بۇ 116قەۋەتتىكىpengiyar يوللىغان 2011-01-11 23:08 غا قارتىلغان :
ئىككى ئوغۇل ئوتتۇرىسىدا بىر تال قىز بولغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن گەرچە بالىلارنىڭ ئوتتۇرانچىسى بولساممۇ بىراق كەنجى بالىغا تۇتۇلغان مۇئامىلىگە نائىل ئىدىم. نىمىشقىدۇر ئاپامنىڭ شۇنچە ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇشىغا قارىماي ئىنىمغا ئوخشاش ساغلام بولماستىن ئەكسىنچە سەل ئاغرىقچان ھەم نازۇك ئىدىم. ئۇكام شۇڭا دائىم «لۆم-لۆم،سازاڭ»دەپ تېرىكتۈرەتتى.
--------------------------------
بۇ يەردە ئازراق مەزمۇن مۈجمەللىكى بارمۇ نېمە؟ بۇ ئەسلى ئەزىمەتنىڭ خاتىرىسى بولغىيدى؟ ئەمما خېتىدە بىر قىز بولغاندىكىن دەپ ئاپتۇغۇ؟
_بۇ بىر ئاجايىپ قىسمەت.سىز بىلىشكە ئىنتىزار قىسمەت مانا مۇشۇ خاتىرىلەردە خانىم،بۇ ئىككى خاتىرە يولدىشىم ئەزىمەتنىڭ بايلىقى، بەلكىم پۈتۈن بايلىقى ۋە بۇ ئىككى خاتىرەنىڭ قايسىسىنى تاللايسەن دىسە ئۇ ئىككىلەنمەيلا بۇ خاتىرەلەرنى تاللايدۇ،بىلەمسىز خانىم،بىز بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى ئەزىمەت بەينى خۇشال قىلالىغان ھەمدە كۆرۈشۈشكە تەقەززا قىلغان كىشى سىز بولۇپ قالدىڭىز.شۇ سەۋەب،مەن ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقنىڭ تۈگەپ سىزنى ئۇنىڭ نىمجان كۆڭلىنى خۇش ئېتىشكە ياردەم قىلسىكەن دىگەن ئۈمىدتە بۇ خاتىرەلەرنى سىزگە ئېلىپ كەلدىم.ئۈمىدىم شۇكى خانىم،سىز بۇ خاتىرەلەرنى ئىككى كۈن ئىچىدە ئوقۇپ بولۇپ ماڭا قايتۇرۇپ بېرىشىڭىز كېرەك.
بۇ يەردىكى ئۈچ خاتىرەنىڭ كىملەرنىڭ خاتىرەسىلىكى تەپسىلى ئوقۇغاندا يېشىلىدۇ.
بەرگىيەگە:
بەرگىيە، سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇش دامىدا سىزنىڭ "ئى" ھەرىپى بىلەن 'ئۇ" ھەرىپىنى ئالماشتۇرۇپ يېزىپ قويىدىغانلىقىڭىزنى بايقىدىم. كۆپ ھاللاردا ئەسلىدە "ئى" كېلىشى كېرەك بولغان جايغا "ئۇ" يېزىپ قويىدىكەنسىز. ئەسىرىڭىزدىن سىزنىڭ غۇلجىلىق ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىدىم. مەن جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەسەرلىرىنى شۇنداق ياقتۇراتتىم، ئەمما ئۇ سىزدەك "ئى" يازىدىغان جايغا "ئۇ" يېزىپ قويمايتتى....
بەلكىم يەرلىك شىۋىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك.بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي!! ئەسىرىمنى ئەستايىدىل كۆرۈۋاتقانلىقىڭىزدىن خۇش بولدۇم
