- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 111
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 111
- تىزىملاتقان
- 2013-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-5
- UID
- 52314
- يازما
- 111
- تېما
- 5
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 111
- تىزىملاتقان
- 2013-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-5
- توردا
- 180 سائەت
|
( 18 )
ئېيتىلغاندەك ، ھاياتلىق مۇساپىسىدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان قانداقلا بىر ئامانەت بولمىسۇن ، ئۇنى ئەنە شۇ ئامانەت ئارقىلىق زېمىندا ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا زۇلۇمنى ئىشتىدىغانلارغا بېرىلمەيدۇ . ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ بۇ خىل ئاجىزلىقىنى بىلمىگەنلەر بولسا چوقۇم ئۇلاردىن باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىك توغرىسىدا خۇددى ھارۇت - مارۇت دېگەن ئىككى پەرىشتىگە ئوخشاش(1) چىن ئەھدە ئېلىۋېلىشى لازىم . ئەگەر ئۇنىڭ رىياخور ، دىنىي ئىشلارغا ئېتىبار بەرمەيدىغان ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئادىمىيلىك ماھىيەت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭ شۇ خىل ئامانەت ئارقىلىق ئۆزىنى ئاللاھنىڭ لەنىتىگە قالدۇرۇش ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقىلارنى ھەم لەنەتكەردىلىككە يېتەكلەشتەك مەۋقەسىنى جەمىيەتتىن توسۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭغا قايسى بىر ئامانەتلەر بولمىسۇن بېرىلمەسلىكى لازىمدۇر . بۇنىڭ ئىچىدە ئامانىتى ئېغىر بولغان دىنىي ئىلىم ۋە دىنغا ئالاقىدار يۇشۇرۇن ، غەيرىي ئىلىملەر ئالاھىدە كۆزدە تۇتىلىدۇ . ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر چوقۇمكى ئۇنىڭ زەرەرىگە زالىملارنىڭ روياپقا چىقىشىنى تىلىگەنلەرگىمۇ (2) يېتىپ قالىدۇ .
يەنە بىرى ؛ قارشى تەرەپنىڭ دىندىكى ماھىيىتىنىڭ ھەقىقەتەن ئاجىزلىقىنى بىلمەي قېلىپ باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ئىلىم تەلەپ قىلىپ ئۇنى - بۇنى سورىشى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ شۇ خىل ئىلىمدار بولىشىنى تىلىگەن ئاساستا ئېيتىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا ھالدا ، قارشى تەرەپنىڭ شۇ جەھەتلىك ئاجىزلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا ئۇنىڭغا ئۇ ئىشەنمەيدىغان ۋە ئىشىنىپ بولالمايدىغان بەزى يۇشۇرۇن ئىلىملەرنى ئېيتىشى ھەم قارشى تەرەپنىڭ بىلمەستىن پىتنە - پاسات تارقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈزىسىدىن ئىسلامىي ئىلىملەردىكى غەيىبكە ئالاقىدار ئىلىملەرنى يۇشۇرىشى لازىم . ئۇنداق بولمايدىكەن << ئۆزەڭنىڭ ئىچىگە پاتمىغان نەرسە باشقىلارنىڭ ئىچىگە قانداقمۇ پاتسۇن >> دېگەندەك ، ئۇلار شۇ خىل يۇشۇرۇن بولىدىغان ئەقىدىڭىزنىڭ غەيىبكە ئىشەنمەيدىغان ، دىندا ياسالما تەقۋالارنىڭ << مىڭ يىل >> ئىبادەت قىلىپمۇ ئۇ خىل دىنىي چۈشەنچىگە ئىگە بولالمىغان ، پەقەت دىندا كۈچلۈكلەرگە ۋە تەقۋادارلارغا بېرىلىدىغان ئىمتىيازى نېمەتلەردىن مەھرۇم ھالدا ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن سىز توغرىسىدا پاساتنىڭ ئاينىپ كېتىشىنى ۋە ئاللاھنىڭ شۇ خىل تەرەپلىك ئۆزىڭىزگە تاپقان بالايىڭىزغا سىز ئۈچۈن ھامىي بولمايدىغانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىسىز . چۈنكى ، ئاللاھ بىلمەي قىلغان گۇناھلارنى چاپسان كەچۈرىدۇ . ئەمما بىلىپ تۇرۇپ قىلغان گۇناھنى ئۇنچە تىز كەچۈرمەيدۇ ۋە ئەپۇ قىلدى دېگەندىمۇ چوقۇمكى شۇ ۋەجىدىن كەلگەن زىيانكارلىقنى تېتىتماي قويمايدۇ - يەنى شۇ تەرەپلىك يەتكەن ئاچچىق ئازار - كۈلپەتلەرنى تېتىماي قالمايدۇ . ئەمما ، بىلمەستىن قىلپ قويۇپ ، كىيىن ئىشنىڭ ماھىيىتى ئېنىق بولغاندىن كىيىن ئۇ خىل پەيلىدىن يانغانلارنى ئاللاھ شۇ جەھەتلىك يېتىدىغان ئوقلارنى خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوتنى سالقىن قىلىپ بەرگەندەك رەھمىتى ئاستىغا ئالىدۇ .
دىن بۇندىن بىر مىڭ تۆت يۈز يىل ئىلگىرىلا ئىنسانىيەتكە پۈتۈن بىرلىك ئاساسىغا قۇرۇلۇپ ، يەتكۈزۈلۈپ ، پۈتۈپ بولغان . دىن ھەرگىزمۇ سىياقى جەھەتتىنلا بولماستىن ، بەلكى قەلبىي ، روھىي جەھەتلىك ئىمتىيازلارغا يېتىش بىلەن بولىدۇ . دىن ھەمىشە ئاللاھقا ئىبادەتتە بولۇشقا ، مەيلى قانداقلا ئەھۋال ئاستىدا بولمىسۇن ئۇنىڭغا ھېچ بىر شېرىكنى ئارلاشتۇرۇپ قويماي پەقەت ئاللاھقىلا بەندىنى ئۇلاشتۇرۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ۋاستىدۇر . ئەگەر بەندە مەيلى قايسى بىر خۇشاللىق ياكى قايغۇلۇق ۋاقىتلاردا ئاللاھنى يادىدىن چىقىرىپ قويىدىكەن ، ھەمدە يەتكەن ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارغا بەندىنىڭ پەيلى ، ئىرادىسىدىن دەپ قارايدىكەن ، دەل ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىغا بەندىنى شېرىك قىلغانلىقى بولىدۇ دە ، دېمەك ، ئۇنىڭدا دىننىڭ مۇكەممەل بولمىغانلىقى ئايان بولىدۇ . بۇنىڭدەك بەندىلەرنىڭ دەل شۇنىڭدەك ۋاقىتلاردا بىردىن بىر ئىلاھ بولغان ، بىردىن بىر مەبۇد بولغان ئاللاھقىلا تېۋىنگەن ئاساستا تەقۋالىق ئۈستىدە بولغۇچىلار يۇشۇرۇن ئىلىملەرنى ھىس قىلىپ ، سېزىپ چۈشىنەلەيدىغان ۋە ئۇلار قەيەرگە بارمىسۇن جىنلار ، ئىنسانلار ۋە پەرىشتىلەرنىڭ ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىشىغا ئۇچىرايدىغانلىقتەك ئىمتىيازدىن مەھرۇم بولىدۇ . چۈنكى ئاللاھ ئەنە شۇنىڭدەك پەتلەردىمۇ پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھقىلا نىدا قىلالايدىغان بەندىلىرىنى دوست تۇتىدۇ ، ھەمدە ئەنە شۇنىڭدەك پەيلەردىكى كۇفرىلىقلاردىن پەقەت ئەنە شۇنىڭدەك دوستلىرى - ئەۋلىيالىرى ھالقىپ ئۆتەلەيدۇ . ئاللاھنىڭ دوستلىرى قەيەردە بولىدىكەن ، ئەنە شۇلارنىڭ بولىشى بىلەن شۇ زېمىنغا رەھمەتتۇر . شۇ زېمىندىكى تاش - تۇپراققا رەھمەتتۇر . قەبرىدىكىلەرگە رەھمەتتۇر . ئۇلار قەيەردە بولمىسۇن ، ئۇلارغا ئۇچىرىغان بارلىق پەرىشتىلەر ئۇلارنى ھۆرمەتلىگۈسىدۇر . ئۇلارنىڭ ئاللاھقا نىدا قىلىپ باشقىلار ئۈچۈن شاپائەت قىلىش يۈزىسىدىن ئېيتقان دۇئا - ئىلتىجالىرى شەرتسىز مەقبۇلدۇر . تاكى شۇ بەندە بەزى كۇفرىلىقنى بىلىپ - بىلمەستىن ئۆتكۈزۈپ قويۇپ ، شۇ خىل كۈچلۈك ئىمتىيازدىن تاكى تەۋبە قىلىپ ئەسلى ئورنىغا قايتىپ كەلگۈچە ئول بەندىگە ئۆزىدىكى ئەنە شۇ ئىمانىي نۇر قۇۋۋىتىنىڭ بەھىرىنى ئالىدۇ . ئەنە شۇ خىل ئىمتىيازدىلا ئاندىن كىملەر ئۈچۈن دۇئا قىلىشى ۋە قانداق ئەھۋال ئاستىدا قۇبۇل بولىشى شۇ بەندىدە ئايان بولىدۇ . مادامىكى شۇ نۇر ئۇ بەندىدىلا بولىدىكەن ، ئۇنىڭ كىرگەن مەسجىدى ، قاتناشقان نامىزى ، مىيىت نامىزى ، باسقان زېمىنىدىكى تۇرغان ئورنى ، قاتناشقان جامائىتى بىردەك رەھمەت ئىچىدە بولىدۇ . ئاللاھ تائالانىڭ بىزلەرنىڭ يېتىشىگە ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىۋاتقان ئارغامچىسى ئەنە شۇ نۇر ئۈستىدىكى لىنىيەدۇر ، ئىمتىيازدۇر . مۆئمىنلەر ئەنە شۇ نۇرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن(3) تىرىشىدۇ . ئاللاھ تائالا مۆئمىن بەنىدىلىرىنى بىرەر پىشكەلچىلىكتىن ساقلىماقچى بولسا ، ئەنە شۇ نۇر - قەلىبتىكى كۈچلۈك خىتاب ، قەلىبنىڭ ياخشىغا مايىل بولىشى ، ياماندىن بىئارام بولىشى ..... دېگەندەك تۇيغۇلار ئارقىلىق ياخشى ، ئامان جايغا(4) ئىشتىش ئارقىلىق ياخشىلىقنى تىلەيدۇ .
مانا بۇ دىنىي ئىمتىيازنىڭ ئاللاھقا قانچە كۈچلۈك بولمىسۇن مۆئمىن بولغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىدىن باسقان ئىزىدىن كىيىنكى بېكىتىدە ئۇلىشىدىغان بەزى بىر ئىمتىيازىدۇر . بۇ گەرچە دىن پۈتۈنلىك بىرلىكىدە شۇنچە روشەن تۇرسىمۇ ، ئەمما ، بارلىق ئىنسان ۋە جىن بۇ خىل ئىمتىيازدىن مەھرۇم ھالدا تۇغۇلدۇرغانلىقتىن ، ئۇلارغا مەخپىي - يەنى غەيىب ئىشلاردىن بولىدۇ . بۇ خىل ئىمتىيازغا يېتىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان دىنغا ئالاقىدار بولغان ئېلمىنتلارغا ئېرىشىش ، ئەنە شۇ غەيرىي ئېلمىنتنى قەلبىدە تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ، قەلىبكە ھەم غەيرىي بولغان سېھرىي قۇۋۋەتتىن يېتەرلىك ھازىرلىشى لازىمدۇر . ئەگەر تېگىشلىك ئېلمىنتلار ئول بەندىدە تەييارلانماي تۇرۇپ ، شۇنىڭدەك غەيرىي ھىسسىيلىككە ئائىت بولغان بىر يۈرۈش ئىلىم توپلانمىسى بولغان كىتابلاردىن ئارىيە ئاڭلىنىدىكەن ، ھېلىقى رىياخورلۇقتا << مىڭ يىل >> ياشىغان ، مۇشۇ خىل ئىلىمنى ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە بېرىشكە ۋە ئىلگىرى ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئىبادەتتە بولماي ، بۈگۈنىدە تەقۋالىقنى ھەقىقىي رەۋىشتە تىلىگۈچىلەرگە بېرىلگەنلىكىگە ئىشەنمەيدىغان ۋە ئۇلارنى يالغانچى دەيدىغانكى بۇ خىل نېسىۋىدىن مەھرۇملار ھامان بۇ خىل << كىتابنى >> ئىنكار قىلىدۇ . شۇڭلاشقا بۇ خىل كىشىلەرنىڭ مۇشۇ خىل پاساتىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تاكى دىندا راستچىللاردىن بولۇپ ھالقىپ مەلۇم دىنىي نىسبىيلىككە ئىگە بولغۇچە شۇ خىل تېخى ئۇلار تېتىپ ، سېزىپ باقمىغان غەيىب بولغان ئېلمىنتلاردىن بىر مەزگىل توختاپ تۇرۇش لازىم . ئۇنداق بولماي كىملا بولسا ۋە نېمىلەرنى سورىسا ئېيتىۋېرىپ ، ئاقىۋەتتە ماڭا ئوخشاش << پوققا چالما ئاتساڭ ، يۈزۈڭگە چاچىرايدۇ >> . مەن بۇ خىل پوقنىڭ نېمە ئۈچۈن چاچىرىغىنىنى بىلمەي يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا ناگاھان قايسى كۈنىدىكى قۇرئان ئوقۇشۇمدا ئىككى ئايەتنى ئالدى - كەينىگە ئاتلاندۇرۇپ پىكىر قىلىشىمدىن ( ئەنە شۇ ئىلھاممۇ دەل ئاللاھدىن ) بۇنىڭ سىرى ئايان بولدى . ئاللاھ تائالا بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇشنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ .
{ شەك - شۈبھىسىزكى، ساڭا بىز روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، ئۇلارنى پەقەت توغرا يولدىن چىققانلارلا ئىنكار قىلىدۇ [99] }
بۇ يەردىكى << ساڭا >> بىلەن << نازىل >> ئۈستىدە توختالساق ، ئاللاھ بىر نەرسىنى نازىل قىلغانىكەن ، چوقۇمكى بىر نەرسىنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ روياپقا چىقارغان بولىدۇ . ئاللاھ قۇرئاننى ئىنسانلارنى توغرىلىققا يېتەكلەيدىغان دەستۇر قىلىپ چۈشۈردى . دىنغا ئالاقىدار ۋە ھەر بىر زامانلاردىكى قايسى توغرا ۋە قايسى خاتالىرىدەك بارلىق ئىلىم دەل ئۇنىڭدا بار . بەزى ئىلىملەر مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ۋاقتى - سائىتى كەلگەندە ئاندىن چىقىرىلغۇسىدۇر . بۇ دەل ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان ياكى بىشارەت بېرىلگەن ، ئەمما كىيىن مەلۇم بىر ئالىم ياكى ئادەتتىكى كىشى دەپ قارىلىۋاتقان شەخىس تەرىپىدىن مەيلى شەيئىلەرنى تەتقىق قىلىشتىن بولسۇن ياكى ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىشتىن بولسۇن ئوتتۇرغا چىقىرىلغاندا ، بارلىق ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان جانابى ئاللاھ ئەنە شۇ شەيئىلەر ، ئايەتلەرنى دەلىل قىلىپ روياپقا چىقارغان بولىدۇ . ئەمما ، بۇنىڭلىقتىنمۇ ھەدىدىن ئېشىپ ئۆزىنى مەن ياراتقۇچى دەپ(5) قاتتىق كۇفرىلىقتا بولىدىغانلارمۇ بار . ئاللاھ شۇنىڭدەك خالىغان ۋاقىتتا خالىغان بەندىسى ئارقىلىق خالىغان ئىلىمنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا قادىردۇر . مانا بۇ نازىلدۇر . ئەمدى << ساڭا >> دېگەن سۆزىگە كەلسەك ، قۇرئان تەقۋادارلارغا يېتەكچى قىلىنغان كىتابتۇر . كىملەركى قۇرئاندىن ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بىلدۈرگەن ھەق ئىلىمنى ئالىدىكەن ، ۋە ئۇ ئىلىمنىڭ ھەق جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن قۇرئاننى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ بەرگەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن ، ئەنە شۇ دەل << سەن >> شۇدۇر . ئاللاھ خدلىغان بەندىلىرىگە بەزى ئىلىملىرىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق زامانىنى بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا كۆتۈرىدۇ ، ئۆزگەرتىدۇ ، ئاجىزلىقدىن كۈچلەندۈرىدۇ(6) . ئاللاھ ئەنە شۇ دولقۇننى پەيدا قىلغىنىدىكى توغرا يۆلۈنۈشلەرگە قاراشنى ، شۇنىڭدىن توغرىسىنى تېپىشنى ئىشتىدۇ . ئەمما ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھامان مۇشۇ خىل دولقۇندا باشقا نەرسىلەرنى بايان قىلغۇچى ، شۇ بايانىدا ئۆزگە يول تۇتقۇچىلارنى ئۆزلىرىگە مەبۇد(7) قىلىشىۋالىدۇ . ئاللاھ بۇنىڭدەك كۇفرىلىقلارغا ئىنتايىن دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىدۇ . ئەمدى تۆۋەندىكى ئايەتكە قاراپ باقايلى !
{ ھەر قاچان ئۇلار بىرەر ئەھدە تۈزۈشسە، بىر تۈركۈمى ئۇنى بۇزىدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى (ئۆزىگە چۈشۈرۈلگەن كىتابقا) ئىمان ئېيتمايدۇ [100] }
توغرا يولدىن چىقىشنىڭ ئاساسلىق باسقۇچى دەل كىشى ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا ۋە ياكى ئاللاھقا بىرەر ئىشنى قىلىشنى ئەھدە قىلغاندىن كىيىن ، كىيىن نەپسى غالىپ كېلىپ ھېلىقى ئەھدىسىگە مۇخالىپ كېلىدىغان ئىشنى قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ . يەنە بىرى ئەنە شۇنىڭدەك ئىشلارنى قىلغاندا كىبىر ، رىيا ئارلاشتۇرىدىكەن ، ياكى قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن قىلغان ئىشلىرىغا مىننەت قىلىدىكەن ياكى باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىدىكەن ، ئۇلار ھەم ئەھدىسىنى بۇزغان(8) بىلەن ئوخشاش بولىدۇ . ئەھدىنى بۇزۇش گۇناھلا بولماستىن ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشتىن توسۇپ قويىدۇ . چۈنكى ئاللاھ تەقۋادارلارنى دوست تۇتىدۇ . تەقۋادارلار ھەرگىزمۇ بەرگەن نەرسىسىنى قايتۇرىۋالمايدۇ ، قىلىشقا بەل باغلىغانكى ئىشىنى قىلىشنىلا ئويلايدۇ . ئەگەر قىلالمىسا ئاللاھ بۇيرىماپتۇ دەپ قارايدۇ . چۈنكى ئۇلار قانداقلا بىر ئىشنى قىلىشتىن ئىلگىرى << ئاللاھ خالىسا >> دېگەننى قېتىپ نىشانلايدۇ . ئەنە شۇ زىيانكارلىقنى تىلىگۈچىلەرنى ئاللاھ << ئىمان ئېيتمايدۇ >> دەۋاتىدۇ . بۇلار نېمىگە ئىمان ئېيتمايدۇ ؟ شۇ ئايەتتىن تۆۋەنكى ئايىتىگە قاراپ باقايلى !
{ ئۇلارغا اﷲ تەرىپىدىن قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان بىر پەيغەمبەر كەلسە، (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنى) بىلمەيدىغاندەك، اﷲ نىڭ كىتابىنى (يەنى تەۋراتنى) ئارقىسىغا چۆرۈۋېتىدۇ (يەنى تەۋراتنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلمايدۇ) [101] }
ھەممىمىز بىلىمىزكى ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىلگىركى كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ ھەممىۋاسىدىكى دىنغا ئائىت بارلىق ئەقىدىلەرنى ، تەقۋالىقلارنى ۋە ئاللاھقا قايسى رەۋىشتە تەۋەككۇل قىلىشتەك ماھىيەتلەرنى پۈتۈن بىرلىك قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك دىنىي ئىبادەتلەردە بولۇشتا ئىلگىركى مۇسۇلمانلارنى بۈگۈنىدە ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان ۋە ئۆزلىرى ئىشلىشى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولغان ، ئۆزلىرى ئەڭ مۇھتاج بولغان ئىمتىيازغا ئېرىشمەك ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ئىسلامىي چاقىرىق قىلىپ كەلگەندە ، بەزىسى ئاۋاز قوشتى ، ئەمما كۆپ ساندىكىلەر بۇنىڭدىن باش تارتتى . ئۇلارغا ئەگەشكۈچى شۇ كۈندىكى كىتابنى بىلمەيدىغان ۋە كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ئىنتايىن نۇرغۇنلىرى ئەگىشىپ كەتتى . ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلار نېمە ئۈچۈن ھەق دىنغا ئىشتىراك بولالمىدى دېگەندە ، دەل ئۈستىدە توختالغىنىمىزدەك ، دىندا بولۇشقا تېگىشلىك تەقۋالىقنى ئۇلار ياقتۇرمىدى ، شۇ كۈندىن ئىلگىرى نېمىلەرنى قىلىشقا توغرا كەلسە شۇنى قىلىش بىلەن گۇمراھلىقنى تىلىدى . قۇرئان ئوقۇغانلارغا بۇ مەلۇملۇق . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە ھەتتا ئۆزلىرى بىلىدىغان ، ئاڭلىغان م ئاشكارا بىشارەتلەر بېرىلگەن پەيغەمبەرگە ۋە ئۇنىڭدىكى ھەق ئىلىملەرگە ئىشەنمىدى - يەنى ئۇنىڭغا ئەگەشمىدى . ئاللاھ تائالا بۇ ئايىتىنى مىسال كەلتۈرۈپ تۇرۇپ بىزلەرگە شۇنى بىلدۈرىۋاتىدۇكى << ئاللاھنىڭ توغرا دىنى پەقەت رەھمىتى ھەم ھىدايىتىنى تىلەپ ياخشى ئىش قىلغان ، ھەمىشە تەقۋالىق ئۈستىدە بولغانلارغا خاستۇر >> .
ئۇلاردىكى بۈگۈنىدە يېڭىچە ئىلىمگە گەرچە پەيغەمبەرنىڭ بىشارەتلىرىنى ئاڭلىغان ۋە تەۋرات كىتابلىرىنى ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ ، چىن ئىمان ئېيتىپ شۇ كۈندىكى ئەھلى ئىسلامغا ئۆتەلمىدى ؟ بۇ دەل كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەك بولۇش بىلەن چەكلىنىپ قالغانلىقنىڭ سەۋەبى . شۇڭا ئىلىم باشقا ، ئۇنىڭ يېتەكلىشىگە ماسلىشىش باشقا . كىملەركى ئىلىم ئېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ ئەمەل قىلمايدىكەن ، ئۇنداقلاردىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈش ھاماقەتلىكنىڭ ئۆزىدۇر خالاس . ئۇنداقلار ئىبلىسكە چوقۇنۇشنى تىلىگۈچىلەردۇر . ئىبلىس دەل ئىلىم ئالاتتى ، ئەمما ئەنە شۇ ئىلىمنىڭ روھىدىن پايدىلىنىپ ئۆز رەببىگە ئىبادەتتە راستچىللىقتا بولۇشنى تىلىمەيتتى . ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ ئىبادىي شەكلىدىكى يالغانچىلىقى ئەنە شۇ بىر سەجدە بىلەن ئاشكارلىنىپ كەتتى .
ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولغان ھەقىقەت ئىلىملەردىن بەزىسىنى كۆرۈپ ئىشىنىمىز . بەزىسىگە ئاڭلاپ ئىشىنىمىز . بەزىسىگە چوقۇمكى ھىسسىي جەھتتىن ئىشىنىشىمىز تەلەپ قىلىنىدۇ . ئەمما ، نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار ئاڭلىغانغىلا ۋە كۆرگەنگىلا ئىشىنىمىز ، ھىسسىي جەھەتتىكىسى بىلەن ھېچ ئالاقە قىلمايمىز بەلكى بۇنىڭدەك ئىلىملەرنى ئىنكار قىلساق كاپىر بولۇشتىن تۈگۈل كۇفرىلىقتا بولغان بولمايمىز دەپ ئويلايدۇ . شۇڭا سېھىر دېگەن ئۇقۇمنى قەلىبلىرىدىن چىقىرىۋېتىشنى ، ئۇنىڭدەك بىر ئېلمىنتنىڭ بارلىقىنى قۇلاق تۈۋىگە كەلتۈرۈشتىنمۇ چەكلىنىشىنى ئېيتىشىدۇ . ئاقىۋەتتە ، ئۇنىڭدەكلەرئەنە شۇ كۇفرىلىقى بىلەن ھىسسىي جەھەتتىن ئىشىنىشكە تېگىشلىك بولغان ئايەتلەرنى(9) ۋە شۇ خىل ئېلمىنتنىڭ قەلىبكە ئورنىشىدىن كېلىدىغان باشقا بەزى ئاساسلىق نېمەتلەرنى بىردەك تەرك ئېتىشتە بولۇشنى تاللىشىدۇ . ئاللاھنىڭ يۈرەكتە ئەسلى بولۇشقا تېگىشلىك قىممىتىگە يەتمەي تۇرۇپ ، يۈرەكنىڭ ئەسلى ئىقتىدارىدىكى غەيىبلەرگە قارىتا سېزىپ ئىشىنىدىغانكى ئاللاھنىڭ بەزى ئالامەتلىرىگە چىن پۈتكىلى بولمايدۇ . شۇڭا ئاللاھ سېھىر ئىلمىسىنى ياراتتى . بۇ ئارقىلىق قەلىبلەر مەلۇم نىسبەتتە تارتىش كۈچىگە ئىگە بولغۇسى ، خۇددى يەئقۇپ ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش شۇنچە يىراقتىكى ئەلچى خۇش خەۋەرچىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ ئالدى ۋە ئۇنىڭدىن يۈسۈپنىڭ ھىدىنى ئالدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلگىركى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا چۈش ئارقىلىق ئالدىن بىشارەت بېرىلىپ ئىشەندۈرۈلگەنكى ئىمانىنىڭ راستلىقى ئىسپاتلاندى ۋە ئۇنىڭ ئەنە شۇ ئېتىقادى ئاخىرى ھەتتا ئۇنى ئاداشتى ، ساراڭ بولۇپ قالىدىغان بولدى دىيىشىۋاتقان ئۇرۇق جەمەتىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىز - كۇفرىلىقلىرىغا قارىتا دەلىلى بىر جاۋاب بولدى . بۇ خىل يىراقتىن كېلىۋاتقان ، پات ئارىدا ئۆزىدىكى دىشۋارچىلىقلارنىڭ جاۋابى كېلىدىغان ، ئەتىدە گەرچە قانداق ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى بەندە بىلمىسىمۇ ، ئەمما بەزى چۈشكە نىسبەتلىك بولغان چۈش ، ئايەت ، تۇيغۇلاردىن ئىبارەت بىشارەتلەر ئارقىلىق بەزى نېمەتلەر ئالدىن ھىسسىي جەھەتتىن بېرىلگۈسىدۇر . بۇ پەقەت شۇ يۇرتتىكى ئىمانىدا راستچىللارغا خاستۇر . شۇڭا ئاللاھ ئۇلارغا بېرىدىغان رەھمىتىنى ئېيتىپ شۇنداق دەيدۇ : { ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، نېمەتنىڭ (ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىن چىقىپ تۇرغان) ئەسىرىنى تونۇيسەن. ئۇلار ئاغزى پېچەتلەنگەن ساپ شاراب بىلەن سۇغىرىلىدۇ، ئىچىشنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن!(10) } { ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا: «بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن (دۇنيادىمۇ) رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ. جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ(11) }
شۇنىڭدەك ، ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ، ئۇنىڭ بەندىلىرىگە بىلمىگەنلىرىنى بىلدۈرىدىغان ، تىلەكلىرىنى ئورۇنداپ بېرىدىغان ، ئۆز - ئارا ئەھدىلىشىدىغان ، ئىبادەتلەردە پەقەت ئۇنىڭغىلا بويسۇنغان ھالدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرىدىغان ، پەرىشتىلەرگە ، ئاخىرەتكە ، مەھشەر كۈنىگە ، دوزاخ - جەننەتكە ، بەندىلەرنىڭ بىلىشىگە تېگىشلىك بولغان ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ھىسسىي جەھەتتىن ئىمان ئېيتىشقا تېگىشلىك بولغان ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ بېرىدىغان بىر ئېلمىنت بولۇپ ، بۇ دەل ئىنساندىكى روھىي تۇيغۇدۇر . بۇ خىل تۇيغۇنىڭ قايسىسى راست ، قايسىسى يالغان بۇنى ئايرىش ئۈچۈن چوقۇمكى تەقۋادارلاردىن بولماق تەلەپ قىلىنغۇسىدۇر . ئاللاھقا جىمى سۈپىتى ، ھېكمىتى بۇيىچە ئىشەنمىگەن كىشى قانداقمۇ ئاللاھقا ھەمىشە تەقۋادارلىقتا بولالىسۇن ؟ چۈنكى ئۆزىنىڭ كۇفرىلىققا پېتىپ كېتىشىدىكى ياكى كۇفرىلىقتىن بارغانچە نىجاتلىققا چىقىشتىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىلمىگەن - مۇنداقچە ئېيتقاندا تۇيمىغان كىشى قانداقمۇ گۇمراھلىق بىلەن نىجاتلىقنى ، نۇر بىلەن زۇلمەتنى ، سايە بىلەن ئىسسىقتىن ، سوغۇق بىلەن قىززىقتىن كېلىدىغان ھارارەتلەرنى توغرا تونۇپ ئايرىلالىسۇن دەيسىز ؟ شۇڭا ئاللاھ سېھىردىن ئىبارەت ھىسسىيلىككە ئېلىپ ماڭغۇچى ، تۇيغۇسىنى كۈچەيتكۈچى ئامىلنى چۈشۈردى . بەزىلەر بۇ ئىلىمنى بىۋاستە قول تىقىپ ئىشلەپ ھەقلىقىگە ئىشىنىدۇ . يەنە بەزىلەر بولسا باشقىلارنىڭ ئەنە شۇ خىل زىيانكەشلىك قىلىشتەك قەستى بىلەن شۇ خىل تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك بولىشىغا ئېرىشىدۇ . ئەمما ، ئېيتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك ھەقىقەت شۇكى ، ئاللاھنىڭ ھەر زامان ۋە ماكان تېگىشلىك قىلىپ ئىرادە قىلغانكى زامان كىتابىغا ئىشەنمىگۈچىلەرنىڭ بەزىلىرى دەل ياكى سېھىرنى يالغانغا چىقىرىپ يوق دېگۈچى ۋە سېھىر ئېلمىنتىنى ئۆزىدە ھىسىل قىلمىغۇچى ، ياكى سېھىر ئارقىلىق يامانلىقنىلا تىلەپ شەيتانلاردىن بولۇشۇپ كەتكەن كىشىدۇر . ئاللاھ تائالا بۇلار توغرىسىدا شۇنداق ئېيتىدۇ :
{ ئۇلار سۇلايماننىڭ پادىشاھلىق زامانىدىكى شەيتانلارنىڭ (سېھرىگەرلىكىگە ئائىت) سۆزلىرىگە ( سۇلەيمان ئەلەيھىسسالاممۇ ئىشلىتىپتىكەن دەپ ) ئەگەشتى. ( لېكىن ) سۇلايمان ( بۇ خىل ئېلمىنتتىن پايدىلانغان بىلەن ئۇ سېھرىگەر بولغىنى ۋە سېھىر ئۆگىنىش بىلەن) كاپىر بولغىنى يوق، لېكىن ( قانداقلا بىر ئامانەت بېرىلمىسۇن ، ئۇ ئارقىلىق يامانلىقنى ئىشتكۈچى ) شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىپ ( ئەنە شۇ قىلمىشىنىڭ ۋابالىنىڭ تارىيىشىدىن ئاخىرى ) كاپىر بولدى. ئۇلار بابىلدىكى ھارۇت - مارۇت دېيىلىدىغان ئىككى پەرىشتىگە نازىل قىلىنغان سېھىرنى ئۈگىتەتتى. (بۇ ئىككى پەرىشتە ئىلگىرى) بىز كىشىلەرنى سىنايمىز ( ئەمما بۇنىڭغا بېرىلىپ ) كاپىر بولمىغىن، دېمىگىچە ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى. ( ئەمما ) ئۇلار ( يەنى نەپسىنىڭ خۇشلىقىغا بېرىلىپ كېتىدىغان ، تەقۋالىقنى ھېچ ياقتۇرمايدىغانلار ) بۇ ئىككىسىدىن ئەر - خوتۇننى بىر - بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان نەرسىلەرنى (يەنى سېھىرگەرلىكنى) ئۆگىنەتتى، ئۇلار (سېھىر ئارقىلىق) اﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز ھېچ كىشىگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيىنى بار، پايدىسى يوق نەرسىنى ئۆگىنەتتى. يەھۇدىيلار (تەقۋادارلىقنى تاشلاپ) سېھىرنى سېتىۋالغۇچىغا ئاخىرەتتە (اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن ۋە جەننىتىدىن) ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بېلەتتى، ئۇلار جانلىرىنىڭ بەدىلىگە سېتىۋالغان نەرسىسىنىڭ ئەجەبمۇ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى [102] }
شۇنىڭدەك ، سېھىردە تۇيغۇنى كۈچەيتىدىغان ئامىل كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇنى تەتقىق قىلغاندا كىشىنى ئالاھىدە تۇيغۇلارغا چۆكتۈرىدۇ ۋە ئاللاھ قايسى بەندە سېھىر تەرەپكە يۈزلەندە ھەم ئۇنىڭغا شۇنىڭغا خاس بەزى غەيرىي قىسمەتلەرنى تەقدىر قىلىپ بېرىدۇ . مەسىلەن بۇ توغرىسىدا ھەدىسلەرگە قاراپ باقايلى !
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ راۋايەت قىلىپ مۇندا قدەيدۇ : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى پىتىر سەدىقىسىنى ساقلاشقا مەسئۇل قىلىپ قويغان ئىدى . بىر كىشى كېلىپ خورمىدىن ئىككى قولىدا چاڭگاللاپ ئالغىلى تۇردى . مەنا ئۇنى تۇتىۋېلىپ : سېنى رەسۇللاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىمەن ، دېدىم . ئۇ ئۆز ئەھۋالىنى ( يەنى مۇھتاجلىقىنى ) ئېيتتى ، ئاندىن ماڭا : ياتىدىغان چېغىڭدا ئايەتۇلكۇرسىنى ئوقۇغىن ، كېچىچە ئاللاھ سېنى قوغداشقا بىر پەرىشتىنى ھەمرا قىلىدۇ ، تاڭ ئاتقىچە ساڭا شەيتان يېقىن يولىمايدۇ ، دېدى . بۇ ئەھۋالنى رەسۇللاھقا ئېيتسام ، ئۇ ماڭا : ئۇ ساڭا بۇ سۆزنى راست ئېيتىپتۇ ، ئۇ ھەمىشە يالغان ئېيتىدىغان شەيتاندۇر ، دېدى( 12)
بۇ يەردە ئېيتىلغان ھەدىس ھەممىلا ساھابىگە ئەمەس ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئەمەس . ئاللاھ ئەنە شۇنىڭدەك ھېكمەت بىلەن بەندىسىنى ئۆزىدىكى ئىمتىيازىنى چۈشىنىشكە ۋە بەزى ئۆزىگە زۇلۇم قىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىشقا تېگىشلىك بەزى ئىلىملەرنى ، ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بېرىدۇ . ئۇنىڭدىن سىرت ، گەرچە ئىنسان ئۇخلىسىمۇ ئۇنىڭدا بەزىدە ئالاھىدە بىر تۇيغۇلار بولىدۇ . يۇقارقى ھەدىسنىڭ بىر روھى دەل ئەنە شۇنىڭدەك روھىيەتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئىشتىدۇ . ئۇنىڭدىن سىرت ، ئايەتۇلكۇرسىنىڭ جىنلارنىڭ دىشۋارچىلىقىغا قالغاندا ئوقۇپ ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن دەررۇ قالقان قىلماقلىق تەرىپىمۇ بار . ئەگەر ئايەتلەرنىڭ سېھرى كۈچىگە ئىشەنمىگەندە ، قانداقمۇ ئاللاھ ئۇلارغا شۇ خىل قۇۋۋەتنى ئاتا قىلسۇن ؟ ئۇنىڭدىن سىرت يۇقارقى ھەدىسنىڭ تۆۋەينىدىكى بىر ھەدىستە قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۆئمىننىڭ خۇددى لىمۇنغا ئوخشايدىغانلىقى ، ئۇنىڭدا بەزى روھىي تەم ۋە روھىي خۇشپۇراقلارنىڭ تارقىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ .
ئۆز ۋاقتىدا رەسۇللاھنىمۇ بەزى يەھۇدىيلار سېھىر ئارقىلىق قەست قىلغان(13) ، بەزى كېسەلنى دەم سېلىش ئارقىلىقمۇ ساقايتقىلى بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان ۋە دەلىللەنگەن(14) يەنە ئۇنىڭدىن باشقا زەھەرلەنگەن ئورۇنغا دەم سېلىپ داۋالاشنى(15) ۋە كۆز تەگكەن ئادەمنى ھەم دەم سېلىپ داۋالاشنى(16) تەلەپ قىلغان . شۇنىڭدەك ، كىشى ئۆزىدە مەلۇم سېھرى قۇۋۋەتنى كۈچلەندۈېمىكى لازىمدۇر . لېكىن سېھىرگەرلىك قىلىشتىن ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرۇشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىش لازىمدۇر . چۈنكى رەسۇللاھ شۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن << ھالاك قىلغۇچى يەتتە خىل گۇناھتىن ساقلىنىڭلار >> ئۇ بولسىمۇ << ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ، سېھىرگەرلىك قىلىش ، ناھەم ئادەم ئۆلتۈرۈش ، جازانە يېيىش ، يىتىملارنىڭ مېلىنى يەۋېلىش ، ئۇرۇش مەيدانىدىن قېچىش ، يامان ئىشتىن بىخەۋەر ئىپپەتلىك مۆئمىن ئايالغا بوھتان چاپلاشتۇر >> دېگەن(17) .
يەنە باشقا ھەدىسلەردە رەسۇللاھ ساھابىيلىرىنى سېھىرگەرلىك قىلىشتىن قاتتىق چەكلىگەن . ھەمدە سېھىرگەرلىك قىلغۇچى ۋە قىلدۇرغۇچى ، ئۇلارنى تونۇشتۇرغۇچى ھەممىسى مەلئۇن دېگەن . بۇ يەردىكى مەلئۇنلۇق دەل ئۆزىنى مۆئمىن ھېسابلىغۇچى ھەر كىشىگە ئۇمۇمىيدۇر . شۇنىڭدەك ، بەزى كىشىلەر ئۆزى سېھىر ئىلمىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قولىنى تىقسا ، يەنە بەزىلەر ئۇلارغا ياردەملىشىش جەريانىدا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى تېتىغۇسىدۇر . يەنە بەزىلەر ئەنە شۇ خىل سېھىردىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى ئىسىتقۇ قىلىپ باشقىلارنى بىر - بىرلىرىگە باغلاپ روھىيىتىنى باغلاشتەك تاجاۋۇزچىلىقىدىن سېھىرلىنىپ بەزى شۇ سەۋەبلىك يېتىدىغان روھىيىتىنىڭ تۇيغۇسىنىڭ ئېشىشىگە ئېرىشىدۇ . شۇڭا گەرچە بىراۋ تەرەپتىن ئىسىتىلىنىپ قەستلەنگەن بولسا ، پەقەت بارلىق ياخشىلىق ئاللاھدىن دەپلا ئاللاھقىلا تېۋىنىپ سېھىركەشلەرنىڭ سۇۋىتىپ بېرىشىنى تىلمەستىن سەۋەر قىلىشنىڭ ئۆزى شۇ بەندىگە قارىتا ئەڭ پايدىلىقتۇر . ئەنە شۇ كېسەلچىلىك ساقايغۇچە بەندىدە ئالاھىدە تۇيغۇلار ئالمىشىپ ئۆتكۈسى .
يەنە بىرى مۇشۇ خىل سېھرى كۈچ قانچە كۈچەيگەنسېرى كىشىلەر ئارا قەلىبلەرنىڭ تارتىش كۈچى شۇنچە يۇقىرىلىشىدۇ . نامازدا ۋە دۇئالاردا جامائەتلەر ئارا قەلىبلەرنىڭ بىرلىشىشى ، ھەتتا بىر كىشىنىڭ قەلبىدە بىر نەرسىنى ئويلاۋاتقان بولسا ئۇنى يەنە بىرىنىڭ قەلبى تارتىپ قارشى تەرەپنىڭ ئوي مەيدانىغا كىرىپ قېلىشى ، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئامىللار يېتىلگۈسىدۇر . بۇنىڭ ئىچىدە ئىلىم ئەھلىنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىدىن تارقاتقانكى(18) ئىمانىي ، ئېتىقادىي جىلۋىلەرنى تارتىپ ئۆزگىچە تۇيغۇلارغا چۆكۈشمۇ دەل ئاللاھنىڭ زامانغا خاس << كىتاب >> لارنى ئىرادە قىلىشلىرىغا قارىتا نازىللىرىنى ھىس قىلىشقا ئېلىپ بارغۇسىدۇر . ھەقىقەت شۇنچە ئاشكارا بولغاندىن كىيىن سېھىركەشلەرگە قارىتا شۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ تۆۋەنكى ئايەتتە :
{ ئەگەر ئۇلار ئىمان كەلتۈرسە (سېھىرنى تاشلاپ) اﷲ تىن قورقسا، (ئۇلار ئۈچۈن) اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، كاشكى ئۇلار بۇنى بىلسە ئىدى [103]بەقەر }
شۇنىڭدەك ، ھەقىقەتنىڭ ماھىيىتىگە يېتىپ بولغاندىن كىيىن ، ئىلگىركى نادانلىقىدا ئىشلىگەن بىر بۆلۈك يامانلىقنى تاشلاشمۇ ئاللاھنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا ئاۋاز قوشقانلىقتۇر . ئەمما ، ھەقىقەتنىڭ ماھىيىتىگە ئېرىشكەندىن كىيىنمۇ يەنىلا بەزى ھاماقەتلىكتىن ئىلگىرى نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ شۇنىڭدەك سېھىركەشلىك قىلىشتەك خاتالىقلارغا سىڭىشىپ كەتكەنلىك بولسا ، ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ، غەزىپىگە دۇچار قىلىپ قويىدۇ .
