- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 111
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 111
- تىزىملاتقان
- 2013-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-5
- UID
- 52314
- يازما
- 111
- تېما
- 5
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 111
- تىزىملاتقان
- 2013-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-5
- توردا
- 180 سائەت
|
( 29 )
بۈگۈن نۇرغۇنلىغان ئاياللار ۋە ئەرلەر تولىمۇ پۇشايمان ئىلكىگە چۆمۈلۈپ كەتكەن ئىدى . چۈنكى ئۇلار ئىلگىرى بەزى ھەقلىرىنى ئادا قىلماستىن ئەرلىرىگە ۋە ئاياللىرىغا ئاسىي بولۇشۇپ ياكى بۇ ئىككى يولداش ، سەپەرداش ئەر - ئايال بىر - بىرلىرىنى توغرا يولغا مېڭىشتا قوللاشماستىن كارى بولۇشمىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ بىر - بىرلىرىگە بولغان ئامانەتكار ئىكەنلىكلىرىنى ئۇنتۇشۇپ كەتكەن ئىدى . ئەرلەر ئاياللىرىغا تولۇق رەۋىشتە ھامىي بولماقنى ئۇنتىغان ، ئاياللار ئەرلىرىگە ھەم ئىتائەت قىلماقنى ئۇنتۇشقان ھالدا ھەقىقەتەن ھالاكەتلىك بىر مەۋقەگە كېلىشىپ قېلىشقان ئىدى . ئەمما نۇرغۇنلىغان ئەرلەر ۋە ئاياللار گەرچە ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن نەپسىنىڭ يېتەكلىشى ، ئۆزلرىنى ھەقتىن ئېلىپ قېچىشلىرى بىردەك ئەنە شۇنىڭدەك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشقان ئىدى . ھالبۇكلى رەسۇللاھ ئاياللار توغرىسىدا توختۇلۇپ شۇنداق ئېيتقانىدى : « ئەگەر بىرەر ئادەمنى بىرەرسىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرىسامتىم ئەلۋەتتە ئايال كىشىنى ئۆز ئېرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇتتىم » .( ئىبنى ماججە ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان )
ئەلۋەتتە ، بەزى ئاياللار ، بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۆپىنچە ئاياللار ئەگەر ئىرى دىندا ۋە توغرا يولدا بولمىسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش كېرەكمۇ ؟ دىيىشى مۇمكىن . ئەگەر ئەر ئايالىنى كۇفرىغا قايتىشنى تەلەپ قىلمىسىلا ۋە ئۇنى ئاشكارا زىيانكارلىققا قىستىمىسىلا چوقۇم ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش لازىمدۇر . ئەمما ، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان ئايال چوقۇم دىندار ئايالنى كۆرسىتىدۇ . دىندار ئايال چوقۇم ئاللاھنى تونۇيدىغان ۋە ئۇنىڭغا تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىبادەت قىلىدىغان ، ئىبادىتىدە راستچىل ئايالدۇر . ئەمما ، قارىماققا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ، ئەمما ئىچكى جەھەتتىن غاپىل ، ئىچى زۇلمەت ھالەتتىكى ئاياللار بۇنىڭ سىرتىدا . ئەگەر دىندا راستچىل ئايال ئىرىگە توغرا رەۋىشتە ئىتائەت قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ گەرچە ئىرى ( ئايالىنى ناماز ۋە روزىدىن توسمىغان ۋە مۇمكىن بولسا ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدىغان بولۇپ ھۇرۇنلۇقتىن ) ناماز ئوقۇمىسىمۇ ۋە ھۇرۇنلۇقتىن رامىزان تۇتمىسىمۇ ئىتائەت قىلىۋەرسە ھەمدە ئاللاھدىن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلىشىنى ، كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىشىنى ، ئۇنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئۆزىگە قۇلچىلىق قىلىپ ئۆتۈشنى ۋە تېخىمۇ توغرا يولدا قىلىشىنى تەلەپ قىلىۋەرگەندە ، ياكى ئۇ ئەر ھىدايەتكە يېقىنلىشىدۇ ۋە ياكى ئەجەلگە ياكى ئاجىرىشىشقا يېقىنلىشىدۇ . چۈنكى ئاللاھ بۇ توغرىسىدا تەقدىرىنىڭ شۇنداق پۈتىلىدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن جاكارلاپ بولغان .
يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە لايىقتۇر، يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا لايىقتۇر، ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر، ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر، ئەنە شۇلار ئۇلارنىڭ چاپلىغان بوھتانلىرىدىن پاكتۇر، ئۇلار مەغپىرەتتىن، (نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردىكى) ئېسىل رىزىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ(1)
ئەگەر بىر ئايال ياكى ئەر ئىلگىرى كۇفرىلىقتا - جاھالەت دەۋرىدە بولۇشۇپ ، كىيىن ھىدايەت تېپىپ ئاللاھقا خاس ئىبادەت قىلىدىغانلاردىن بولغان بولسا ، چاپسانلا ئايالىنى قويىۋېتىمەن ياكى ئىرىدىن خېتىنى ئېلىشقا ئالدىرماي ، چوقۇمكى ئاۋۋال ئۆزى توغرا يولدا مېڭىپ ، ئاندىن ھەقنى قارشى تەرەپكە تەۋسىيە قىلىشى لازىم . ئەگەر قارشى تەرەپ دىندا بولۇشتىن چەكلىگەن بولسا ، بۇ باشقا گەپ . ئەگەر دىندىن چەكلىمىگەن ۋە دىندا بولۇشقا تەۋسىيە قىلغان بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم دۇئا قىلىشى ھەمدە ئىسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدىن تېتىتقۇزىشى لازىمدۇر . ئەگەر قارشى تەرەپ گەرچە ئىرى ياكى ئايالى توغرا دىندا بولسىمۇ يەنىلا قاششاڭلىق قىلىۋالغان ۋە شۇنى توغرا تەيىن تاپقان بولسا ، ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ نىكاھى ياكى بىرسىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ياكى ناگاھان بىر جودانىڭ پەيدا بولىشى بىلەن ياكى بەزى بىر ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن نىكاھى ئۈزۈلۈپ ئاجىرىشىشتەك تەقدىر يۈز بەرگۈسىدۇر . شۇڭغىچە چوقۇم قارشى تەرەپ سەۋىر قىلىشى لازىمدۇر . ھەممىلا ئايالنىڭ ئەسكىلىكى بىلەن ئىرىمۇ ، ھەممە ئەرلەرنىڭ ئەسكى بولۇشى بىلەن ئايالىمۇ يامان بولۇپ كەتمەيدۇ . ئەگەر كۇفرىغا بىر - بىرلىرىنى قوللىمىغانلا بولسا ئۇلارغا ئاشكارا بۆھتان قىلىشقا بولمايدۇ . ئەگەر ئەھۋال شۇنىڭدەك بولۇپ ، ئىرى ياكى ئايالى كۇفرىنى ئارتۇق كۆرۈپ كەتكەن بولسا ، قارشى تەرەپ ھەقنى تىلىگۈچى ئاللاھ ئېيتقاندەك ھەر بىر تاراتقان قىيىنچىلىقلىرىغا قارىتا ئاللاھدىن مەغپىرەت ۋە كىيىنكى ئېسىل رىسىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ . ئۇلار مەھشەر كۈنىدە قارشى تەرەپ كۇفرىلىقنى تىلىگۈچىلەرگە قارىتا ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئاشكارا گۇۋاھچىسى بولۇش شەرىپىگە ئېرىشىدۇ . چۈنكى جانابى ئاللاھ بۈگۈننىڭ ئۈستىدىكىلەرگە قارىتا ئۇلارنىڭ ھەر بىرلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئىسلامنى ئەكىرمەي قالمىغان . ئەمما ، ئۇلار مەيلى ئىسلام قايسى جەھەتتىن كىرمىسۇن ، ئۇنى قۇبۇل قىلمىغان ياكى ئۇنى توغرا يولىدا قۇبۇل قىلمىغانلاردۇر . ئەنە شۇ كۈندە ئەنە شۇ خىل ئەر ياكى ئايال ئاللاھنىڭ تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ << ھەتتا سېنىڭ قوينۇڭدىكى پالانى بەندەم ئارقىلىق ئىسلامنى ، ھىدايەتنى كۆرسەتمىدىممۇ ، ئۆيۈڭگە ئەكىرمىدىممۇ ؟ >> دەپ قارشى تەرەپكە ئۆزرە قالدۇرماسلىق ئۈچۈن مەلۇم كۇفرىسىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشىگە قارىتا ۋاستە بولۇپ قالىدۇ .
ئۇلارنىڭ نىكاھى نېمە ئۈچۈن ياكى ھەقىقىي ئىسلامىي نىكاھ بولىدۇ ياكى ئۇزۇنغا بارماي ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ دېگەندە ، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئىبادەت قىلىدىغان بەندىسىنى يامان كۆرۈش ، ھەمدە ئۇنى ھەقتىن ئېزىقتۇرۇشنى تىلەش ئۇ بەندىنىڭ ھەقىقەتتە ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ توغرا يولىنى يامان كۆرگەنلىكى بولىدۇ دە ، ئۇ ھالدا قارشى تەرەپنى خارلىغان بولىدۇ . توغرا يولدىكىلەرنى خارلاشنىڭ ئۆزىلا ئۆزىنىڭ رىسقىنى ئۆزى قىرقىغان بىلەن ئوخشاشتۇر .
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛«جەننەت ئەھلىنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ،خۇۋەيلىدنىڭ قىزى ،خەدىچە - يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تۇنجى ئايالى .پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىزى پەتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا . ئىمراننىڭ قىزى مەريەم . فىرئەۋىننىڭ ئىمان ئېيىتقان ئايالى مەزاھىمنىڭ قىزى ئاسىيەدۇر .» ئەھمەد ،تەبرانى ،ھاكىم توپلىغان ،سەھىھ .
شۇنىڭدەك ، تىلغا ئالاھىدە چىققان ئاياللارنىڭ بىرى دەل فىرئەۋننىڭ ئايالى ئاسىيەدۇر . ئۇ تاكى ئىسرائىل ئەۋلادى قېچىپ چىققانكى ۋاقىتقىچە فىرئەۋىننىڭ يېنىدا ئىدى . ئۇ تاكى شۇ كۈن كەلگۈچە فىرئەۋننىڭ روھىي جەھەتتىن سالغان زۇلمىدىن ۋە مۇسۇلمانلارغا قىلغان يامانلىقىدىن سەۋر قىلىپ ئاللاھقا يېلىنغۇچىلاردىن ئىدى . ئۇ شۇنداق دۇئا قىلاتتى : { اﷲ ئىمان ئېيتقانلارغا پىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! دەرگاھىڭدا ماڭا جەننەتتىن بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى پىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ يامان ئەمەلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» دېدى(2) } ئاللاھ ئەنە شۇ ئايالنى قۇرئاندا كىيىنكى ئەنە شۇ خىل قىسمەتكە دۇچار بولغان مۆئمىن ئاياللارغا ۋە ئۆزىگە ئىگە بولۇشىنى تىلىگۈچى ئاياللارغا قارىتا ئۈلگە قىلىپ مىسال ئالدى . ئاقىۋەتتە ، ئۇ پىرئەۋننىڭ يامان ئەمەلىدىن شۇ بىر قېتىمقى يوقۇتۇلۇش بىلەن بىردەك خالاس تاپتى . شۇڭا مۆئمىن ئاياللار ۋە ئاللاھقا يېلىنغۇچى ئاياللار ئەنە شۇنىڭدەك ئەرلىرى بىلەن كىيىنكى ۋاقىت يېتىپ كېلىپ ئىرى تەرىپىدىن مەيلى بىرەر نەرسە بىرىپ ياكى بەرمەي بولسۇن نىكاھى ئۈزۈلگەندە بولسا ، چوقۇمكى شۈكرى ئېيتمىقى لازىمدۇر . چۈنكى ئاياللارنىڭ ھاياتىدىكى بىردىن بىر تىلىكى ، چوقۇمكى ياخشى ئەردىن بىرنى تېپىش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ ئۇنى تېخىمۇ تەقۋادارلاردىن قىلىپ ئۆزىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ۋە كىيىنكى جەننىتىگە(3) سازاۋەر بولۇشتۇر . شۇڭا مۇشىنىڭدەك ئاياللارغا رەسۇللاھ خۇش بىشارەت بەرگەن .
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ؛پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛ ئايال كىشى بەش نامىزىنى ئوقۇسا ،رامىزان ئىيىدا روزا تۇتسا ،ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلىسا ،ئېرىگە ئىتائەت قىلسا ،ئۇنىڭغا جەننەتكە ،جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن قايسىسىدىن كىرىشنى خالىساڭ كىرگىن دىيىلىدۇ . ئىبنى ھەببان توپلىغان .سەھىھ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن؛« قايسى بىر ئايال ئېرىنى رازى قىلىپ دۇنيادىن كەتسە شۇ ئايال جەننەتكە كىرىدۇ » .( ئىبنى ماججە رىۋايەت قىلغان )
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھودىن ؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن ،ئاياللارنىڭ قايسىسى ياخشى ؟ دەپ سورالدى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام جاۋاپ بېرىپ « قارىسا خۇرسەن قىلدىغان ،بۇيرىسا ئىتائەت قىلدىغان ،كۈڭلى ياقمايدىغان ئىشلار تۇغرىلىقمۇ ،مال-مۇلۇك تۇغرۇلۇقمۇ ،قارشىلاشمايدىغان ،ئېرى يوق چاغلاردا ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن ساقلىيالايدىغان ئايال » دىگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام « دۇنيانىڭ ئۆزى بىر بايلىق ،شۇ بايلىقنىڭ ياخشىسى سالىھ ئايال » دىگەن .( مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .
شۇنىڭدەك ، ئاياللارنىڭ ئىككى نېسىۋىسى بار تاپىدىغان ، بىرى دەل توغرا دىندۇر ، يەنە بىرى ياخشى ، تەقۋادار ئەردۇر . يەنە شۇنىڭدەك ئەرلەرنىڭمۇ ھەم تاپىدىغان ئىككى چوڭ نېمىتى بار تاپىدىغان ، بىرى ئەنە شۇنىڭدەك سالىھ ئايالدۇر ، يەنە بىرى بولسا ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ، توغرا يولدىكى خەلىپىسىنى توغرا تونۇپ ھەمىشە ئەنە شۇ خىل لىنىيەنى بويلاپ مېڭىشتىن ئىبارەت . ئەگەر بۇ ئىككى ئەر - ئايال بىر - بىرىنى تېپىشسا ، ھەقىقەتەن ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قۇيۇلغاندەكلا ئىش بولغۇسى .
ئىبنى ئابباس ،ئىمران ،ئىبنى ھۈسەييىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن ؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن : جەننەتكە قاراپ چىقتىم ،جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكى پېقىرلار ئىكەنلىكىنى كۆردىم . دوۋزاخقا قاراپ ،دوۋزاخ ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكى ئاياللار ئىكەنلىكىنى كۆردىم.بۇخارى ،مۇسلىم ،ئەھمەد ،تىرمىزى توپلىغان .سەھىھ
ئاللاھ تائالا مۆئمىن ئەرلەرنى ھەم شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ : { ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلاردىن، بالىلىرىڭلاردىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرىمۇ بار، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئەگەر (ئۇلارنى) ئەپۇ قىلساڭلار، كەچۈرسەڭلار، مەغپىرەت قىلساڭلار (اﷲ سىلەرنىمۇ مەغپىرەت قىلىدۇ). اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(4) }
ئايال كىشى ھەقىقەتەن ئەرلىرىنى ئاشكارا دىندىن توسالمايدۇ . ئەمما ، بارا - بارا دىندىن چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆزىمۇ زىيانكار بولۇش ۋە ئەرلىرىنىمۇ زىيانكار قىلىشنى تىلەپ سالىدۇ . شۇڭا ئاللاھ بۇ ئايىتىدە سالىھ بولمىغان ، ئەرلىرىنى تەقۋالىققا ئىشتمەيدىغان ئاياللارغا ئىتائەت قىلىپ كېتىشكە بولمايدىغانلىقنى ئاگاھلاندۇرىدۇ . ئەگەر بەزى ئاياللار ئەرلىرىگە ئىتائەتلا قىلسا ، ئۇلار مەيلى ئاللاھقا كۈچلۈك رەۋىشتە ئىخلاس قىلامدۇ قىلمامدۇ ، ئۇنىڭ بىلەن ھېسابلىشىپ كەتمەي ، ئۇلارنىڭ بەزى تەرەپلىك ئاجىزلىق سەۋەبىدىن يەتكۈزگەن ئىشلارغا سەۋر قىلىشىمىزنى ئېيتىدۇ . لېكىن ئۇلارغا چوقۇم ھامىي بولىشىمىز لازىمدۇر . چۈنكى :
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن؛« سىلەرنىڭ ھەممىڭلار بىر پادىچى سىلەر ،ھەر بىرىڭلار ئۆز پادىسىغا مەسئۇل ،ئىماممۇ بىر پادىچى ۋە ئۆز پادىسىغا مەسئۇل ،ئەرمۇ ئەھلى-ئاياللىرىغا بىر پادىچى ،ئۇمۇ ئۆز پادىسىغا مەسئۇل ،ئايالمۇ ئېرىنىڭ ئۈيىدە بىر پادىچى ۋە ئۆز پادىسىغا مەسئۇل ،خىزمەتچى-مۇلازىم ئۆز خۇجايىننىڭ مال-مۈلكىدە بىر پادىچى ۋە ئۆز پادىسىغا مەسئۇل ،دېمەك ھەممىڭلار بىر پادىچى ۋە ئۆز پادىسى تۇغۇرلۇق مەسئۇلىيەتكە تارتىلغۇچىسىلەر » .( بىرلىككە كەلگەن ھەدىس )
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ؛پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: ئايال كىشى ئېرىنىڭ ئۈيىدىن سەدىقە ئېھسان قىلسا ،مالنى بۇزمىسا ، بۇ ئايالغا سەدىقىنىڭ ساۋابى ،ئېرىگە كەسىپ قىلغاننىڭ ساۋابى ، مالنى ساقلىغۇچى خەزىنچىگە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەجىر ،ساۋاپ بار ،زادى كاملىمايدۇ ،ھەممىسى ئوخشاش .بەيھەقى ،نەسەئى ،ئەبۇداۋۇد ،ئىبنى ماجە ،تىرمىزى توپلىغان .سەھىھ
نۆۋەتتە زىيانكارلىقنى تىلەيدىغان ئاياللار ئۈستىدە توختىلىمىز .
تەلەق ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛« بىرىڭلار ئايالىدىن ھاجىتىنى ئادا قىلماقچى ،ھىسسىياتىنى قاندۇرماقچى بولسا ،گەرچە ئۇ ئايال تونۇر ئۈستىدە نان يىقىۋاتقان بولسىمۇ دەرھال كەلسۇن ،يەنى ھاجىتىنى ئادا قىلسۇن .» ھاكىم تەبرانى توپلىغان ،سەھىھ .
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛« ئەر كىشى ئايالىنى كۆرپىگە چاقىرسا ،ئايالى ئۇنىمىسا ،ئەر ئۇ ئايالغا غەزەپ قىلىپ يىتىپ قالسا ،پەرىشتىلەر ئۇ ئايالغا تاڭ ئاتقۇچە لەنەت قىلىدۇ » ئەھمەد ،ئەبۇ داۋۇد ،بەيھاقى توپلىغان ،سەھىھ .
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛ئايال كىشى ئېرىنىڭ كۆرپىسىدىن ئاداۋەت بىلەن تەرىك ئىتىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالسا ،ياكى ئېرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ ،قونۇپ قالسا ،بۇ ئايالغا تاڭ ئاتقۇچە پەرىشتىلەر لەنەت قىلىدۇ .« چۈنكى ئۇ ئىتائەت قىلمىدى ،ھەققىنى ئادا قىلمىدى » ئەھمەد ،بەيھەقى توپلىغان ،سەھىھ .
يەنە بىر ھەدىستە ؛«ئېرى بار ئايالنىڭ ئېرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ روزا تۇتۇشى ( يەنى نەپلە روزا تۇتۇشى ) ۋە ئۆيىگە بىرەر ئادەمنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشى ھالال ئەمەس » .( بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىس )
ئەگەر ئايال كىشى ئىرىنىڭ يەنە باشقا بىر خوتۇن ئېلىشىغا قېتىلماي ، ياكى ئۇنىغا مايىل بولماي ھىسىيات جەھەتتىن قىيناپ قويىدىكەن ، ئۇنىڭدەك ئاياللار ئەنە شۇنىڭدەك پەرىشتىلەرنىڭ لەنەت ئوقۇشىغا ، ئەرلىرىنىڭ بۇيۇن قىسىشىغا ، قەلبىدىن خىيالەن باشقا ئاياللارنى ئويلاپ دىل زىناسى قىلىش ، ۋە كىيىنچە سىرتتىن ئۆي تۇتۇش ، ياكى سىرتقا بۇزۇلۇپ پاھىشە قىلىش ياكى ئاشنا تۇتۇش ....تەك بىر تالاي زىيانكارلىققا قىستاپ قويىدۇ . ئەگەر ئۇنداق ئاياللار ئەرلىرى باشقا ئايال ئالمىسا رازىكى ۋە چاقىرسا بارماي سىرتتا زىنا قىلىپ قالسا كەچۈرىۋېتىدۇ . ئەمما ئىرىنىڭ ئەنە شۇ زىنا سەۋەبىدىن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقۇپ كېتىشىدىن قورقمايدۇ . ھەدىستە كەلگەندەك ، ھەتتا ئايال كىشى نان يېقىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەنە شۇ خېمىرلارنىڭ ئاچچىق بولۇپ قېلىشى ، تۇنۇرنىڭ سۇۋۇپ كېتىشى ۋە شۇنىڭدەك ئىشلارنى قايتا باشلاشقا توغرا كەلگەندە بولسىمۇ ۋە شۇنچىلىك زىيان تارتقان بولسىمۇ ، شۇ خىل زىيانكارلىقتىن قېلىپ تاپقان ساۋابىدىن ئىرىنىڭ ئەنە شۇ چاقىرغان ۋاقتىدا تاپقان ساۋابىغا يەتمەيدۇ . مادامىكى ، ئەر ئايالىنىڭ پەرز روزىسى ۋە ناماز ھالىتىدە ۋە ھەيىزدار ۋاقتى ھەمدە ئارقى مەقىتى ھەمدە ھايۋانلارچە بۇزۇق شەكىللەر بۇيىچە بىرگە بولۇشقا چاقىرمىسىلا چوقۇم ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش لازىم .
مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛« ھەقىقەتەن بەنى ئىسرائىللار ،ئاياللىرى يالغان چاچ سالغاندا ھالاك بولۇپ كەتكەن ،( ئاياللارنىڭ يالغان چاچ سېلىشىدەك پىتنە-پاسادقا ،دۇچ كەلگەن ھالاك بولۇشى سەۋەبى شۇدۇر ) » بەيھەقى ،نەسەئىي،تىرمىزى ،ئەبۇ داۋۇد توپلىغان ،سەھىھ .
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛« ھەقىقەتەن چاچ ئۇلىغان ،ئۇلاتقانلارغا لەنەت قىلىندى .( بۇ ئىش ھارام ئىكەن ھۈنكە لەنەت بار ) بەيھەقى توپلىغان ،سەھىھ .
بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدە بۇنىڭدەك ئىشلار ئىنتايىن نۇرغۇن . بۇنى ئاز دەپ قاپىقىنى يارغۇزۇپ ، قاشلىرى تەرگۈزۈپ .... دېگەندەك ، بۇلارنى ئەرلىرى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى جەمىيەتتىكىلەر ئۈچۈن قىلىدىغان ئاياللار ۋە گەرچە ئېغىزلىرىدا ئىرىمنىڭ رازىلىقى دىيىلسىمۇ ، ماھىيەتتە يەنىلا جەمىيەتنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بولىۋاتقان ئىشلار ئىنتايىن نۇرغۇن . نېمە ئۈچۈن قاش تىرىتىسىز دەپ سورالغاندا ، مېنىڭ قېشىم بىر مو يەردە بىر بار قاش . شۇڭا ئامال يوق تەرگۈزىمەن دىيىشلەر . چاچ سالغۇزغانلار ھالاك بولۇپ كەتكەن دىيىلىۋاتسا قاپاق ياردۇرغانلار ۋە قاش تەرگۈزگەنلەرگە قارىتا قانچىلىك ئېغىر گۇناھ بولۇپ كېتەر ؟ مۇشۇ ئىشلار ئاللاھنىڭ قانچىلىك غەزىپىنى كەلتۈرەر ؟ ھازىر ئاداتتىكى كىشىلەردىكى ئىشلارنى دىمەيلى ، مۇشۇ نامازئوقۇيدىغان ۋە ئۆزىنى مۆئمىن ھېسابلايدىغان ئاياللاردا ھەك كۆپىيىپ كەتكەن ئىشلار ، مۆئمىن دەۋاتقان ئەرلەر ئاياللىرىنى بۇ خىل پىتنىدىن توسماستىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردەك بىلىنىپ بۇ خىل پاسات كىشىلەر ئېڭىغا سىڭىشىپ كەتكەن .
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن : پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن : قانداق بىر ئايال ئەتىر ئىشلىتىپ ،بىرەر جامائەتنىڭ يىنىدىن ئۈتسە ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ خۇشپۇراقلىرىنى تاپسا ، ئۇ ئايال زىنا قىلغۇچى ھىساپلىنىدۇ .ئەبۇ داۋۇد ،تىرمىزى ، ئىبنى ماجە توپلىغان .سەھىھ
ئەتىر ئىشلىتىش ئەرلەرگە سۈننەت . ئەمما ، ئاياللارنىڭ سىرتلارغا چېچىپ چىقىشى شۇنىڭدەك ھارام قىلىنغان ئىدى . ئەمما ھازىر بەزى ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئەتىرنى ئاياللار چاچىدىغان ، ئەرلەر ئاياللارغا ئوخشىۋالماسلىق ئۈچۈن ئۇنداق نەرسىلەرنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك . مۇشۇنداق جاھالەتلىك دەۋىر داۋاملىشىۋېرىپ بارا - بارا ھەق ناھەق ، ناھەق ھەق بىلىنىدىغان بولۇشپ كېتىۋاتماقتا . مانا بۇ چوڭ پىتنىلەر .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن؛«ئاياللارغا ياخشىلىقنى تەۋسىيە قىلىپ تۇرۇڭلار ،ھەقىقەتەن ئۇلار قوۋرۇغىدىن يارتىلغان ،چۇقۇمكى قوۋرۇغىنىڭ ئۈستى تەرىپى ئەگرى بولىدۇ .ئەگەر ئۇنى تۈزلەيمەن دىسەڭ سۇندۇرۋالىسەن ،ئەگەر ئۆز مەيلىگە قويۋەتسەڭ ئەگرى تۇرغىنى تۇرغان ،شۇڭىمۇ ئاياللارغا نەسىھەت قىلىپ تۇرۇڭلار » .( بىرلىككە كەلگەن ھەدىس )
