- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 111
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 111
- تىزىملاتقان
- 2013-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-5
- UID
- 52314
- يازما
- 111
- تېما
- 5
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 111
- تىزىملاتقان
- 2013-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-5
- توردا
- 180 سائەت
|
( 38 )
كۈنلەر شۇنداق داۋاملىشىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يەنە بىر قېتىم دوزاخقا كىرىپ مەلۇم ئۆزىگە بىلدۈرىلىدىغان ، كۆرسىتىلىنىدىغان كىشىلەرنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرىدى . ئۇ پەرىشتىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە يەنە قايتا دوزاخلار ئارا يۈرۈپ بەدىنىدە گەرچە كۈيۈپ قارا بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئەمدىكى ۋاقىتتا كۈيۈشتىن توختاپ دوزاختىكى ئازابتىن خالى بولغانكى بەزى ئىزنالار بۇيىچە ئۇلارنى تۇرغان ئورنىلىرىدىن ئېلىپ چىقىپ ئاللاھنىڭ كىيىنكى ھېكمىتىگە قالدۇرۇش بىلەن توختىدى . ئاللاھ تائالا بۇ نۆۋەتمۇ ئۇلارنى ئىلگىركىگە ئوخشاش مەلۇم نىسبەتتىكىلەرنى شۇ پېتى تۇپراقلار ئارىسىدا قىلىپ زېمىنغا قايتۇردى . مەلۇم يەنە بىر بۆلۈكىنى جەننەتتىن مەلۇم ۋاقىتلىق بەھىر ئېلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇردى . گەرچە ئۇلار كىيىنكى نۆۋەتلەردە جەننەتكە كىرەلىگەن بولسىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ كىرگەن ئورنى جەننەتلەر ئارا ئەڭ ئاددىي ئورۇندا بولسىمۇ ، ھاياتىي دۇنيادا ئەڭ بەخىتلىك ئادەملەر ياشىغان كەڭچىلىك ، باياشاتچىلىق ئىچىدە ئىدى . ئالدىنقى مەلۇم تۇپراقلار ئارا قىلىنىۋېتىلگەنلەرگە ئوخشاش بۇلارمۇ ھەم ئاللاھنىڭ بۇ خىل پەزلىدىن خۇشال ئىدى . ئەرلىرى ياكى ئاياللىرى ئۆزىدىن ئىلگىرى بۇ يەرگە كىرگەچ تۇرغان بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ بىر كۈنلەردە چىقىدىغانلىق ئىشەنچىسى بېرىلگەنلىكتىن ، بىر بۆلۈكلىرى بۈگۈنىدە ئىلگىركىدەك ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋېتىدە قويۇلدى . ئۇلار بۇ نېمەتتىن يەنە بىر قېتىم مەمنۇن ئىدى . يەنە بەزىلەر ئىلگىرى ياكى ئەرسىز ، ياكى ئايالسىز ئۆتكەن ، ياكى گەرچە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بىرگە ياشىغان بولسىمۇ ھېچ بەزىلىرى بۈگۈنكى بۇ خىل نېمەتكە ئۇلىشالمىغانلىقتىن ، ئاياللارنىڭ رازىلىقى بىلەن شۇ جەننەتنىڭ خالىغان ئۆزلىرىگە ئوخشاش بويتاق ئەرلىرى ياكى باشقا ئاياللىرى بولسىمۇ ئەنە شۇ ئاياللارنىڭ رازىلىقى ، تاللىشى بىلەن تۇرمۇشلۇق بولۇشىغا قويۇلغانىدى . بۈگۈن جەننەت ئەھلىلىرىدە ھېچقانداق ھەسەت ، كىبىر ۋە بىر - بىرلىرىگە ئۆچ - ئاداۋەت يوق بولغانلىقتىن ، ئاياللار ئەرلىرىدىن ، ئەرلەر ئاياللىرىدىن كۈندەشلىك قىلىشلار يوق ئىدى ۋە ھېچ كىشى بىر - بىرلىرىدىن ئاغرىنىشمايتتى .
( 39 )
ئەمدىكى گەپنى ئۈستىنكى تۆت جەننەتلەردىكىلەردىن ئاڭلاپ تۇرساق .
ئۇلار ئۇ يەردە ئىنتايىن بەخىتلىكلەردىن بولۇشۇپ ، شۇ تاپتىكى خۇشاللىقىدا جەننەتتىن مەڭگۈ - مەڭگۈگە چىقىپ كەتكۈسى يوقتەك قىلاتتى . ئەمما ، ئۇلاردا بىر نەرسە ، يەنە بىر ئەڭ يۈكسەلگەنكى نېمەت كەمدەك قىلاتتى . لېكىن ئۇلار بۇ نېمەتنى تىلەشتىن ئاجىز ئىدى . گەرچە شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار بۈگۈنكى ئاللاھنىڭ بۇنچە چوڭ پەزلى بىلەن ئۇ خىل كەمچىلىكنى يادىغا بەكمۇ ئېلىپ كەتمەيتتى ۋە بۈگۈنكى بۇ چوڭ ئىمتىيازدىن تولۇق بەھىرلىنىشكە ئۇرىناتتى . ئۇلار جەننەتلىرىگە ئورۇنلىشىپ ئەھلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ياشاۋاتقانكى بىر ۋاقىتلاردا ھەر كۈنى دېگۈدەك مەلۇم ئەلچىلەر تەرىپىدىن مەلۇم پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋەتكەن تەكلىپنامىلىرىنى تاپشۇرىۋالاتتى دە ، ئەرلەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خۇشال ئۇزۇتۇپ قويۇشلىرى ئارقىسىدا چاقىرىلغان تەرەپكە قاراپ ئۇچقۇر ئېتىغا مىنىشىپ يۈرۈپ كېتىشەتتى . چاقىرىلغان جايغا بېرىشقاندا بولسا ، قىيامەتلىك دوستلار ، قېرىنداشلار ، ئاتا - بالىلار ، كۆڭلى ياققان ۋە ئۇدۇل كېلىپ قالغانكى كىشىلەر ئارا سالاملىشىپ ، ئەھۋال سورىشىپ دېگەندەك كۆڭۈللۈك سورۇن ئىچىدە بولۇشاتتى . ئۇلار ئۆز ئارا يېڭىچە يۈز بېرىۋاتقان مەلۇم ئورۇنلاردىكى ئىشلار ئۈستىدە پاراڭلىشاتتى ، ئىلىم تەھسىل قىلىشاتتى . بارلىق پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە خاس تەپەككۇر ئۇسلۇبى بولغاچ ، ئاللاھ تائالانىڭ شۇ ھاياتلىقتىن كىيىن ئۇلارغا كۆرسەتكەن ، بىلدۈرمەكچى بولغان ئىشلار توغرىسىدا ھەر جەھەتتىن تىل ئىشتىشىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشاتتى . تۆۋەندىكىلەر ئۆز ئارا خۇددى چۈمۈلە بالىلىرىغا ئوخشاش ، كىملەر بىلەن دوقۇرۇشمىسۇن ، ئاڭلىغان - بىلگەنلىرىنى ئېيتىشاتتى . بۈگۈن ئەنە شۇنىڭدەك يېڭىچە ئىلىملەرنى تەتقىق قىلىشىش ، ئۇنى يەتكۈزۈشۈش ئەڭ ئالىي نېمەتلەردىن بولۇپ ، جەننەتتىكى كىشىلەر قەلبىنىڭ بىر تەرىپى ئەنە شۇ خىل نېمەتلەر ئارقىلىق خۇشاللىق ، ئەمىنلىك ، تەمكىنلىك تاپاتتى . ئۇلار كۈندىلىك سۇرۇنلىرىدىن قايتىشىپ ئائىلىسىگە قايتقاندا بولسا ئاياللىرى ئەرلىرىدىن ئەنە شۇ يېڭىچە ئىلىملەرنى ئاڭلاش بىلەن قەلبىنىڭ مەلۇم بوشلۇقىنى توقلايتتى ۋە قالدىسىنى ئۇلارنى كۈتۈشكە قويۇلغان چۆرە - غىلمانلارغا ئېيتىش ئارقىلىق توقلايتتى . ئۇلار ھەم بەزىلىرى بەزىلىرىگە يەتكۈزۈپ خۇشلۇق تاپاتتى .
جەننەتتىكى ئەسلى خۇشلۇق ، لەززەتلىك تەرىپى ئەنە شۇ ئىدىكى ، ئەمما ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر جەننەتنى پەقەت ئىلگىرىكى ھاياتلىققا نىسبەت بېرىۋېلىپ ، جەننەت ئەھلى كۆڭۈللۈك يەپ - ياشايدۇ ، ئەر - ئاياللار بەخىتنى پەيزىنى سۈرىشىدۇ دەپلا چۈشىنىۋېلىشىپ ، ئاخىرقى ھېسابتا ئېرىشكىنى ئەنە شۇ خىل جەننەت بولۇپ ، لېكىن جەننەت چۈشەنچىسى شۇنچىلىك بولغاچ ، ھاياتىي دۇنيادا تىلىگىنى ئاجىز كېلىپ قالغانلىقتىن ئۈستۈنكى تۆت جەننەتتىن تۆۋەنكى جەننەتكە ئورۇنلىشىپ قېلىشقانىدى . ئەمما ، ئۇ يەردە بۇنىڭدەك ئىمتىياز يوق ئىدى . پەقەت ئۈستىدىكىلەردىن بولغان ئىلگىرىكى دوست - بۇرادەرلىرى بەزى ۋاقىتتا بوش ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇلارنى يوقلاپ كەلگەندىلا ئاندىن ھېلىقى ئەسلى بۇ يەردە ئەمىنلىك تاپىدىغان نېمىتىنى ئۇلاردىن ئاڭلاپ ئىنتايىن تەشنالىق ھالىتىدە ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالاتتى . چۈنكى ئۇلار بۈگۈنگىچە يەپ - ئىچىپ ، ئەرلەر ئايالارغا ، ئاياللار ئەرلەرگە قېنىشىپ ، كىشىلەر ئارا خۇددى دۇنيادىكىگە ئوخشاشلا ئادەتتىكى پاراڭلارنى قىلىشىش بىلەن ئادەتتىكى تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ياشىغاچقا ، ھەمدە بۈگۈنكى جەننەتتىكى تەلەپ بۇنىڭلىق بىلەنلا تەيىن تاپمايدىغانلىقتەك ماھىيەتتە بولغاچ ، ئۇلار بارغانچە بۇ خىل تۇرمۇشتىن بەسىنەتتى . پەقەت ئۆز بۇرادەرلىرى كېلىپ مەلۇم يېڭىلىقلارنى ئېيتىپ بەرگەن ۋە كۆرگەن ، ئاڭلىغانلىرىنى ئېيتىپ بەرگەندىلا ئاندىن ھېلىقى تەشنالىقى بىر ئاز بېسىقاتتى دە ، ئۇلار كەتكەندىن كىيىن باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەچ ئاڭلىغانلىرىنى بىر - بىرلىرىگە يەتكۈزىشەتتى . ئەنە شۇنىڭدەك يەتكۈزىشىدىغان مەلۇم بىر دوقمۇشلۇق بازىرى بولۇپ ، شۇ خىل تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەر ئەنە شۇ يەرلەردە ئۇچىرىشاتتى . شۇ يەردە بۇرادەرلىرى تەرىپىدىن ئاڭلىغانلىرىنى ئېيتىشىپ يېڭىچە ئىلىملەرگە ئىگە بولۇشاتتى . ئۇلار ئەنە شۇ تەرىقىدە بولسىمۇ ھازىرچە شۇ خىل رەۋىشتە تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ تۇرىشاتتى .
( 40 )
ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى تەپەككۇر قىلىدىغان ، ئىنسان ۋە جىنلارنى يېڭىلىققا ئىنتىلگۈچى ، ئالاھىدە ئىنسانىي ئىمتىيازغا يېتىشى ئۈچۈن تېرىشقۇچى قىلىپ ياراتقانلىقىنى نۇرغۇنلىغان بەندىلەر بىلىشمەيتتى . شۇڭا ئۇلار بۇ جەھەتتىن ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىغا پىكىر قىلماستىن ، ھايۋانىي يارالمىشلىققا چوقۇنۇشاتتى دە ، ھايات مۇساپىسىنى ئىزدىنىش ، ئىلىم ئېلىش بىلەن ئەمەس بەلكى يەپ - ئېچىش ، ئەۋلاد قالدۇرۇش ، مال - دۇنيا توپلاش بىلەنلا كۇپايىلەنگۈچى قىلىپ توختاتقانىدى . مانا بۇ توختۇتۇش ئاقىۋەتتە ئىنساننى تېخىمۇ زەئىپلەش گىردابىغا ئاپىرىپ تاشلىدى . ئاخىرى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەيەردىن ، نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىگە ، كىيىن قانداق ئورۇنغا قايتىدىغانلىقىغا قارىتا ھېچ پىكىر قىلماستىن ، مۇمكىن بولسا مەلۇم بىر بۆلۈك داش قازان بولسا ، ھەممە تاماقمۇ ئەتمەي ، ھېچ بىر تىرىشچانلىق كۆرسەتمەستىن كومىنانىڭ ۋاقتىدىكىدەك ئوپچە ياشاشتەك پاخالچە ھاياتلىققا ئۈمىدلىنەتتى . مانا بۇ ئۈمىد ئاقىۋەتتە ئۇلارنى ئەنە شۇنىڭدەك تىرىك تاپ ، ئەقلى جەھەتتىن رەزگى ، مەسئۇلىيەتسىز بېقىنمىچىلىك ۋە بېكىنمىچىلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئەھلۋاللارنى ياخشى كۆرۈش بىلەن توختاشتى . مانا بۇ توختاش ئاقىۋەتتە ئۇلارنى تاغنىڭ ئارقىسىدىكى تاغقا يېتىش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى پۇتىنىڭ ئۇچىغىلا يېتىش بىلەن تەيىن تېپىشنى توغرا تونۇتتى . مانا بۇ تونۇش ئاقىۋەتتە ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ھالاك قىلىشقا قىستاپ قويدى . شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارا كىيىنكى مۇساپىنىڭ قانچىلىق بېسىمى بارلىقى ۋە نېمىلەرنىڭ تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىدەك ھىسسىيلىك قىممىتىدىن مەھرۇم قىلىش بىلەن پەقەت باشقا بىر مىللەتكە چوقۇنۇش ، باشقا بىر مىللەتكە تېۋىنىش بىلەن تەيىن تاپماقلىقنى ، ئۇلار قاچان تاشلاپ بەرسە شۇنى رازىمەنلىك بىلەن قۇبۇللاشتەك ئىت خۇيلۇق ھالەتكە كېلىشىپ قالدى . بۇنىڭدەك كىشىلەردىن قانداقمۇ ئىنسانىي بەندىچىلىك روھىنى تاپقىلى بولسۇن ؟
ئاللاھ تائالا ۋاقىت ئۆلچىمىنى ياراتتى . ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ۋاقىت ئۆلچىمى بولىدۇ . يەرشارى ۋاقتى . بۇ بولسا يىل ، ئاي ، كۈندۇر . بۇلار تەتقىق قىلىنىپ ماددىي ھالەتكە يەتكەچكە بۇ ئادەتتىكى ۋاقىت ئۆلچىمى بولۇپ كەتكەن . يەنە بىرى زامان ۋاقتى ئۆلچىمى . يەنى ، مەلۇم بىر دەۋىرنىڭ ئۆزگىچە ھالىتىدىن يەنە باشقىچە ھالىتىگە كېلىش باسقۇچىدا ئۆتكەن مۇئەييەن ۋاقىت . بۇنى يەرشارى ۋاقتى بۇيىچە ھېسابلىغاندا مەلۇم يىل ياكى ئاي ياكى كۈن ھېساۋىغا سۇندۇرۇشقا كېلىدۇ . زامان ۋاقتىنى بەندە مۇقەرەرلەشتۈرەلمەيدۇ . ئەمما تەپەككۇرىنىڭ چوڭقۇرلىقى بىلەن پەقەت پەھىم ( قەلىب ئىشەنچىسى بىلەن يەكۈنلەش ) قىلالايدۇ خالاس .
ئىنسان زېمىندىن يارىتىلغانلىقتىن ، ئۇنىڭ ئۆمرى يەرشارى يىلى بۇيىچە دەۋىرلىنىدۇ . ئەمما ، ئۇنىڭ مەنىۋىيىتى روھىيەت ئالىمىدىن يارىتىلغاچقا ، ئۇنىڭ بۇ خىل ئۆمرى ئەقلىيە يېشىغا تەئەللۇقلاردىن بولۇپ قالىدۇ . ئەقلىيە يېشىنىڭ قانداق بولىشى دەل بەندىنىڭ تىرىشىشى بىلەن بولىدۇ . چۈنكى بەندە بىر نەرسىنىڭ ھەقلىقىنى قانچە كۆپ بىلسە ، ئۇنىڭ ئەقلىيە يېشى شۇنچە تىز يۈكسىلىدۇ . ئاللاھ تائالانىڭ بۇ يەردىكى << 40(1) >> نى تىلغا ئېلىشى دەل ئەقلىيە يېشىنى ئالغىنىدۇر . بۇ يەردىكى قىرىق ياش پەقەت يەرشارى ۋاقتىغىلا نىسبەتلىك بولماستىن ، بەندىنىڭ تېگىشلىك قىلىنغان يۈز پىرسەنتلىك يەتمەكچى بولغان ئەقلىيە يېشىغا يېتىشتە دەل << 40 >> لىق باسقۇچقا يەتكەندە ، كىشىنىڭ ئەقلىيە يېشىنىڭ قىرىققا يېتىپ بىر نەرسىنىڭ ھەق - ناھەقلىقىنى ، توغرا - خاتاسىنى ، نېمە ئۈچۈنلىكىنى چۈشىنىشتەك ماھىيىتىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . شۇڭا دەججالنىڭ تۇرىدىغان ۋاقتى قىرىق . زامان ۋاقتى دەل مەلۇم ئىختىلاپلار تۈگەشكە قاراپ ماڭغانكى قىرىقلىق باسقۇچىغا يەتكەندە ، پىتنە توختايدۇ . دىننىڭ ، ئىسلامنىڭ ئەسلى ماھىيىتىدىكى يۈزلىك باسقۇچلار يۇرۇشقا باشلاپ دەل قىرىققا يەتكەندە ، دەججالنىڭ تۇرىدىغان ۋاقتى ئاياقلىشىدۇ . بۇ دەل مەلۇم زامان ۋاقتى بىلەن مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئەقلىيە يېشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرىپى . ھەدىستە : << ئەگەر كىشى نامازنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشنىڭ قانچىلىك گۇناھلىقىنى بىلسە ئىدى ، قىرىق تۇراتتى >> دېيىلگەن . بۇ يەردىكى قىرىقمۇ دەل ئول بەندىنىڭ ئەقلىيە يېشىنىڭ قىرىققا يەتكىچە ئىشارىدۇر . << قىرىق تۇراتتى >> دېيىلىشتىن بىز ھەقىقەتەن ، بىلمەستىن مەلۇم زىيانكارلىقلارغا قالىدىغانلىقىمىزنى ، مەلۇم زىيانكارلىق قارشى تەرەپنى بىلمەيتتى ، كىچىكتى ، نادانتى دېمەستىن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بايقايمىز . شۇنىڭدەك ، نامازنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچى ئەگەر نارسىدە بولمىسىلا - قانچە چوڭ بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئەقلىيە يېشى قىرىقتىن تۆۋەن نىسبىيلىكتە بولۇپ قالغان بولسىمۇ ، يەنىلا ئۇنىڭغا گۇناھ بولىدىغانلىقى ، ئۇ ئۆزىگە ئۆزى زىيانكارلىق تىلىگۈچى بولۇپ قالىدىغانلىقى ئىشتىلگەن . شۇڭا ئاللاھ تائالا بىزلەرنى چوقۇم مۇشۇ خىل ئەقلىيە يېشىمىزغىمۇ ئالاھىدە ئېتىۋاردا قارىشىمىزغا قىستايدۇ . ئەگەر بىز جەننەت ئىلمىسىگە ، جەننەت چۈشەنچىسىگە قارىتا قىرىقتىن تۆۋەن ھالەتتە توختاپ قالساق ، بىز قانداقمۇ ئەنە شۇ تۆت جەننەتتىن ئورۇن تىلىيەلەيمىز ؟ بەندە نېمىنى كۆرسە ، نېمىنى بىلسە شۇنى تىلىيەلەيدۇ . بىلمىسە گۇمانى بۇيىچە نەپسىنىڭ قاياشى بۇيىچە نېمىنى توغرا تاپسا شۇنى تىلەيدۇ . ئاقىۋەتتە ئۇ ياكى دوزاخنى ، ياكى جەننەتنى تالىدىم دەپ ، كىيىنكى ئەنە شۇ جەننەتكە مۇشۇ دۇنيادىكى ھەشەمچىلىكنى نىسبەت بېرىش بىلەن مۇشۇ دۇنيادىكى ئاڭ بۇيىچىلا ئەتىنى ، كىيىنكى دۇنيادىكى ئورنىنى تىلىشىپ قالغۇسىدۇر . بۇ خۇددى بىر ئىدارىدىكى ئورۇنلارنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەي بىراۋ تەرىپىدىن مۇنداق خىزمەت قىلامسە ، مۇنداق ئادەم بولامدە دېسە ماقۇل دەپلا قايسىسى ئاڭلانسا شۇنى قۇبۇل قىلغىنىغا ، پۇل سانىنىڭ قىممىتىنى بىلمەستىن بىر كوينى ئالامسەن ، بەش كوينىمۇ ، ياكى ئون كوي ، يىگىرمە كوي ، ۋە ياكى ئەللىك كوي - يۈز كوي ، ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇن مىڭ كوي ، تۈمەن مىڭ كوي ، مىلىيۇن ... دېگەندەك سان قىممىتىنى بىلمىگەن كىشى قايسىنى تاللايدۇ . پەقەت قۇلىقىغا قايسى سۆز چىرايلىق ئاڭلانسا شۇنى تاللايدۇ . مانا بۇ شۇنچىلىك ئىلىمدىن ئۆزىنى مەھرۇم قالدۇرۇپ ئەقلىيە تەرىپىنى تۆۋەنلەتكەنلىكى . شۇنىڭدەك ، بارلىق ساھەدە تېگىشلىك يۇقىرى تۆۋەن نىسبەتلىك ياشلىرى بولىدۇ . كىيىنكى جەننەت ۋە دوزاخ دىنىي ئىلىمدىن بولغاچ ، سىز - بىزلەرنىڭ دىنىي ئىلمىمىز قىرىققا يەتمىسە ، بىزلەرنىڭ تىلەيدىغىنىمىز ئانچىكى نېمەت بولۇپ قالىدۇ . يۇقىرىدىكى نېمەتنى بىلمەيدىغان كىشى قانداقمۇ يۇقىرى نىسبەتلىك دەرىجىگە يېتىشتە ئىشلىنىدىغان ئەمەللەرگە بەرداشلىق بېرەلىسۇن ؟
داۋامى بار !
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-31 14:08):
(1) بىز ئىنساننى ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر. تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ) كۈچ - قۇۋۋەتكە تولۇپ، 40 ياشقا يەتكەندە، (ئۇ): «پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا - ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن (يەنى مېنىڭ ئەۋلادىمنى ياخشى ئادەملەر قىلغىن)، مەن ھەقىقەتەن ساڭا (جىمى گۇناھلاردىن) تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن» دەيدۇ [15]ئەھقاف |
|