شۇنىڭدەك ، ئاللاھنىڭ يېڭىچە نازىللانغان ھەقىقەتلىرىگە ئىمان ئېيتىشتىن ، ئۇنىڭ ھەقلىقىگە تەستىق سالغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن توسۇلۇپ قېلىۋاتقانلارنىڭ بىر ئاجىزلىقى دەل سېھرى كۈچىنى زورايتمىغان ، ياكى سېھىركەشلىك قىلىپ ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكنىڭ ئاقىۋېتىدۇ . شۇڭا يېڭىچە ئىلىملەرنىڭ ئاشكارلىنىشىنى ، شۇنىڭدەك سېھىر تەرەپتىن تاۋلانمىغانلار گەرچە ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ ، چوقۇمكى ھەق ئىلىمگە ئىشەنگەن كىشى ئىمانىدا مۇنتىزىم تۇرىشى لازىمدۇر . شۇنىڭدەك دىندا ياسالما تەقۋالار ۋە بۈۋىلەر مۇشىنىڭدەك ئاساسلىق ئىمانىي جەھەتلەردىن ئەھلى ئىماندارلارنى ئىمانىدىن قايتۇرۇپ كاپىر قىلىشنى تىلىشىپ قالىدۇ . شۇڭا بەزى غەيبىي ئىشلاردا بۇ خىل ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋالغۇچى كىشىلەر بىلەن تاكاللىشىپ كەتمىگەن تۈزۈك . بارلىق ئىلىم ئەھلىلەرگە سالام بولسۇن - ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ
(1)(2)ئۇلار سۇلايماننىڭ پادىشاھلىق زامانىدىكى شەيتانلارنىڭ (سېھرىگەرلىكىگە ئائىت) سۆزلىرىگە ئەگەشتى. سۇلايمان (سېھرىگەر بولغىنى ۋە سېھىر ئۆگىنىش بىلەن) كاپىر بولغىنى يوق، لېكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىپ كاپىر بولدى. ئۇلار بابىلدىكى ھارۇت - مارۇت دېيىلىدىغان ئىككى پەرىشتىگە نازىل قىلىنغان سېھىرنى ئۈگىتەتتى. (بۇ ئىككى پەرىشتە) بىز كىشىلەرنى سىنايمىز كاپىر بولمىغىن، دېمىگىچە ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى. ئۇلار بۇ ئىككىسىدىن ئەر - خوتۇننى بىر - بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان نەرسىلەرنى (يەنى سېھىرگەرلىكنى) ئۆگىنەتتى، ئۇلار (سېھىر ئارقىلىق) اﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز ھېچ كىشىگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيىنى بار، پايدىسى يوق نەرسىنى ئۆگىنەتتى. يەھۇدىيلار (تەۋراتنى تاشلاپ) سېھىرنى سېتىۋالغۇچىغا ئاخىرەتتە (اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن ۋە جەننىتىدىن) ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بېلەتتى، ئۇلار جانلىرىنىڭ بەدىلىگە سېتىۋالغان نەرسىسىنىڭ (يەنى ئۆزلىرى ئۈچۈن سېھىر ئۆگىنىشنى تاللىشىنىڭ) ئەجەبمۇ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى [102]بەقەر
(3)ئۇ كۈندە مۆمىن ئەرلەرنى، مۆمىن ئاياللارنى كۆرۈسەنكى، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ماڭىدۇ، (ئۇلارغا) «بۈگۈن سىلەرگە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ، ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىسىلەر، بۇ ئۇلۇغ مۇۋاپپەقىيەتتۇر» (دېيىلىدۇ) [12] ھەدىد
(4) شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى پەرۋەردىگارى، ئۇلارنىڭ ئىمانى سەۋەبىدىن، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان نازۇنېمەتلىك جەننەتلەرگە يېتەكلەيدۇ [9]. ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دۇئاسى: «ئى رەببىمىز، بىز سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېيىشتىن ئىبارەت، .... [10]يۇنۇس
(5)اﷲ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار اﷲ رازى بولغانلارغىلا شاپائەت قىلىدۇ، اﷲ نىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ تۇرىدۇ [28]. ئۇلاردىن كىمكى، مەن اﷲ تىن باشقا ئىلاھمەن، دەيدىكەن، ئۇنى دوزاخ بىلەن جازالايمىز، زالىملارنى شۇنداق جازالايمىز [29]ئەنبىيا
(6) اﷲ كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ ، اﷲ ( بۇ توغرىسىدىكى بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [61]. بۇ (قۇدرەت) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، اﷲ ھەقتۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان نەرسىلىرى باتىلدۇر، اﷲ (ھەممە نەرسىدىن) ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر [62]ھەج
(7) يالغۇز اﷲ تىلغا ئېلىنسا، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى سىقىلىپ كېتىدۇ. اﷲ تىن باشقا مەبۇدلار تىلغا ئېلىنسا، ئۇلار خۇش بولۇپ كېتىدۇ [45]زۇمەر
(8) ئى مۆمىنلەر! پۇل - مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشى (نىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتكىنىگە) ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار. بۇنداق (پۇل - مېلىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان) ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا - چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن (يۇيۇلۇپ) بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ. اﷲ كاپىر قەۋمىنى ھىدايەت قىلمايدۇ [264] بەقەر
(9) ئاندىن ئۇنى راۋۇرۇس يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىگە مەنسۇپ روھنى كىرگۈزدى . يەنە سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە يۈرەكلەرنى ياراتتى، سىلەر ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر [9]. ئۇلار: «يەر ئاستىدا يوقالغاندىن كېيىن (يەنى گۆردە توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن) راستلا قايتا يارىتىلامدۇق؟» دەيدۇ، بەلكى ئۇلار پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر [10] سەجدە
(10) سۈرە مۇتەففىفىن [24-25-26]
(11) سرە بەقەر [25]
(12)سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى [357]
(13) ئۈنچە - مارجانلار [1412]
(14) ئۈنچە - مارجانلار [1414]
(15 -16) [1416 - 1418]
(17) ياخشىلارنىڭ باغچىسى [1793]
(18) اﷲ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر، اﷲ نىڭ (مۆمىن بەندىسىنىڭ قەلبىدىكى)نۇرى خۇددى (چىراق قويىدىغان) تەكچىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا چىراق باردۇر، چىراق شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر، شىشە گويا نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر، چىراق مۇبارەك زەيتۇن دەرىخىنىڭ (يېغى) بىلەن يورۇتۇلغان، ئۇ (يەنى زەيتۇن دەرىخى) شەرق تەرەپتىمۇ ئەمەس، غەرب تەرەپتىمۇ ئەمەس (سەھرادا ئوچۇقچىلىقتا بولۇپ، كۈن بويى ئۇنىڭغا كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مېۋىسى پىشىپ يېتىلگەن بولىدۇ)، يېغى (ئەڭ سۈزۈك بولىدۇ، سۈزۈكلۈكىدىن) ئوت تەگمىسىمۇ يورۇپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ، (ئوت بىلەن يورۇتۇلسا) نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلىدۇ، اﷲ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭ نۇرىغا (يەنى قۇرئانغا) (ئەگىشىشكە) مۇۋەپپەق قىلىدۇ، اﷲ (ئىبرەت ئالسۇن دەپ) كىشىلەرگە مىساللارنى (ئۇلارنىڭ پەمىگە يېقىنلاشتۇرۇپ) بايان قىلىدۇ، اﷲ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر [35]. اﷲ نىڭ ئۇلۇغلىنىشى ۋە ئىسمىنىڭ ياد ئېتىلىشى بۇيرۇلغان مەسجىدلەردە (مۆمىنلەر) ئەتىگەن – ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ [36]نۇر
داۋامى بار !
|
|