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن؛« دوۋزاخ ئەھلىدىن ئىككى سىنىپ بار بولۇپ ،مەن تىخى ئۇلارنى كۆرىپ باقمىدىم ( يەنى بۇندىن كىيىن چىقىدۇ ) بىرسى كالنىڭ قۇيرۇغىدەك قامچىلارنى كۆتۈرۋىلىپ كىشىلەرنى ئۇرىدىغان كىشىلەردۇر ،( يەنى زالىملار )
يەنە بىرسى بولسا ،ئەمەلىيەتتە كىيىم كىيۋالغان ،ئەمما ئۆزىنىڭ كىيىمى نىپىز ،بەزى جايدا بولمىغاچقا يالىڭاچ ھېساپلىنىدىغان ياكى زىننەت كىيىمنى كىيۋالغان تەقۋالىق كىيىمدىن يالىڭاچ ياكى نئىمەت كىيىمنى كىيىۋالغان شۈكرىدىن يالىڭاچ ،ياخشى كىيىمنى كىيىۋالغان ،ياخشىلىقدىن يالىڭاچ ،بەزى يېرىگە كىيىم كىيىۋالغان بەزى يېرى يالىڭاچ ئاياللاردۇر .تائەتتىن مايىل ،مېڭىشىدا كىبرە قىلىشىدا مايىل ،ئەرلەرگە مايىل ھەم ئەرلەرنى مايىل قىلغۇچى ،قەلىبنى پىتنە-پاسادقا مايىل قىلغۇچى بېشى ،چىچى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك چېچىنى مۇڭگۇز چىقىرىپ گەدىنىگە تۈگۈپ ،باشقىلارغا كۆرسەتكۈچى ئاياللار بولۇپ ،بۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ ،ھەتتا جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ .( جەننەتنىڭ پۇراقلىرى 500يىللىق مۇساپىدىن تىپىلىدۇ ) « ئەھمەد ،مۇسلىم توپلىغان ،سەھىھ .
بۇ توغرىسىدا بەك توختالمىساقمۇ بولىدۇ ھە . ھەممىمىز بىلشىمىزغۇ . ھەتتا بەزى بۈۋى چىرايلارمۇ شۇنچە نىپىر نەرسىلەرنى كىيىۋېلىۋاتقان . كىيىمنى كىبىر قىلىش ، ھەسىتىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن كىيىشلەر . مەنمەنچىلىك شۇ تەرىقىدە كۈچىيىپ كەتكەن . بۇ ھەقىقەتەن قەلىبلەرنىڭ تەۋھىدتىن خالى بۇلۇپ كېتىشلەرنىڭ ۋابالى .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛« ئاياللارنىڭ كىيىمى كەڭرى ئازادە ئۆزىنى تاشلاپ تۇرىدىغان بولۇشى لازىم .ئايال كىشى ئۆزىنى نامەھرەمدىن ،ھەرخىل ناشايان ئىشلاردىن ئۆزىنى پاك ساقلىشى لازىم .ئەر كىىشلەرنى جەلىپ قىلغۇدەك ھالەتتە ئۆزىنى ،چاشلىرىنى ،كىيىملىرىنى ھەرخىل قىلىپ چىققان ئاياللار ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرەلمەيدۇ » ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى .
بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلار ھەتتا مۇسلىمەلەرگە قارىتىلغان ئىدى . ئەمما بۈگۈن ...................
ئەبۇ ئۇزەينەت ،سەلمەن ،يەسسار رەھمەھۇللادىن ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛« ئاياللىرىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇسۇلمان پەرزەنىتنى كۆپ تۇغۇدىغان پەقەت ئېرىنىلا ياخشى كۆرىدىغان كۆيۈمچان ،ئىتائەتچان ،قولغا يىقىن ئايالدۇر .پەقەت ئۇ ،ئاللاھدىن قورقۇپ تەقۋادار بولسىلا ،ئاياللىرىڭلارنىڭ ئەڭ يامىنى جاھىلىيەت ئاياللىرىدەك ياسىنىدىغان ،كىيىم كىيىشتە چاچ ،بويۇنلىرىنى ئوچۇق قويۇپ ،نىپىز كىيىم كىيىدىغان ،ھارام ئىشلارنى خىيال قىلدىغان ۋە باشقىلارغا خىيال قىلدۇرىدىغان ئاياللار بولۇپ ،ئۇلار مۇناپىقتۇر ،ئۇلاردىن جەننەتكە كىرىدىغانلىرى پەقەت خۇددى باشقا قاغىلارغا نىسبەتەن پۇتىدا ئاق بار ،ئاق پاچاق قاغىلار ناھايتى ئاز بولغۇنىدەك ،ئىنتايىن ئازدۇر .( كۆپىنچىسى دوۋزاختا بولىدۇ ،چۈنكى ،ناشۈكرى ،مۇناپىقتۇر ) » بەيھەقى توپلىغان ،سەھىھ .
بىزدە بۇ ھەدىستە ئېيتىلغان باشتىكى ئاياللار ئىنتايىن ئاز ۋە كىيىنكىسى ئىنتايىن كۆپتۇر .
ئوقبەت ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛« ھەقىيقەتەن سەۋەپسىز ،ئۆزرىسىز ئېرىدىن خۇلئى ( يەنى تويلۇق مىھرى بېرىپ ،ئاجرىشىش كىلىشىمنى ) تەلەپ قىلغۇچى ئاياللار ،سەۋەپسىزلا ئۇرۇش-جىدەل ،دە-تالاش قىلىدىغان ،تولا دەۋالىشىدىغان ،خۇسۇمەتچى ئاياللار دەل مۇناپىق ئاياللاردۇر ،( ئۇنى قويۇۋىتىڭ ! )» تەبرانى توپلىغان ،سەھىھ .
سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛« قايسى بىر ئايال ھېچبىر چاتاقسىز ،ئۆزرىسىز ،ئەيىپسىز تالاق قىلىشنى سورىسا ،بۇنداق ئايالغا جەننەتنىڭ پۇرىقىمۇ ھارامدۇر ،( ئۇ جەننەتكە كىرىش تۈگۈل پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ ) » ئەھمەد ،تىرمىزى ،،،توپلىغان ،سەھىھ .
ھازىر بۇنىڭدەك ئاياللار مۇسلىمەلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ كۆپتۇر . دىننى چۈشەنمەستىنلا ۋە ئادىمىيلىك ئېڭىغا يەتمەستىنلا يۈزىنى يېپىۋېلىپ ئانچىكى ئەرلىرىدىن دىشۋارچىلىق كۆرسە ئانىسىنىڭكىگە قېچىپ چىقىۋالىدىغان ، مېنى قويىۋەت دەپ جاپا سالىدىغان ، ئانچىكى تۇرمۇشنىڭ جاپاسىغا چىدىماستىن ئەرلىرىگە زۇلۇم سۆزلەرنى ئىشتىدىغان ئاياللار كۆپىيىپ كەتتى . بۇنىڭدەك ئاياللار كۆپەيگەنسېرى ھىجابنىڭ سىرتىدىكىلەرگە تېخىمۇ بولۇشۇپ بەرمەمدۇ ئەمىسە ؟!
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛«ئاللاھتەئالا ئەرلەردىن ئاياللارنىڭ مىجەز-خۇلقىنى يۇقتۇرۋالغانلارغا ،ئاياللاردىن ئەرلەرنىڭ مىجەز-خۇلقىنى يۇقتۇرۋالغانلارغا لەنەت قىلدى »
« ئەرلەردىن ئۆزىنى ئاياللارغا ئۇخشىتىۋالغانغۇچىلارغا ۋە ئاياللاردىن ئۆزىنى ئەرلەرگە ئوخشۇتىۋالغۇچىلارغا رەسۇلۇللاھ لەنەت قىلدى » ( بۇخارى رىۋايەت قىلغان )
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ئۇ مۇنداق دىدى ؛« ئاياللارنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان ئەرلەرگە ،ۋە ئەرلەرنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان ئاياللارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام لەنەت قىلدى .» ( ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان )
مانا بۇ لەنەتكەردىلىككە قارايدىغانلار ۋە قاراپ مېڭىۋاتقانلار بۈگۈنىمىزدە نېمىدىگەن كۆپ سالماقنى ئىشتكەن ھە ؟! ھازىر نۇرغۇنلىغان ئەرلەرنىڭ ئەرلىكىنى ، ئاياللارنىڭ ھەم ئاياللىقىنى بىلگىلى بولماستىن ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرلىرىنىڭ ئىمتىياز ھوقوقلىرىغا ئارلىشىۋېلىۋاتقان ، نە ئۆزلۈك ، نە كىملىكتىن سۆز ئېچىش قىيىنغا توختاۋاتقان مەزگىل . مانا بۇ مەزگىلنىڭ ۋاباسى ھەقىقەتەن ئەنە شۇ كۈن مەھشەرگاھتىكى نۇرغۇنلىغان زىيانكارلىقلارنى ، ئېسىت ! ئېسىتلەرنىڭ دولقۇنلۇق خىتابلىرىنى ئىشتىشكە توختۇتۇلۇپ قالغان ، مۇسۇلمانلارغا ھەر جەھەتتىن پىتنىلەر قاپلاپ كەتكەن ۋاقىت . مانا بۇ ۋاقىتتا ئۆزلىرىگە دىققەت قىلمىغان ، باشقىلارنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن بەزى توغرا ئەقىدىلەردىن يانغانلار ھەقىقەتەن تولىمۇ زىيانكارلىقنى تىلىگەنلەردىن بولدى .
