- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 111
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 111
- تىزىملاتقان
- 2013-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-5
- UID
- 52314
- يازما
- 111
- تېما
- 5
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 111
- تىزىملاتقان
- 2013-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-5
- توردا
- 180 سائەت
|
( 11 )
{ دوزاخ گۇمراھلارغا ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ [91]. ئۇلارغا: « سىلەر ئىلگىرى اﷲ نى قويۇپ ( يەنى ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ توغرا يولدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈن چىقىرىلغان شەرىئەتنى تاشلاپ ، باشقىچە يولنى تاللاپ ) چوقۇنغان نەرسەڭلار قەيەردە؟ ئۇلار سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ يا ئۆزلىرىگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟» دېيىلىدۇ [92ـ93]. بۇتلار، گۇمراھلار ۋە ئىبلىسنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەممىسى دوزاخقا ئۈستى - ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ [94ـ95]. ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «اﷲ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق [96ـ97]. ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى (ئى شەرىئەت ئۈستىدە ئۇنى - بۇنى دېگۈچىلەر) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قوياتتۇق [98]. بىزنى پەقەت گۇناھكارلارلا ئازدۇردى [99]. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار يوق [100]. ۋە يېقىن دوستىمۇ يوق [101]. ئەگەر بىزگە (دۇنياغا) قايتىشقا بولسا ئىدى، بىز مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» [102] (1) }
ئاللاھ تائالا ھەر بىر بەندىلىرىنىڭ دۇنيادىكى رىسقىنى ۋە ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق دەۋىرلىنىشلەرنى ئالدىن پۈتۈپ تەقدىر قىلىۋەتكەن بولۇپ ، بۇ دەۋىر قىلىنىشتا چوقۇم ھەر بىر بەندە ئاللاھنى تونۇشتەك ۋە ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە نېمىلەرنى ئىرادە قىلسا شۇنى ئىشلەشتىكى ئىمتىيازغا ئېرىشمىكى شۇ بەندىگە ئاسان قىلىنغاندۇر . بۇ خىل ئاسايىشچىلىقتا بەندىنىڭ يولۇققانكى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى ئېغىرچىلىقلار بولسۇن ھەممىسىگە بىردەك سەۋىر قىلىشى ، نېمەتلەرگە شۈكرى ئېيتمىقى ھەمدە شۇ خىل لىنىيەنى توغرا باسسا بېشىغا قايسى بىر قىسمەتلەر كەلمىسۇن ، چوقۇم ئۇنىڭغا تاقەتلىك تەقدىرلەرنىڭ ئىرادە قىلىنىدىغانلىقى پۈتۈلگەندۇر . ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىركى ۋاقتىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ شۇنداق ئېيتىدۇ : << ئىلگىرى ساڭا بايان قىلغان نەرسىلەرنى يالغۇز يەھۇدىيلارغا ھارام قىلدۇق، (بۇنىڭ بىلەن) بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى (2) >> دىيىش ئارقىلىق ، قاچانىكى قايسى بىر قەۋم ئارىسىدىن قايسىكى بىر بەندە قايسى بىر مۇساپىلەرنى بېسىپ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشىدىكەن ، دەل ئۇنىڭ ئىلگىرى باسقان ھەر بىر يوللىرى ، نېمىلەرنى قىلغان ۋە قىلمىغانلىرى لاياقەتلىك ياكى ياخشى ۋە ياكى ئەلا نەتىجە بىلەن بېسىپ ئۆتۈلگەن بولغۇسىدۇر . بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىي مۇساپىسىگە قارىساق ، ئۇ ئۆزىگە نېمىلەر تەقدىر قىلىنغان بولسا ئۇنىڭدىن بىزار بولمىغانلىقىنى ، قانداقلا بىر ياخشىلىق - يامانلىق يەتكەن بولسا ئۇنىڭغا قارىتا توغرا تەبىر ئېلىپ يولىنى ئىنتايىن توغرا بېسىپ ، ھەممىلەرنىڭ تونۇشىدا << ئىشەنچىلىك ئادىمىمىز >> دېگەنكى نەمۇنىلىك ئورنىغا يەتكەنلىكىنى بايقايمىز . ئاقىۋەتتە بارلىق مۇسۇلمانلارغا باش ئۈلگە بولۇشتەك ئىمتىيازغا يەتكەنلىكىنى بىلىمىز . ئاللاھ تائالا شۇنىڭدەك ، بارلىق بەندىلەرگە ئۆزلىرىگە بولغان ئەڭ توغرا ھاياتىي يۆنۈلىشىنى ئىرادە قىلغاندۇر . ئەمما ، كىملەركى ئۇزۇن يىل ياشاپ ، ھەتتاكى ئىبادەت ئىچىدە يۈرۈپمۇ ھىدايەتتىن نېسىۋە تاپالمىغان بولسا ، ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىنى ھەقىقەتەن كەمسىندۈرىۋالغانلىقى چىقىدۇ . يەنى بەزى ئېغىرچىلىقلارغا سەۋىر قىلالماسلىق ، ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە شۈكرى ئېيتماسلىقتەك ، ھەمدە ئۆزىنى ناچار خاھىشلاردىن توسماسلىق ، ئەخلاقىنى ياخشىلىققا ئىسلاھ قىلماسلىقتەك جەھەتلەردىن نەپسىگە ئەگىشىپ كەتكەنلىكى ئېنىق بولىدۇ ، ياكى ئەنە شۇنىڭدەك بۇزۇق تاللاشلاردا باشقىلارنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى شۇ خىل لىنىيەسىنى تۇتقا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ ، قانداقلا بىر كىشىلەر يېتىلەپ ماڭسا بولىۋېرىدىغان مەۋقەگە كېلىپ قالغۇسىدۇر . ئاقىۋەتتە ئىلاھ نېمە ؟ پەرۋەردىگار نېمە ؟ مەبۇد نېمە ؟ ھېچ چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولالماستىن ۋە ئەنە شۇ ياراتقۇچىنىڭ بەندىلىرىنى قايسى رەۋىشتە يېتەكلەپ مېڭىشتەك ساماۋىي ئىگىدارچىلىقتەك ھامىيلىقىنى تونۇپ بولالماستىن ، ھەمىشە بۇ خىل دىنىي چۈشەنچىسىدىن مەھرۇم ئۆتمەكلىكنى تىلىگۈسىدۇر . بۇ تىلەش دەل تەقدىرى ماھىيەتنى چۈشىنىشتىن مەھرۇملىقنى كۈچەيتىدۇ . ئاقىۋەتتە ، كىشى تەقدىرگە ئىشەنمەيدىغان ، ئۆزلىرىگە يېتىۋاتقان ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارنىڭ نېمە سەۋەپلەردىن كېلىۋاتقانلىرىغا پەرۋا قىلماي پەقەت يىيىش ، ئۇخلاش ۋە بالا تېپىش بىلەنلا كۇپايىلىنىدىغان قەۋمدىن ھېچقانداق بىر پەرقى يوق بولۇپ قالىدۇ .
ئەمەلىيەتتە بىزلەرگە مەيلى قايسى جەھەتتىن قايسى خىل ياخشى - يامانلىق يەتمىسۇن ، چوقۇمكى ئاللاھنىڭ شۇ جەھەتتىن بىزلەرگە ھىس قىلدۇرىدىغان نېمەتلىرى ، ئىلىملىرى ، ھەقىقەتلىرى بار بولغان بولىدۇ . دىنىي يول ھىسسىيلىك ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقتىن ، چوقۇمكى قانداقلا بىر بەندە بولمىسۇن دىنىمنى پۈتۈن ، كامىل قىلىپ تەقۋادارلاردىن بولىمەن دەيدىكەن ، چوقۇمكى ئەنە شۇ ھىسسىيلىكتە باي بولىشى ، شەيئىلەردىكى ئىچكى جەھەتتىن كېلىدىغان جىلۋىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى لازىمدۇر . لېكىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ خىل نېمەتلەردىن تولىمۇ بىزار . چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىگە مەيلى قايسى جەھەتتىن يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا بولمىسۇن تاقەتسىزلىكنىلا تىلىشىدۇ . زىياندىن شۇنداق بىزاركى ، پەقەت پايدا ئالساملا دەيدۇ . ھېچ بىر ئېغىرچىلىقلارغا قالمىسام دەيدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئەنە شۇ زىيانكارلىقنى تىلىگۈچى بەندىلەر ، ھەمىشە ئاللاھ تائالانىڭ كىيىنكى بەزى ئۆتكەللەردىكى بەزى ئەقىدىلىك ئىشلارغا قارىتا نۆۋىتىدە ئۆزلىرىگە شۇنىڭغا خاس چۈشەنچىنى ھىس قىلدۇرىدىغان ، شۇ ئارقىلىق ھەم بەزى گۇناھلىرىغا كاپارەت بولىشى ئارقىلىق كىيىنكى نوقتىغا تېگىشلىك پاكلىق ئۈستىدە بارماقنى تەلەپ قىلىدىغان تەقدىرى قورغانلاردىن قېچىش ، كىرسىمۇ ۋايساپ ، كۇفرى سۆزلىرىنى ئېيتىپ ، قەيەردە شۇ ئېغىرچىلىقلارنى ئۆز خاھىشى بۇيىچە كۆتۈرىۋېتىدىغان ، ئۆزلىرى تاما قىلىۋاتقان نېمەتلەردىن بەھىرلەندۈرىدىغان ئىلاھلار بار ؟ قەيەردە ئۆزلىرىگە چىقىش يولىنى كۆرسىتىپ قويىدىغان مەبۇدلىرى بار ؟ دېگەندەك ئىشەنچلەردە پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ ئىزدىنىشتە بولۇشۇپ كېتىدۇ . يەنە بەزىلىرى بولسا ، گەرچە دىنىي بىلىملەرگە ئىگە بولسىمۇ ، داتلىرىنى پەلەككە يەتكۈزىۋېتىپ ، ھەممە يەرگە ئىلاھ ۋە مەبۇد ئىزلەپ دوقۇرىۋېتىپ ، ئاخىرىدا ھېچقانداق بىر نىجاتلىق تاپالمىغاندا << بۇ تەقدىركەن >> دەپ شۈك تۇرۇشتا بولۇپ ، ئەنە شۇ ھىسسيلىكىنى ئاشۇرىدىغان قورغانغا قانداق كىرگەن بولسا شۇ پېتى چىقىپ كېتىدىغان ، ھەتتا بىر ئاللاھنىڭ ئىلاھلىق ۋە مەبۇدلۇقىغا قارىتا ئىبادەت قىلىدىغان ئەقىدىسىنى بۇزۇپ ، شۇ ھالىتىدە باشقا ئىلاھ ۋە مەبۇدلارغا ئىلتىجا قىلىۋېرىپ قەلبىنى شۇ خىل شېرىكچىلىككە مايىل قىلىۋېتىپ بىر مۇنچە زىيانكارلىقتا چىقىپ كېتىشىدۇ . مانا بۇ خىل ئاقىۋەت دەل شۇ كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىي چۈشەنچىسىنى بۇزۇپ ، يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىدۇ .
نۇرغۇنلىغان بىلىمدارلار ئۆزلىرىگە قانداقلا بىر دىشۋارچىلىقلار يەتمىسۇن ، چوقۇم بۆيۈك بىردىن بىر ئىلاھ بولغان ، ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىپ يامانلىقنى دەپئىي قىلىدىغان ، بۇ ھېكمىتىگە دەل بارلىق بەندىلىرى ، شەيئىلىرىنى دەلىل قىلىدىغان ، بارلىق ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا يۈزلىنىشنى ئېيتىشىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ، دەل نەق مەيدانغا كەلگەندە شۇ بەندىلەر ھەم مۇشرىكلارنىڭ نېمىلەرگە چوقۇنغانلىرىغا ئەگىشىپ ئۇلار قانداق يول تۇتقان بولسا شۇ لىنىيەنى توغرا تاپىدۇ دە ، ئۆزلىرىدە شۇنىڭدەك شېرىك ئەقىدىلىرى بار تۇرۇقلۇق ، ھەم شۇ خىل ئېتىقادلارنى تىرىلدۈرگەن تۇرۇقلۇق ئۆزلىرىنى ھەمىشە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلغۇچى ۋە ئاللاھنىڭ توغرا لىنىيەسىدە بولغۇچى مۆئمىن دەپ قاراپ ، باشقىلارنى بولسا دىندا باشقىچە ئايرىمچىلىقتا بولغانلىقىغا قاراپلا مۇشرىك دەپ ئۆتۈپ كېتىۋەرگۈسىدۇر . ئۆزلىرىنى بولسا ھېلىقىدەك ئاجايىپ كاتتىلاردىن ھېسابلىغۇسىدۇر . ھەقىقىي مۆئمىنلەر ئۇلارغا ئېتىقاد جەھەتتىن ئەينەك بولۇشۇپ توغرىسىنى كۆرسۈتۈپ بەرسە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارقىدىن پاسات تېرىغۇسىدۇر . مانا بۇ ئاشكارا زىيانكارلىقتۇر . دىننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەستىن دىندار بولىۋالغانلىقنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىدۇر . بۇ پەقەت ھالاكەتلىك مەۋقەلەردىندۇر خالاس !
رەسۇللاھ سىناقنىڭ قانداق كىشىلەرگە كۈچلۈك رەۋىشتە يېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، ئەڭ كۈچلۈك سىناق پەيغەمبەرلەرگە ، ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەكى مۇتتەقىيلەرگە ، ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىشىلەرگە ، ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئۇنىڭدىن تۆۋەندىكىلەرگە ...... يېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان . پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى نېمە ئۈچۈن شۇ قەۋم ئارىسىدا ئەڭ مۇكەممەل ؟ دېگەندە ، دەل ئەنە شۇ دىشۋارچىلىقلاردىن ئەڭ توغرا رەۋىشتە ماھىيەتتە چىققۇسىدۇر . ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى نېمە ئۈچۈن مۇتتەقىيلەر ۋە سالىھلەر چۈشىنەلەيدۇ ؟ دېگەندە ، ئۇلار ھەم ئەنە شۇنىڭدەك ھەر بىر تەقدىرى قىسمەتلەردىكى ئەڭ پايدىلىق بولغان نېسىۋىلىرى بولغان ھىسسىيلىك ماھىيىتىنى ھەقىقىي تېتىغان ۋە شۇ جەرياندا ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ ۋە ئاللاھدىن باشقا مەبۇد تەلەپ قىلماستىن ، ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە سازاۋەر بولغانلىقىدىندۇر . پەقەت ئەنە شۇنىڭدەك قىسمەتلەرگە