ئىگىسى: bargiya

ئىھ،خىرۇستال قىز (تۈگىدى)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقۇرغۇچى

مەن زادى كىم؟؟

Rank: 8Rank: 8

UID
1929
يازما
1113
تېما
46
نادىر
1
جۇغلانما
35075
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
126 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 16:00:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم. كۆپ خېجىلمەن. مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت تورغا چىقالماي  بۇ ئەسەرنى بەك سوزۇۋەتتىم.ئەمدى ۋاقتىدا يېزىشقا تىرىشىمەن. توغرا چۈشىنەرسىلەر!!

بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

UID
8075
يازما
57
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1197
تىزىملاتقان
2010-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 17:58:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرنى كۇرشكە ئىنتىزارمەن.

باشقۇرغۇچى

مەن زادى كىم؟؟

Rank: 8Rank: 8

UID
1929
يازما
1113
تېما
46
نادىر
1
جۇغلانما
35075
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
126 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 19:21:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،مەن ئېرپان.ھەيران قالدىڭىزمۇ؟؟
گەرچە ھەيران قالغان بولساممۇ بىراق دەماللىققا ئۇنداق دىمىدىم.
_پەزىلەت،سىزنى بىر يەرگە تەكلىپ قىلىپ ئۇرغانتىم. مۇمكىن بولارمۇ؟؟
_قەيەرگە؟
-جېلىليۈزىگە ،باغقا بىر نەچچە دوستلىرىم بىلەن بىللە ئويناپ بارماقچى ئىدىم شۇڭا ئىمكان بولسا سىزنى بىللە بارسىكەن دەپ ئويلىغانتىم.
_مەن؟؟
تېڭىرقىغىنىمچە  تۇرۇپ قالدىم.
_دوستىڭىز گۈلزارمۇ بار،ئۇمۇ ھازىر قېشىمدا ،ئۆيىڭىزنىڭ نومۇرىنى گۈلزاردىن بىلىپ شۇڭا تېلېفۇن قىلىشىمتى.ماقۇل كۆرسىڭىز مەن گۈلزارغا بېرەي ھە؟؟
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئادىشىم،ياخشى تۇردۇڭمۇ؟؟
_ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،يائاللا نەچچە كۈن بولدى سېنى پەقەتلا  تاپالمىدىم.قايسى كۈنى كىتابخانىغا بېرىپ سەن دىگەن كىتابلارنى ئالغاچ سېنىڭ ئىچىڭگە ئوت كەتكەن ئەمما ئالالمىغان "جىنايەت ۋە نەپرەت"تىنمۇ ساڭا بىرنى سېتىۋالغانتىم.شۇنى ۋاقتىدا ساڭا بېرەي دەپ ئۆيۈڭگە تېلېفۇن قىلسام يوق.نەچچە ئۇردۇم.ئاپاڭغا ماڭا تېلېفۇن قىلسۇن دىسەممۇ قىلمىدىڭغۇ؟؟
_ھى ھى.. مېنى سېغىنىپسەن ھە؟؟قۇشقاچتەك ۋىچىرلاپلا كەتكىنىنى بۇنىڭ.. بولدىلا ئۇ گەپلەرنى كېيىن قىلىشايلى،قارا ھازىر جىددى ئىش جېنىم..بىز بىر نەچچە قىز-ئوغۇللار جېلىليۈزىدىكى بىر دوستلارنىڭكىگە چىقىپ ئويناپ كەلمەكچى ئىدۇق شۇڭا سېنىمۇ شۇ بىللە بارسا دىگەنتىم چوقۇم بارىسەن ھە..مېنىڭ تەلىۋىمنى يەردە قويمايدۇ دەپ مەيدەمگە ئۇرۇپ قويدۇمغۇ..
_ئەستا،گۈلزار مېنىڭ مىجەزىمنى بىلىپ تۇرۇپ سەن..
_ۋۇيت خېنىم،قاچانغىچە شۇ مىجەزىڭىز بىلەن ئۆتمەكچىتتىڭىز،ئەسلى كەچتە ئۆيۈڭگە بېرىپلا دەي دىگەنتىم. بىراق ھازىر ماۋۇ ئېرپان بەكلا دەپ تۇرۇۋالغاچقا بۇ يەردە ساڭا تېلېفۇن قىلىۋاتىمىز.ماقۇل دىگىنە ھە مېنىڭ يۈزۈمنى چۈشۈرمەي..
-گۈلزار..سەن  نىمانداق..
-ۋاي-ۋۇي بولدى قىلغىنا..مەن كەچتە ئۆيۈڭگە بارىمەن،.ئاپاڭغا،داداڭغا ئۆزۈم دەيمەن.خوش ھازىر ھەن بىلەن تالاشمايمەن بولدى.
ئۇ سۆزلەپ-سۆزلەپلا تېلېفۇننى قويۇۋەتتى. ئۇنىڭ ئالدىراش،خۇشال تۇرقىدىن چوقۇم يېنىدا ھېلىقى ئالىم دىگەن مۇھەببىتىنىڭمۇ بارلىقىنى ھېس قىلدىم.بىراق مېنىڭ ئۇلار بىلەن ئۇنداق قىز-يىگىتلەر توپلىشىپ بارىدىغان سورۇنلارغا بىللە بېرىپ ئويناپ كەلگۈم يوق ئىدى. بەكلام موماي مىجەزمۇ مەن ياكى ئۇ بارىدىغان يەردە ھامان كۆڭلۈمدىكى كىشىمنىڭ بولمىغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلۈم تارتمايۋاتامدۇ ئەيتاۋۇر ناخۇش بولۇپ قالدىم.
كەچتە گۈلزار كەلدى.ئۇ مېنىڭ قانچىلىك قارشىلىق قىلىشىمغا قارىماي ۋىچىرلاپ يۈرۈپ دادام-ئاپاملارغىمۇ ئېزىپ-ئىچكۈزۈپ ئاخىرى ھەممىمىزنى قايىل قىلىپ ئەتە مېنى ئۆزى بىلەن بىللە بېرىشقا كۆندۈردى. جېلىليۈزىدە بىر ياتاقتا ئوقۇيدىغان يېقىن دوستى باركەن.شۇلارنىڭكىگە بارغاچ ھەم  سىنىپىدىكى تولا تەكلىپ قلىپ كەتكەن ئوغۇل ساۋاقداشلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ كەلگۈدەك بىز تۆتىمىزلا ئەمەس بەلكى يەنە چاپچاللىق ۋە قورغاسلىق ساۋاقداشلىرىمۇ بار ئىكەن.ئۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرپانغا مېنى چوقۇم ئاپىرىمەن دىگەنلىكىنى مەن ناۋادا قوشۇلمىسام ئۇنىڭ ئازراقمۇ يۈزىنى قىلمىغان بولىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى.ئامالسىز ھالەتتە قوشۇلدۇم.بىراق يەنىلا كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى بەكلا دەككە-دۈككىدە .
كېچە ئۇيقۇم قاچتى.
قويۇق كىرپىكلىك قارا كۆزلەر قانداقتۇر بىر خىل رەنجىش بىلەن ماڭا مەيۈس تىكىلىپ تۇراتتى.
يۇمران بۇرۇت ئاستىدىكى  پەقەت مەنلا ھېس قىلالايدىغان ئۆزگىچە يېقىملىق كۈلكە ئىپادىسىنى تۆكۈدىغان لەۋلەر قىيدىغاندەك ،نىمىلەرنىدۇر دەۋاتقاندەك قىلاتتى.

                                                                       ******************

كۆڭلۈم تارتمىسىمۇ  ئەمما يەنىلا دوستۇمنىڭ يۈزىنى دەپ ھەمدە دادام-ئاپاملارنىڭ"بوپتۇ قىزىم،ھېلىمۇ كەلگەندىن بېرى تۈزۈككىنە بىر يەرلەرگە چىقىپ باقمىدىڭىز،دىققەت قىلىڭ،گۈلزاردىن ئايرىلماڭ،گۈلزارنىڭ دوستلىرىنىڭ ئۆيىدە قونۇدىكەنسىلەر كەچتە تېلېفۇن قىلىۋىتىشنى ئۇنۇتماڭ!"دىگەندەك سۆزلىرى ئاستىدا ياسىنىپ-تارىنىپ گۈلزار بىلەن بىللە  بېكەتكە قاراپ ماڭدىم.
گۈلزار بۈگۈن باشقىچە ئېچىلىپ،چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۈستىگە كىيىۋالغان قىپقىزىل تەڭگە-تەڭگە گۈللۈك كۆينىكى ئۇنىڭغا ئاجايىپ ياراشقان بولۇپ ماسلاشتۇرۇپ سۇس قىلىۋالغان گىرىملىرى ئۇنىڭ ھەر بىر ئالىمنىڭ گېپىنى قىلغاندا چاقناپ كېتىدىغان كۆزلىرىگە ،بەزى گەپلەرنى قىلىپ دەرھال شەپەق جىلۋىسىنى تارىتىدىغان يۈزلىرىگە بەكمۇ ياراشقان ئىدى. مەنمۇ  كافىي رەڭلىك چاقماق كۆينەك بىلەن ئۆتكەندە ئاپام تاللاپ ئېلىپ بەرگەن كىچىككىنە پاشنىسى بار تاسمىلىق باسنۇشكامنى كىيىپ بۇرۇنقىدەك كەچكىچەئاددىي ئارام بەخىش كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈيدىغان ئەپتىمنى ئازراق بولسىمۇ ئوڭشىغان ئىدىم.گۈلزار مېنىڭمۇ خېلى  ياسىنىپ چىققانلىقىمدىن بۇ ئولتۇرۇشقا مېنى ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپ تىنماي سۆزلەيتتى. بېكەتكە كەلسەك بىزدىن بۇرۇن ئالىم،.ئېرپان ۋە مەن تۇنۇمايدىغان يەنە ئىككى جۇپ قىز-يىگىتلەرمۇ كېلىپ بوپتۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا قاراپ ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم ئاۋۇ تۇرغان ئىككىسى ۋە گۈلزار بىلەن ئالىمنىڭ ئەپتىدىن قارىغاندا بۇلار ھەممىسىلا ئاللىقاچان ۋەدىلەشكەن بىر جۇپلار ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپلا تۇراتتى. بۇ ھالەتتە بارساق ئېرپان ئىككىمىزنىڭمۇ جېلىليۈزىدىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا "بىر جۇپ"دىگەن تەسىراتنى بېرىدىغانلىقىمىز ئېنىق ئىدى. بايادىن گۈلزارنىڭ خۇشخۇي ھالىتىگە قاراپ كۆتۈرۈلۈپ قالغان كۆڭلۈم يەنە غەش بولدى. بارسا كەلمەس يولغا كېتىپ بارغاندەك خۇددى مۇشۇ مېڭىش بىلەنلا مەن ئۆمۈرلۈك بەختىمنى يات بىراۋلارغا تۇتقۇزۇپ قويىدىغاندەك، بىراۋلارغا مەڭگۈ يۈز كېلەلمەيدىغاندەك بىر سېزىم تومۇر-تومۇرلىرىمغا تاراپ مېنى چۈشىنىپ بولمىغۇدەك ھەم چىداپ تۇرغۇسىز بىر خىل تىتىلداش ئۆز قوينىغا ئېلىۋالغان ئىدى. شۇ سەۋەب مەن پەقەتلا ئېچىلالمىدىم .گۈلزار رەنجىپ تۇرۇپ-تۇرۇپ قۇلىقىمغا"ئاداش،ئۇنداى تۇتۇلىۋالمىغىنە!! ھەممىسى سېنى ھالى نىمانچە ئۈستۈن دەپ قالمىسۇن"دەپ قوياتتى.نىمىلا قىلماي چىققان كۆزنى ئورنىغا سالغىلى بولمايدۇ.مەن ئۆيدىن چىقىپ بۇلار بىلەن بىللە بېرىشنى قارار قىلغانىكەنمەن باشقىلار نىمىلا ئويلىسا ئۆزلىرىنىڭ ئىشى ئۆزۈمگە ئۆزۈم ئاق بولغاندىن كېيىن ھەم ئېرپان بىلەن باشقىچە مۇناسىۋىتىم بولمىغاندىن كېيىن ئېرپانمۇ ماڭا ھېچنىمە دىمىگەندىن كېيىن   نىمىگە بۇنچىلا مۇرەككەپ ئويلاپ كېتىمەن..شۇ خىيالدىن كېيىنلا سەل يېنىكلەشتىم.
بىراق كۆز قارچۇقلىرىمغا ئېسىلىپ قارچۇقۇمدىكى سىماسىنىڭ ئورنىغا باشقىلارنىڭ سايىسىنىمۇ چۈشۈرۈشكە قەتئىي يول قويالمايۋاتقان ئاشۇ سىما بۇ قارارنى چىقارغان ۋاقتىمدا مەندىن رەنجىگەندەك،ئۈمىدسىزلەنگەندەك ھەتتا  قويۇق كىرپىكلەر ياش بىلەن جۇپلەشكەندەك قىلاتتى...
ئاخىرى يېزىلىۋاتىدۇ

بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

UID
6054
يازما
325
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7439
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-19
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 09:41:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىيقى ھايات كارتىنىسى ....خۇددى ئۆز ھايات مۇساپەمنى ئەسلىگەندەك تۇيغۇغا كېلىپ كالدىم مەن..داۋامىنى بولسا تېزراق ھە.....

باشقۇرغۇچى

مەن زادى كىم؟؟

Rank: 8Rank: 8

UID
1929
يازما
1113
تېما
46
نادىر
1
جۇغلانما
35075
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
126 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 12:18:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى قانداقلىكى خىياللاردا بولماي يەنىلا ئۇلار بىلەن بىللە جېلىليۈزىگە يېتىپ كەلدىم.ئالدىنئالا ئالاقىلىشىپ تەييار بولۇشقان ئىكەن .بېكەتتىمۇ بىزنى كۈتۈۋاتقان جۇپ-جۇپلار شوخ ھالەتتىكى قىقاس-چوقانلىرى بىلەن كۈتۈۋىلىشتى.ھەممىسى دىگۈدەكلا ئىلى پىداگۇگىكا ئونۋېرسىتىنىڭ بىر قارار ياكى يۇقۇرى تۆۋەن قارارلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار بولغاچقا بىر-بىرى بىلەن ياخشى تۇنۇشاتتى.پەقەت مەنلا بۇلارغا ناتۇنۇش ئىدىم.چاچلىرى بۈدرە كەلگەن باشقىلارغا قارىغاندىمۇ شوخ ھەم سۆزمەنلىكى بىلىنىپ تۇرۇدىغان بۇغداي ئۆڭلۈك ئىگىز بويلۇق مىرئادىل ئىسىملىك بالا گۈلزارغا:
-گۈلزار دوستىڭىزنىڭ تەرىپىنى بەك ئاڭلىغانتۇق شۇغىنىسى بىر كۆرۈشكە پۇرسەت بولماي كەلگەن. مانا بۈگۈن كۆرۈشۈپ ھەم تونۇشۇشقا مۇيەسسەر بوپتىمىز.راستىنلا ئاققۇنىڭ ئۆزىلاكەنغۇ،بىراق قارىسام ياۋا ئاققۇدەك قىلىدىغۇ،_دەپ چاقچاق قىلىۋىدى باشقىلارنىڭ كۈلكىلىرى بىرلە ئۇنىڭ يېنىدا سوڭدىشىپ كېتىۋاتقان ئورتا بويلۇق سەل ئەتلىك كەلگەن تۈپ-تۈز،سىلىق چاچلىرىنى ئوتتۇرىدىن ئايرىپلا قويۇۋەتكەن ئۆزىگە ئوخشغان بۇغداي ئۆڭ پارقىراق چىرايىغا توم قاشلىرى ئاستىدىكى دۈگىلەك كۆزلىرى باشقىچە ياراشقان قىز قىيدىغاندەك قىلىپ:
_ھويت يىگىت،شەھەرنىڭ ئاققۇلىرى قانداقسىگە ياۋا ئاققۇ بولسۇن؟؟ ئاققۇ بەك ئۇزكەن دەپ كۆزنىڭ  قارىقى تاتىلىپ كېتەي دەپ قالدى دىققەت قىلارمىز ھە؟،-دەپ بىلىكىنى چىمداپ قويدى. بۇ گەپتىن سەل كۆڭلۈم ئازار يىگەن بولسىمۇ بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ قىزنىڭ شۇنداق گېپى تۈز كەلگەن ئوچۇق-يورۇق،چاخچاقچى قىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇ ئازارنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىم.ئالدى بىلەن ئۇلار باشلىغان تاماقخانىغا بېرىپ تاماق يەپ ئاندىن پاشالىق دەپ ئاتىلىدىغان باغقا باردۇق.راست گەپنى ئېيتسام شۇ كەمگىچە بۇنداق قىز-ئوغۇللار جەم بولغان ،جۇپ-جۇپلار  يىغىلىشقان سورۇنغا قاتنىشىشىم تۇنجى قېتىم ئىدى.شۇڭا باشقىلارغا قارىغاندا بەكرەك قورۇنۇپ  جىمغۇرلىقىم ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن ئىدى.ئەسلىدىنلا شائىرانە تۇيغۇلارغا باي ئېرپان بۇ يىغىلىشنىڭ كۆڭۈللۈك خۇشال-خۇرام باشلانغانلىقىدىن بەكلا خۇشمۇ ئەيتاۋۇر ئېغىزى بېسىلماي سۆزلەپ يېرىم ئۆمرىدە قىلىشقا تېگىشلىك گەپنىڭ ھەممىنى  بۈگۈن تۈگىتىۋالماقچىدەك قىلاتتى.ئېرپان بۇ مەكتەپتىكى ئەدىبىيات فاكۇلتىتنىڭ بالىلىرى بىلەن ياخشى ئۆتىدىكەن ھەم گۈلزارنىڭ ئالىمىنىڭ يېقىن دوستى بولغاچ بۇلار ھەممىسى بىلەن شۇنداق تونۇش ئىكەن.ئۇ گەپ قىلىۋىتىپ يولدا مېڭىۋىتىپ ئەتتەيلەپ ماڭا يېقىنچىلىق قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى،لاپ-لاپ كۆز تاشلاشلىرىدىن قانداقتۇر بىر خىل ئۇچقۇنلار چاچراپ ماڭا نازۇك بىر خىل .ئىچكى خەۋەرلەرنى بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى.بىراق بۇ خىل خەۋەرلەرنىڭ سەزگۈلىرىمگە يەتكۈزىۋاتقان ئىنكاسلىرى مېنىڭ ئەپسۇسلىنىش ۋە بۇ بىر جۇپلار سورۇنىغا كەلگەنلىكىمگە قارىتا ئەپسۇسلىنىش ھېسلىرىمنى قوزغايتتى.
گۈلزارمۇ شۇنداق شوخلىشىپ كەتكەن ئىدىكىن ھازىر جاۋابلىق قىلىپ قىز-ئوغۇللار بىلەن چاقچاقلىشىپ كېتىپ باراتتى.ئۇنىڭ بۇ خىل ھالىتىگە قاراپ ئالىي  مەكتەپ ھاياتىنىڭ شۇنداقلا مۇھەببەتلىشىشنىڭ ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان مىجەز-خۇلقىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتكۈدەك سىھرى بارلىقىنى ئېتىراپ قلماي تۇرالمىدىم.باغقا يېتىپ كېلىپ بۇ يەردە بىزنى ساقلاپ تۇرغان ئىككى بالىغا شۇنداقلا قاراپ چۆچۈپ كەتتىم.
_پەزىلەت؟؟
ئىككى بالىنىڭ بىرى ماڭا قارىغىنىچە داڭقېتىپ ھەيرانلىقىتىن چەكچەيگەن كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى.ئۇنىڭ يېنىدىكى ۋە بىز بىلەن بىللە كەلگەنلەر قانداقتۇر بىر مەنانى چۈشىنىشكەندەك بولۇپ بىر ماڭا بىر ئۇنىڭغا بىر ئېرپانغا قارىشاتتى.
_ھوي،ھوي ئاداش،پەزىلەت دىگىنىڭچە بۇنداق داڭقېتىپ تۇرساڭ بۇ ياۋا ئاققۇنى قاچۇرۇپ ئۇچۇرۇپلاۋېتىمىز.ھېلىمۇ بايادىن ئاسماننىڭ يۈزى يىرتىلىپ كەتكۈدەك چاقچاق قىلساقمۇ مېيىقىدا ئارانلا كۈلۈپ قويۇپ ئاۋازىنى بىزدىن ئاياپ ئاران كەلدى بۇ يەرگە،-دىدى ھېلىقى گەپدان مىرئادىل دىگەن بالا.
ئەنىۋەر شۇ چاغدىلا ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ:
-ھە،كېلىڭلار،كېلىڭلار  بەك چىرايلىق بولۇپ كەتسىمۇ شۇ ئادەمنڭ ئەقلىنى ئازدۇرۇپ،-دەپ خۇدۇكسىرىگەندەك ئېرپانغا قاراپ قويدى.ئېرپاننىڭ رەڭگىلىرى ئۆزگىرىپ خۇددى مەن ئۇنىڭ مۇھەببىتىدەك ئۇنىڭغا يۈزسىزلىك قىلغان بىرەر ئىشىم بايقىلىپ قالغاندەك قىزىرىپ تاتىرىپ كەتكەن ئىدى.
_خاتا چۈشىنىشپ قالماڭلار پەزىلەت ئىككىمىز بىر مەكتەپتە ئوقۇيمىز،تاسادىپىي بۇ يەرگە كەلگىنىنى كۆرۈپ شۇ سەل ھاياجانلىنىپ قاپتىمەن.
_ئاداش،پەزىلەتنىڭ كەلگىنى بولماپتۇما؟-ئېرپاننىڭ باياقى خۇشچاقچاقلىقىدىن ئەسەر يوق "تورۇڭڭىدە" دىگەن گېپى ھەممەيلەننى چۆچۈتۈۋەتتى.
_ياق،ياقەي،ياخشى بوپتۇ خاتا كەتكەن يېرى بولسا مەن ئەيىپلىك رەنجىمەڭلا جۇمۇ ئاداش سىلەر مىھمان بىز ساھىپخان كۆڭلۈڭلارنى چىگىپ قويۇشنى خالىمايمىز.
ئەنۋەر ئىتتىك شۇنداق دىدىيۇ تېخىمۇ بەك ھەيرانلىق  ۋە نارازىلىق چقىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ماڭا "يالىتتىدا" بىر  قاراپ قويۇپ ھەممەيلەننى مىۋىلىك دەرەخلەر ئاستىدىكى ياپ-يېشىل چىملىقلارغا سېلىنغان گىلەملەر ئۈستىدىكى تۆر كۆرپىلەرگە باشلىدى. شۇ تاپتا ئېرپاننىڭ "پۇسۇققىدە" دىگەن گېپى ئەنىۋەرگە مېنى ئېرپاننىڭ ئادىمىدەك قىلىپ كۆرسەتكەنلىكى ئېنىق ئىدى. تىتىلداپ كەتتىم ،ئەنىۋەر ئەزىمەتنىڭ يېقىن ئاغىنىسى،ئۇ مېنىڭ باشقا يەرلەردە ئەمەس ھەتتا مەكتەپتىمۇ بۇنداق ئويۇن-تاماشىلاردىن مۇستەسنا ماشىنا ئادەمدەك ئۆتىدىغانلىقىمنى بەش قولدەك بىلەتتى. شۇڭا مېنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي چەكچىيىپ قاراپ قالغان ،يېنىمدا سوڭدىشىپ مېڭىپ باشقىلارغا مەن بىلەن يېقىنلىقىنى كۆز-كۆز قىلغاندەك قىلىپ ھەمدە بۇ جۇپ-جۇپلارنىڭ ئالدىدا ئىككىمىزنىڭ ئادەتتىكى بىر تۇنۇش ئىكەنلىكىنى چاندۇرۇپ قويۇشنى خالىمىغاندەك ھالەتتەمېڭىپ كەلگەن ئېرپاننى كۆرۈپ بەكلا ھەيران قالغان،سەل ئاچچىقلانغان،ئاچچىقتىن كۆزلىرىدىن نارازىلىق ئۇچقۇنلار چاچراپ چىققان ئىدى.
شۇ تاپ مەن ئۇنىڭدىن ئۆتە تىتىلداپ كەتكەن ئىدىم. مەھبۇبەنىڭ ئىشىدىن كېيىن ئۇ ئەزىمەتنىڭ تەرىپىنى قىلىپ مەن بىلەن كۆپ قېتىم پاراڭلاشماقچى بولغان بولسىمۇ بىراق مەن رەت قىلىپ زادىلا گېپىنى ئاڭلىمىغان ئىدىم.مەن ئەزىمەتنىڭلا ئەمەس ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەر قانداق  بىر كىشىنىڭ مېنى باشقىلار بىلەن بىللە كۆرۈش ئەمەس بەلكى باشقىلار بىلەن بىللە تەسەۋۇر قىلىشىنىمۇ خالىمايدىغانلىقىمنى ھازىر قى ئىزتىراپلىق ھېسلىرىمدىن تامامەن بىلىپ يەتتىم.
قىزلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇمەن، كۆزلىرىم ئەنىۋەردە،ئۇنىڭ ماڭا بىر قارىشىنى شۇ تاپتا كۆزلىرىم ئارقىلىق ئۇنىڭغا دەۋاتقان نۇرغۇن سۆزلىرىمنى بىلىپ قېلىشىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلىۋاتاتتىم.بىراق ئەنىۋەر ئاغىنىسى ئەزىمەتنىڭ ئۆزى خاتا قىلغان تەسەۋۇردىكى مەغلۇبىيىتى ئۈچۈن قارىلىق تۇتۇۋاتقاندەك ،ئەزىمەتنىڭ دەپ تۇنۇغان مېنىڭ يات بىراۋلار بىلەن بۇ قىز-يىگىت جۇپلار ئۈچۈن قۇرۇلغان سورۇنغا كەلگىنىمنى زادىلا قوبۇل قىلالمايۋاتقاندەك  قىلاتتى، شۇ سەۋەب بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا پەقەتلا قارىمىدى گەپ-سۆزلەر ئارىلىقىدا ناۋادا كۆزلىرىمىز ئۇچقىشىپ قالسىمۇ ئىتتىكلا باشقا تەرەپكە قارىۋالدى.ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل كۈرەشكە ئىزچىل تۈردە يەنە بىر ئادەممۇ دىققەت قىلىۋاتاتتى.ئۇ بولسىمۇ ئېرپان.ئۇ ئەسلىدىكى مەندىن 2-3 قىز نېرىدا ئولتۇرغان ئورنىدىن بىر سەۋەبلەر بىلەن بىر نىمىلەرنى قىلىپ يۈرۈپ سىلجىپ ئاخىرى قېشىمغا كېلىۋالدى.ئۇ ئەنىۋەرگە كۆز-كۆز قىلغاندەك ئەتتەي ماڭا يېقىنچىلىق قىلىپ سۆزلەيتتى. تىنماي ئايلىنىپ كېلىۋاتقان (مەن سەسكىنىدىغان)ھاراقنىڭ كەيپىدە كۆزلىرى خۇمالىشىپ كەتكەن ئىدى. مانا بۇ خىل ھالىتىدىن ئۇنىڭ ماڭا بۈگۈن كۆڭۈل ئىزھار قىلىدىغانلىقىنى  ئەتىگەنكى گۇمانىي تۇيغۇلىرىمنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىپ تېنىم تىكەنلىشىپ كەتتى. ئەسلىدىنلا كېلىشكە تېگىشلىك بولمىغان مېنى باشلاپ كەلگەن گۈلزارنى ئىزدىگىنىمدە بولسا  ئۇ قىزىقچىلىق،خۇشكەيىپلەرنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ ئاستىلا دالدىلارغا كىرىپ كېتىشكەن ئېچىرقىغان بىر جۇپلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ جىممىدە يوقاپ كەتكەن ئىدى.ئۇنىڭسىزمۇ كۆپچىلىك بار يەردىلا ئۇنى بىقىنداپ بەزەن-بەزەن كۈلكە ئارىلاش قوللىرىنى ئۇنىڭ مۈرىسىدىن ئارتىلدۇرۇپ ئامراقلىقىنى ئىپادىلەپ ئولتۇرغان ئالىمنىڭ قىلىقلىرىغا ئۇنىڭ رەنجىمەي ئەكسىنچە جان ئانىكام دەپ ماسلىشىشلىرى مېنىڭ كەيپىمنى ئۇچۇرۇپ ئۇنىڭ بۇ بىر يىل جەريانىدىلا بەكمۇ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى  ھېس قىلغان ئىدىم.
مەن جاھاننىڭ بەكلا ئارقىدا قالدىممۇ ياكى بۇلار جاھاننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلەرمۇ؟؟

ئۇھ..چىڭقىلغان مىڭەمنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئورنۇمدىن ئاستا قوپتۇم.ئەتىگەنكى غەشلىكىمگە بۇ يەردە ئەنىۋەرنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئوڭايسىزلانغان كەيپىياتىم قوشۇلۇپ بەكمۇ چارچاپ كەتتىم.ئۇنىىڭ ئۈستىگە قايسىلا ئوغۇل بولسۇن كۆزۈمچىلا "پاھ پاھ "دەپ چاقچاققا قوشۇپ مېنى كۆككە كۆتۈرۈپ سۈپەتلەشلىرىنىڭ يېنىدىكى تۇمۇچۇقلىرىنىڭ رەڭگىلىرىنى ئۆزگەرتىۋىتىشتىن كېيىن تۇغۇلغان ئارىسالدىچىلىقمۇ  مېنى تېخىمۇ ئارامسىز قىلغان ئىدى.
كىم بىلسۇن.....

ئاخىرى يېزىلىۋاتىدۇ

بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

دەلىللەنگەن ئەزا

كىملەرنىڭ ئەزىز

UID
1959
يازما
919
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
30170
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-15
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 12:49:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىمىز ، قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن بەرگىيە

ئىتقاد ___ ئەڭ يۈكسەك مۇھەببەتنى ئاپىرىدە قىلدۇ.

تىرىشچان ئەزا

شۈكرى ئاللاھ

UID
4545
يازما
26
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
837
تىزىملاتقان
2010-8-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 14:57:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرگىيە سىزنىڭ بۇ ئىلھاملىرىڭىز نەدىن كېلىدىغاندۇ دەيمەن ، نىمىدىگەن ياخشى راۋاجلانغان ۋەقەلىك بۇ ؟سىزنىڭ ھەممە ئەسەرلىرىڭىزنى بەكمۇ ياختۇرۇپ ئوقۇيمەن ،مېنىڭچە سىز ئەسەرلىرىڭىزنى بىر توپلام قىلىپ نەشىر قىلدۇرسىڭىز بوپتىكەن ، چوقۇم بازار تېپىپ كېتەتتى

ئاغرىغان كۆڭۈل قالار

باشقۇرغۇچى

مەن زادى كىم؟؟

Rank: 8Rank: 8

UID
1929
يازما
1113
تېما
46
نادىر
1
جۇغلانما
35075
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
126 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 15:42:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 161قەۋەتتىكىayding يوللىغان 2011-01-25 14:57 غا قارتىلغان  :
بەرگىيە سىزنىڭ بۇ ئىلھاملىرىڭىز نەدىن كېلىدىغاندۇ دەيمەن ، نىمىدىگەن ياخشى راۋاجلانغان ۋەقەلىك بۇ ؟سىزنىڭ ھەممە ئەسەرلىرىڭىزنى بەكمۇ ياختۇرۇپ ئوقۇيمەن ،مېنىڭچە سىز ئەسەرلىرىڭىزنى بىر توپلام قىلىپ نەشىر قىلدۇرسىڭىز بوپتىكەن ، چوقۇم بازار تېپىپ كېتەتتى
مەن مەتبۇئاتقا يۈزلىنىپ كەتسەم سىلەرگە كىم مىننەتسىز ھىكايە يېزىپ بېرىدۇ..ھى ھى..

بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

UID
6463
يازما
68
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1059
تىزىملاتقان
2010-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-23
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 16:03:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرگىيە قەلەم تۇلپارىڭىزنى سەل تېزلىتىڭچۇ،شۇنچە ئاستا ئوقۇساممۇ يەنە تۈگەپ كەتتى.

UID
6463
يازما
68
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1059
تىزىملاتقان
2010-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-23
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 16:07:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەتبۇئاتقا يۈزلەنسىڭىز ،بىراقلا ئوقۇپ پۇخادىن چىقاتتۇق.راس گەپ قىلسام ئىلگىرى "پەرىشتىنىڭ يۈرىكىدىكى داغ"نى مۇشۇنداق زارىقىپ كۈتكەن ئىدىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش