىنىمەن.

  بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bargiya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-2 17:03  


بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

UID
1381
يازما
499
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
15898
تىزىملاتقان
2009-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-22
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 18:21:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كېلىۋاتقانلىقىمنى دېمىسەممۇ بىلىسىز.بىر تەكلىپ،كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئۆزگۈرۈپ كەتمەسلىگىگە دىققەت قىلسىڭىز.يەنى قوشنىڭىز دەسلەپتە ئەركىن ،كەينىدىن ئىمران دەپ يېزىلىپ قاپتۇ.

سەمىمىلىك بىباھا گۆھەردۇر!

UID
8115
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
93
تىزىملاتقان
2010-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 18:25:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت بىر ئۆلمەس تېما.بۇ دۇنيادا ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئىنسان بولمىسا كېرەك.مەھبۇبەنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇۋىتىپ ئىنساننىڭ مۇھەببەت ئۈچۈن بېرىدىغان قۇربانلىرىنىڭ ھېساپسىز بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتتىم. يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇپ تۇرىدۇ:پەزىلەت ئاق قان كېسىلىمۇ نىمە؟شۇ سەۋەپتىن ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك، شوڭا بىچارە ئەزىمەت ئازاپتا قالىدىغاندەكلا ھېس قىلىپ تۇرىمەن. بۇ مېنىڭ پەرىزىم ئەلۋەتتە،بەرگىيە قانداق ئويلىدىكىن؟

باشقۇرغۇچى

مەن زادى كىم؟؟

Rank: 8Rank: 8

UID
1929
يازما
1113
تېما
46
نادىر
1
جۇغلانما
35075
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
126 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 18:29:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 130قەۋەتتىكىahu يوللىغان 2011-01-13 18:21 غا قارتىلغان  :
يازمىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كېلىۋاتقانلىقىمنى دېمىسەممۇ بىلىسىز.بىر تەكلىپ،كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئۆزگۈرۈپ كەتمەسلىگىگە دىققەت قىلسىڭىز.يەنى قوشنىڭىز دەسلەپتە ئەركىن ،كەينىدىن ئىمران دەپ يېزىلىپ قاپتۇ.
ئۆزگەرتىپ قويدۇم. خاتالىقلارنى ۋاقتىدا كۆرسىتىپ تۇرساڭلار ئەلۋەتتە خۇش بولۇمەن. رەھمەت سىزگە!!

بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

تىرىشچان ئەزا

ھەممە ئىش نىيەتك

UID
2613
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
649
تىزىملاتقان
2010-6-6
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-13 19:40:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تېخى بېشىدا خاتا ئوقىۋالدىممۇ نېمە دەپ قاپتىمەن ...
ھەدە چارچاپ قالغان ئوخشايسىز ؟ ئارام ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ ...
شۇنچە ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ، بىزنى خىرۇستال قىز بىلەن ئۇچراشتۇرۋاتقىنىڭىزغا رەھمەت ! قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ...

ۋاز كېچىش گەرچە شۇنچىلىك ئازابلىق بولسىمۇ ،ئۆزىگە تەئەللۇق بولمىغان مۇھەببەتتىن چوقۇم ۋاز كېچىش كېرەك ،ۋاز كەچمىگەندە ئۆزىنى ــ ئۆزى نابۇت قىلغانلىق بولىدۇ ......

ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق! شۇڭا بەزى ئادەملەر پېشانىسى بىلەن سەجدە قىلىدۇ، يەنە بەزىلىرى قەلبى بىلەن ...

تىرىشچان ئەزا

شۈكرى ئاللاھ

UID
4545
يازما
26
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
837
تىزىملاتقان
2010-8-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-14 21:50:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرگىيە جانىم ، بىر قانچە كۈندىن بېرى مەخپى نومۇرۇم توغرا بولماسلىق سەۋەبىدىن مۇنبەرگە كىرەلمەي بەكمۇ تىت تىت بولۇپ كەتتىم ،چۈنكى يازغانلىرىڭىزغا ئىنكاس قايتۇرغۇم كېلىپ تۇرالمىدىم دەڭە ، ئاخىرى ئۈمىدۋار بىلەن ئالاقىلىشىپ مەخپى نومۇرۇمنى ئۆزگەرتكۈزۈپ ، مۇنبەرگە كىرىۋېلىپ سىزنى ئالدىراتقىلى باشلىدىم ، بىزگىمۇ نىمە ئامال دەيسىز ؟ كىم سىزنى بۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى يازسۇن دەپتۇ ؟ قارىسام مۇنبەردە باركەنسىز ، شۇڭا بۈگۈنمۇ بىرەر بۆلەك يوللىۋەتسىڭىزچۇ ؟

ئاغرىغان كۆڭۈل قالار
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش