- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 5
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5
- تىزىملاتقان
- 2013-6-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-25
- UID
- 53089
- يازما
- 5
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5
- تىزىملاتقان
- 2013-6-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-25
- توردا
- 1 سائەت
|
مەن بۇ نوتۇقنىڭ قازاقچە ئاۋازىنى قايتا قايتا ئاڭلاپ باقتىم. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىمۇ ئەستايىدىك كۆرۈپ چىقتىم. مىنىڭچە بۇ تىمىنى ئەستايىدىك ئوقۇپ چىقسىڭىز ، سەۋىرچانلىق بىلەن پىكىر يۈزگۈزسىڭىز تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نوقتىغا ئەھمىيەت بىلەن قارايسىز.
1. نەزەربايۇف نىڭ پىكىردە ئالدى بىلەن مىللەت بىلەن دىن نىڭ چىگرىسىنى ئايرىپ بەرگەن. (دىن ئۆخشىمىغان مىللەتتە ئوخشاش ئەقىدىنى بارلىققا كەلتۈرسىمۇ، لىكىن شۇ مىللەتنىڭ ئۆرۈپ ئادىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋىتەلىگەن ئەمەس. مەسىلەن ئەرەپلەر ئىسلام دىنى قوبول قىلغان بىلەن قىزلىرىنىڭ يۈزىنى يېپىپ كىندىكى ئوچوق قۇيۇپ ئوينايدىغان ئەرەپ ئۇسۇلى)
2. نەزەربايۇف ئۆز مىللىتىنىڭ ئەسلىدىكى يايلاق مەدىنىيتى ۋە جەڭگىۋار روھىنى ئۆز قەۋىمىگە ، ياش ئەۋلاتلىرىغا ئەسلىتىپ قۇيغان. ( چۈنكى ھەرقانداق مەۋىم ئۆز مەدىنىيتىنى يوقاتسا ئۇنىڭ باشقىلاردىن پەرقى ۋە قەدىر قىممىتى تەڭلار يوقايدۇ. شۇڭا بۇ قەرقانداق قەۋىم ئۆز ئەۋلاتلىرىغا توختىماستىن ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك تىما )
3. نەزەر بايۇف تەكىتلىگەن ئەرەپلەرنىڭ كىيىمى دەل يۇزىنى تولۇق يېپىپ كۆزىنىلا ئوچوق قۇيدىغان كىيىمنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئەرەپ مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ خاس كىيمى، قازاق مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەمەس . ( قازاقلار ئىسلان دىنغا ئېتىقاد قىلغان شۇنچە ئۇزۇن دەۋىردىن بۇيان ئاياللىرى يۈزىنى تولۇق ياپىدىغان كىيىم كىيگەن ئەمەس. پەقەت چاچنى ئوراپ ئىنەكنىڭ تىگىدىن چىگىدىغان ياغلىقلارنى ئارىتقان. خۇددى خۇيزۇ مۇسۇلمان ئاياللىرىدەك. بۇ خىل قازاق ئەنئەنىسى ھېلىھەممۇ چەكلەنگىنى يوق. نۇتۇقتا چەكلاۋاتقىنى يۇزۈنى تولۇق ئوراش...)
4. نەزەر بايۇف دۆلىتىنىڭ پۈتۈلىكى، مىللىتىنىڭ ئۆم لىكىگە تەسىر كۆرسەتمەكچى بولىۋاتقان ئىنچىكە مەسىلىلەرنى ئۆزخەلقىگە ئالدىن كۆرسىتىپ بەرگەن.(ئىسلام دۇنياسىدا مۇشۇ نازۇك دىنغا مۇناسىۋەتلىك مەسىللەر تۈپەيلى پارچىلىنىپ ، مىللىتى يامان كۈندە قالغان دۆلەتلەر خېلى كۆپىيۋاتىدىغۇ. بۇنىڭغا مۇشۇ 3 يىل ئىچىدە جەڭ توپۇلاڭ بولىۋاتقان ئەرەپ ئەللىرى ئىسپات.. )
مەنچە نەزەر بايۇف نىڭ تەكىتلىگەن نۇختىلىرى ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان. ھەقىقىي بىر دۆلەت رەھبىرىدەك سۆز قىلغان.
بىزدىمۇ مۇشۇنداق ئالدىن كۆرەر رەھبەرلەر يىتىشىپ چىققان بولسا مىللەتنىڭ ساپاسى ۋە تۇرمۇشى بۈگۈنكىدىنمۇ ياخشىراق بولاتتى.
ئەي ياخشىسى مىغىزنى ئېلىپ شاكىنى تاشلاپ ، باشقىلارنىڭ تەجىربىلىرىنى ئۆزىمىزگە كۆپرەك تەتبىقلىساق ياخشى بولامىكى دەيمەن.
|
|