قانداق كىرگەن بولسا شۇ پېتى ھەتتا ئەقىدىلىرىنى بۇزىۋېلىپ چىقىپ كەتكەنلەر بولسا ، ئەنە شۇ ھىسسىيلىك جەھەتتىن چۈشىنەلەيدىغان ، ھىسسىيلىك جەھەتتىن ئىشىنەلەيدىغان دىنىي بايانلارغا قارىتا گاڭگىرىغان ھالەتتە بولغۇسىدۇر . چۈنكى دىنىي ئېتىقاد ماددا ئەمەس ، ئۇنى تۇتۇپ كۆرىدىغان . ياكى مەنىۋىيلىككە تەئەللۇقلاردىن بولغان بىلىم ئەمەس ، ئۇنى يادلىۋالسىلا تەلەپكە لايىق ئېتىقادلىق بولۋېرىدىغان . بۇ دەل ئەنە شۇ ماددا ۋە مەنىۋىيلەر ئارىسىدىن سۈزۈلدۈرۈپ ئېلىنىدىغان ھىسسىيلىكتە بولغۇسىدۇر . بۇ خۇددى بىز تاماق يەيمىز . تاماق ماددا . ئۇنىڭ قۇۋۋىتى ئاۋۋال قانغا بارىدۇ . مانا بۇ مەنىۋىيەت . بىز دەل ئەنە شۇ قاننىڭ ئارىسىدىكى يىمەكلىكنىڭ يىغىندى جەۋھىرى بىلەن تىك تۇرىمىز . بۇ دەل تەندىكى كۈچتۇر . كۈچنى كۆرگىلى ياكى تۇتقىلى بولمايدۇ . بەلكى ھىس قىلغىلى بولىدۇ . ئېتىقاد ئەنە شۇ ھىسسىيلىكتىدۇر .
ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلار ئاللاھنى كۆرگەنمۇ ؟ ياق . ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغانمۇ ؟ ياق . ئەمىسە نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ ؟ بۇ دەل بەندىچىلىكتىكى ئۇنىڭ مەلۇم نىسبەتتە ياراتقان شەيئىلىرىنىڭ ئۆزگىچە دەۋىر قىلىنىشىغا ، ھەممىدە تېگىشلىك ئىلىملەرنىڭ بېكىتىلىشىگە قارىتا ئىلىملەرنىڭ قەلىبلەرگە ئورۇنلۇشۇپ ، ھەمدە غەيرىي بىر كۈچنىڭ چۈش ۋە باشقا رىئاللىقتىكى بىشارەتلەر بىلەن غەيبىي يېتەكلىنىشكە قاراپ مەلۇم نىشاننى ئۆزگىچە بىر ئىلھامنىڭ كۈچلۈندۈرگەندىكى تۇيغۇسىغا ئاساسلىنىپ ، ئۇنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ ۋە چىن پۈتىدۇ . بەندىچىلىكتە شۇ خىل ئىلھام ۋە تۇيغۇ دەل ھىسسىيلىكتىدۇر . قايسىكى بىر بەندىنىڭ مۇشۇ خىل ھىسسىيلىكى قانچە كۈچلۈك بولسا ، ئەنە شۇلار ئۆز زامانىدىكى ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە نېمىلەرنىڭ ئىرادە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تۇيۇشى ، ئۇنىڭدىن توغرا تەبىر ئېلىشى بىلەن ، ئاندىن توغرا يولدا بولىشى كۈچلۈك بولىدۇ . كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزلىرى يولىقىۋاتقان ئىشلىرىغا بىرىۋاتقان بەزى بىشارەتلەرنى ، دەل تۇيغۇسىنىڭ پاكلىقى ، ھىسسىيلىكتىكى يېتەكلىنىش لىنىيەسىدىكى توغرىلىقلارغا ئاساسلانغان ھالدا قۇبۇل قىلالايدۇ . بۇ دەل ئاللاھنىڭ مۆئمىن بەندىلىرىدىلا بولىدىغان ۋە باشقا ئاللاھنىڭ توغرا ئىلمىسىگە ئىگە كىشىلەردىلا بولىدىغان ئامىللاردۇر . شۇڭا بۇلارنىڭ دەۋىرلەردىكى بەزى يۇچۇن ئىشلارنى شۇنچە كۆپ ئىختىلاپلار ئارىسىدىن توغرا قۇبۇل قىلالىشى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى توغرا تونۇپ ئۇلارغا ئەگىشالىشىدىكى ئاساسلىق بىر سەۋەب ، دەل شۇ خىل ماھىيىتىنىڭ تېگىشلىك رەۋىشتە كۈچلۈك بولغانلىقىدا .
باشقىلارنىڭ بىھۇدە ئىختىلاپلاردا بولۇپ توغرىدىن چەتنەپ كېتىشى ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغانغا چىقىرىۋېتىشى ۋە ئاللاھنىڭ كالامىغا ئىشىنىپ شۇ بۇيىچە يول يۈرمىكى دەل مۇشۇ خىل ماھىيىتىدىكى قىممىتى كۈچىنىڭ يوقلىقى ياكى ئاجىزلىقى بىلەندۇر . بۇ خىل ئاجىزلىق دەل تەقۋاسىزلىقتۇر ، ئاللاھقا بىۋاستە ئىبادەت قىلماي نەپسىگە بېرىلىپ كەتكەن ۋە توغرا ئىبادەت قىلىش لىنىيەسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكتىندۇر . شۇڭا ئاللاھ توغرا يولدىكى بەندىلىرىگە قارىتا شۇنداق ئېيتىدۇ : { دىنىدا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ تۈرلۈك پىرقىلەرگە ئايرىلغانلاردىن سەن ئادا - جۇداسەن؛ ئۇلارنىڭ ئىشى پەقەت اﷲ غىلا خاستۇر (يەنى اﷲ نىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر)، كېيىن اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزىگە ئېيتىپ بېرىدۇ (3) } { ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق، ئۇ (يەنى ئۇلارنى بىكار يارىتىلغان دەپ قاراش شۇ خىل ھەقىقەتنىڭ دەۋىرلىنىشىنى ئىنكار قىلغۇچى) كاپىرلارنىڭ گۇمانىدۇر، كاپىرلارغا دوزاختىن ۋاي! [27]. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق؟ ياكى تەقۋادارلارنى فاجىرلارغا ئوخشاش قىلامدۇق؟ [28]. (بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر [29] (4) } پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق دېگەن : << ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان كۈنىدىن قىيامەتكىچە بولغان ئارلىقتا دەججال پىتنىسىدىنمۇ چوڭ پىتنە بولمايدۇ (5) >> << << ..........ئۇ جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ سۈرىتىنى ئېلىپ كېلىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇ ئېيتقان جەننەت دەل دوزاخنىڭ ئۆزىدۇر . مەن خۇددى نۇھ ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغاندەك سىلەرنى شۇ گۇمراھلىقتىن ئاگاھلاندۇرىمەن (6) >> << << .........بىلىڭلاركى ، دەججالنىڭ بىر كۆزى يەكچەشمىدۇر . بىراق ، سىلەرنىڭ ئىگەڭلار ئۇنداق ئەمەس ، دەججالنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرسىدا < كافىر > دەپ يېزىلغان بولىدۇ (7) >> { بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خالىغان ئادەمگە (ئۇنىڭ خالىغىنىنى ئەمەس) بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، جەھەننەمگە ئۇ خارلانغان، ( اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ [18]. كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۆمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمەلى (اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) قوبۇل بولىدۇ [19]. بۇلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاتا قىلغىنىدىن بېرىمىز. پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاتا قىلغىنى (ھېچ ئادەمدىن) مەنئى قىلىنمايدۇ [20] (8) }
دىن ھەقىقەتەن ئەقىدىلەرنىڭ توپلانمىسى بىلەن دىندۇر . ئەمما ، بۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە توغرىسى ۋە خاتاسى ھەمدە ھەققە ناھەقلەر ئارلاشقان باتىللىرى ، ئېقى ۋە قارىسى ھەمدە ھەر خىللىرى بولىدۇ . بۇلارنى توغرا يەتكۈزگۈچى ۋە خاتالىققا ئىشتكۈچى ھەمدە توغرىغا خاتانى ئارلاشتۇرۇپ قويغۇچى ھەر خىل پىشىۋالار ، باشلامچىلار بولىدۇ . ھەمدە بۇلارغا شۇلارغا خاس بولغان يېتەكلەنگۈچىلەر ھەم بولىدۇ . بۇلار دەل ئەنە شۇ دىنىي توپلام بولغان ئەقىدىلەردە ئوخشىمىغان ئىختىلاپلارغا ئىگە كىشىلەردۇر . ئىلگىرىدىن ھەر بىر توغرىنى يەتكۈزگۈچى ، توغرىلىققا ئىسلاھ قىلغۇچى ئەلچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قەدىمىنى كۈچلەندۈرگۈچىلەر كېلىشتىن ئىلگىرى شۇ زېمىندا باتىللىقنى ياقىلىغۇچى ، دىننى دۇنيالىنى تىلەشتە كوزۇر قىلىۋالغان ھالدا نەپسى بۇيىچە ھۆكۈم ئېلىپ باشقا يۆلۈنۈشلەرگە ئېلىپ ماڭغۇچى شائىرلار بولۇپ ، ئەنە شۇلار ئاستا - ئاستا شۇ قەۋمىڭ دىنىي تونۇشىنى خۇنۈكلەشتۈرىۋېتىپ ، بارا - بارا دىنغا بولغان چۈشەنچىسى باشقا خىلغا ئېغىش بىلەن ئىسلامدىن چەتنەپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا ، شۇ قەۋم ئارىسىدىكى ئىلگىرىدىن توغرا يولدا بولغۇچىلارنى تەستىقلايدىغان ۋە ئۇلارغا خۇش خەۋەر بەرگۈچى ، توغرىلىقتىن چەتنەپ چىقىپ كەتكەن ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچى ھەق ئىلىمدارلار كەلگەندە ، ئۈستىدە ئېيتىلغاندەك ، ئۇلارنىڭ دىننى چۈشەندۈرۈشتە ۋە كىملەرگە ، قانداق كىشىلەرگە ئىشىنىشتە ئېيتقان سۆزلىرىنى يالغاندەك تۇيۇلۇپ ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرىگە قارشى بولغانلىقتىن ، بىردەك ئۇلارنى يالغانچى قىلىش بىلەن يەنىلا ئۆز چۈشەنچىسىدە تۇرۇشنى تەيىن تاپقان ۋە ھېلىقى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي قورغانىغا قارشى << پاسات >> تارقاتقۇچىلارنى يوقاتماقنى تىلەپ ( شۇ خىل ئاللاھنىڭ ئايىتىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارنى يوقاتماقچى بولۇشۇپ ) كاپىر بولۇپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا ، ناگاھان ، ئاللاھنىڭ ئۆزگىچە بۇلارنى ئايرىيدىغان تەقدىرى يۈز بەرگۈسىدۇر . بۇ ۋاقىتتا يامان ئاقىۋەتكە قالغانلار دەل ئىلگىركى ھاياتىدا دۇنيالىقنى تىلىگەن ، ئىبادەتتە نەپسىگە ئەگەشكەن ، ئاللاھنى ئىنتايىن ئاز ياد ئەتكەن ، باشقا شەيئىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن زېمىندىكى نەرسىلەرنى ئىلاھ ۋە مەبۇد قىلىۋېلىشتا بولغانلار دەل ئىلگىرىدىن دىندا يالغانچى بولۇشقان ۋە ئاللاھنىڭ ئەسلى شۇ زېمىندىكىلەرگە توغرا قىلىپ بېكىتىپ بەرگەن شەرئىي لىنىيەسىدىن چىقىپ ، شۇ لىنىيەگە قارشى ئىسيان قىلغۇچى بولۇشۇپ كەتكەنلىكىنىڭ ئاقىۋېتىدىندۇر .