ئىلگىرى لۇت ئەلەيھىسسالام بىلەن نۇھ ئەلەيھىسسالام شۇ قەۋمنىڭ ئارىسىدىكى مەلۇم بىر گورۇھ كىشىلەرگە قارىتا يۈز ئابرۇيلۇق كىشىلەردىن ئىدى . شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئىككى ئايال ئەنە شۇ ئەرلىرىدىن يېتىدىغان ئىمتىيازدىن پايدىلىنىش ئۈچۈنلا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە ئىتائەت قىلغاندەك قىلاتتى . ئەمما ، ھەقىقىي يۈرىكىدىن ئەمەس ئىدى . ئەرلىرىنىڭ يېنىدا گەرچە ئەرلىرىگە يېقىنچىلىق قىلىشىپ ۋاي دىيىشكەن بىلەن ، لېكىن ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلار تەرىپىدىن يېتىدىغان بەزى خۇشاللىقلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭمۇ بەزى ئۆزلىرىدىن كۈتكەن ئۈمۈدلىرىنى ئورۇنلايتتى ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن يىرگىنمەيتتى . تارىختىن بۇيان ھېچ پەيغەمبەر خوتۇن قويۇپ بەرگەن ئەمەس تاكى ئايالى ئەييۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىدەك قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرمەي قېچىپ كەتكەنگە قەدەر ( ئەلۋەتتە بۇ قىسسە قۇرئاندا يوق ) ، تاكى ھەممە ئاللاھنىڭ ئۆزلىرى بىلەن خوتۇنلىرىنىڭ ئارىسىنى ھەقىقىي روشەن ئاشكارلىغۇچە ياكى ئېنىق بىر دەلىلگە ئىگە قىلغۇچە مەلۇم ئېغىرچىلىقلىرىغا سەۋر قىلىشقانىدى . لۇت ئەلەيھىسسالام ئايالىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشتىن ئىلگىرى ئالغان بولۇپ ، تاكى ئاللاھ ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچە سەۋىر قىلىشنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن تەلىم ئالغانىدى . چۈنكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تاكى ئايالى سارە ئۇنىڭغا دېدىكىنى ئېلىپ بەرگۈچە ۋە قېرىپ كەتكۈچە ئۇنىڭدىن ياكى تۇغمىدىڭ دەپ ئاغرىنىپ باقمىغان ۋەياكى قويىۋەتمىگەنىدى . تاكى ئاللاھنىڭ بىر ئالامىتى يۈز بەرگۈچە سەۋر قىلغانىدى . قۇرئاندا بىزلەرگە گەرچە خوتۇن قويۇپ بېرىشتەك ئاسايىشلار بولغاندەك قىلغان بىلەن ، ئەمما ، بارلىق تىلغا ئېلىنىپ ئۈلگە قىلىنغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچقايسىسى خوتۇن قويۇپ بەرمىگەن . ھەمدە ئاللاھ رەسۇللاھنىڭ بىر نۆۋەتتىكى ئون خوتۇنىغا(5) ئەگەر ئۇ سىلەرنى قويىۋەتسە ، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا قىزلارنى ۋە چوكانلارنى بېرىشى مۇمكىن دەپ قوقاق سېلىپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئەمما يەنىلا ھېچ بىر ئايالىنى قويىۋېتىشتەك تەقدىرگە قىسمەت قىلغان ئەمەس . شۇڭا رەسۇللاھمۇ ئايال كىشىنىڭ ئەگرى قۇۋۇرغىدىن يارىتىلغانلىقىنى ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىمەن دېسە پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقىنى ، ئەگەر ئۇنى تۈزلەيمەن دېسە ھەقىقەتەن سۇندۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان . شۇڭا قۇرئانغا ئاساسلىنىمەن دەيدىكەن كىمكى ، ئاياللىرىدىن يېتىدىغان بەزى قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىشى لازىم . ئەگەر ئۇ ئەرگە دىنىي جەھەتتىن ئىتائەت قىلمايدىغان ، ئەرلىرىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان ئاللاھقا ئاسىي قاشاڭ خوتۇنلاردىن بولمىسىلا ......
بۈگۈن ھەقىقەتەن پۇشايمان ئىلكىگە چۈشۈپ كېتىدىغان كۈن . نۇرغۇنلىغان ۋە ئىنسانغا ساناقسىز تۇيىلىۋاتقان بۈگۈنكى شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ شۇنچە پۇشايمانلىق ئىلكىگە پېتىپ كېتىشى دەل مانا مۇشۇ خىل زىيانكارلىق ئىچىگە پىتىشىپ كەتكەن ۋە ئۆزلىرىنى توغرا رەۋىشتە ئىسلاھ قىلىشتىن يۈز ئۆرىگەنلىكتىن ، كۇففارلار ۋە كۇففارلارغا ئوخشاش كىشىلەرگە بەزى ئىشلاردا ئىتائەت قىلىشىپ كەتكەنلىكنىڭ ئاقىۋېتى .
ھەقىقەتەن ئىنسان ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان ھاياتلىق قورغىنىغا ، شۇ قورغان ئىچىگە تەئەللۇق كۆز قاراشلارغا دۇچ كېلىدۇ . لېكىن كىملەركى بۇلارنىڭ ئارىسىدىن نىجاتلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ھەقىقىي ئىسلامىي قورغان تەلەپ قىلغان قورغانغا ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ ئەكىرمەيدىكەن ۋە ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ تەلەپ قىلىۋاتقان كاتوگىرىيىسىدە قىلمايدىكەن ، ھەقىقەتەن ئۇ زىيانكارلىقنى تىلەش ئۈستىدە بولىۋاتقانلاردىندۇر .
(1) سۈرە نۇر [26]
(2) سۈرە تەھرىم [11]
(3) ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە ئەۋلادىنىڭ ئىچىدىكى ياخشىلىقلارمۇ جەننەتكە كىرىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنى (مۇبارەكلەش ئۈچۈن جەننەتنىڭ) ھەربىر دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ [23]رەئىد
(4) سۈرە تەغابۇن [14]
(5)ئەگەر ئۇ سىلەرنى قويۇۋەتسە، پەرۋەردىگارى سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا، سىلەردىن ياخشى، (اﷲ نىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنغۇچى، (اﷲ قا ۋە پەيغەمبەرگە) ئىمان ئېيتقۇچى، ئىتائەت قىلغۇچى، گۇناھلاردىن تۆۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى، روزا تۇتقۇچى چوكانلارنى ۋە قىزلارنى ئۇنىڭغا بېرىشى مۇمكىن [5]تەھرىم
داۋامى بار !
|
|