شۇنىڭدەك ، دىندا بەزى ئىختىلاپلار شۇ پىرقىدىكىلەرنى توغر يولدا قىلسا ، بەزى ئىختىلاپلار شۇ خىل ئىختىلاپنى ياقىلىغۇچىلار نا توغرا يولدا بولۇش بىلەن ، يا شۇ كىشىنى جەننەتكە يا دوزاخقا يېتەكلەيدۇ . شۇڭا ئېيتىدۇ ئاللاھ << قايسى بىر قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ >> ، دەپ . بەندە يا ياخشىلىقنى تىلەيدۇ يا يامانلىقنى . ھەممىنىڭ ئىگىسى ، پەرۋەردىگارى بولغان جانابى ئاللاھ ھەممىلەرنىڭ نېمىلەرنى تىلىگىنىگە قارىتا تېگىشلىك قەۋملەر ئارىسىدا قىلىدۇ . مانا بۇ ئاللاھنىڭ ئىلگىرىدىن تۇتقا قىلىپ كەلگەن يولىدۇ .
بەزى ئىنتايىن ئاز ئىختىلاپلار ھەقىقەتەن پايدىلىق بولسىمۇ ، ئەمما بەزىلىرى ھەقىقەتەن ئەڭ زىيانلىقتۇر . چۈنكى ئەنە شۇ ئىختىلاپ دەل ئاللاھنىڭ ئايىتىنى ئىنكار قىلىشقا ئاپىرىدۇ { اﷲ قا يالغان چاپلىغان ياكى ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئۇلار لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان ئۆز نېسىۋىسىنى كۆرىدۇ (9) } بۇ دەل ئۇلار ھاياتىدا نېمىلەرنى تىلىگەن بولسا شۇنىڭغا يەتكەنلىكىدۇر . ئاللاھنىڭ ھەر دەۋىردە توغرا ئەھكاملارنى ، تاقەتلىك ئەمەل - ئىبادەتلەرنى ، سىياسىي يۆنۈنۈشلەرنى توغرا ، ئاشكارا تەرغىپ قىلىدىغان بەندىلىرى بولىدۇ . بەزى ئىختىلاپلار ئەنە شۇ خىل كىشىلەرنى ئاسىي ، مۇناپىق ، گۇمراھ دىيىشكە ئېلىپ بارىدۇ . ئۇلارنى ئەنە شۇنداق ئاتاشنىڭ ئۆزىلا ئاللاھنىڭ شۇ خىل ئايىتىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئېتىراپ قىلمىغان ، مۇمكىن بولسا باشقىلارغا ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئۇلارنى ئىنكار قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغۇسىدۇر . مۇشۇ مەۋقەنىڭ ئۆزىلا ئول كىشىلەرنىڭ شۇ خىل ئايىتىنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . توغرا يولدىكى مۆئمىنلەر بولسا ، توغرىلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئەھلى ئىش ئۈستىدىكىلەرنىڭ ئۈستىدىن پاسات تارقاتقىنىغا قارىتا ، قارشى يولدىكىلەرنىڭ ئەنە شۇ ئاشكارا ئەمەلىدىن كاپىر دەپ تونۇيدۇ . ھەققە قارشى ئەمەلنىڭ ئاشكارا بولىشى دەل ، قارشى تەرەپنىڭ پېشانىسىدا << كاپىر >> دەپ يېزىلىقلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
مەھشەر كۈنىدىكى زىيانكارلىقنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تۇتقۇسى ، دەل مۇشۇ خىل زىيانكارلىقنى تىلىگەن كىشىلەردىدۇر .
(1) سۈرە شۇئەرا
(2)سۈرە نەھل 118 - ئايەت
(3) سۈرە ئەنئام 159- ئايەت
(4) سۈرە ساد
(5) ياخشىلارنىڭ باغچىسى 1814 - ھەدىس
(6- 7) ياخشىلار باغچىسى
(8) سۈرە ئىسرائىل
(9) سۈرە ئەئراف 37 - ئايەت
داۋامى بار ! |
|